خداوند یهوه میفرماید: «دروازهٔ شرقی حیاط داخلی، شش روز هفته بسته باشد، ولی در روز شَبّات و روزهای اول ماه باز شود. | 1 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچكى ھويلىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسى ئالتە «ئىش كۈنى»دە ئېتىكلىك بولىدۇ؛ بىراق شابات كۈنىدە ئۇ ئېچىلىدۇ؛ ۋە «يېڭى ئاي» بولغان كۈنلىرىدە ئۇ ئېچىلىدۇ. |
حاکم از حیاط بیرونی وارد اتاق بزرگ محوطهٔ دروازه شود و کنار چارچوب دروازه بایستد و در حالی که کاهن، قربانی سوختنی و قربانی سلامتی او را تقدیم میکند، در آستانهٔ دروازه عبادت کند، سپس از دروازه خارج شود. دروازه تا غروب باز بماند. | 2 |
شاھزادە سىرتتىن شۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ يولى بىلەن كىرىدۇ، ئۇ كىرىش ئېغىزىنىڭ كېشەك تېمى تۈۋىدە تۇرىدۇ؛ كاھىنلار بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا سەجدە قىلىدۇ ئاندىن چىقىدۇ؛ بىراق دەرۋازا كەچكىچە ئېتىلمەيدۇ. |
قوم باید در روزهای شَبّات و روزهای اول ماه، جلوی این دروازه خداوند را پرستش نمایند. | 3 |
زېمىندىكى خەلقمۇ شابات كۈنلىرىدە ۋە «يېڭى ئاي»لاردا شۇ دەرۋازىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ. |
«قربانیهای سوختنی که حاکم در روزهای شَبّات به خداوند تقدیم میکند، شش بره بیعیب و یک قوچ بیعیب باشند. | 4 |
شابات كۈنىدە شاھزادە پەرۋەردىگارغا سۇنغان قۇربانلىق بولسا ئالتە بېجىرىم پاخلان، بىر بېجىرىم قوچقار بولىدۇ. |
هدیهٔ آردی که او با هر قوچ تقدیم میکند، باید یک ایفه باشد، ولی برای برهها هر مقدار هدیه که بخواهد میتواند بدهد. همراه هر ایفه آرد، یک هین روغن زیتون نیز تقدیم کند. | 5 |
بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلەر قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. |
در روز اول ماه، یک گاو جوان بیعیب، شش بره و یک قوچ بیعیب بیاورد. | 6 |
«يېڭى ئاي»نىڭ كۈنىدە ئۇ سۇنغان قۇربانلىق ياش بىر بېجىرىم تورپاق، ئالتە پاخلان، بىر قوچقار بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولىدۇ. |
هدیهٔ آردی که او با هر گاو تقدیم میکند باید یک ایفه باشد و برای هر قوچ نیز یک ایفه. ولی برای برهها هر مقدار هدیه که بخواهد میتواند بدهد، همراه هر ایفه آرد، یک هین روغن زیتون نیز تقدیم کند. | 7 |
بۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلەرنى قۇشۇپ سۇنىدۇ؛ تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. |
«حاکم باید از راه اتاق بزرگ دروازه داخل شده، از همان راه نیز خارج شود. | 8 |
شاھزادە كىرگەندە، دەرۋازىنىڭ دالىنى بىلەن كىرىدۇ، ۋە شۇ يول بىلەن چىقىدۇ. |
اما هنگام عیدها، وقتی قوم برای عبادت خداوند میآیند، کسانی که از دروازهٔ شمالی وارد خانهٔ خدا میشوند باید از دروازهٔ جنوبی خارج شوند و کسانی که از دروازهٔ جنوبی وارد شدهاند باید از دروازهٔ شمالی بیرون بروند. هیچکس حق ندارد از دروازهای که وارد شده خارج شود، بلکه باید از دروازهٔ مقابل بیرون رود. | 9 |
زېمىندىكى خەلق ھېيت كۈنلىرىدە بېكىتىلگەن «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا پەرۋەردىگار ئالدىغا كىرگەندە، سەجدە قىلىشقا شىمالىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى جەنۇبىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ جەنۇبىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ كىرگەن دەرۋازىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئۇدۇلىغا مېڭىپ چىقىدۇ. |
در این عیدها، حاکم باید همراه مردم باشد، وقتی آنها داخل میشوند او نیز داخل شود و وقتی خارج میشوند او هم خارج شود. | 10 |
خەلق كىرگەندە شاھزادە ئۇلار بىلەن بىللە كىرىدۇ؛ ئۇلار چىققاندا، بىللە چىقىدۇ. |
«بنابراین، در عیدها و جشنهای مقدّس، با هر گاو جوان یک ایفه آرد تقدیم شود و با هر قوچ هم یک ایفه؛ ولی برای برهها هر مقدار که بخواهند میتوانند هدیه کنند. همراه هر ایفه آرد، یک هین روغن زیتون نیز تقدیم شود. | 11 |
ھېيت-بايراملاردا ۋە «ئىبادەت سورۇن»لىرىدا بولسا، ئۇ قوشۇمچە سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەلەر تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. |
هر وقت که حاکم بخواهد هدیهٔ داوطلبانه تقدیم کند، خواه هدیهٔ او قربانی سوختنی باشد و خواه قربانی سلامتی، باید دروازهٔ شرقی حیاط داخلی برایش باز شود تا بتواند قربانیهایش را مثل قربانیهای روز شَبّات تقدیم کند. بعد او باید از همان راه بیرون برود و پشت سر او دروازه بسته شود. | 12 |
شاھزادە پەرۋەردىگارغا خالىس كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ياكى خالىس ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنماقچى بولسا، ئەمدى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىدۇ؛ شابات كۈنىدە قىلغاندەك، ئۇ ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ قايتىپ چىقىدۇ؛ چىققاندىن كېيىن دەرۋازا ئېتىلىدۇ. |
«هر روز صبح باید یک برهٔ یک ساله بیعیب، به عنوان قربانی سوختنی به خداوند تقدیم شود. | 13 |
ھەر كۈندە سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر ياشلىق بېجىرىم پاخلاننى سۇنىسەن؛ سەن ھەر ئەتىگىنى تەييارلاپ بېرىسەن. |
همچنین هر روز صبح هدیهٔ آردی که از یک ششم ایفه آرد نرم و یک سوم هین روغن زیتون تشکیل شده باشد، تقدیم شود. این یک قانون دائمی است که هر روز صبح یک بره و هدیهٔ آردی همراه با روغن زیتون به عنوان قربانی روزانه، به خداوند تقدیم شود.» | 14 |
ھەر ئەتىگەندە سەن ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە، يەنى ئۇندىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ۋە ئۇننى مايلاشقا زەيتۇن مېيىدىن ئۈچتىن بىر ھىن تەييارلايسەن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئەبەدىي بەلگىلىمە بىلەن بېكىتىلگەن ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. |
15 |
ئۇلار ھەر ئەتىگەندە پاخلاننى، ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىنى زەيتۇن مېيى بىلەن ئەبەدىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ. |
خداوند یهوه میفرماید: «اگر حاکم قطعه زمینی به یکی از پسرانش هدیه کند، آن زمین برای همیشه به او تعلق خواهد داشت. | 16 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ شاھزادە ئۆز مىراسىدىن ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىگە سوۋغا قىلغان بولسا، ئەمدى ئۇ يەنە ئاشۇ ئوغلىنىڭ ئۆز ئوغۇل-ئەجدادلىرى ئۈچۈن بولىدۇ؛ مىراس يولى بويىچە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىدۇ. |
ولی اگر به یکی از غلامانش زمینی ببخشد، آن غلام فقط میتواند آن زمین را تا سال آزادی خود نگه دارد. بعد آن زمین باید به حاکم پس داده شود. دارایی حاکم فقط به پسرانش به ارث میرسد. | 17 |
بىراق ئۇ ئۆز مىراسىدىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرىگە سوۋغا بەرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭكى «خالاس قىلىش يىلى»غىچە بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ شاھزادىگە قايتۇرۇلىدۇ؛ [شاھزادىنىڭ مىراسى] ئەسلى ئۆز ئوغۇللىرىغىلا مەنسۇپ بولىدۇ. |
حاکم حق ندارد ملک افراد قومم را غصب نماید و ایشان را از میان ملک خودشان بیرون کند. اگر او بخواهد به پسرانش زمینی ببخشد باید از املاک خود بدهد.» | 18 |
ۋە شاھزادە خەلققە جەبىر-زۇلۇم سېلىپ، ئۇلارنى مىراسىدىن ھەيدىۋەتمەيدۇ؛ ئۇ ئوغۇللىرىغا ئۆز ئىگىلىكىدىن مىراس تەقسىم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ئۆز ئىگىلىكىدىن تارقىتىلمايدۇ. |
سپس، آن مرد از دری که کنار دروازه بود، مرا به اتاقهای مقدّس کاهنان که رو به شمال بودند آورد. آنجا در انتهای سمت غربی اتاقها، او جایی را به من نشان داد | 19 |
ئاندىن [ھېلىقى كىشى] مېنى شىمالغا قارايدىغان، كاھىنلار ئۈچۈن بولغان مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى كىرىش يولى بىلەن ئاپاردى؛ مانا، ئۇنىڭ غەرب تەرىپىدە مەخسۇس بىر جاي بار ئىدى؛ |
و گفت: «در اینجا کاهنان گوشت قربانی جرم و قربانی گناه را میپزند و با آردی که هدیه میشود نان درست میکنند. این کارها را در اینجا انجام میدهند تا چیزی از این قربانیهای مقدّس به حیاط بیرونی برده نشود و به قوم صدمهای نرسد.» | 20 |
ئۇ ماڭا: «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر؛ بۇ جاينى بېكىتىشتىكى مەقسەت، خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ [ئاشلارنى] سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ. |
بار دیگر مرا به حیاط بیرونی آورد و به هر یک از چهار گوشهٔ حیاط برد. در هر گوشهٔ حیاط، اتاق بزرگی به طول بیست متر و عرض پانزده متر دیدم. | 21 |
ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپىرىپ، مېنى ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن ئۆتكۈزدى؛ مانا، ھويلىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا [كىچىك] ھويلا بار ئىدى. |
22 |
ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا، ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز، كەڭلىكى ئوتتۇز گەز بولغان توسما تاملىق ھويلىلار بار ئىدى؛ بۇ تۆت ھويلىنىڭ ئۆلچەملىرى ئوخشاش ئىدى. |
دور تا دور داخل این اتاق طاقچهای سنگی چسبیده به دیوار با اجاقی در زیر آن قرار داشت که برای طبخ به کار میرفت. | 23 |
بۇ تۆت ھويلا ئىچىدە ئەتراپىدا تاش تاختايلىق تەكچە بار ئىدى؛ تەكچە ئاستىدا ھەممە ئەتراپىدا قازان قاينىتىدىغان [ئوت قالايدىغان] جايلىرى بار ئىدى. |
او به من گفت: «خادمین خانهٔ خدا قربانیهایی را که قوم تقدیم میکنند، در این اتاقها میپزند.» | 24 |
ئۇ ماڭا: «بۇلار «گۆش قاينىتىش ئۆيلىرى»، مۇشۇ يەرلەردە ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولغانلار خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدۇ» ــ دېدى. |