«مراسم تقدیس هارون و پسرانش به مقام کاهنی به این ترتیب برگزار شود: یک گوساله و دو قوچ بیعیب، | 1 |
ئۇلارنىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن مۇنداق ئىشنى ئادا قىلىشىڭ كېرەك: ــ سەن بىر ياش ئەركەك تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى تاللا (ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن) |
نان بدون خمیرمایه، قرصهای نان بدون خمیرمایهٔ روغنی و قرصهای نازک نان بدون خمیرمایهٔ روغن مالی شده، که از آرد نرم گندم مرغوب پخته شده باشد، فراهمآور. | 2 |
ھەمدە پېتىر نان، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچ ۋە زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلارنى تەييارلا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇغداي ئۇنىدىن قىلغىن؛ |
نانها را در یک سبد بگذار و آنها را با گوساله و دو قوچ، به دم در خیمۀ عبادت بیاور. | 3 |
نانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر سېۋەتكە سېلىپ، سېۋەتنى، تورپاقنى ۋە ئىككى قوچقارنى بىللە ھەدىيە قىلىپ كەلتۈرگىن. |
سپس هارون و پسران او را دم مدخل خیمۀ ملاقات با آب غسل بده. | 4 |
سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛ |
آنگاه لباس کاهنی هارون را که شامل پیراهن، ردا، ایفود و سینهپوش است، به او بپوشان و بند کمر را روی ایفود ببند. | 5 |
ئاندىن كىيىملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ھارۇنغا خالتا كۆڭلەك، ئەفود تونى ۋە ئەفودنى كىيدۈرگىن، قوشېننى تاقىغىن؛ ئاندىن بېلىگە ئەفودنىڭ كەشتىلەنگەن بەلۋېغىنى باغلىغىن. |
دستار را با نیم تاج طلا بر سرش بگذار. | 6 |
بېشىغا سەللىنى يۆگەپ، سەللىگە مۇقەددەس ئوتۇغاتنى تاقاپ قويغىن. |
بعد روغن مسح را بر سرش ریخته، او را مسح کن. | 7 |
ئاندىن مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ، بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى مەسىھلىگىن. |
سپس لباسهای پسرانش را به ایشان بپوشان | 8 |
ئاندىن سەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرگىن؛ |
و کلاهها را بر سر ایشان بگذار. بعد شال کمر را به کمر هارون و پسرانش ببند. مقام کاهنی همیشه از آن ایشان و فرزندانشان خواهد بود. بدین ترتیب هارون و پسرانش را برای کاهنی تقدیس کن. | 9 |
ئۇلارغا، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەلۋاغلارنى باغلاپ، ئېگىز بۆكلەرنى كىيدۈرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە، كاھىنلىق خىزمىتى ئۇلارنىڭكى بولىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى خۇداغا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىپ تەيىنلىگىن. |
«گوساله را نزدیک خیمۀ ملاقات بیاور تا هارون و پسرانش دستهای خود را بر سر آن بگذارند | 10 |
— سەن تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن؛ ئېلىپ كەلگىنىڭدە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن. |
و تو گوساله را در حضور خداوند در برابر در خیمۀ ملاقات ذبح کن. | 11 |
ئاندىن سەن بۇ تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا بوغۇزلىغىن؛ |
خون گوساله را با انگشت خود بر شاخهای مذبح بمال و بقیه را در پای آن بریز. | 12 |
تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ بارمىقىڭ بىلەن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ، قالغان قاننىڭ ھەممىسىنى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قۇيغىن. |
سپس همهٔ چربیهای درون شکم گوساله، سفیدی روی جگر، قلوهها و چربی دور آنها را بگیر و بر مذبح بسوزان، | 13 |
ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماينى، شۇنداقلا جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى ئاجرىتىپ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرگىن. |
و بقیه لاشهٔ گوساله را با پوست و سرگین آن بیرون از اردوگاه ببر و همه را به عنوان قربانی گناهان در همان جا بسوزان. | 14 |
تورپاقنىڭ گۆشى، تېرىسى ۋە تېزىكىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكىن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. |
«آنگاه هارون و پسرانش دستهای خود را بر سر یکی از قوچها بگذارند. | 15 |
ئاندىن سەن قوچقارلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ كەلگىن؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ |
سپس آن قوچ را ذبح کرده، خونش را بر چهار طرف مذبح بپاش. | 16 |
ئاندىن سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ قېنىدىن قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپكىن. |
قوچ را قطعه قطعه کن و قسمتهای درونی و پاچههایش را بشوی و آنها را با کله و سایر قطعههای قوچ قرار بده. | 17 |
قوچقارنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، ئۇلارنى گۆش پارچىلىرى ۋە باشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، |
سپس قوچ را تماماً روی مذبح بسوزان. این قربانی سوختنی که به خداوند تقدیم میشود، هدیهای خوشبو و مخصوص برای خداوند است. | 18 |
پۈتۈن قوچقارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرگىن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ــ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يەتكۈزىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. |
«بعد قوچ دوم را بگیر تا هارون و پسرانش دستهای خود را بر آن بگذارند. | 19 |
كېيىن سەن ئىككىنچى قوچقارنى ئېلىپ كەلگىن؛ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. |
و آن را نیز ذبح کن و مقداری از خونش را بردار و بر نرمهٔ گوش راست هارون و پسرانش و بر شست دست راست و شست پای راست آنها بمال. بقیهٔ خون را بر چهار طرف مذبح بپاش. | 20 |
ئاندىن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ قېنىدىن ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقىغا سۈركەپ قويغىن، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپكىن. |
آنگاه مقداری از خونی که روی مذبح است بردار و با روغن مسح بر هارون و پسران او و بر لباسهایشان بپاش. بدین وسیله خود آنان و لباسهایشان تقدیس میشوند. | 21 |
ئاندىن قۇربانگاھ ئۈستىدىكى قاندىن ۋە مەسىھلەش مېيىدىن ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ كىيىملىرىگە، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگىمۇ سەپكىن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ كىيىملىرى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان بولىدۇ. |
«آنگاه چربی، دنبه، چربی داخل شکم، سفیدی روی جگر، قلوهها و چربی دور آنها و ران راست قوچ را بگیر، | 22 |
ئاندىن سەن قوچقارنىڭ مېيى، قۇيرۇق مېيى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى چىقار ھەمدە ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئالغىن ــ (چۈنكى بۇ قوچقار كاھىنلىققا تىكلەش [قۇربانلىقىغا ئاتالغان] قوچقاردۇر) ــ |
و از داخل سبد نان بدون خمیرمایه که در حضور خداوند است یک نان و یک قرص نان روغنی و یک نان نازک بردار، | 23 |
— بۇنىڭدىن باشقا سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قويۇلغان پېتىر نان سېۋىتىدىن بىر گىردىنى، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچتىن بىرنى ۋە پېتىر ھەمەك ناندىن بىرنى ئېلىپ، |
و همهٔ آنها را به دستهای هارون و پسرانش قرار بده تا به عنوان هدیهٔ مخصوص در حضور خداوند تکان دهند. | 24 |
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇننىڭ قوللىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا قويۇپ، ئۇلارنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتقۇزغىن. |
سپس آنها را از دست ایشان بگیر و بر مذبح همراه با قربانی سوختنی بسوزان. این قربانی هدیهای خوشبو و مخصوص برای خداوند است. | 25 |
ئاندىن سەن بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، قۇربانگاھتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كۆيدۈرگىن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ. |
آنگاه سینهٔ قوچی را که برای انتصاب هارون است به دست بگیر و آن را به نشانهٔ هدیهٔ مخصوص در حضور خداوند تکان بده و آنگاه آن را برای خود بردار. | 26 |
سەن ھارۇننى كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ تۆشىنى ئېلىپ «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلاتقىن؛ بۇ سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولىدۇ. |
«قسمتهایی از قوچ انتصابی را که مال هارون و پسرانش است، کنار بگذار، یعنی سینه و رانی را که به نشانهٔ هدیهٔ مخصوص در حضور خداوند تکان داده شد. | 27 |
شۇنىڭدەك، سەن كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىلغان تۆشى بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىلغان ئارقا پۇتىنى، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان شۇ ئۈلۈشلەرنى «مۇقەددەس» دەپ ئايرىپ بېكىتكىن. |
در آینده، هرگاه بنیاسرائیل قربانیهای سلامتی تقدیم کنند، قسمتی از آن باید برای هارون و پسرانش کنار گذاشته شود. این است حق دائمی ایشان که هدیهای مقدّس از جانب بنیاسرائیل به خداوند میباشد. | 28 |
شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە ئىسرائىللار تەرىپىدىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان نېسىۋە بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ كۆتۈرمە ھەدىيەدۇر. بۇلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن سۇنۇلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن ئايرىپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ «ئېگىز كۆتۈرگەن ھەدىيە»سى ھېسابلىنىپ، «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ. |
«لباسهای مقدّس هارون باید برای پسرانش و نسلهای بعد که جانشین او هستند نگاهداری شوند تا هنگام برگزاری مراسم مسح و تقدیس آنها را بپوشند. | 29 |
ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىگە كېيىن ئوغۇللىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇلار مەسىھلىنىپ، كاھىنلىققا تەيىنلەنگەندە شۇ كىيىملەرنى كىيسۇن. |
فرزند پسری که به جای او به مقام کاهنی میرسد تا در خیمۀ ملاقات و قدس مشغول خدمت شود، باید هفت روز آن لباس را بر تن کند. | 30 |
ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ كاھىن بولسا، جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە خىزمەتكە كىرىشكەندە، بۇ كىيىملەرنى ئۇدا يەتتە كۈن كىيىپ يۈرسۇن. |
«گوشت قوچ مخصوص مراسم تقدیس را بگیر و آن را در یک جای مقدّس در آب بپز. | 31 |
سەن كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا پىشۇرغىن؛ |
هارون و پسرانش باید گوشت قوچ را با نانی که در سبد است در مدخل خیمهٔ ملاقات بخورند. | 32 |
ئاندىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى بىلەن سېۋەتتىكى نانلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يېسۇن؛ |
آنها باید تنها خودشان آن قسمتهایی را که در موقع اجرای مراسم، برای تقدیس و کفارهٔ ایشان منظور شده است، بخورند؛ افراد معمولی نباید از آن بخورند چون مقدّس است. | 33 |
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاھىنلىققا تەيىنلىنىشىدە خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغاندا كافارەتكە ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى يېسۇن، لېكىن بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، يات كىشى بۇنىڭدىن ھېچنېمىنى يېمىسۇن. |
اگر چیزی از این گوشت و نان تا صبح باقی بماند آن را بسوزان، نباید آن را خورد زیرا مقدّس میباشد. | 34 |
ئەگەر كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىق گۆشىدىن ياكى ناندىن ئەتىگە ئازراق ئېشىپ قالسا، ئېشىپ قالغاننى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەت؛ بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېسە بولمايدۇ. |
«به این طریق مراسم تقدیس هارون و پسرانش برای مقام کاهنی اجرا شود. مدت این مراسم باید هفت روز باشد. | 35 |
سەن شۇ تەرىقىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغرىسىدا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئۇدا يەتتە كۈنگىچە ئۇلارنى كاھىنلىققا تىكلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغىن. |
در این هفت روز، روزی یک گوساله برای کفارهٔ گناهان، روی مذبح قربانی کن. با این قربانی، مذبح را طاهر ساز و با روغن زیتون آن را تدهین کن تا مقدّس شود. | 36 |
ھەر كۈنى كافارەت قىلىنىشقا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنغىن. قۇربانگاھنىڭ ئۆزىنى گۇناھتىن پاك قىلىشقا ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرگىن، مۇقەددەس قىلىنسۇن دەپ، ئۇنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھلىگىن. |
برای مدت هفت روز، هر روز برای مذبح کفاره کن تا مذبح تقدیس شود. به این ترتیب، مذبح، جایگاه بسیار مقدّسی میشود و هر کسی نمیتواند به آن دست زند. | 37 |
يەتتە كۈنگىچە سەن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى مۇقەددەس قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا تەگكەن ھەممە نەرسە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. |
«هر روز دو برهٔ یک ساله روی مذبح قربانی کن. | 38 |
مانا، قۇربانگاھتا ھەمىشە سۇنىدىغانلىرىڭ مۇنۇلار: ــ ھەر كۈنى بىر ياشلىق ئىككى قوزا قۇربانلىق قىلىنسۇن. |
یک بره را صبح و دیگری را عصر قربانی کن. | 39 |
بىرىنى ئەتىگەندە، يەنە بىرىنى گۇگۇمدا قۇربانلىق قىلىپ سۇنغىن. |
با برهٔ اول یک کیلو آرد مرغوب که با یک لیتر روغن زیتون مخلوط شده باشد تقدیم کن. یک لیتر شراب نیز به عنوان هدیهٔ نوشیدنی تقدیم نما. | 40 |
بىرىنچى قوزا بىلەن بىرگە زەيتۇن مېيىدىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرى ئىلەشتۈرۈلگەن بۇغداي ئۇنىدىن [ئەفاھنىڭ] ئوندىن بىرى ۋە يەنە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شاراب قۇشۇپ سۇنۇلسۇن. |
برهٔ دیگر را هنگام عصر قربانی کن و با همان مقدار هدیۀ آردی و نوشیدنی تقدیم کن. این قربانی، هدیهای خوشبو و مخصوص برای خداوند خواهد بود. | 41 |
ئىككىنچى قوزىنى گۇگۇمدا سۇنغىن؛ ئۇنى ئەتىگەنلىك قۇربانلىقنىڭكىدەك، خۇشبۇي بولۇشى ئۈچۈن ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاشلىق ھەدىيە ۋە شاراب ھەدىيە بىلەن قوشۇپ سۇنغىن. |
«این قربانی سوختنی، همیشگی خواهد بود و نسلهای آیندهٔ شما نیز باید در کنار در خیمۀ ملاقات، آن را به حضور خداوند تقدیم کنند. در آنجا من شما را ملاقات نموده، با شما سخن خواهم گفت. | 42 |
شۇ تەرىقىدە بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق نەسىلدىن-نەسىلگە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ دائىملىق قۇربانلىق بولسۇن؛ مەن [پەرۋەردىگار] شۇ يەردە سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. |
در آنجا بنیاسرائیل را ملاقات میکنم و خیمۀ عبادت از حضور پرجلال من تقدیس میشود. | 43 |
شۇنىڭدەك مەن شۇ يەردە ئىسرائىللار بىلەن ئۇچرىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي مېنىڭ شان-شەرىپىم بىلەن مۇقەددەس قىلىنىدۇ. |
بله، خیمۀ ملاقات، مذبح، و هارون و پسرانش را که کاهنان من هستند تقدیس میکنم. | 44 |
مەن جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى ئۆزۈمگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلىمەن؛ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆزۈمگە كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشقا ئايرىپ مۇقەددەس قىلىمەن. |
من در میان بنیاسرائیل ساکن شده، خدای ایشان خواهم بود | 45 |
شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. |
و آنها خواهند دانست که من خداوند، خدای ایشان هستم که آنها را از مصر بیرون آوردم تا در میان ایشان ساکن شوم. من خداوند، خدای آنها هستم. | 46 |
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇداسى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن. |