در آن زمان مردی از قبیلهٔ لاوی، یکی از دختران قبیله خود را به زنی گرفت. | 1 |
لاۋىينىڭ جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى بېرىپ، لاۋىينىڭ نەسلىدىن بولغان بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. |
آن زن حامله شده پسری به دنیا آورد. آن پسر بسیار زیبا بود، پس مادرش او را تا مدت سه ماه از دید مردم پنهان کرد. | 2 |
بۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا ئۇنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇپ ساقلىدى. |
اما وقتی نتوانست بیش از آن او را پنهان کند، از نی سبدی ساخت و آن را قیراندود کرد تا آب داخل سبد نشود. سپس، پسرش را در آن گذاشت و آن را در میان نیزارهای رود نیل رها ساخت. | 3 |
ئۇنى يەنە يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، قومۇشتىن بىر سېۋەت ياساپ، ئۇنىڭغا ياريېلىم ۋە موم سۇۋاپ، بالىنى ئىچىگە سېلىپ، دەريانىڭ قىرغىقىدىكى قومۇشلۇق ئارىسىغا قويۇپ قويدى. |
ولی خواهر آن کودک از دور مراقب بود تا ببیند چه بر سر او میآید. | 4 |
ئاندىن بالىنىڭ ھەدىسى ئۇنىڭغا نېمە بولاركىن دەپ يىراقتىن قاراپ تۇردى. |
در همین هنگام دختر فرعون برای شستشو به رود نیل آمد. دو کنیز او هم در کنارۀ رود میگشتند. دختر فرعون ناگهان چشمش به سبد افتاد، پس یکی از کنیزان را فرستاد تا آن سبد را از آب بگیرد. | 5 |
ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋننىڭ قىزى سۇغا چۆمۈلگىلى دەريا تەرەپكە كەلدى؛ ئۇنىڭ چۆرىلىرى دەريا بويىدا ئايلىنىپ يۈردى. پىرەۋننىڭ قىزى قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان سېۋەتنى كۆرۈپ، خاس چۆرىسىنى ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى. |
هنگامی که سرپوش سبد را برداشت چشمش به کودکی گریان افتاد و دلش به حال او سوخت و گفت: «این بچه باید متعلق به عبرانیها باشد.» | 6 |
ئۇ سېۋەتنى ئېچىپ قارىۋىدى، مانا، بىر ئوغۇل بالىنى كۆردى ۋە ئۇ بالا يىغلاپ كەتتى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: ــ بۇ شۈبھىسىزكى ئىبرانىيلارنىڭ بالىلىرىدىن بىرى ئىكەن، دېدى. |
همان وقت خواهر کودک نزد دختر فرعون رفت و پرسید: «آیا میخواهید بروم و یکی از زنان شیرده عبرانی را بیاورم تا به این کودک شیر دهد؟» | 7 |
ئۇ چاغدا بالىنىڭ ھەدىسى پىرەۋننىڭ قىزىدىن: ــ مەن بېرىپ، سىلى ئۈچۈن بالىنى ئېمىتىپ باقىدىغان بىر ئىبرانىي ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
دختر فرعون گفت: «برو!» آن دختر به خانه شتافت و مادرش را آورد. | 8 |
پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، دېدى. قىز بېرىپ بوۋاقنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. |
دختر فرعون به آن زن گفت: «این کودک را به خانهات ببر و او را شیر بده و برای من بزرگش کن، و من برای این کار به تو مزد میدهم.» پس آن زن، کودک خود را به خانه برد و به شیر دادن و پرورش او پرداخت. | 9 |
پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى ئېلىپ كېتىپ مەن ئۈچۈن ئېمىتىپ بېقىپ بەر؛ ھەققىڭنى بېرىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال بالىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى ئېمىتىپ باقتى. |
وقتی کودک بزرگتر شد، مادرش او را پیش دختر فرعون برد. دختر فرعون کودک را به فرزندی قبول کرد و او را موسی یعنی «از آب گرفته شده» نامید. | 10 |
بالا چوڭ بولغاندا ئۇنى پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئوغۇل بولدى. ئۇ: «مەن ئۇنى سۇدىن چىقىرىۋالغان» دەپ ئۇنىڭغا مۇسا دېگەن ئىسىمنى قويدى. |
سالها گذشت و موسی بزرگ شد. روزی او به دیدن قوم خود یعنی عبرانیها رفت. هنگامی که چشم بر کارهای سخت قوم خود دوخته بود، یک مصری را دید که یکی از عبرانیها را کتک میزند. | 11 |
مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىنكى كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. |
آنگاه به اطراف خود نگاه کرد و چون کسی را ندید، مرد مصری را کشت و جسدش را زیر شنها پنهان نمود. | 12 |
ئۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ، ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، قۇمغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويدى. |
روز بعد، باز موسی به دیدن قومش رفت. این بار دو نفر عبرانی را دید که با هم گلاویز شدهاند. جلو رفت و به مردی که دیگری را میزد، گفت: «چرا برادر خود را میزنی؟» | 13 |
ئەتىسى ئۇ يەنە چىقىپ قارىۋىدى، مانا ئىككى ئىبرانىي بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇۋاتاتتى؛ ئۇ يولسىزلىق قىلىۋاتقان كىشىگە: ــ ئۆز قېرىندىشىڭنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟ ــ دېدى. |
آن مرد گفت: «چه کسی تو را حاکم و داور ما ساخته است؟ آیا میخواهی مرا هم بکشی، همانطور که آن مصری را کشتی؟» وقتی موسی فهمید که کشته شدن آن مصری به دست او آشکار شده است، ترسید. | 14 |
ھېلىقى كىشى جاۋاب بېرىپ: ــ كىم سېنى بىزگە ھاكىم ۋە سوراقچى قىلىپ قويدى؟ ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ ئۆز ئىچىدە: «مەن قىلغان ئىش جەزمەن ئاشكارا بولۇپ قاپتۇ!» دەپ ئويلىدى. |
هنگامی که خبر کشته شدن آن مصری به گوش فرعون رسید، دستور داد موسی را بگیرند و بکشند. اما موسی به سرزمین مدیان فرار کرد. روزی در آنجا سرچاهی نشسته بود. | 15 |
پىرەۋن ھەم بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى؛ لېكىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قېچىپ، مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. بىر كۈنى، ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. |
هفت دختر یترون، کاهن مدیان آمدند تا از چاه، آب بکشند و آبشخورها را پر کنند تا گلهٔ پدرشان را سیراب نمایند. | 16 |
مىدىياننىڭ كاھىنىنىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇلار كېلىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىشقا سۇ تارتىپ ئوقۇرلارغا قۇيۇپ تولدۇرۇشقا باشلىدى. |
ولی چند چوپان آمدند و دختران یترون را از سر چاه کنار زدند تا گلههای خود را سیراب کنند. اما موسی جلو رفت و آنها را عقب راند و به دختران کمک کرد تا گوسفندانشان را آب دهند. | 17 |
ئۇ ۋاقىتتا [يەرلىك] پادىچىلار كېلىپ، ئۇلارنى ھەيدىدى، مۇسا قوپۇپ قىزلارغا ياردەم بېرىپ، قويلىرىنى سۇغىرىشىپ بەردى. |
هنگامی که دختران به خانه بازگشتند، پدرشان رِعوئیل پرسید: «چطور شد که امروز اینقدر زود برگشتید؟» | 18 |
ئۇلار ئاتىسى رېئۇئەلنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئۇلاردىن: ــ نېمىشقا بۈگۈن شۇنچە تېز يېنىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. |
گفتند: «یک مرد مصری به ما کمک کرد و چوپانان را کنار زد و برایمان از چاه آب کشید و گله را سیراب کرد.» | 19 |
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىر مىسىرلىق ئادەم بىزنى پادىچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ھەمدە بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ، قوي پادىمىزنى سۇغىرىپمۇ بەردى! ــ دېدى. |
پدرشان پرسید: «آن مرد حالا کجاست؟ چرا او را با خود نیاوردید؟ بروید و او را دعوت کنید تا با ما غذا بخورد.» | 20 |
ئۇ قىزلىرىغا: ــ ئۇنداقتا ئۇ كىشى ھازىر نەدە؟! ئۇنى نېمىشقا سىرتتا تاشلاپ كەلدىڭلار؟ ئۇنى تاماققا چاقىرىڭلار، ــ دېدى. |
موسی دعوت او را قبول کرد و از آن پس در خانهٔ آنها ماند. یَترون هم دختر خود صفوره را به عقد موسی درآورد. | 21 |
مۇسا ئۇ كىشى بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئۇ قىزى زىپپوراھنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. |
صفوره برای موسی پسری زایید و موسی که در آن دیار غریب بود، به همین دلیل او را جرشوم (یعنی «غریب») نامید. | 22 |
ئۇ ئايال ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى؛ مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىردۇرمەن» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى گەرشوم دەپ قويدى. |
سالها گذشت و پادشاه مصر مرد. اما بنیاسرائیل همچنان در بردگی به سر میبردند و از ظلمی که به آنان میشد، مینالیدند و از خدا کمک میخواستند. | 23 |
نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۆلدى. ئىسرائىللار ئۆز قۇللۇق ھالىتى تۈپەيلىدىن ئاھ-زار ئۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈردى؛ قۇللۇقتىن بولغان پەريادى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ يەتتى. |
خدا نالهٔ ایشان را شنید و عهد خود را با اجدادشان یعنی ابراهیم و اسحاق و یعقوب به یاد آورد. | 24 |
خۇدا ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىبراھىم بىلەن، ئىسھاق بىلەن ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. |
پس خدا از روی لطف بر ایشان نظر کرد و تصمیم گرفت آنها را از اسارت و بردگی نجات دهد. | 25 |
شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆردى ۋە خۇدا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدى. |