«برادر خود هارون و پسرانش ناداب، ابیهو، العازار و ایتامار را از سایر مردم اسرائیل جدا کرده، به مقام کاهنی تعیین کن تا مرا خدمت کنند. | 1 |
سەن ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆز قېشىڭغا كەلتۈرگىن؛ ئۇلارنى، يەنى ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامارلارنىڭ مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن يېنىڭغا كەلتۈرگىن. |
لباسهای مخصوصی برای هارون تهیه کن تا معلوم باشد که او برای خدمت من جدا شده است. لباسهای او زیبا و برازندهٔ کار مقدّس او باشد. | 2 |
ئاكاڭ ھارۇنغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك ئۈچۈن مۇقەددەس كىيىملەرنى تەييارلىغىن. |
به کسانی که استعداد و مهارت دوزندگی دادهام دستور بده لباسهای هارون را تهیه کنند لباسهایی که با لباسهای سایر مردم فرق داشته باشد و معلوم شود که او در مقام کاهنی به من خدمت میکند. | 3 |
ھارۇننىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ روھى بىلەن قەلبلىرىنى تولدۇرغان چېۋەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرىگە سۆز قىلىپ، ئۇلارنى ئالاھىدە كىيىملەرنى تىكىشكە بۇيرۇغىن. |
لباسهایی که باید دوخته شوند اینها هستند: سینهپوش، ایفود، ردا، پیراهن نقشدار، دستار و شال کمر. برای برادرت هارون و پسرانش هم باید از همین لباسها دوخت تا بتوانند در مقام کاهنی به من خدمت کنند. | 4 |
ئۇلار تىكىدىغان كىيىملەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ــ بىر قوشېن، بىر ئەفود، بىر تون، كەشتىلەنگەن بىر خالتا كۆڭلەك، بىر سەللە ۋە بىر بەلۋاغ. مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاكاڭ ھارۇنغا ۋە ئوغۇللىرىغا مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكسۇن. |
پس طلا و نخهای آبی، ارغوانی و قرمز، و نیز کتان ریزبافت به آنها بده. | 5 |
ئۇنىڭغا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەخت ئىشلىتىلسۇن؛ |
«صنعتگران باید ایفود را از کتان ریزبافت تابیده تهیه کرده، آن را ماهرانه با طلا، نخهای آبی، ارغوانی و قرمز گلدوزی کنند. | 6 |
ئەفودنى ئۇلار ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەرنى تەييارلاپ، چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ [كەشتىلىتىپ] ئىشلەتسۇن. |
«این جلیقهٔ بلند از دو قسمت، جلو و پشت، که روی شانهها با دو بند به هم میپیوندند، تشکیل شود. | 7 |
ئەفودنىڭ ئىككى بېشىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دولىسىدا مۈرىلىك تاسما بولسۇن. |
بند کمر ایفود هم باید متصل به آن و از جنس خودش باشد، یعنی از رشتههای طلا و کتان تابیده ریزبافت و نخهای آبی، ارغوانی و قرمز. | 8 |
ئەفودنىڭ ئۈستىدىن باغلايدىغان، كەشتىلەنگەن بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنسۇن ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالسۇن. |
«دو سنگ جزع تهیه کن و نامهای دوازده قبیلهٔ بنیاسرائیل را روی آنها حک کن. | 9 |
ئىككى ئاق ھېقىقنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويدۇرغىن؛ |
یعنی روی هر سنگ شش نام به ترتیب سن آنها. | 10 |
ئۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ ئالتىسى بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، قالغان ئالتىسى بولسا يەنە بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، ھەممىسى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە پۈتۈلسۇن. |
مثل یک خاتمکار و حکاک ماهر نامها را روی سنگها حک کن و آنها را در قابهای طلا بگذار. | 11 |
خۇددى ياقۇت نەقىشچىلىرى ئىشلىگەندەك، مۆھۈر ئويۇلغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئىككى ياقۇتقا ئويدۇرغىن؛ ئۇلار ئالتۇندىن ياسالغان كۆزلۈككە بېكىتىلسۇن. |
سپس آنها را روی شانههای ایفود نصب کن تا بدین ترتیب هارون نامهای قبایل بنیاسرائیل را به حضور من بیاورد و من به یاد آنها باشم. | 12 |
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا قادىغۇزغىن؛ شۇنداق بولغاندا، ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە مۈرىلىرىدە كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. |
همچنین قابهای طلایی بساز | 13 |
بۇنىڭدىن باشقا، سەن ئالتۇندىن يەنە ئىككى كۆزلۈك ۋە ساپ ئالتۇندىن شوينىدەك ئېشىپ ئېتىلگەن ئىككى زەنجىر ياساتقىن؛ ئاندىن ئېشىلمە زەنجىرلەر كۆزلۈكلەرگە بېكىتىلسۇن. |
و دو زنجیر تابیده از طلای خالص درست کن و آنها را به قابهای طلایی که روی شانههای ایفود است وصل کن. | 14 |
«برای کاهن یک سینهپوش جهت پی بردن به خواست خداوند درست کن. آن را مانند ایفود از کتان ریزبافت تابیده، نخهای آبی، ارغوانی و قرمز و رشتههای طلا بساز و روی آن را با دقت گلدوزی کن. | 15 |
«ھۆكۈم قوشېنى»نى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياساتقىن؛ ئۇنى ھەم ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ياسىغان، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىغىن. |
این سینهپوش باید دولا و مثل یک کیسه چهارگوش به ضلع یک وجب باشد. | 16 |
ئۇ ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىنسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ بولسۇن. |
چهار ردیف سنگ قیمتی روی آن نصب کن. ردیف اول عقیق سرخ، یاقوت زرد و یاقوت آتشی باشد. | 17 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتقىن: ــ بىرىنچى قاتارغا قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەت ئورنىتىلسۇن؛ |
ردیف دوم زمرد، یاقوت کبود و الماس. | 18 |
ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلسۇن؛ |
ردیف سوم فیروزه، عقیق یمانی و یاقوت بنفش. | 19 |
ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلسۇن؛ |
ردیف چهارم زبرجد، جزع و یشم. همهٔ آنها باید قابهای طلا داشته باشند. | 20 |
تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلسۇن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈك ئىچىگە ئورنىتىلسۇن. |
هر یک از این سنگها علامت یکی از دوازده قبیلهٔ بنیاسرائیل خواهد بود و نام آن قبیله روی آن سنگ حک خواهد شد. | 21 |
بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلسۇن. |
«برای وصل کردن سینهپوش به ایفود، زنجیرهایی تابیده از طلای خالص درست کن. | 22 |
قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن [ئىككى] ئېشىلمە زەنجىر ياسىغىن. |
سپس دو حلقۀ طلایی بساز و آنها را بر دو گوشۀ سینهپوش بگذار. | 23 |
قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ |
دو زنجیر را در حلقههای دو گوشۀ سینهپوش بگذار، | 24 |
ئاندىن ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ، |
و دو سر دیگر زنجیرها را از جلو به قابهای طلای روی شانهها وصل کن. | 25 |
ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، [كۆزلۈكلەرنى] ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتقىن. |
دو حلقهٔ طلای دیگر نیز درست کن و آنها را به دو گوشهٔ پایینی سینهپوش، روی لایهٔ زیرین، ببند. | 26 |
بۇنىڭدىن باشقا سەن ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ [ئاستى تەرىپىدىكى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالسۇن. |
دو حلقهٔ طلای دیگر هم درست کن و آنها را در قسمت جلوی ایفود و کمی بالاتر از بند کمر نصب کن. | 27 |
مۇندىن باشقا سەن ئالتۇندىن [يەنە] ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، يەنى ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن قىلىپ، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتكىن. |
بعد حلقههای سینهپوش را با نوار آبی رنگ به حلقههای ایفود که بالاتر از بند کمر قرار دارد ببند تا سینهپوش از ایفود جدا نشود. | 28 |
قوشېننىڭ ئەفودنىڭ كەشىتىلەنگەن بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قوشېننىڭ ھالقىسىنى كۆك شوينا بىلەن ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويغىن. |
«به این ترتیب وقتی هارون به قدس وارد میشود، نامهای تمام قبایل بنیاسرائیل را که روی سینهپوش کنده شده، با خود حمل خواهد کرد تا به این وسیله قوم همیشه در نظر خداوند باشند. | 29 |
شۇنداق قىلغاندا، ھارۇن مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ھۆكۈم قوشېنىنى تاقىغاچقا، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە يۈرىكىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دائىم كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ. |
اوریم و تُمّیم را داخل سینهپوش بگذار تا وقتی هارون به حضور من میآید آنها همیشه روی قلب او باشند و او بتواند خواست مرا در مورد قوم اسرائیل دریابد. | 30 |
ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئۇرىم بىلەن تۇممىم ئۇنىڭ يۈرىكى ئۈستىدە بولۇشى ئۈچۈن، بۇلارنى ھۆكۈم قوشېنىنىڭ ئىچىگە ئالغىن؛ مۇشۇنداق قىلغاندا، ھارۇن ئىسرائىللارغا باغلىق ھۆكۈملەرنى ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز يۈرىكى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ. |
«ردایی که زیر ایفود است باید از پارچهٔ آبی باشد. | 31 |
ئەفودنىڭ [ئىچىدىكى] توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلغىن. |
شکافی برای سر، در آن باشد. حاشیهٔ این شکاف باید با دست بافته شود تا پاره نگردد. | 32 |
توننىڭ باشقا كىيىلىدىغان تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا بولسۇن؛ ئۇنىڭ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خۇددى باپكار توقۇغاندەك، ساۋۇتنىڭ ياقىسىغا ئوخشاش چۆرىسىگە پەۋاز چىقىرىلسۇن. |
با نخهای آبی، ارغوانی و قرمز، منگولههایی به شکل انار درست کن و دور تا دور لبهٔ دامن ردا بیاویز و زنگولههایی از طلا بین آنها قرار بده. | 33 |
ئۇنىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئاسقىن ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، چۆرىسىدىكى ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويغىن؛ توننىڭ ئېتىكىنىڭ پۈتكۈل چۆرىسىگە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، يەنە بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار... بېكىتىلسۇن. |
زنگولههای طلا و انارها باید یکی در میان، دور تا دور لبۀ دامن ردا باشند. | 34 |
هارون در موقع خدمت خداوند باید ردا را بپوشد تا وقتی که به حضور من به قدس وارد میشود یا از آن بیرون میرود، صدای زنگولهها شنیده شود، مبادا بمیرد. | 35 |
ھارۇن خىزمەت قىلغان ۋاقتىدا شۇ توننى كىيسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يەنى مۇقەددەس جايغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرىپ-چىققاندا ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. |
«یک نیم تاج از طلای خالص بساز و این کلمات را مانند مُهر، روی آن حک کن:”مقدّس برای خداوند“. | 36 |
ئاندىن كېيىن سەن ساپ ئالتۇندىن نەپىس بىر ئوتۇغاتنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە نەقىشلەنگەندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويغىن؛ |
این نیم تاج را با یک نوار آبی رنگ به دستارِ هارون ببند بهطوری که در جلوی دستار قرار گیرد. | 37 |
ئۇنى كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىسىگە چىگكىن؛ ئۇ سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە تاقالسۇن؛ |
این نیم تاج باید بر پیشانی هارون باشد تا او بار هر خطایی را که ممکن است بنیاسرائیل در حین تقدیم قربانیهای مقدّس انجام دهند، بر خود حمل کند. هارون باید همیشه این نیم تاج را روی پیشانی خود داشته باشد تا آن قربانیها مقبول خداوند واقع شوند. | 38 |
ئۇ ھارۇننىڭ پېشانىسىدە تۇرسۇن. بۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس قىلىپ كەلتۈرگەن بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرىگە چاپلاشقان گۇناھلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرىدۇ؛ ھەدىيەلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئوتۇغات ھەمىشە ئۇنىڭ پېشانىسىگە تاقاقلىق تۇرسۇن. |
«پیراهن هارون را از کتان ریزبافت بباف؛ همچنین دستار را. شال کمر گلدوزی شده نیز برای او درست کن. | 39 |
بۇنىڭدىن باشقا ئاق كاناپ رەختتىن بىر كۆڭلەك توقۇغىن، شۇنىڭدەك كاناپ رەختتىن توقۇلغان بىر سەللە تەييارلىغىن؛ كەشتىلەنگەن بىر بەلۋاغ ياسىغىن. |
«برای پسران هارون نیز پیراهن، شال کمر و کلاه تهیه کن. این لباسها باید زیبا و برازنده کار مقدّس ایشان باشند. | 40 |
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا خالتا كۆڭلەكلەرنى تىككىن؛ ئۇلارغىمۇ بەلۋاغلارنى تەييارلا، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تىككىن؛ بۇلار ئۇلارغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك بولسۇن. |
این لباسها را به هارون و پسرانش بپوشان. با روغن زیتون آنها را مسح کن و ایشان را برای خدمت کاهنی تعیین و تقدیس نما. | 41 |
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كىيدۈرگىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى مەسىھلەپ، ماڭا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىغىن. |
برای پوشاندن برهنگی لگن تا ران ایشان، لباس زیر از جنس کتان بدوز که اندازهٔ آن از کمر تا بالای زانو باشد. | 42 |
ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنىڭ يېپىق تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا كاناپ رەختتىن تامبال ئەتتۈرگىن؛ ئۇ بېلىدىن يوتىسىغىچە يېپىپ تۇرسۇن. |
هارون و پسرانش، وقتی به خیمۀ ملاقات داخل میشوند، یا نزدیک مذبح میآیند تا در قدس خدمت کنند، باید این لباسها را بپوشند، مبادا متحمل گناه شده، بمیرند. این آیین برای هارون و نسل او یک قانون جاودانی خواهد بود. | 43 |
ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ياكى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇش ئۈچۈن قۇربانگاھقا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن [تامبالنى] كىيىۋالسۇن. بۇ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەسىللىرى ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن. |