< تثنیه 23 >

مردی که بیضه‌هایش له شده و یا آلت تناسلی‌اش بریده شده باشد، نباید داخل جماعت خداوند شود. 1
كىمكى سوقۇلۇش ياكى كېسىلىش تۈپەيلىدىن ئاختا قىلىۋېتىلگەن بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن.
شخص حرامزاده و فرزندان او تا ده نسل نباید وارد جماعت خداوند شوند. 2
كىمكى ھارامدىن تۇغۇلغان بولسا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرەلمەس؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە مۇنداقلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن.
از قوم عمونی یا موآبی هیچ‌کس وارد جماعت خداوند نشود حتی بعد از نسل دهم. 3
ھېچبىر ئاممونىي ۋە يا ھېچبىر موئابىي پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە ئۇلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ھەرگىز كىرمىسۇن.
این دستور بدان سبب است که وقتی از مصر بیرون آمدید این قومها با نان و آب از شما استقبال نکردند و حتی بلعام، پسر بعور، اهل فتور را از بین‌النهرین اجیر کردند تا شما را لعنت کند. 4
سەۋەب شۇكى، سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلار ئالدىڭلارغا يېمەكلىك، سۇ ئېلىپ چىقمىدى ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشقا سىلەرنى قارغىسۇن دەپ، ئارام-ناھارائىمدىكى پېتورلۇق بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى ياللىدى.
ولی یهوه خدایتان به بلعام گوش نکرد و در عوض چون شما را دوست داشت آن لعنت را به برکت تبدیل نمود. 5
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا بالائامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن قارغىشنى بەرىكەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مۇھەببەت باغلىغان.
پس هرگز تا زمانی که زنده هستید نباید با عمونی‌ها و موآبی‌ها صلح کنید و با آنها رابطهٔ دوستی برقرار نمایید. 6
سىلەر ھەممە كۈنلىرىڭلاردا [ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار]نىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە بەختىنى ھەرگىز ئىستىمەڭلار.
ولی ادومی‌ها را دشمن نشمارید، زیرا برادران شما هستند. مصری‌ها را نیز دشمن نشمارید، زیرا زمانی در میان ایشان زندگی می‌کردید. 7
لېكىن ئېدومىيلار قېرىندىشىڭلار بولغاچ، ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قارىماڭلار. مىسىرلىقلارغىمۇ نەپرەت بىلەن قارىماڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىدىڭلار.
نسل سوم ادومی‌ها و مصری‌ها می‌توانند به جماعت خداوند داخل شوند. 8
بۇلارنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ.
در زمان جنگ، مردانی که در اردوگاه هستند باید از هر نوع ناپاکی دوری کنند. کسی که به خاطر انزال شبانه، نجس می‌شود باید از اردوگاه خارج گردد 9
دۈشمەنلىرىڭگە قارشى جەڭگە چىقىپ چېدىر تىكسەڭ، ھەرخىل ناپاكلىقتىن ئېھتىيات قىلغىن.
10
ئەگەر ئاراڭلاردا كېچىسى بىرسى چۈشىدە شەيتان ئاتلاپ ناپاك بولغان بولسا، ئۇ چېدىرگاھدىن چىقىپ كەتسۇن؛ چېدىرگاھقا ئۇدۇللا كىرمىسۇن؛
و تا غروب بیرون بماند. سپس خود را شسته، هنگام غروب بازگردد. 11
كەچقۇرۇن كىرگەندە ئۇ سۇغا چۈشۈپ، كۈن پاتقاندا چېدىرگاھغا يېنىپ كىرسۇن.
مستراحها باید بیرون اردوگاه باشند. 12
[ھاجىتىڭلار] ئۈچۈن چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بىر جايىڭلار بولسۇن؛ تەرەتكە شۇ يەرگە بېرىڭلار.
هر کس باید در بین ابزار خود وسیله‌ای برای کندن زمین داشته باشد و بعد از هر بار قضای حاجت، با آن گودالی حفر کند و مدفوعش را بپوشاند. 13
سايمانلىرىڭ ئىچىدە بىر گۈرجەك بولسۇن؛ سەن سىرتتا تەرەتكە ئولتۇرساڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆرەك كولاپ تەرىتىڭنى كۆمۈۋەت.
اردوگاه باید پاک باشد، چون خداوند در میان شما قدم می‌زند تا شما را محافظت فرماید و دشمنانتان را مغلوب شما سازد. اگر او چیز ناپسندی ببیند، ممکن است روی خود را از شما برگرداند. 14
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزۇشقا، دۈشمەنلىرىڭنى ئالدىڭلارغا تاپشۇرۇشقا چېدىرگاھىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىدۇ؛ شۇڭا سېنىڭ چېدىرگاھىڭ پاك بولسۇن. بولمىسا ئۇ سېنىڭكىدە بىرەر پاسكىنىلىق كۆرسە سەندىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
اگر برده‌ای از نزد اربابش فرار کرده، به شما پناه آورد، نباید او را مجبور کنید که نزد اربابش برگردد. 15
ئۆز خوجىسىدىن قېچىپ يېنىڭغا كەلگەن قۇلنى ئۆز خوجىسىغا تۇتۇپ بەرمىگىن.
بگذارید در هر شهری که مایل است در میان شما زندگی کند و بر او ظلم نکنید. 16
ئۇ ئاراڭلاردا سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، قايسى شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئىچىدە قايسى يەرنى تاللىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن. سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار.
از دختران اسرائیلی کسی نباید در معبد بت‌پرستان روسپیگری کند، و از پسران اسرائیلی کسی نباید لوّاط شود. 17
ئىسرائىلنىڭ قىزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە بولمىسۇن، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە ھەزىلەك بولمىسۇن.
هیچگونه هدیه‌ای را که از درآمد یک روسپی یا یک لواط تهیه شده باشد به خانهٔ خداوند نیاورید، چون هر دو در نظر یهوه خدایتان نفرت‌انگیز هستند. 18
بىر قەسەمنى بەجا كەلتۈرمەك ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە پاھىشىنىڭ پۇلىنى ياكى ھەزىلەكنىڭ پۇلىنى كەلتۈرمىگىن؛ چۈنكى بۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىكتۇر.
وقتی به برادر اسرائیلی خود پول، غذا یا هر چیز دیگری قرض می‌دهید، از او بهره نگیرید. 19
سىلەر ئۆز قېرىندىشىڭلاردىن ئۆسۈم ئالماڭلار؛ پۇلنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن، ئاشلىقنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن ياكى ھەرقانداق ئۆسۈم ئالغۇدەك باشقا نەرسىنىڭ ئۆسۈمىنى ئالساڭلار بولمايدۇ.
از یک غریبه می‌توانید بهره بگیرید، ولی نه از یک اسرائیلی. اگر این قانون را رعایت کنید خداوند، خدایتان زمانی که وارد سرزمین موعود شوید به شما برکت خواهد داد. 20
ئەمما چەتئەللىكتىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن قېرىندىشىڭلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندا، قوللىرىڭلارنىڭ بارلىق ئەمگىكىدە سىلەرگە بەرىكەت بېرىدۇ.
هنگامی که برای خداوند نذر می‌کنید نباید در وفای آن تأخیر کنید، چون خداوند می‌خواهد نذرهای خود را به موقع ادا کنید. ادا نکردن نذر، گناه محسوب می‌شود. 21
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ھايال قىلما. بولمىسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى سەندىن تەلەپ قىلغىنىدا گۇناھكار بولىسەن.
(ولی اگر از نذر کردن خودداری کنید، گناهی انجام نداده‌اید.) 22
لېكىن ئەگەر سەن بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلمىساڭ، ئۇ ساڭا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.
بعد از اینکه نذر کردید باید دقت کنید هر چه را که گفته‌اید ادا کنید، زیرا با میل خود به خداوند، خدایتان نذر کرده‌اید. 23
ئاغزىڭدىن چىققانغا ئەمەل قىلغىن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قەسەم قىلىپ ئاتىغىنىڭنى، يەنى ئاغزىڭنىڭ سۆزى بويىچە ئىختىيارىي ھەدىيەڭنى سۇنۇشۇڭ كېرەك.
از انگورهای تاکستان دیگران، هر قدر که بخواهید می‌توانید بخورید، اما نباید انگور را در ظرف ریخته با خود ببرید. 24
سەن قوشناڭنىڭ تاللىقىغا كىرسەڭ خالىغىنىڭچە يەپ تويۇن، ئەمما قاچا-قۇچاڭغا ئېلىپ ماڭمىغىن.
همین‌طور وقتی داخل کشتزار همسایهٔ خود می‌شوید، می‌توانید با دست خود خوشه‌ها را بچینید و بخورید، ولی حق داس زدن ندارید. 25
قوشناڭنىڭ پىشقان زىرائەتلىكىگە كىرسەڭ، قولۇڭ بىلەن زىرائەتنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ ئالساڭ بولىدۇ؛ ئەمما قوشناڭنىڭ زىرائەتلىرىگە ئورغاق سالغۇچى بولما.

< تثنیه 23 >