چه خوب است که انسان دانا باشد و مفهوم هر چیزی را بداند. حکمت چهرهٔ انسان را تابان میسازد و سختی چهرۀ او را نرم میکند. | 1 |
كىم دانا كىشىگە تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنى بىلىدۇ؟ كىشىنىڭ دانالىقى چىرايىنى نۇرلۇق قىلىدۇ، يۈزىنىڭ سۈرىنى يورۇتىدۇ. |
از پادشاه اطاعت کن، زیرا در حضور خدا سوگند وفاداری یاد نمودهای. | 2 |
پادىشاھنىڭ پەرمانىغا قۇلاق سېلىشىڭنى دەۋەت قىلىمەن؛ بولۇپمۇ خۇدا ئالدىدا ئىچكەن قەسەم تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلغىن. |
از زیر بار مسئولیتی که پادشاه به عهدهٔ تو گذاشته شانه خالی نکن و از فرمانش سرپیچی ننما، زیرا او هر چه بخواهد میتواند بکند. | 3 |
ئۇنىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىما؛ يامان بىر دەۋانى قوللاشتا چىڭ تۇرما؛ چۈنكى پادىشاھ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. |
در فرمان پادشاه اقتدار هست و کسی نمیتواند به او بگوید: «چه میکنی؟» | 4 |
چۈنكى پادىشاھنىڭ سۆزى ھوقۇقتۇر؛ كىم ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرى نېمە قىلىلا؟» ــ دېيەلىسۇن؟ |
کسانی که مطیع فرمان او باشند در امان خواهند بود. شخص دانا میداند کی و چگونه فرمان او را انجام دهد. | 5 |
كىم [پادىشاھنىڭ] پەرمانىنى تۇتقان بولسا ھېچ يامانلىقنى كۆرمەيدۇ؛ دانا كىشىنىڭ كۆڭلى ھەم پەيتنى ھەم يولنى پەملىيەلەيدۇ. |
بله، برای انجام دادن هر کاری، وقت و راه مناسبی وجود دارد، هر چند انسان با مشکلات زیاد روبرو باشد. | 6 |
چۈنكى ھەربىر ئىش-ئارزۇنىڭ پەيتى ۋە يولى بار؛ ئىنسان كېيىنكى ئىشلارنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ دەرد-ئەلىمى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ. كىم ئۇنىڭغا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتالىسۇن؟ |
انسان از آینده خبر ندارد و کسی هم نمیتواند به او بگوید که چه پیش خواهد آمد. | 7 |
او قادر نیست از مرگ فرار کند و یا مانع فرا رسیدن روز مرگش بشود. مرگ جنگی است که از آن رهایی نیست و هیچکس نمیتواند با حیله و نیرنگ، خود را از آن نجات دهد. | 8 |
ھېچكىم ئۆز روھىغا ئىگە بولالماس، يەنى ھېچكىمنىڭ ئۆز روھىنى ئۆزىدە قالدۇرۇش ھوقۇقى يوقتۇر؛ ھېچكىمنىڭ ئۆلۈش كۈنىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ھوقۇقى يوقتۇر؛ شۇ جەڭدىن قېچىشقا رۇخسەت يوقتۇر؛ رەزىللىك رەزىللىككە بېرىلگۈچىلەرنى قۇتقۇزماس. |
من دربارهٔ آنچه که در زیر این آسمان اتفاق میافتد، اندیشیدم و دیدم که چطور انسانی بر انسان دیگر ظلم میکند. | 9 |
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، شۇنداقلا قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ھەربىر ئىشقا، ئادەمنىڭ ئادەم ئۈستىگە ھوقۇق تۇتقانلىقى بىلەن ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان مۇشۇ ۋاقىتقا كۆڭۈل قويدۇم. |
دیدم ظالمان مردند و دفن شدند و مردم از سر قبر آنها برگشته در همان شهری که آنها مرتکب ظلم شده بودند، از آنها تعریف و تمجید کردند! این نیز بیهودگی است. | 10 |
شۇنىڭدەك رەزىللەرنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلار ئەسلىدە مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى؛ ئۇلار [مۇقەددەس جايدىن] چىقىپلا، رەزىل ئىشلارنى قىلغان شۇ شەھەر ئىچىدە ماختىلىدۇ تېخى! بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر! |
وقتی خداوند گناهکاران را فوری مجازات نمیکند، مردم فکر میکنند میتوانند گناه کنند و در امان بمانند. | 11 |
رەزىللىك ئۈستىدىن ھۆكۈم تېزدىن بەجا كەلتۈرۈلمىگەچكە، شۇڭا ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭلى رەزىللىكنى يۈرگۈزۈشكە پۈتۈنلەي بېرىلىپ كېتىدۇ. |
اگرچه ممکن است یک گناهکار با وجود گناهان زیادش زنده بماند، ولی بدون شک سعادت واقعی از آن کسانی است که از خدا میترسند و حرمت او را در دل دارند. | 12 |
گۇناھكار يۈز قېتىم رەزىللىك قىلىپ، كۈنلىرىنى ئۇزارتسىمۇ، خۇدادىن قورقىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى ئۇلاردىن ياخشى بولىدۇ دەپ بىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا قورقىدۇ. |
گناهکاران روی خوشبختی را نخواهند دید و عمرشان مانند سایه، زودگذر خواهد بود، زیرا از خدا نمیترسند. | 13 |
بىراق رەزىللەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۈنلىرى سايىدەك تېزلا ئۆتۈپ، كۈنلىرى ئۇزارتىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدا ئالدىدا قورقمايدۇ. |
بیهودگی دیگری نیز در دنیا وجود دارد: گاهی مجازات بدکاران به درستکاران میرسد و پاداش درستکاران به بدکاران. میگویم این نیز بیهودگی است. | 14 |
يەر يۈزىدە يۈرگۈزۈلگەن بىر بىمەنىلىك بار؛ بېشىغا رەزىللەرنىڭ قىلغىنى بويىچە كۈن چۈشىدىغان ھەققانىي ئادەملەر بار؛ بېشىغا ھەققانىي ئادەملەرنىڭ قىلغىنى بويىچە ياخشىلىق چۈشىدىغان رەزىل ئادەملەرمۇ بار. مەن بۇ ئىشنىمۇ بىمەنىلىك دېدىم. |
پس من لذتهای زندگی را ستودم، زیرا در زیر این آسمان چیزی بهتر از این نیست که انسان بخورد و بنوشد و خوش باشد. به این ترتیب او میتواند در تمام زحماتش، از این زندگی که خداوند در زیر آسمان به او داده است، لذت ببرد. | 15 |
شۇڭا مەن تاماشىنى تەرىپلىدىم؛ چۈنكى ئىنسان ئۈچۈن قۇياش ئاستىدا يېيىش، ئىچىش ۋە ھۇزۇر ئېلىشتىن ياخسى ئىش يوقتۇر؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئەمگىكىدىن بولغان مېۋە خۇدا تەقدىم قىلغان قۇياش ئاستىدىكى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ. |
در تلاش شبانه روزی خود برای کسب حکمت و دانستن اموری که در دنیا اتفاق میافتد، | 16 |
كۆڭلۈمنى دانالىقنى ۋە يەر يۈزىدە قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ يېتىش ئۈچۈن قويغاندا، شۇنداقلا خۇدا قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرگىنىمدە شۇنى بايقىدىم: ــ ئىنسان ھەتتا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىگە ئۇيقۇنى كۆرسەتمىسىمۇ، قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئىشنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ؛ ئۇ ئۇنى چۈشىنىشكە قانچە ئىنتىلسە، ئۇ شۇنچە بىلىپ يېتەلمەيدۇ. ھەتتا دانا كىشى «بۇنى بىلىپ يەتتىم» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنى بىلىپ يەتمەيدۇ. |
به این نتیجه رسیدم که انسان قادر نیست آنچه را که خداوند در زیر این آسمان به عمل میآورد، درک کند. هر چه بیشتر تلاش کند کمتر درک خواهد کرد. حتی حکیمان نیز بیهوده ادعا میکنند که قادر به درک آن هستند. | 17 |