در رؤیایی که خداوند به من نشان داد دیدم برداشت محصول اول غله که سهم پادشاه بود تمام شده و محصول دوم، تازه سبز شده بود. سپس دیدم خداوند انبوهی ملخ فرستاد. | 1 |
رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتىكى ــ كېيىنكى ئوت-چۆپ باش تارتقان ۋاقتىدا، مانا ئۇ چېكەتكىلەرنى ياسىدى (بۇ پادىشاھ ئۆزىگە ئوت-چۆپ ئورغاندىن كېيىنكى، ئىككىنچى قېتىملىق ئوت-چۆپ ئۆسكەن ۋاقىت ئىدى) |
ملخها هر چه سر راهشان بود، خوردند. آنگاه من گفتم: «ای خداوند، التماس میکنم قوم خود را ببخش و این آفت را از آنها دور کن، زیرا اسرائیل کوچک و ضعیف است و نمیتواند طاقت بیاورد.» | 2 |
ھەم شۇنداق بولدىكى، چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئوت-چۆپنى قالدۇرماي يەۋەتكەندىن كېيىن، مەن: ــ «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، كەچۈرگەيسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم. |
خداوند نیز ترحم فرمود و گفت: «این بلا را نمیفرستم.» | 3 |
پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنداق قىلىشتىن ياندى: «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى پەرۋەردىگار. |
آنگاه خداوند، آتش بزرگی را که برای مجازات آنها تدارک دیده بود، به من نشان داد. این آتش آبهای عمیق دریا را بلعید و تمام زمین را سوزانید. | 4 |
رەب پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتتى ــ مانا، رەب پەرۋەردىگار [خەلقى] بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئوتنى چاقىردى؛ ئوت ھەتتا چوڭقۇر دېڭىزنىمۇ قۇرۇتتى، مىراس بولغان زېمىننىمۇ يەپ كەتتى؛ |
گفتم: «ای خداوند، التماس میکنم این کار را نکن، زیرا اسرائیل کوچک و ضعیف است و نمیتواند طاقت بیاورد.» | 5 |
ئەمدى مەن: ــ «ئى رەب پەرۋەردىگار، ئۆتۈنۈپ قالاي، توختىغايسەن! ياقۇپ قانداقمۇ چىدىيالايدۇ؟ ئۇ كىچىك تۇرسا!» ــ دېدىم. |
پس خداوند از این نقشه هم منصرف شد و فرمود: «این کار را نیز نخواهم کرد.» | 6 |
پەرۋەردىگار شۇنداق قىلىشتىن ياندى: «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى رەب پەرۋەردىگار. |
سپس، این رؤیا را به من نشان داد: خداوند در کنار دیوار راستی که با شاقول تراز شده بود ایستاده، با شاقول آن را امتحان میکرد تا ببیند تراز است یا نه. | 7 |
ئەمدى ئۇ ماڭا [مۇنداق بىر ئىشنى] كۆرسەتتى ــ ۋە مانا، رەب تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن قوپۇرۇلغان تام تۈۋىدە، قولىدا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تۇتقىنىچە تۇراتتى؛ |
آنگاه خداوند به من فرمود: «عاموس، چه میبینی؟» گفتم: «یک شاقول.» خداوند فرمود: «من بهوسیلۀ شاقول، قومم را امتحان میکنم و این بار، دیگر از مجازات کردن آنها منصرف نخواهم شد. | 8 |
ۋە پەرۋەردىگار مەندىن: ــ «ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى» ــ دېدىم. رەب: «مەن يەنە ئۆز خەلقىم ئىسرائىل ئوتتۇرىسىغا تىك ئۆلچىگۈچ يىپنى تىكلەيمەن؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن؛ |
بتخانههای اسرائیل نابود خواهند شد و عبادتگاهایشان ویران خواهند گشت، و من بر ضد خاندان یِرُبعام، با شمشیر برخواهم خاست.» | 9 |
ھەم ئىسھاقنىڭ «يۇقىرى جايلىرى» ھالاك بولىدۇ، ئىسرائىلنىڭ تاۋاپگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ يەرەبوئام جەمەتىگە قىلىچ بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئورنۇمدىن تۇرىمەن» ــ دېدى. |
اما وقتی اَمَصیا، کاهن بیتئیل، آنچه را که عاموس میگفت شنید، با عجله این پیغام را برای یربعام پادشاه فرستاد: «عاموس به قوم ما خیانت میکند و علیه تو توطئه میچیند. سخنان او غیرقابل تحمل است. | 10 |
شۇنىڭ بىلەن بەيت-ئەلدىكى كاھىن ئامازىيا ئىسرائىل پادىشاھى يەرەبوئامغا خەۋەر يوللاپ: ــ «ئاموس ئىسرائىل جەمەتى ئارىسىدا تۇرۇپمۇ سىلىگە سۇيىقەست قىلدى؛ زېمىن ئۇنىڭ قىلغان بارلىق گەپلىرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. |
عاموس میگوید تو کشته میشوی و قوم اسرائیل به سرزمینهای دور دست به تبعید و اسارت برده میشوند.» | 11 |
چۈنكى ئاموس: ــ «يەرەبوئام قىلىچتا ئۆلىدۇ، ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ!» ــ دەيدۇ» ــ دېدى. |
آنگاه اَمَصیا به عاموس گفت: «ای نبی، از سرزمین ما خارج شو! به سرزمین یهودا بازگرد و در آنجا نبوّت کن و نان بخور. | 12 |
ئاندىن ئامازىيا ئاموسقا: ــ ھەي ئالدىن كۆرگۈچى! بەس، يوقال، يەھۇدا زېمىنىغا قاچ، ئاشۇ يەردە بېشارەت بېرىپ، شۇ يەردە نان تېپىپ يە! |
دیگر در بیتئیل برای ما نبوّت نکن، چون عبادتگاه پادشاه و مقر سلطنتی او در اینجا قرار دارد.» | 13 |
بىراق بەيت-ئەلدە يەنە بېشارەت بەرمە؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ تاۋاپگاھى، شاھلىق ئۆيدۇر، ــ دېدى. |
ولی عاموس جواب داد: «من نه نبی هستم، نه از نسل انبیا. کارم چوپانی و چیدن میوههای صحرایی بود، | 14 |
ئاموس ئامازىياغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن ئەسلى پەيغەمبەر ئەمەس ئىدىم، ياكى پەيغەمبەرنىڭ ئوغلىمۇ ئەمەسمەن؛ بەلكى مەن بىر چارۋىچى، شۇنداقلا ئېرەن دەرەخلىرىنىڭ مېۋىسىنى تەرگۈچى ئىدىم. |
اما خداوند مرا از کار چوپانی گرفت و گفت:”برو و برای قوم من اسرائیل نبوّت کن.“ | 15 |
بىراق پادا بېقىۋاتقان چېغىمدا پەرۋەردىگار مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە ماڭا: «بارغىن، خەلقىم ئىسرائىلغا بېشارەت بەر» ــ دېدى. |
ولی تو به من میگویی که بر ضد اسرائیل پیشگویی نکنم، پس به پیامی که خداوند برای تو دارد گوش کن: | 16 |
ئەمدى، ئى ئامازىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال! سەن ماڭا: «ئىسرائىلنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەتلەرنى بەرمە، ئىسھاق جەمەتىنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئېيتما»، دېدىڭ. |
”چون در کار خداوند دخالت کردی، زنت در همین شهر فاحشه خواهد شد، پسران و دخترانت کشته خواهند شد و املاکت تقسیم خواهد گردید. خودت نیز در سرزمین بیگانه خواهی مرد و قوم اسرائیل از وطن خود تبعید شده، به اسارت خواهند رفت.“» | 17 |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ بىلەن قىرىلىدۇ ۋە زېمىنىڭ ئۆلچەش تانىسى تارتىلىشى بىلەن پارچىلىنىدۇ؛ سەن ناپاك بىر زېمىندا ئۆلىسەن؛ ۋە ئىسرائىل ئەسىرگە ئېلىنىپ ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن بولماي قالمايدۇ»». |