وقتی به سرزمینی میرسید که خداوند، خدای پدرانتان آن را به شما داده است، باید این فرایض و قوانین را تا وقتی که در آن سرزمین زندگی میکنید، اطاعت نمایید. | 1 |
ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان زېمىندا تۇرغاندا، يەر يۈزىدىكى بارلىق كۈنلىرىڭلاردا كۆڭۈل قويۇپ تۇتۇشۇڭلار كېرەك بولغان بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەر مانا مۇنۇلاردۇر: ــ |
در هر جا که بتخانهای میبینید، چه در بالای کوهها و تپهها، و چه در زیر هر درخت سبز، باید آن را نابود کنید. | 2 |
سىلەر ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ ئېگىز تاغلار، دۆڭلەر ۋە ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدىكى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولغان ئىبادەتگاھلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭلار كېرەك؛ |
مذبحهای بتپرستان را بشکنید، ستونهایی را که میپرستند خرد کنید، مجسمههای شرمآورشان را بسوزانید و بتهای آنها را قطعهقطعه کنید و چیزی باقی نگذارید که شما را به یاد آنها بیندازد. | 3 |
ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىڭلار ۋە ئاشەراھلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ ئىلاھلىرىنىڭ ئويما مەبۇدلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار؛ ئۇلارنىڭ ئىسىم-ناملىرىنىمۇ شۇ يەردىن يوقىتىشىڭلار كېرەك. |
مانند بتپرستان در هر جا برای خداوند، خدایتان قربانی نکنید، بلکه در محلی که خودش در میان قبیلههای اسرائیل به عنوان عبادتگاه خود انتخاب میکند، او را عبادت نمایید. | 4 |
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خىزمىتىدە ئۇلاردەك قىلماڭلار، |
5 |
بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى تىكلەش ئۈچۈن بارلىق قەبىلىلىرىڭلارنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان، ئۆز تۇرالغۇسى بولغان جاينى ئىزدەڭلار، شۇ يەرگە كېلىڭلار؛ |
قربانیهای سوختنی و سایر قربانیها، یک دهم داراییتان، هدایای مخصوص، هدایای نذری، هدایای داوطلبانه، و نخستزادههای گلهها و رمههایتان را به آنجا بیاورید. | 6 |
شۇ يەرگە سىلەر كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلەرنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلەرنى ۋە قوي-كالا پادىلىرىڭلارنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى ئەكىلىسىلەر؛ |
در آنجا شما و خانوادههایتان در حضور خداوند، خدایتان خواهید خورد و از دسترنج خود لذت خواهید برد، زیرا او شما را برکت داده است. | 7 |
سىلەر ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا زىياپەت قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلىگەن قول ئەمگىكىڭلارنىڭ مېۋىسىدىن شادلىنىسىلەر. |
وقتی به سرزمینی که در آنجا خداوند، خدایتان به شما صلح و آرامش میبخشد رسیدید، دیگر نباید مثل امروز هر جا که خواستید او را عبادت کنید. | 8 |
سىلەر بىز بۈگۈن قىلغىنىمىزدەك، يەنى ھەربىرىڭلار ئۆز بىلگىنىڭلارچە قىلغىنىڭلاردەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك؛ |
9 |
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان ئاراملىق ھەم مىراسقا تېخى يېتىپ كەلمىدىڭلار. |
زمانی که از رود اردن بگذرید و در آن سرزمین اقامت کنید و یهوه خدایتان به شما آرامش ببخشد و شما را از دست دشمنانتان حفظ کند، | 10 |
بىراق سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، شۇنداقلا ئۇ سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق دۈشمەنلىرىڭلاردىن قۇتقۇزۇپ ئارام بەرگەندىن كېيىن، سىلەر تىنچ-ئامان تۇرغاندا، |
آنگاه باید تمام قربانیها و هدایای خود را که به شما امر کردهام به عبادتگاه یهوه خدایتان در محلی که خود انتخاب خواهد کرد بیاورید: قربانیهای سوختنی و دیگر قربانیها، دهیکها، هدایای مخصوص و همۀ بهترین هدایای نذری خود را که برای خداوند نذر کردهاید. | 11 |
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى قويىدىغان بىر جاي بولىدۇ؛ سىلەر شۇ يەرگە كۆيدۈرمە ۋە ئىناقلىق قاتارلىق قۇربانلىقىڭلارنى، مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلەرنى، قولۇڭلاردىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەلەرنى ئەكىلىسىلەر؛ |
در آنجا با پسران و دختران، غلامان و کنیزان خود، در حضور یهوه خدایتان شادی کنید. به خاطر داشته باشید که لاویان شهرتان را به جشن و شادی خود دعوت کنید، چون ایشان زمینی از خود ندارند. | 12 |
ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا شادلىنىسىلەر، يەنى سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل-دېدەكلىرىڭلار ۋە سىلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار (چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر) ھەممىڭلار شادلىنىسىلەر. |
قربانیهای سوختنی خود را نباید در هر جایی که رسیدید قربانی کنید. | 13 |
سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى ئۇدۇل كەلگەن جايلاردا قىلماسلىق ئۈچۈن كۆڭۈل قويغىن؛ |
آنها را فقط در جایی میتوانید قربانی کنید که خداوند در میان یکی از قبیلههای شما انتخاب کرده باشد. در آنجا هر آنچه من به شما فرمان میدهم به جا آورید. | 14 |
پەقەت پەرۋەردىگار ھەممە قەبىلىلىرىڭنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن تاللىغان جايدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى قىل ۋە شۇ جايدا مېنىڭ ساڭا بارلىق تاپىلىغىنىمغا ئەمەل قىل. |
ولی حیواناتی را که گوشتشان را میخورید میتوانید در هر جا سر ببرید همانطور که غزال و آهو را سر میبرید. از این گوشت هر قدر میل دارید و هر وقت که یهوه خدایتان به شما بدهد، بخورید. کسانی که نجس باشند نیز میتوانند آن را بخورند. | 15 |
ھالبۇكى، سەن كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە شەھەر-يېزىلىرىڭدا ھالال ھايۋانلارنى سويۇپ (خۇددى جەرەن ياكى كېيىك گۆشىدىن يېگەنگە ئوخشاش)، گۆش يېسەڭ بولىدۇ؛ مەيلى پاك، مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ. |
تنها چیزی که نباید بخورید خون آن است که باید آن را مثل آب بر زمین بریزید. | 16 |
سىلەر پەقەت ئۇنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك؛ سىلەر قېنىنى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىشىڭلار كېرەك. |
ولی هیچکدام از هدایا را نباید در خانه بخورید، نه دهیک غله و شراب تازه و روغن زیتونتان و نه نخستزادهٔ گلهها و رمههایتان و نه چیزی که برای خداوند نذر کردهاید و نه هدایای داوطلبانه و نه هدایای مخصوصتان. | 17 |
سەن ئاشلىقتىن، يېڭى شارابتىن، زەيتۇن مېيىدىن ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرىلىرىڭنى ياكى كالا-قوي پادىلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنى، ياكى قەسەمگە باغلىق ھەدىيەلىرىڭنى، ئىختىيارىي ھەدىيەلىرىڭنى ياكى قولۇڭدىكى كۆتۈرمە ھەدىيەلىرىڭنى شەھەر-يېزىلىرىڭدا يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ |
همهٔ اینها را باید به مذبح بیاورید و همراه فرزندان خود و لاویانی که در شهر شما هستند، در آنجا در حضور خداوند، خدایتان آن خوراکیها را بخورید. او به شما خواهد گفت که این مذبح در کجا باید ساخته شود. در هر کاری که میکنید در حضور خداوند، خدایتان شادی کنید. | 18 |
بەلكى بۇلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا يېيىشىڭ كېرەك، يەنى سەن، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇل-دېدىكىڭ ۋە سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار بىرگە يېسەڭ بولىدۇ؛ ۋە سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ئەمگىكىڭنىڭ بارلىق مېۋىسىدىن شادلىنىسەن. |
مواظب باشید تا وقتی که در زمینِ خود زندگی میکنید، لاویان را فراموش نکنید. | 19 |
ئۆزۈڭگە ھېزى بولغىنكى، سەن زېمىندا تۇرغان بارلىق كۈنلىرىڭدە لاۋىيلاردىن ۋاز كەچمەسلىكىڭ كېرەك. |
هنگامی که خداوند، خدایتان طبق وعدهٔ خود مرزهایتان را توسعه دهد اگر مذبح از شما دور باشد آنگاه میتوانید گلهها و رمههایتان را که خداوند به شما میبخشد، در هر وقت و در هر جا که خواستید سر ببرید و بخورید، همانطور که غزال و آهویتان را سر میبرید و میخورید. حتی اشخاصی که نجس هستند میتوانند آنها را بخورند. اما مواظب باشید گوشت را با خونش که بدان حیات میبخشد، نخورید، | 20 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ۋەدە قىلغاندەك چېگرالىرىڭنى كېڭەيتكەندە، سەن كۆڭلۈڭ تارتىپ: «گۆش يەيمەن» دېسەڭ، سەن كۆڭلۈڭنىڭ تارتقىنىچە گۆش يېسەڭ بولىدۇ. |
21 |
ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز نامىنى قويۇشقا تاللايدىغان جاي سەندىن بەك يىراق بولسا، سەن پەرۋەردىگار ساڭا تەقدىم قىلغان كالا-قويلاردىن ئېلىپ سويىسەن؛ مەن ساڭا تاپىلىغاندەك ئۇلارنى سويىسەن ۋە شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە بوغۇزلاپ يەيسەن. |
22 |
جەرەن ياكى كېيىك يېگەندەك ئۇلارنى يەيسەن؛ مەيلى پاك مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ. |
23 |
پەقەت شۇنىڭدىن ھېزى بولغىنكى، ئۇلارنىڭ قېنىنى يېمە؛ چۈنكى جان دېگەن قاندىدۇر؛ سەن گۆشنى جان بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭ كېرەك. |
بلکه خون را مثل آب بر زمین بریزید. اگر چنین کنید، خداوند از شما راضی خواهد شد و زندگی شما و فرزندانتان به خیر خواهد بود. | 24 |
سەن قاننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ بەلكى ئۇنى سۇنى يەرگە تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋەت. |
25 |
سەن ئۇنى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى بالىلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن. |
آنچه را که به خداوند وقف میکنید، و هدایایی را که نذر کردهاید و قربانیهای سوختنی خود را به مذبح ببرید. اینها را باید فقط بر مذبح خداوند، خدایتان قربانی کنید. خون را باید روی مذبح ریخته، گوشت آن را بخورید. | 26 |
بىراق سەندىكى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ۋە قەسەمگە باغلىق نەرسىلەرنى بولسا، سەن ئۇلارنى ئېلىپ پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايغا ئاپىرىسەن؛ |
27 |
سەن [شۇ يەردە] پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھى ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭنى، گۆش بىلەن قېنىنى سۇنغىن؛ باشقا قۇربانلىقلىرىڭنىڭ قېنىنىمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھى ئۈستىدە قۇيغىن ۋە گۆشىنى يېگىن. |
مواظب باشید آنچه را که به شما امر میکنم، اطاعت کنید. اگر آنچه در نظر خداوند، خدایتان پسندیده است انجام دهید، همه چیز برای شما و فرزندانتان تا به ابد به خیر خواهد بود. | 28 |
مەن ساڭا تاپىلىغان بۇ بارلىق سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ كۆڭۈل بۆلگىن. شۇنداق قىلساڭ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن ۋە ئۆز ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ. |
وقتی یهوه خدای شما، قومهای سرزمینی را که در آن زندگی خواهید کرد نابود کند، | 29 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سەن بارىدىغان يەردىكى ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى سېنىڭ ئالدىڭدا يوقىتىدۇ. شۇ چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەپ شۇ يەردە تۇرغىنىڭدا، |
در پرستیدن خدایانشان از ایشان پیروی نکنید و گرنه در دام مهلکی گرفتار خواهید شد. نپرسید که این قومها چگونه خدایانشان را میپرستند و بعد رفته مثل آنها پرستش کنید. | 30 |
شۇ ئەللەر ئالدىڭدا يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭگە ھېزى بول ۋە: ــ «بۇ ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىنى قانداق تۇتقان بولغىيدى؟ مەنمۇ شۇنداق قىلىپ باقايچۇ!» دەپ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ھېچ ئىزدىمە. |
هرگز نباید چنین اهانتی به خداوند، خدایتان بکنید. این قومها کارهای ناپسندی را که خداوند از آنها نفرت دارد، برای خدایانشان بجا میآورند. آنها حتی پسران و دخترانشان را برای خدایانشان میسوزانند. | 31 |
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ خىزمىتىدە بولغىنىڭدا قەتئىي ئۇلارنىڭ يولى بويىچە ئىش تۇتماسلىقىڭ كېرەك؛ چۈنكى نېمە ئىش پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك بولسا، نېمە ئىش ئۇنىڭغا نەپرەتلىك بولسا، ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرى ئۈچۈن شۇ ئىشلارنى قىلغان؛ ئۇلار ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنى ۋە قىزلىرىنىمۇ ئىلاھلىرىغا ئاتاپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ كەلگەن. |
تمام فرمانهایی را که به شما میدهم اطاعت کنید. چیزی به آنها نیافزایید و چیزی هم از آنها کم نکنید. | 32 |
مەن سىلەرگە تاپىلىغانلىكى ئەمەللەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛ ئۇنىڭغا ھېچ نېمە قوشماڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى چىقىرىۋەتمەڭلار. |