یترون، پدرزن موسی و کاهن مدیان شنید که خدا چه کارهایی برای موسی و قوم اسرائیل کرده و بخصوص اینکه چگونه خداوند آنها را از مصر رهانیده است. | 1 |
مۇسانىڭ قېينئاتىسى، يەنى مىدىياننىڭ كاھىنى يەترو خۇدانىڭ مۇسا ئۈچۈن ھەمدە ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن بارلىق قىلغانلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىدى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. |
پیش از این، موسی زن خود صفوره را با دو پسرش نزد یترون فرستاده بود. | 2 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو مۇسانىڭ ئەسلىدە ئۆز يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەن ئايالى زىپپوراھ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يولغا چىقتى (بىرىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى گەرشوم دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن» دېگەنىدى. |
(نام پسر اول موسی جرشوم بود زیرا به هنگام تولد او، موسی گفته بود: «من در سرزمین بیگانه، غریبم.» | 3 |
پسر دومش اِلعازار نام داشت، زیرا به هنگام تولد او، موسی گفته بود: «خدای پدرم یاورم بوده و مرا از شمشیر فرعون نجات داد.») | 4 |
يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئەلىئېزەر دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «ئاتامنىڭ خۇداسى ماڭا ياردەمدە بولۇپ، مېنى پىرەۋننىڭ قىلىچىدىن قۇتقۇزدى»، دېگەنىدى). |
پس یترون پدرزن موسی برای دیدن موسی به صحرا آمد. او پسران و زن موسی را نیز همراه خود آورده بود. در این وقت موسی و قوم نزدیک کوه خدا اردو زده بودند. | 5 |
شۇنداق قىلىپ مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو مۇسانىڭ ئوغۇللىرى بىلەن ئايالىنى ئېلىپ، مۇسانىڭ چۆلدە، خۇدانىڭ تېغىنىڭ يېنىدا چېدىر تىكگەن يېرىگە يېتىپ كەلدى. |
یترون برای موسی پیام فرستاده بود که: «من، یترون، پدرزنت همراه زنت و دو پسرت میآییم تا تو را ببینیم.» | 6 |
ئۇ ئەسلىدە مۇساغا: ــ «مانا، مەنكى قېينئاتاڭ يەترو سېنىڭ ئايالىڭنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن» دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنىدى. |
پس موسی به استقبال یترون رفت، به او تعظیم کرد و صورت او را بوسید. پس از احوالپرسی، آنها به خیمهٔ موسی رفتند | 7 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز قېينئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تەزىم قىلىپ، ئۇنى سۆيدى. ئۇلار بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال سورىشىپ چېدىرغا كىردى؛ |
و موسی برای پدرزنش تعریف کرد که خداوند چه بلاهایی بر سر فرعون و مصریها آورد تا بنیاسرائیل را رهایی دهد و چه مشقتی را در طول این سفر تحمل کردند تا به آنجا رسیدند و چگونه خداوند قوم خود را از خطرها و دشواریها نجات داد. | 8 |
ئاندىن مۇسا قىيناتىسىغا ئىسرائىلنىڭ ۋەجىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پىرەۋن ۋە مىسىرلىقلارغا قىلغان ھەممە ئەمەللىرىنى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ يول بويى بېشىغا چۈشكەن جەبىر-جاپالارنى بايان قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانداق قىلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزغىنىنى ئېيتىپ بەردى. |
یترون به سبب احسان خداوند بر بنیاسرائیل و آزادی آنها از مصر بسیار خوشحال شد | 9 |
بۇنى ئاڭلاپ يەترو پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقىدىن، ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن شادلاندى. |
و گفت: «متبارک باد خداوند که قوم خود را از دست فرعون و مصریها نجات داد. | 10 |
يەترو شادلىنىپ: ــ سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۇرلەر بولغاي! ئۇ بۇ قوۋمنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى! |
اکنون میدانم که خداوند بزرگتر از همهٔ خدایان است، زیرا او قوم خود را از دست مصریهای متکبر و بیرحم نجات داده است.» | 11 |
مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلدىم؛ چۈنكى ئۇ دەل ئۇلار يوغانچىلىق قىلغان ئىشتا ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى ــ دېدى. |
یترون قربانی سوختنی و قربانیهای دیگر به خدا تقدیم کرد، و هارون و همهٔ مشایخ قوم اسرائیل به دیدن او آمدند و در حضور خدا برای خوردن گوشت قربانی دور هم نشستند. | 12 |
ئاندىن مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو خۇداغا ئاتاپ بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە بىرنەچچە [تەشەككۇر] قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىر ئاقساقىلى مۇسانىڭ قېينئاتىسى بىلەن بىللە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائام يېيىشكە كەلدى. |
روز بعد، موسی برای رسیدگی به شکایتهای مردم در جایگاه خود نشست و مردم از صبح تا غروب در حضور او ایستادند. | 13 |
ئەتىسى مۇسا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇردى؛ خەلق ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە مۇسانىڭ چۆرىسىدە تۇرۇشتى. |
یترون وقتی دید که رسیدگی به شکایتهای مردم، وقت زیادی را میگیرد، به موسی گفت: «چرا این کار را به تنهایی انجام میدهی؟ چرا مردم را تمام روز سر پا نگه میداری؟» | 14 |
مۇسانىڭ قېينئاتىسى ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ خەلققە قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭ زادى نېمە ئىش؟ نېمىشقا سەن [بۇ ئىشتا] يالغۇز ئولتۇرىسەن، بارلىق خەلق نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنىڭ چۆرەڭدە تۇرىدۇ؟ ــ دېدى. |
موسی جواب داد: «من باید این کار را بکنم، زیرا مردم برای حل مشکلات خود پیش من میآیند تا نظر خدا را بدانند. | 15 |
مۇسا قېينئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ خەلق خۇدادىن يول ئىزدەشكە مېنىڭ قېشىمغا كېلىدۇ. |
وقتی بین دو نفر اختلافی پیش میآید، نزد من میآیند و من تشخیص میدهم که حق با چه کسی است و فرایض و شریعت خدا را به آنها تعلیم میدهم.» | 16 |
قاچانكى ئۇلارنىڭ بىر ئىش-دەۋاسى چىقسا ئۇلار يېنىمغا كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن ۋە شۇنداقلا خۇدانىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا بىلدۈرىمەن، ــ دېدى. |
پدرزن موسی گفت: «این کار تو درست نیست. | 17 |
مۇسانىڭ قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ قىلغىنىڭ ياخشى بولماپتۇ. |
تو با این کار، خود را از پای در میآوری و قوم را نیز خسته میکنی. تو نمیتوانی این کار سنگین را به تنهایی انجام دهی. | 18 |
سەن جەزمەن ئۆزۈڭنى ھەمدە چۆرەڭدە تۇرغان خەلقنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن؛ چۈنكى بۇ ئىش ساڭا بەك ئېغىر كېلىدۇ. سەن ئۇنى يالغۇز قىلىپ يېتىشەلمەيسەن. |
حرف مرا گوش کن و نصیحت مرا بپذیر و خدا تو را برکت خواهد داد. تو در حضور خدا نمایندهٔ این مردم باش و مسائل و مشکلات ایشان را به او بگو. | 19 |
ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن، مەن ساڭا بىر مەسلىھەت بېرەي ۋە [شۇنداق قىلساڭ،] خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ: ــ سەن ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ئالدىدا خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى خۇداغا مەلۇم قىلغىن؛ |
تو باید قوانین و شریعت خدا را به آنها تعلیم دهی و بگویی که چطور زندگی کنند و چه رفتاری داشته باشند. | 20 |
سەن خەلققە قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىپ، ماڭىدىغان يولنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قانداق بۇرچى بارلىقىنى ئۇقتۇرغىن. |
در ضمن از میان همۀ قوم مردانی کاردان و خداترس و درستکار که از رشوه متنفر باشند انتخاب کن تا آنها در گروههای هزار نفره، صد نفره، پنجاه نفر و ده نفره داور و رهبر باشند. | 21 |
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەن پۈتكۈل خەلقنىڭ ئارىسىدىن خۇدادىن قورقىدىغان، نەپسانىيەتچىلىكنى يامان كۆرىدىغان ھەم قابىلىيەتلىك ھەم دىيانەتلىك ئادەملەرنى تېپىپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. |
آنها باید همیشه آماده باشند تا به مسائل جزئی مردم رسیدگی کنند اما مسائل مهم را نزد تو بیاورند. بگذار رهبران خودشان مسائل جزئی را حل کنند. بدین ترتیب آنها بار تو را سبکتر خواهند کرد. | 22 |
شۇنىڭ بىلەن بۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرىنى سورايدۇ. ئەگەر چوڭ بىر ئىش-دەۋا چىقىپ قالسا، بۇنى ساڭا تاپشۇرسۇن؛ لېكىن ھەممە كىچىك ئىش-دەۋالارنى ئۇلار ئۆزلىرى بېجىرىسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى يېنىكلىتىپ، يۈكۈڭنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ. |
اگر این روش را در پیشگیری و خواست خدا نیز چنین باشد، آنگاه خسته نخواهی شد و قوم نیز در حالی که اختلافشان حل شده است، راضی به خانههای خویش باز خواهند گشت.» | 23 |
ئەگەر شۇنداق قىلساڭ ۋە خۇدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇسا، ئۆزۈڭ [ۋەزىپەڭدە] پۇت تىرەپ تۇرالايسەن ۋە خەلقىڭمۇ خاتىرجەملىك بىلەن ئۆز جايىغا قايتىپ كېتىدۇ، دېدى. |
موسی نصیحت پدرزن خود را پذیرفت و مطابق پیشنهاد او عمل کرد. | 24 |
مۇسا قېينئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ دېگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. |
او مردان کاردانی را برگزید و از میان آنها برای هر هزار نفر، صد نفر، پنجاه نفر و ده نفر قضاتی تعیین کرد. | 25 |
مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل ئارىسىدىن قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ قويدى. |
آنها مرتب به کار قضاوت مشغول بودند و به مشکلات و اختلافات کوچکتر رسیدگی میکردند، ولی برای حل مسائل مهم و پیچیده نزد موسی میآمدند. | 26 |
بۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرىنى سوراپ تۇردى؛ تەسرەك ئىش-دەۋالارنى بولسا، مۇساغا يوللايتتى، كىچىك ئىش-دەۋالارنى بولسا ئۆزلىرى سورايتتى. |
پس از چند روز، موسی پدرزنش را بدرقه کرد و او به ولایت خود بازگشت. | 27 |
ئاندىن مۇسا قېينئاتىسىنى يولغا سېلىپ قويدى، ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. |