این پیغام از طرف خداوند به من رسید: «ای پسر انسان، کلام مرا که بر ضد شبانان، یعنی رهبران قوم اسرائیل است بیان کن و از جانب من که خداوند یهوه هستم به ایشان بگو: وای بر شما ای شبانان اسرائیل، که به جای چرانیدن گلهها خودتان را میپرورانید. آیا وظیفهٔ شبان چرانیدن گوسفندان نیست؟ | 1 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ |
2 |
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ ئىسرائىلنى باققۇچى پادىچىلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ پادىچىلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆزلىرىنىلا بېقىۋاتقان ئىسرائىلنىڭ پادىچىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! پادىچىلارنىڭ پادىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟ |
شما شیر آنها را مینوشید، از پشمشان برای خود لباس میدوزید، گوسفندان پرواری را میکشید و گوشتشان را میخورید، اما گله را نمیچرانید. | 3 |
سىلەر يېغىنى ئۆزۈڭلار يەيسىلەر، يۇڭىنى ئۆزۈڭلار كىيسىلەر؛ بوردالغان ئېسىل مالنى سويۇسىلەر؛ لېكىن قويلارنى باقمايسىلەر. |
از ضعیفان نگهداری ننمودهاید و از مریضان پرستاری نکردهاید، دست و پا شکستهها را شکستهبندی ننمودهاید، به دنبال آنهایی که از گله جا مانده و گم شدهاند نرفتهاید. در عوض، با زور و ستم بر ایشان حکمرانی کردهاید. | 4 |
ئاجىزلارنى كۈچەيتمىدىڭلار، كېسەللەرنى ساقايتمىدىڭلار، زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويمىدىڭلار، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدىڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ بارمىدىڭلار؛ ئەكسىچە سىلەر زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەنسىلەر. |
پس چون شبان و سرپرست نداشتند، پراکنده و آواره شدهاند. هر جانوری که از راه برسد، آنها را میدرد. | 5 |
ئۇلار پادىچىسىز بولۇپ تارقىلىپ كەتتى؛ ئۇلار تارقىلىپ كېتىپ دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوزۇق بولۇپ كەتتى. |
گوسفندان من در کوهها، تپهها و روی زمین سرگردان شدند و کسی نبود که به فکر آنها باشد و دنبالشان برود. | 6 |
مېنىڭ قويلىرىم بارلىق تاغلار ئارىسىدىن، ھەر يۇقىرى ئېگىزلىك ئۈستىدە تېنەپ كەتتى؛ مېنىڭ قويلىرىم پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارقىپ كەتتى، بىراق ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشقۇچى ياكى ئىزدىگۈچى يوق ئىدى. |
«پس، ای شبانان، به کلام من که خداوند هستم گوش کنید! | 7 |
شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ |
من، خداوند یهوه، به حیات خود قسم میخورم که چون شما شبانان واقعی نبودید و گلهٔ مرا رها کردید و گذاشتید خوراک جانوران بشوند و به جستجوی گوسفندان گمشده نرفتید، بلکه خود را پروراندید و گذاشتید گوسفندان من از گرسنگی بمیرند، | 8 |
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ قويلىرىمنىڭ پادىچىسى بولمىغاچقا، ئۇلار ئوۋ بولۇپ قالدى، دالادىكى ھەربىر ھايۋانغا ئوزۇق بولدى؛ چۈنكى مېنىڭ پادىچىلىرىم ئۆز پادامنى ئىزدىمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى باقىدۇ، مېنىڭ قويلىرىمنى باقمايدۇ. |
پس، من بر ضد شما هستم و برای آنچه که بر سر گلهام آمده، شما را مسئول میدانم. گله را از دست شما میگیرم تا دیگر نتوانید خود را بپرورانید. گوسفندانم را از چنگ شما نجات میدهم تا دیگر آنها را نخورید. | 9 |
ــ شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! |
10 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن پادىچىلارغا قارشىمەن؛ مەن ئۆز قويلىرىمنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالىمەن، ۋە ئۇلارنى پادىنى بېقىشتىن توختىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پادىچىلار ئۆزلىرىنىمۇ باقمايدۇ؛ ۋە مەن قويلىرىمنى ئۇلارغا يەنە ئوزۇق بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىمەن. |
«من که خداوند یهوه هستم میگویم که من خودم به جستجوی گوسفندانم میروم و از آنها نگهداری میکنم. | 11 |
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆزۈم ئۆز قويلىرىمنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ھالىنى سورايمەن؛ |
مثل یک شبان واقعی مراقب گلهام خواهم بود و گوسفندانم را از آن نقاطی که در آن روز تاریک و ابری پراکنده شده بودند جمع کرده، برمیگردانم. | 12 |
پادىچى ئۆزىنىڭ قويلىرى ئارىسىدا، تاراپ كەتكەن قويلارنى تېپىپ باققاندەك، مەنمۇ قويلىرىمنى ئىزدەپ باقىمەن؛ ئۇلار بۇلۇتلۇق قاراڭغۇ كۈندە تارىلىپ كەتكەن ھەربىر جايلاردىن مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن. |
از میان سرزمینها و قومها آنان را جمع میکنم و به سرزمین خودشان، اسرائیل باز میآورم و روی کوهها و تپههای سرسبز و خرم اسرائیل، کنار رودخانهها آنها را میچرانم. | 13 |
مەن ئۇلارنى خەلقلەردىن ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەردىن يىغىمەن، ئۆز زېمىنىغا ئاپىرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، ئېرىق-ئۈستەڭلەر بويىدا ۋە زېمىندىكى بارلىق تۇرالغۇ جايلاردا باقىمەن؛ |
بله، بر روی تپههای بلند اسرائیل، چراگاههای خوب و پر آب و علف به آنها میدهم. آنجا در صلح و آرامش میخوابند و در چراگاههای سبز و خرم کوه میچرند. | 14 |
مەن ئۇلارنى ئېسىل چىمەنزاردا باقىمەن؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە ئوبدان يايلاقتا ياتىدۇ؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، مۇنبەت چىمەنزاردا ئوزۇقلىنىدۇ. |
من خود شبان گوسفندانم خواهم بود و آنها را در آرامش و امنیت خواهم خوابانید. دنبال گوسفندان جا مانده از گله و گمشده خواهم رفت و آنها را باز خواهم آورد. دست و پا شکستهها را، شکستهبندی خواهم کرد و بیماران را معالجه خواهم نمود. ولی گوسفندان قوی و فربه را از بین میبرم، زیرا من به انصاف داوری میکنم. | 15 |
مەن ئۆزۈم ئۆز پادامنى باقىمەن، ئۇلارنى ياتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
16 |
ــ مەن يولدىن تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرىمەن؛ زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويىمەن، ئاجىزلارنى كۈچەيتىمەن؛ بىراق سەمرىگەنلەر ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىمەن؛ پادامنى ئادالەت بىلەن باقىمەن. |
«ای گلهٔ من، من بین شما داوری کرده، گوسفند را از بز و خوب را از بد جدا خواهم کرد. | 17 |
ئەمدى سىلەرگە كەلسەم، ئى مېنىڭ پادام، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا، قوچقارلار ۋە تېكىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. |
بعضی از شما بهترین علفهای مرتع را میخورید و مابقی را نیز لگدمال میکنید. آب زلال را مینوشید و بقیه را با پا گلآلود مینمایید. | 18 |
ئەمدى سىلەرنىڭ ياخشى چىمەنزارنى يېگىنىڭلار ئازلىق قىلىپ، چىمەندىكى قالغان ئوت-چۆپلەرنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن چەيلىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ سىلەر سۈپسۈزۈك سۇلاردىن ئىچكەندىن كېيىن، قالغىنىنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن لېيىتىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ |
برای گوسفندان من چیزی جز چراگاههای پایمال شده و آبهای گلآلود باقی نمیگذارید. | 19 |
شۇڭا مېنىڭ قويلىرىمغا سىلەرنىڭ ئاياغلىرىڭلار چەيلىۋەتكەننى يېيىشتىن، ئاياغلىرىڭلار دەسسەپ لېيىتىۋېتكەننى ئىچىشتىن باشقا ئامال يوق. |
«بنابراین من خود، بین شما گوسفندان فربه و شما گوسفندان لاغر داوری خواهم کرد. | 20 |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن، مەن ئۆزۈم سەمرىگەن قويلار ۋە ئورۇق قويلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. |
چون شما گوسفندان لاغر را کنار میزنید و از گله دور میکنید. | 21 |
چۈنكى سىلەر مۈرە-يانپاشلىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىۋەتكۈچە ئۈسىسىلەر، |
پس، من خود گوسفندانم را نجات میدهم تا دیگر مورد آزار قرار نگیرند. من بین گوسفندان خود داوری میکنم و خوب را از بد جدا مینمایم. | 22 |
ــ مەن ئۇلارنى يەنە ئوۋ ئوبيېكتى بولمىسۇن دەپ ئۆز پادامنى قۇتقۇزىمەن؛ ۋە مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. |
شبانی بر ایشان خواهم گماشت که ایشان را بچراند، یعنی خدمتگزار خود داوود را. او از ایشان مواظبت خواهد کرد و شبان ایشان خواهد بود. | 23 |
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پادىچىنى تىكلەيمەن، ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ ئۇ بولسا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت؛ ئۇ ئۇلارنى بېقىپ، ئۇلارغا پادىچى بولىدۇ؛ |
من یهوه، خدای ایشان خواهم بود و خدمتگزارم داوود، بر ایشان سلطنت خواهد کرد. من که یهوه هستم، این را میگویم. | 24 |
ۋە مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلار ئارىسىدا ئەمىر بولىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم. |
با ایشان عهد میبندم که ایشان را در امنیت نگاه دارم. حیوانات خطرناک را از سرزمین آنها بیرون میرانم تا قوم من بتوانند حتی در بیابان و جنگل هم بدون خطر بخوابند. | 25 |
مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان ئەھدىنى تۈزۈپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى زېمىندىن تۈگىتىمەن؛ ئۇلار بىخەتەر بولۇپ جاڭگالدا تۇرىدۇ، ئورمانلىقلاردا قونۇپ ئۇخلايدۇ. |
قوم خود و خانههایشان را که در اطراف کوه من است برکت خواهم داد. بارشهای برکت را بر آنها خواهم بارانید و باران را به موقع برای آنها خواهم فرستاد. | 26 |
مەن ئۇلارنى ھەم ئېگىزلىكىم ئەتراپىدىكى جايلارنى بەرىكەتلىك قىلىمەن؛ يامغۇر-يېغىنلارنى ئۆز پەسلىدە ياغدۇرىمەن؛ بۇلار بەرىكەتلىك يامغۇرلار بولىدۇ. |
درختان میوه و مزرعهها پر بار خواهند بود و همه در امنیت زندگی خواهند کرد. وقتی زنجیر اسارت را از دست و پای ایشان باز کنم و آنان را از چنگ کسانی که ایشان را به بند کشیده بودند برهانم، آنگاه خواهند دانست که من خداوند هستم. | 27 |
دالادىكى دەرەخلەر مېۋىلىرىنى، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ؛ ئۇلار ئۆز زېمىنىدا بىخەتەر تۇرىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ بويۇنتۇرۇق-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنى قۇللۇققا تۇتقانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. |
دیگر هیچ قومی آنها را غارت نخواهد کرد و حیوانات وحشی به آنان حملهور نخواهند شد. در امنیت به سر خواهند برد و هیچکس ایشان را نخواهد ترسانید. | 28 |
ئۇلار يەنە ئەللەرگە ئوۋ بولمايدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار يەنە ئۇلارنى يەۋەتمەيدۇ؛ ئۇلار بىخەتەر تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ. |
به قومم زمینی حاصلخیز خواهم داد تا دیگر از گرسنگی تلف نشوند و دیگر در بین قومهای بیگانه سرافکنده نگردند.» | 29 |
مەن ئۇلار ئۈچۈن داڭقى چىققان ئالاھىدە بىر بوستانلىق جاينى تەمىنلەيمەن؛ ئۇلار قايتىدىن زېمىندا ئاچارچىلىقتا يىگلەپ قالمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئەللەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولمايدۇ. |
خداوند یهوه میفرماید: «به این طریق همه خواهند دانست که من، یهوه، خدایشان، پشتیبان ایشان میباشم و خاندان اسرائیل قوم من هستند. | 30 |
ئاندىن ئۇلار مەنكى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىمنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ، يەنى ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنىڭ خەلقىم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
ای گلهٔ من و ای گوسفندان چراگاه من، شما قوم من هستید و من خدای شما.» | 31 |
ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى مېنىڭ قويلىرىم، مېنىڭ چىمەنزارىمدىكى قويلىرىم، ئىنسانلاردۇرسىلەر، خالاس؛ مەن بولسام سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |