هنگامی که تمام این برکتها و لعنتها اتفاق بیفتد و شما در میان قومهای بیگانهای که خداوند، خدایتان شما را به آنجا رانده است سخنان مرا به یاد بیاورید | 1 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بارلىق ئىشلار، يەنى مەن سېنىڭ ئالدىڭدا قويغان بۇ بەرىكەت بىلەن لەنەت بېشىڭغا چۈشكىنىدە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھەيدىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ بۇلارنى ئېسىڭگە ئېلىپ كۆڭۈل بۆلۈپ، |
و به سوی خداوند، خدایتان بازگشت نمایید و شما و فرزندانتان با تمامی دل فرامینی را که امروز به شما دادم اطاعت کنید، | 2 |
ئۆزۈڭ ۋە بالىلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا يېنىپ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن ساڭا ئەمر قىلغان بارلىق ئىشلارغا پۈتۈن قەلبىڭ ۋە پۈتۈن جېنىڭ بىلەن ئىتائەت قىلساڭ، |
آنگاه خداوند، خدایتان شما را از اسارت نجات خواهد داد. او بر شما ترحم خواهد کرد و شما را از بین تمام قومهایی که شما را در آنها پراکنده کرده است جمع خواهد نمود. | 3 |
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ، ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ھەيدىۋەتكەن ئەللەردىن يىغىپ كېلىدۇ. |
اگر در دورترین نقاط دنیا هم باشید او شما را جمع میکند | 4 |
گەرچە ئاراڭلاردىن ھەتتا ئاسمانلارنىڭ چېتىگىچىمۇ ھەيدىلىپ كەتكەنلەر بولسىمۇ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن يىغىپ جەم قىلىپ كېلىدۇ. |
و به سرزمین نیاکانتان باز میگرداند تا دوباره مالک آن شوید. او شما را کامیابتر و پرشمارتر از نیاکانتان خواهد ساخت. | 5 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا كەلتۈرىدۇ ۋە سەن ئۇنى ئىگىلەيسەن؛ ئۇ ساڭا ياخشىلىق قىلىپ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ سانىدىن زىيادە كۆپ قىلىدۇ؛ |
او دلهای شما و فرزندانتان را پاک خواهد کرد تا خداوند، خدایتان را با تمامی دل و جان دوست بدارید و در آن سرزمین زنده بمانید. | 6 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ بىلەن سۆيۈشكە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قەلبىڭنى ۋە نەسىللىرىڭنىڭ قەلبىنى خەتنە قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھايات ياشايسىلەر. |
یهوه خدایتان همه این لعنتها را متوجه دشمنانتان و کسانی که به شما آزار میرسانند خواهد کرد. | 7 |
شۇنداقلا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بۇ ھەممە لەنەتلەرنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە، سىلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلارنىڭ ئۈستىگە، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدۇ. |
پس شما باز از خداوند اطاعت خواهید کرد و همه فرمانهایش را که من امروز به شما میدهم نگاه خواهید داشت. | 8 |
سىلەر بولساڭلار يېنىپ كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ھەممە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىسىلەر. |
یهوه خدایتان شما را در تمام کارهایتان برکت خواهد داد و به شما فرزندان بسیار و گله و محصول فراوان عطا خواهد کرد، چون خداوند بار دیگر از شما راضی خواهد شد، همچنانکه از پدران شما راضی بود. | 9 |
شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار قوللىرىڭلارنىڭ ھەممە ئىشىدا، بەدىنىڭلارنىڭ مېۋىسىنى، چارپاي ماللىرىڭلارنىڭ مېۋىسىنى ۋە يېرىڭنىڭ مېۋىسىنىمۇ ئاۋۇتۇپ سىلەرنى زور ياشنىتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنگەندەك، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن سۆيۈنىدۇ. |
اگر به صدای یهوه خدایتان گوش فرا دهید و از فرمانها و فرایض او که در این کتاب شریعت نوشته شده، اطاعت کنید و با تمامی دل و جان به سوی یهوه خدایتان بازگردید، او از شما خشنود خواهد بود. | 10 |
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بۇ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەن ئەمرلەر بىلەن بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ تەرىپىگە بۇرۇلساڭلارلا، شۇنداق بولىدۇ. |
اطاعت از این فرمان که من امروز به شما میدهم، خارج از توانایی و دور از دسترس شما نیست. | 11 |
چۈنكى مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلىغان بۇ ئەمر سەن ئۈچۈن كارامەت ئىش ئەمەس ياكى سەندىن يىراقمۇ ئەمەس. |
چون این فرمان در آسمان نیست که بگویید: «چه کسی به آسمان بالا خواهد رفت و آن را پایین خواهد آورد تا آن را بشنویم و اطاعت کنیم؟» | 12 |
بۇ ئەمر ئاسماننىڭ ئۈستىدە ئەمەس، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم ئاسمانغا چىقىپ ئۇنى ئېلىپ چۈشۈپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ؟» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. |
و نه در ماورای دریاهاست که بگویید: «چه کسی میتواند به آن سوی دریاها برود و آن را برای ما بیاورد تا آن را بشنویم و اطاعت کنیم؟» | 13 |
ۋە شۇنىڭدەك بۇ ئەمر دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىمۇ ئەمەستۇر، سېنىڭ: «بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىمىز ئۈچۈن كىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ بىزگە ئاڭلىتىدۇ» دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. |
این کلام به شما بسیار نزدیک است؛ آن در دهان و در دل شماست تا بتوانید آن را به جا آورید. | 14 |
چۈنكى بۇ سۆز بولسا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىقىڭ ئۈچۈن ساڭا بەك يېقىن، يەنى ئاغزىڭدا ۋە كۆڭلۈڭدە باردۇر. |
حال گوش کنید، من امروز مرگ و زندگی، بدی و خوبی را در برابر شما قرار دادهام تا یکی را برگزینید. | 15 |
مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلاردا ھايات بىلەن ياخشىلىق، ئۆلۈم بىلەن يامانلىقنى قويدۇم؛ |
من امروز به شما دستور دادهام که یهوه خدایتان را دوست داشته در راه او گام بردارید و فرمانها و فرایض و قوانین او را نگاه دارید تا زنده مانده، قومی بزرگ بشوید و یهوه خدایتان به شما در سرزمینی که تصرف خواهید کرد، برکت بدهد. | 16 |
چۈنكى ئۆزۈم ساڭا ھۆكۈم بېرىپ: ــ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىڭلار، دەپ بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىدىم؛ شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ياشاپ ئاۋۇپ، ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلەيدۇ. |
ولی اگر گوش ندهید و اطاعت نکنید و به دنبال خدایان دیگر بروید و آنها را بپرستید، | 17 |
لېكىن ئەگەر كۆڭلۈڭنى تەتۈر قىلىپ، قۇلاق سالماي ئازدۇرۇلۇپ، باشقا ئىلاھلارغا باش ئۇرۇپ چوقۇنغىلى تۇرساڭ، |
در این صورت همین امروز به شما اعلام میکنم که بدون شک نابود خواهید شد و در سرزمینی که از رود اردن گذر میکنید تا آن را تصرف کنید، عمری طولانی نخواهید داشت. | 18 |
مەن شۇنى بۈگۈن سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىپ قويايكى، سىلەر ھالاك بولماي قالمايسىلەر؛ سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيسىلەر. |
زمین و آسمان را شاهد میگیرم که امروز زندگی و مرگ، برکت و لعنت را در برابر شما قرار دادهام. زندگی را انتخاب کنید تا شما و فرزندانتان زنده بمانید. | 19 |
مەن بۈگۈن ھايات بىلەن ئۆلۈمنى، بەرىكەت بىلەن لەنەتنى ئالدىڭدا قويغىنىمغا ئاسمان بىلەن زېمىننى ئۈستۈڭگە گۇۋاھ بولۇشقا چاقىرىمەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ ۋە نەسلىڭ ياشاي دېسەڭلار، ھاياتنى تاللىۋال؛ |
خداوند، خدایتان را دوست داشته، از او اطاعت کنید و به او بچسبید، زیرا او زندگی شماست و به شما و فرزندانتان در سرزمینی که با سوگند به پدرانتان ابراهیم و اسحاق و یعقوب وعده داده است، عمری طولانی عطا خواهد فرمود. | 20 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭغا باغلانغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭنىڭ ئۇزۇنلۇقىدۇر؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا: «مەن سىلەرگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىسەن». |