آن شب پادشاه خوابش نبرد، پس فرمود کتاب «تاریخ پادشاهان» را بیاورند و وقایع سلطنت او را برایش بخوانند. | 1 |
شۇ كۈنى كېچىسى پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ، تارىخ-تەزكىرىنامىنى ئەكەلدۈردى ۋە بۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ بېرىلدى. |
در آن کتاب، گزارشی را به این مضمون یافت که بغتان و تارش که دو نفر از خواجهسرایان پادشاه بودند و جلوی در کاخ سلطنتی نگهبانی میدادند، قصد کشتن پادشاه را داشتند؛ ولی مردخای از سوء قصد آنها آگاه شد و به پادشاه خبر داد. | 2 |
بىر يەردە: «پادىشاھنىڭ بىگتانا، تەرەش دەيدىغان ئوردا دەرۋازىسىنى باقىدىغان ئىككى ھەرەمئاغىسى بار ئىدى، ئۇلار پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا قول سېلىشقا قەستلىگەندە، موردىكاي بۇ ئىشنى پاش قىلىپ خەۋەر يەتكۈزگەن، دەپ پۈتۈلگەنىدى. |
پادشاه پرسید: «در ازای این خدمت چه پاداشی به مردخای داده شد؟» خدمتگزاران پادشاه گفتند: «پاداشی به او داده نشد.» | 3 |
پادىشاھ: ــ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكايغا قانداق نام-شۆھرەت ۋە ئىززەت-ئىكرام نائىل قىلىندى؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئۇ ھېچ نېمىگە ئېرىشمىدى، ــ دەپ جاۋاپ بېرىشتى پادىشاھنىڭ يېنىدىكى خىزمەتتە بولغان غۇلاملىرى. |
پادشاه گفت: «آیا کسی از درباریان در کاخ هست؟» برحسب اتفاق هامان تازه وارد کاخ شده بود تا از پادشاه اجازه بگیرد که مردخای را دار بزند. | 4 |
ــ ئوردا ھويلىسىدا كىم بار؟ ــ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامان پادىشاھتىن موردىكاينى ئۆزى تەييارلاپ قويغان دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلغىلى كېلىپ، ئوردىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىغا كىرگەنىدى. |
پس خدمتگزاران جواب دادند: «بله، هامان اینجاست.» پادشاه دستور داد: «بگویید بیاید.» | 5 |
ــ مانا، ھامان ھويلىدا تۇرىدۇ، ــ دېيىشتى پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى ئۇنىڭغا. ــ كىرسۇن، ــ دېدى پادىشاھ. |
وقتی هامان آمد، پادشاه به او گفت: «شخصی هست که مایلم به او عزت ببخشم. به نظر تو برای او چه باید کرد؟» هامان با خود فکر کرد: «غیر از من چه کسی مورد عزت و احترام پادشاه است.» | 6 |
ھامان كىرىۋىدى، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ھامان كۆڭلىدە: «پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشى مېنىڭدىن باشقا يەنە كىم بولاتتى؟» ــ دەپ ئويلىدى-دە |
پس جواب داد: «برای چنین شخصی باید ردای پادشاه و اسب سلطنتی او را که با زیورآلات تزیین شده است بیاورند. | 7 |
پادىشاھقا: ــ پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە |
8 |
پادىشاھىم دائىم كىيىدىغان شاھانە كىيىم-كېچەك ۋە دائىم مىنىدىغان ئارغىماق، يەنى بېشىغا شاھانە تاج-بەلگە تاقالغان ئارغىماق ئېلىپ كېلىنىپ، |
آنگاه یکی از امیران عالی رتبهٔ پادشاه آن ردا را به او بپوشاند و او را بر اسب پادشاه سوار کند و در شهر بگرداند و جار بزند: به شخص مورد عزت پادشاه اینچنین پاداش داده میشود.» | 9 |
شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى پادىشاھنىڭ ئەڭ مۇھتەرەم ئەمىرلىرىدىن بىرىگە تۇتقۇزسۇن، ئۇ كىيىمنى پادىشاھىم ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە كىيگۈزۈپ ۋە ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: «قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭسۇن، ــ دېدى. |
پادشاه به هامان فرمود: «ردا و اسب را هر چه زودتر آماده کن و هر چه گفتی با تمام جزئیاتش برای مردخای یهودی که در دربار خدمت میکند انجام بده.» | 10 |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھامانغا: ــ تېز بېرىپ دېگىنىڭدەك شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى ئەپكەل، ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئاۋۇ يەھۇدىي موردىكايغا دەل سۆزۈڭدەك قىلغىن؛ سېنىڭ دېگەنلىرىڭنىڭ بىرەرسىمۇ كەم بولۇپ قالمىسۇن! ــ دېدى. |
پس هامان ردای پادشاه را به مردخای پوشانید و او را بر اسب مخصوص پادشاه سوار کرد و در شهر گرداند و جار زد: «به شخص مورد عزت پادشاه اینچنین پاداش داده میشود.» | 11 |
شۇنداق قىلىپ ھامان شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى ئەكېلىپ، ئالدى بىلەن موردىكايغا شاھانە كىيىمنى كىيگۈزدى، ئاندىن ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇردى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: ــ «مانا، پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭدى. |
سپس مردخای به دربار بازگشت، ولی هامان با سرافکندگی زیاد به خانهاش شتافت | 12 |
موردىكاي يەنىلا ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ باردى؛ ھامان بولسا غەم-قايغۇغا پېتىپ، بېشىنى چۈمكىگەن ھالدا ئالدىراپ-تېنەپ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. |
و موضوع را برای زن خود و همهٔ دوستانش تعریف کرد. زنش و دوستان خردمند او گفتند: «مردخای یک یهودی است و تو نمیتوانی در مقابلش بایستی. اگر وضع به این منوال ادامه یابد شکست تو حتمی است.» | 13 |
ھامان خوتۇنى زەرەشكە ۋە بارلىق دوست-ئاغىنىلىرىگە بېشىغا كەلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى بىلەن خوتۇنى زەرەش بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ موردىكاينىڭ ئالدىدا يېڭىلىشقا باشلاپتىلا؛ ئۇ ئەگەر يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىدىن بولسا، ئۇنى يېڭەلمەيلا، ئەكسىچە سۆزسىز ئۇنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولىدىلا، دېيىشتى. |
در این گفتگو بودند که خواجهسرایان دربار به دنبال هامان آمدند تا او را فوری به ضیافت استر ببرند. | 14 |
ئۇلار تېخى ھامان بىلەن سۆزلىشىۋاتقان چېغىدا، پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ ھاماننى ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە بېرىشقا ئالدىراتتى. |