بِصَلئیل، صندوق عهد را از چوب اقاقیا که درازای آن یک متر و ۲۵ سانتی متر و پهنا و بلندی آن هر کدام هفتاد و پنج سانتی متر بود، ساخت. | 1 |
ئاندىن بەزالەل ئەھدە ساندۇقىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. |
بیرون و درون آن را با طلای خالص پوشانید و نواری از طلا دور لبهٔ آن کشید. | 2 |
ئۇ ئۇنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. |
برای صندوق چهار حلقه از طلا آماده کرد و آنها را در چهار گوشهٔ قسمت پایین آن متصل نمود، یعنی در هر طرف دو حلقه. | 3 |
ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ تۆت چېتىقىغا بېكىتتى؛ بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بېكىتتى. |
سپس دو چوب بلند از درخت اقاقیا ساخت و آنها را با طلا پوشاند. | 4 |
ئۇ ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ |
برای برداشتن و حمل صندوق، چوبها را در داخل حلقههای دو طرف صندوق گذاشت. | 5 |
ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى. |
سرپوش صندوق یعنی تخت رحمت را به درازای یک متر و ده سانتیمتر و پهنای هفتاد سانتیمتر، از طلای خالص درست کرد. | 6 |
ئۇ [ساندۇقنىڭ ياپقۇچى سۈپىتىدە] ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىدى. |
سپس دو مجسمهٔ کروبی از طلا بر دو سر تخت رحمت ساخت. | 7 |
ئۇ ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتتى؛ |
کروبیها را بر دو سر تخت رحمت طوری قرار داد که با آن یکپارچه شد. | 8 |
بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورناتتى. ئۇ ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلدى. |
مجسمهٔ کروبیها، روبروی هم و نگاهشان به طرف تخت و بالهایشان بر بالای آن گسترده بود. | 9 |
كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلدى. |
آنگاه بِصَلئیل، میز نان حضور را از چوب اقاقیا به درازای یک متر و پهنای نیم متر و بلندی ۷۵ سانتی متر ساخت. | 10 |
ئۇ ھەم شىرەنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. |
آن را با روکشی از طلای خالص پوشانید و قابی از طلا بر دور تا دور لبهٔ آن نصب کرد. | 11 |
ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. |
حاشیهٔ دور لبهٔ میز را به پهنای چهار انگشت درست کرد و دور حاشیه را با قاب طلا پوشانید. | 12 |
ئۇ شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىدى؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقاردى. |
همچنین چهار حلقه از طلا برای میز ساخت و حلقهها را به چهار گوشهٔ بالای پایههای میز نصب کرد. | 13 |
ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتتى. |
این حلقهها برای چوبهایی بود که به هنگام برداشتن و جابهجا کردن میز میبایست در آنها قرار گیرد. | 14 |
شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلدى. |
این چوبها را از درخت اقاقیا با روکش طلا ساخت. | 15 |
شىرە ئۈچۈن ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ شىرە ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى. |
همچنین بشقابها، کاسهها، جامها و پیالههایی از طلای خالص برای ریختن هدایای نوشیدنی درست کرد تا آنها را روی میز بگذارند. | 16 |
ئۇ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان بارلىق بۇيۇملارنى، يەنى لېگەنلىرىنى، قاچا-قۇچا تەخسىلىرىنى، [«شاراب ھەدىيەلىرى»نى] قۇيىدىغان قەدەھ ۋە پىيالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. |
چراغدان را نیز از طلای خالص درست کرد. پایه و بدنهٔ آن را یکپارچه و از طلای خالص ساخت و نقش گلهای روی آن را نیز که شامل کاسبرگ و غنچه بود از طلا درست کرد. | 17 |
ئۇ ھەم چىراغداننى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى؛ چىراغداننى سوقۇپ ياسىدى؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچىلىرى ۋە گۈللىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلدى. |
بر بدنهٔ چراغدان شش شاخه قرار داشت، یعنی در هر طرف سه شاخه. | 18 |
چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلدى ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، ئۇنىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلدى؛ |
روی هر شش شاخه که از چراغدان بیرون میآمد، گلهای بادام با جوانهها وغنچههای مربوط به آن قرار داشت. | 19 |
بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى. |
خود بدنه چراغدان با چهار گل بادامی شکل با جوانهها و غنچههایش تزیین شده بود. | 20 |
چىراغداننىڭ [غولىدىن] بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلدى. |
یک جوانه زیر هر جفت شاخه بود جایی که شش شاخه از بدنۀ چراغدان بیرون میآمد و همه یکپارچه بود. | 21 |
بۇلاردىن باشقا [بىرىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئىككىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئۈچىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە ياسالغانىدى؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى. |
تمام این نقشها و شاخهها و بدنه از یک تکه طلای خالص بود. | 22 |
ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالدى. |
هفت چراغ آن و انبرها و سینیهایش را از طلای خالص ساخت. | 23 |
ئۇ چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. |
برای ساختن این چراغدان و لوازمش سی و چهار کیلو طلا به کار رفت. | 24 |
ئۇ چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. |
مذبح بخور را به شکل مربع به ضلع نیم متر و بلندی یک متر از چوب اقاقیا درست کرد. آن را طوری ساخت که در چهار گوشهٔ آن چهار برجستگی به شکل شاخ بود. | 25 |
ئۇ يەنە خۇشبۇيگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولۇپ، تۆت چاسا قىلىپ ياسالدى؛ [تۆت بۇرجىكىدىكى] مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالدى. |
روکش مذبح و شاخهای آن از طلای خالص بود. قابی دور تا دور آن از طلا درست کرد. | 26 |
ئۇ ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. |
در دو طرف مذبح، زیر قاب طلایی، دو حلقه از طلا برای قرار گرفتن چوبها ساخت تا با آنها مذبح را حمل کنند. | 27 |
ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتتى. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇردى. |
این چوبها از درخت اقاقیا تهیه شده بود و روکش طلا داشت. | 28 |
ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. |
سپس روغن مسح مقدّس و بخور خالص معطر را با مهارت عطّاران تهیه کرد. | 29 |
ئۇ ھەم مۇقەددەس مەسىھلەش مېيىنى ياسىدى، ئاندىن ئەتىرچى چىقارغاندەك دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەپ ساپ خۇشبۇينى ياسىدى. |