پیغام دیگری از جانب خداوند به من داده شد: | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«ای پسر انسان، به حاکم صور بگو که خداوند یهوه میفرماید: تو به قدری مغرور شدهای که فکر میکنی خدا هستی و در قلمرو خود که جزیرهای است در وسط دریا، مانند یک خدا بر تخت نشستهای! هر چند به خود میبالی که مثل خدا هستی، ولی بدان که انسانی بیش نیستی. تو میگویی از دانیال داناتری و هیچ رازی از تو مخفی نیست. | 2 |
ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ شاھزادىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ: «مەن بىر ئىلاھتۇرمەن؛ مەن خۇدانىڭ تەختىگە، يەنى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ باغرىدا ئولتۇرىمەن»، دېگەنسەن؛ (بىراق سەن ئىنسان، خۇدا ئەمەسسەن!) سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ قالدىڭ. |
3 |
مانا، سەن دانىيالدىن داناسەن؛ ھېچقانداق سىر سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ |
با حکمت و دانایی خود، مال و ثروت زیاد جمع کردهای و طلا و نقره و گنجهای بسیار اندوختهای. | 4 |
دانالىقىڭ ۋە ئەقلىڭ بىلەن سەن بايلىقلارغا ئىگە بولدۇڭ، ئالتۇن-كۈمۈشنى خەزىنىلىرىڭگە توپلاپ قويدۇڭ؛ |
حکمت تو، تو را بسیار ثروتمند و مغرور کرده است. | 5 |
تىجارەتتە بولغان زور دانالىقىڭ بىلەن بايلىقلىرىڭنى ئاۋۇتتۇڭ؛ بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭ: ــ |
«پس خداوند یهوه میفرماید: چون ادعا میکنی که مانند خدا دانا هستی، | 6 |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ كەتكەنلىكىڭدىن، |
من سپاه دشمن بیرحمی را که مایهٔ وحشت قومهاست میفرستم تا شکوه و زیبایی تو را که به حکمت خود به دست آوردهای از بین ببرند. | 7 |
ئەمدى مانا، مەن يات ئادەملەر، يەنى ئەللەرنىڭ دەھشىتىنى ئۈستۈڭگە ئېپكېلىمەن؛ ئۇلار دانالىقىڭنىڭ پارلاقلىقىنى يوقىتىشقا قىلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ، شان-شەرىپىڭنى بۇلغايدۇ؛ |
آنها تو را به قعر جهنم میفرستند و تو در قلب دریا خواهی مرد. | 8 |
ئۇلار سېنى ھاڭغا چۈشۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ قوينىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلىسەن. |
آیا در حضور قاتلان خود باز ادعای خدایی خواهی کرد؟ نه، بلکه در آن هنگام تو یک انسان خواهی بود و نه خدا. | 9 |
ئەمدى سېنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئالدىدا: «مەن خۇدا» ــ دەمسەن؟ بىراق سەن ئۆزۈڭنى سانجىپ ئۆلتۈرىدىغاننىڭ قولى ئاستىدا تەڭرى ئەمەس، ئىنسان بولۇپ چىقىسەن. |
مثل یک شخص مطرود، به دست بیگانهها کشته خواهی شد. من که خداوند یهوه هستم این را گفتهام.» | 10 |
سەن يات ئادەملەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغانلارغا لايىق بولغان ئۆلۈم بىلەن ئۆلىسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلغان»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
بار دیگر خداوند به من فرمود: | 11 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«ای پسر انسان، برای پادشاه صور گریه کن. به او بگو که خداوند یهوه میفرماید: تو مظهر کمال حکمت و زیبایی بودی | 12 |
ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ پادىشاھى توغرۇلۇق ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇ مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن، كامالەتنىڭ جەۋھىرى بولغان، دانالىققا تولغان، گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەنىدىڭ؛ |
و در عدن که باغ خدا بود، قرار داشتی. خود را با انواع سنگهای گرانبها از قبیل عقیق سرخ، یاقوت زرد، الماس، زبرجد، جزع، یشم، یاقوت کبود، یاقوت سرخ و زمرد تزیین میکردی. زیورهای تو همه از طلا بود. تمام اینها در آن روزی که به وجود آمدی به تو داده شد. | 13 |
سەن ئېرەم باغچىسى، يەنى خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغانسەن؛ ھەربىر قىممەتلىك تاشلار، يەنى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە ئالماس، بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق، ئانارتاش، كۆك ياقۇت، زۇمرەت ۋە كۆك قاشتاش ساڭا يۆگەك بولغان؛ ياقۇت كۆزلىرىڭ ۋە نەققاشلىرىڭ ئالتۇن ئىچىگە ياسالغان؛ سەن يارىتىلغان كۈنۈڭدە ئۇلار تەييارلانغانىدى. |
تو را به عنوان فرشتهٔ نگهبان انتخاب کردم. تو در کوه مقدّس من بودی و در میان سنگهای درخشان راه میرفتی. | 14 |
سەن بولساڭ مەسىھلەنگەن مۇھاپىزەتچى كېرۇب ئىدىڭسەن، چۈنكى مەن سېنى شۇنداق بېكىتكەنىدىم؛ سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس تېغىدا بولغانسەن؛ سەن ئوتلۇق تاشلار ئارىسىدا يۈرەتتىڭ؛ |
«از روزی که آفریده شدی در تمام کارهایت کامل و بینقص بودی تا اینکه شرارت در تو راه یافت. | 15 |
سەن يارىتىلغان كۈندىن بېرى، سەندە قەبىھلىك پەيدا بولغۇچە، يوللىرىڭدا مۇكەممەل بولۇپ كەلگەنىدىڭ. |
تجارت زیاد تو با دیگران باعث شد تو ظالم و گناهکار شوی. به این سبب تو را از کوه خود بیرون انداختم. ای فرشتهٔ نگهبان، من تو را از میان سنگهای درخشان بیرون انداخته، هلاک ساختم. | 16 |
قىلغان سودىلىرىڭنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن سەن زورلۇق-زۇمبۇلۇق بىلەن تولۇپ، گۇناھ سادىر قىلغان؛ شۇڭا مەن سېنى خۇدانىڭ تېغىدىن ھارام نەرسە دەپ تاشلىۋەتكەنمەن؛ مەن سېنى، ئى مۇھاپىزەتچى كېرۇب، ئوتلۇق تاشلار ئارىسىدىن ھەيدەپ يوقاتقانمەن؛ |
دل تو از زیباییات مغرور شد، و شکوه جلالت باعث شد حکمتت به حماقت تبدیل شود. به همین علّت تو را بر زمین انداختم و در برابر چشمان پادشاهان، درماندهات کردم. | 17 |
سېنىڭ كۆڭلۈڭ گۈزەللىكىڭ بىلەن تەكەببۇرلىشىپ كەتتى؛ پارلاقلىقىڭ تۈپەيلىدىن سەن دانالىقىڭنى بۇلغىغانسەن؛ مەن سېنى يەرگە تاشلىۋەتتىم؛ پادىشاھلار سېنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا ياتقۇزدۇم. |
تقدس خود را به سبب حرص و طمع از دست دادی. پس، از میان خودت آتشی بیرون آوردم و پیش چشمان کسانی که تماشا میکردند، تو را سوزاندم و به خاک و خاکستر تبدیل نمودم. | 18 |
سېنىڭ قەبىھلىكلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، قىلغان سوداڭنىڭ ئادىلسىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆز مۇقەددەس جايلىرىڭنى بۇلغىغانسەن؛ مەن ئۆزۈڭدىن بىر ئوتنى چىقاردىم، ئۇ سېنى كۆيدۈرۈپ يەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ساڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆز ئالدىدا، مەن سېنى يەردە قالغان كۈللەرگە ئايلاندۇرۇۋەتتىم. |
تمام کسانی که تو را میشناختند، از آنچه که بر سرت آمده است حیران و وحشتزده شدهاند. تو برای همیشه از بین رفتهای.» | 19 |
سېنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ ساراسىمىدە قالىدۇ؛ سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت بولۇپ قالدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن». |
پیغامی دیگر از جانب خداوند به من رسید: | 20 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«ای پسر انسان، به سوی شهر صیدون نگاه کرده، بر ضد آن پیشگویی کن و بگو | 21 |
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى زىدونغا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ |
خداوند یهوه چنین میفرماید: «ای صیدون، من دشمن تو هستم و قدرتم را به تو نشان خواهم داد. وقتی با مجازات کردن تو قدوسیت خود را آشکار کنم، آنگاه خواهند دانست که من یهوه هستم. | 22 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ساڭا قارشى، ئى زىدون؛ ئۆزۈم ئاراڭدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىغىنىمدا، ئۆزۈمنى ئۇنىڭدا پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىمنى كۆرسەتكىنىمدە، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. |
امراض مسری بر تو میفرستم و سربازان دشمن از هر طرف به تو حمله کرده، ساکنان تو را از دم شمشیر خواهند گذراند و خون در کوچههایت جاری خواهد شد. آنگاه خواهی دانست که من یهوه هستم. | 23 |
مەن ئۇلارغا ۋابانى ئەۋىتىپ، رەستە-كوچىلىرىدا قان ئاققۇزىمەن؛ ئۇنىڭغا قارشى چىققان قىلىچنىڭ ھەر ئەتراپىدا بولغانلىقىدىن ئوتتۇرىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ |
تو و سایر همسایگان اسرائیل، دیگر مثل خار، قوم اسرائیل را زخمی نخواهید کرد، هر چند که قبلاً آنها را خوار شمردید و با ایشان بدرفتاری کردید. | 24 |
ئۇلار يەنە ئىسرائىل جەمەتىنى كۆزگە ئىلمىغان ئەتراپىدىكىلەر ئارىسىدا، ئىسرائىل ئۈچۈن ئادەمنى سانجىغۇچى جىغان ياكى دەرد-ئەلەملىك تىكەن بولمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». |
«خداوند یهوه میفرماید: قوم اسرائیل بار دیگر در سرزمین خود ساکن خواهند شد؛ بله، در سرزمینی که به پدرشان یعقوب دادم. زیرا ایشان را از سرزمینهای دور که آنها را در آنجا پراکنده ساختهام برمیگردانم و بدین ترتیب به قومهای جهان نشان میدهم که من قدوس هستم. | 25 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلار تارقىتىلغان ئەللەر ئارىسىدىن ئىسرائىل جەمەتىنى قايتىدىن يىغقىنىمدا، ئۇلاردا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مەن ئۆز قۇلۇم بولغان ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئۆزىنىڭ زېمىنىدا ئولتۇرىدۇ؛ |
قوم من با صلح و امنیت در سرزمین خود ساکن میشوند، برای خود خانهها میسازند و تاکستانها غرس میکنند. وقتی همهٔ قومهای همسایه را به سبب رفتار توهینآمیزشان با قوم اسرائیل تنبیه کنم، آنگاه خواهند دانست که من یهوه خدای قوم اسرائیل هستم.» | 26 |
ئۇلار ئۇنىڭدا تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە ياشاپ، ئۆيلەرنى سېلىپ ئۈزۈمزارلارنى تىكىدۇ؛ مەن ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىغىنىمدا، ئۇلار تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». |