«خیمۀ عبادت را با ده پرده از کتان ریزبافتِ تابیده و نخهای آبی، ارغوانی و قرمز درست کن. روی آنها نقش کروبیان با دقت گلدوزی شود. | 1 |
مۇقەددەس چېدىرنى ئون پارچە يوپۇقتىن ياساتقىن؛ يوپۇقلار نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنسۇن؛ ئۇنىڭغا كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقارغۇزغىن. |
همه پردهها به یک اندازه باشند، چهارده متر درازا و دو متر پهنا داشته باشند. | 2 |
ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن. |
ده پرده را پنج پنج به هم بدوز به طوری که دو قطعهٔ جداگانه تشکیل دهند. | 3 |
يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن، قالغان بەش يوپۇقمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن. |
بر لبۀ آخرین پرده از دستۀ اول، حلقههایی از پارچۀ آبی بساز و بر لبۀ آخرین پرده از دستۀ دوم نیز چنین کن. | 4 |
سەن ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمە قادىغىن، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ ھەم شۇنداق قىلغىن. |
پنجاه حلقه بر یک پرده و پنجاه حلقه بر آخرین پرده از دستۀ دیگر بساز، به گونهای که حلقهها در برابر هم قرار داشته باشند. | 5 |
بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىغىن. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل بولسۇن. |
سپس پنجاه گیره از طلا بساز و پردهها را با آنها به هم متصل کن تا پردههای دور خیمۀ عبادت به صورت یکپارچه درآیند. | 6 |
مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغىن. |
«پوشش سقف خیمۀ عبادت را از پشم بز به شکل چادر بباف. بر روی هم یازده قطعه پارچه. | 7 |
مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىغىن؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىغىن. |
این یازده قطعه پارچه به یک اندازه باشند، هر کدام به درازای پانزده متر و به عرض دو متر. | 8 |
يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن. |
پنج تا از آن قطعهها را به هم بدوز تا یک قطعهٔ بزرگ تشکیل شود. شش قطعهٔ دیگر را نیز به همین ترتیب به هم بدوز. (قطعهٔ ششم از قسمت بالای جلوی خیمهٔ مقدّس آویزان خواهد شد.) | 9 |
يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، ئالتىنچى يوپۇقنى ئىككى قات قىلىپ، چېدىرنىڭ ئالدى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويغىن. |
در حاشیهٔ آخرین پرده از یک دسته، پنجاه حلقه درست کن و در حاشیۀ آخرین پرده از دستۀ دیگر نیز پنجاه حلقه بساز. | 10 |
سەن بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن. |
سپس پنجاه گیرۀ مفرغین بساز و آنها را در حلقهها قرار بده تا پوشش خیمه به هم وصل شده، یکپارچه گردد. | 11 |
سەن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈپ ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويغىن. |
قسمت اضافۀ پردههای پوشش، یعنی نیم پردهای که اضافه است، در پشت خیمه آویخته شود. | 12 |
لېكىن يوپۇقنىڭ چېدىرنىڭ كەينىدىن ئېشىپ قالغان قىسمى، يەنى ئېشىپ قالغان يېرىم پارچىسى چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدە ساڭگىلاپ تۇرسۇن. |
پردههای پوشش خیمه در دو طرف نیم متر بلندتر خواهد بود؛ این قسمت اضافه از دو طرف خیمه آویزان خواهد بود تا آن را بپوشاند. | 13 |
چېدىر يوپۇقلىرىنىڭ چېدىرنىڭ بويىدىن ئارتۇق قىسمى، يەنى ئۇ تەرىپىدىن بىر گەز، بۇ تەرىپىدىن بىر گەز، چېدىرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ساڭگىلاپ، ئۇنى [تولۇق] ياپسۇن. |
دو پوشش دیگر درست کن یکی از پوست قوچ که رنگش سرخ شده باشد و دیگری از پوست خز، و آنها را به ترتیب روی پوشش اولی بینداز. بدین ترتیب سقف خیمۀ عبادت تکمیل میشود. | 14 |
بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپقىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىغىن. |
«چوببست خیمهٔ عبادت را از تختههای چوب اقاقیا بساز. | 15 |
مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىگىن. |
درازای هر تخته پنج متر و پهنای آن ۷۵ سانتی متر باشد. | 16 |
ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. |
در هر طرف تخته، زبانهای باشد تا با تختهٔ پهلویی جفت شود. تمام تختههای خیمۀ عبادت را اینطور درست کن. | 17 |
ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بولسۇن، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن. |
برای طرف جنوبی خیمۀ عبادت بیست تخته بساز | 18 |
چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن؛ يىگىرمىسىنى جەنۇب تەرەپكە تىكلىگىن؛ |
و برای زیر آنها چهل پایهٔ نقرهای، یعنی دو پایه برای دو زبانۀ هر تخته. | 19 |
بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىغىن؛ بىر تاختاينىڭ [ئاستىدىكى] ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك ياسىغىن. |
برای طرف دیگر خیمۀ عبادت، یعنی طرف شمال بیست تخته بساز | 20 |
شۇنىڭدەك چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە، يەنى شىمال تەرىپىدە يىگىرمە تاختاي بولسۇن؛ |
و چهل پایهٔ نقرهای برای زیر آنها، یعنی دو پایه برای هر تخته. | 21 |
بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكى كۈمۈشتىن بولسۇن؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن. |
برای قسمت آخر خیمۀ عبادت، یعنی آخر بخش غربی، شش تخته بساز | 22 |
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاي ياساپ تىكلىگىن. |
و برای هر یک از گوشههای قسمت آخر خیمه، دو تخته. | 23 |
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاي ياساپ ئورناتقىن. |
این دو تخته باید از بالا و پایین بهوسیلۀ حلقهها به تختهها وصل شوند. | 24 |
بۇ [بۇلۇڭ تاختايلىرى] ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىنىپ [تاختايلارنى] ئۆزئارا چېتىشتۇرسۇن، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلسۇن. ھەر ئىككىسى شۇنداق قىلىنىپ، ئىككى بۇلۇڭغا تىكلەنسۇن. |
پس جمعاً در انتهای خیمۀ عبادت باید هشت تخته با شانزده پایهٔ نقرهای باشد، زیر هر تخته دو پایه. | 25 |
ئارقا تەرەپتە سەككىز تاختاي بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بولىدۇ؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بولىدۇ. |
«پشتبندهایی از چوب اقاقیا بساز تا به طور افقی تختهها را نگه دارند: پنج تیر پشتبند برای تختههایی که در سمت شمال قرار دارند، | 26 |
بۇنىڭدىن باشقا سەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىغىن؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، |
پنج تیر برای تختههای سمت جنوب و پنج تیر برای تختههایی که در طرف غربی انتهای خیمه قرار دارند. | 27 |
چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى ياسىغىن. |
تیر وسطی باید به طور سراسری از وسط تختهها بگذرد. | 28 |
تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا بالداق بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يېتىدىغان بولسۇن. |
«روکش تمام تختهها از طلا باشد. برای نگه داشتن تیرها، حلقههایی از طلا بساز. تیرها را نیز با روکش طلا بپوشان. | 29 |
تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. |
میخواهم این خیمه را درست همانطور بسازی که طرح و نمونهٔ آن را در بالای کوه به تو نشان دادهام. | 30 |
چېدىرنى ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە ياساپ تىكلىگىن. |
«در داخل خیمه، یک پرده از کتان ریزبافت تابیده و نخهای آبی، ارغوانی و قرمز درست کن و نقش کروبیان را با دقت روی آن گلدوزی نما. | 31 |
سەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇنى چېۋەر قوللار كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ كەشتىلەپ چىقسۇن. |
چهار ستون از چوب اقاقیا با روکش طلا که چهار قلاب طلا هم داشته باشد بر پا کن. ستونها باید در چهار پایهٔ نقرهای قرار گیرند. پرده را به قلابها آویزان کن. | 32 |
ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت خادىغا ئېسىپ قويغىن. بۇ خادىلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن، ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت تەگلىككە ئورنىتىلسۇن. |
این پرده باید بین”قدس“و”قدسالاقداس“آویزان شود تا آن دو را از هم جدا کند. صندوق عهد را که دو لوح سنگی در آن است در پشت این پرده قرار بده. | 33 |
پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى ئىلمەكلەرگە ئېسىلىپ ساڭگىلىتىپ قويۇلسۇن؛ ئاندىن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى شۇ يەرگە كەلتۈرۈپ، پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن پەردە سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس جاي بىلەن ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئايرىما پەردە بولسۇن. |
«صندوق عهد را با تخت رحمت که روی آن قرار دارد در قدسالاقداس بگذار. | 34 |
ئاندىن سەن «كافارەت تەختى»نى ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە قويغىن. |
میز و چراغدان را در مقابل هم بیرون پرده قرار بده، به طوری که چراغدان در سمت جنوبی و میز در سمت شمالی قدس باشد. | 35 |
شىرە بولسا پەردىنىڭ تېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن؛ چىراغداننى شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا، چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويغىن؛ شىرەنى شىمال تەرىپىگە قويغىن. |
«یک پرده دیگر برای مدخل خیمۀ عبادت از کتان ریزبافت تابیده که با نخهای آبی، ارغوانی و قرمز گلدوزی شده باشد، تهیه کن. | 36 |
بۇنىڭدىن باشقا سەن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇ كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن. |
برای این پرده، پنج ستون از چوب اقاقیا با روکش طلا درست کن. قلابهایشان نیز از طلا باشد. برای آنها پنج پایهٔ مفرغین هم بساز. | 37 |
بۇ پەردە ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش خادا ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە بەش دانە تەگلىكنى مىستىن قۇيۇپ تەييارلاتقىن. |