یک روز بعد از ظهر پطرس و یوحنا به معبد میرفتند تا مانند هر روز در مراسم دعای ساعت سه شرکت کنند. | 1 |
بىر كۈنى ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىنىدىغان ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا چىقىپ بارغانىدى. |
وقتی به نزدیکی معبد رسیدند، مردی را دیدند که لنگ مادرزاد بود. هر روز او را میآوردند و در کنار یکی از دروازههای معبد که «دروازۀ زیبا» نام داشت میگذاشتند تا از کسانی که وارد معبد میشدند گدایی کند. | 2 |
شۇ پەيتتە بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى. |
وقتی پطرس و یوحنا میخواستند وارد معبد شوند، آن مرد از ایشان پول خواست. | 3 |
ئۇ پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. |
ایشان به او خیره شدند. سپس پطرس گفت: «به ما نگاه کن!» | 4 |
پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭغا نەزىرىنى سالدى. پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ بىزگە قارا! ــ دېدى. |
گدای لنگ به امید اینکه چیزی به او بدهند، با اشتیاق به ایشان نگاه کرد. | 5 |
ئۇ ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. |
پطرس گفت: «من نقره یا طلایی ندارم که به تو بدهم! اما آنچه را که دارم، به تو میدهم! در نام عیسی مسیح ناصری به تو دستور میدهم که برخیزی و راه بروی!» | 6 |
بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق؛ لېكىن قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! ــ دېۋىدى، |
سپس دست او را گرفت و از زمین بلندش کرد. در همان لحظه پاها و قوزک پاهای او صحیح و سالم شد و قوت گرفت، | 7 |
ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرى شۇئان كۈچلەندۈرۈلۈپ، |
به طوری که از جا پرید، لحظهای روی پاهای خود ایستاد و به راه افتاد! آنگاه در حالی که بالا و پایین میپرید و خدا را شکر میکرد، با پطرس و یوحنا داخل معبد شد. | 8 |
ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى. |
اشخاصی که آنجا بودند، او را دیدند که راه میرود و خدا را شکر میکند، | 9 |
بارلىق خالايىق ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ |
و پی بردند که او همان گدای لنگی است که هر روز در کنار «دروازهٔ زیبای» معبد مینشست، بیاندازه تعجب کردند! | 10 |
ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىدا سەدىقە تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭدا يۈز بەرگىنىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. |
پس همه به طرف ایوان سلیمان هجوم بردند و او را دیدند که کنار پطرس و یوحنا بود و از آنها جدا نمیشد. آنگاه با احترام ایستادند و با حیرت به این واقعهٔ عجیب خیره شدند. | 11 |
[ساقايغان كىشى] پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغاندا، ھەيران بولۇشقان بارلىق خەلق ئۇلارنىڭ يېنىغا [ئىبادەتخانىدىكى] «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. |
پطرس از این فرصت استفاده کرد و به گروهی که در آنجا گرد آمده بودند گفت: «ای مردان اسرائیلی، چرا اینقدر تعجب کردهاید؟ چرا اینچنین به ما خیره شدهاید؟ مگر خیال میکنید که ما با قدرت و دینداری خودمان این شخص را شفا دادهایم؟ | 12 |
بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئىسرائىللار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىز خۇددى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىمىز ياكى ئىخلاسمەنلىكىمىزگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇرغاندەك بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟ |
خدای ابراهیم، اسحاق، یعقوب که خدای اجداد ماست با این معجزه، خدمتگزار خود عیسی را سرافراز کرده است. منظورم همان عیسی است که شما تسلیمش کردید و در حضور پیلاتُس انکارش نمودید، در صورتی که پیلاتُس میخواست او را آزاد سازد. | 13 |
ئەمەلىيەتتە بولسا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۆز خىزمەتكارى بولغان ئەيسانى شان-شەرەپ بىلەن ئۇلۇغلىغان. بىراق سىلەر بولساڭلار شۇ ئەيسانى [رىملىقلارغا] تۇتۇپ بەردىڭلار؛ ئاندىن [ۋالىي] پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن تېنىپ رەت قىلىشتىڭلار. |
بله، شما نخواستید او آزاد شود، بلکه آن مرد پاک و مقدّس را رد کردید، و اصرار داشتید به جای او یک قاتل آزاد شود. | 14 |
مانا سىلەر مۇقەددەس ۋە ھەققانىي بولغۇچىدىن تېنىپ، ئۇنى رەت قىلىپ [ۋالىي پىلاتۇستىن] ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. |
شما سرچشمۀ حیات را کشتید، ولی خدا او را زنده کرد. من و یوحنا شاهد این واقعه هستیم چون بعد از آنکه او را کشتید، ما او را زنده دیدیم! | 15 |
شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، بىز مانا بۇنىڭغا گۇۋاھچىدۇرمىز. |
«شما خود میدانید که این مرد فقیر قبلاً لنگ بود. اما اکنون، نام عیسی او را شفا داده است، یعنی ایمان به نام عیسی باعث شفای کامل او شده است. | 16 |
مانا ئۇنىڭ نامىغا قىلغان ئېتىقاد ئارقىلىق، ئۇنىڭ نامى سىلەر كۆرۈۋاتقان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەمگە دەرمان كىرگۈزدى؛ ئۇنىڭ ئارقىلىق بولغان ئېتىقاد ئۇ كىشىنى كۆز ئالدىڭلاردا سەللىمازا ساق-سالامەت قىلدى. |
«برادران عزیز، در ضمن این را نیز میدانم که رفتار شما و سران قوم شما از روی نادانی بود. | 17 |
ئەمدى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ۋە شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ باشلىقلىرىڭلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى غەپلەتتە قىلغانلىقىڭلارنى بىلىمەن. |
از طرف دیگر، دست خدا هم در این کار بود، زیرا مطابق پیشگوییهای همۀ انبیا، مسیح میبایست بر روی صلیب برای آمرزش گناهان ما جان خود را فدا میکرد. | 18 |
لېكىن خۇدا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزى بىلەن ئالدىنئالا جاكارلىغانلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدىغانلىقىنى شۇ يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. |
پس، توبه کنید، از گناهانتان دست بکشید و به سوی خدا بازگردید تا گناهانتان پاک شود و دوران آسودگی و خرمّی از جانب خداوند فرا برسد. | 19 |
شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ |
و عیسی را، که همانا مسیح شماست، بار دیگر بفرستد. | 20 |
ۋە ئۇ سىلەر ئۈچۈن ئالدىن تىكلەنگەن مەسىھ، يەنى ئەيسانى قېشىڭلارغا قايتىدىن ئەۋەتىدۇ. |
چون همانطور که خدا از زمانهای قدیم به زبان انبیای مقدّس خود فرموده بود، او باید در آسمان بماند، تا زمانی فرا برسد که خدا همه چیز را اِحیا کند و به حالت اول برگرداند. (aiōn g165) | 21 |
ھازىرچە بولسا، خۇدانىڭ دەسلەپتىكى زامانلاردىن تارتىپ مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى بىلەن ئېيتقىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ئەرشلەر ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ماكان بولىدۇ. (aiōn g165) |
موسی نیز فرموده:”خداوندْ خدای شما، از میان برادران شما، پیامبری مانند من برایتان خواهد فرستاد. به هر چه او میگوید، باید با دقت گوش کنید؛ | 22 |
مۇسا دەرۋەقە مۇنداق دېگەنىدى: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ. ئۇنىڭ سىلەرگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك! |
هر که به او گوش ندهد، از میان قوم منقطع خواهد شد.“ | 23 |
چۈنكى بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلارنىڭ ھەربىرى خەلق قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ». |
«سموئیل و تمام پیامبران بعد از او، واقعهٔ امروز را پیشگویی کردند. | 24 |
دەرۋەقە، سامۇئىل [پەيغەمبەر] ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ بېشارەتلەرنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنلەر توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان. |
شما فرزندان همان پیامبران هستید و خدا به شما نیز مانند اجدادتان وعده داده است که تمام مردم روی زمین را بهوسیلۀ نسل ابراهیم برکت دهد. این همان وعدهای است که خدا به ابراهیم داد. | 25 |
سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر ــ بۇ ئەھدە بويىچە خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنىڭ نەسلىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-جەمەتلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن. |
از این جهت خدا خدمتگزار خود را اول از همه نزد شما، ای بنیاسرائیل، فرستاد تا شما را از راههای گناهآلودتان بازگرداند و به این وسیله به شما برکت دهد.» | 26 |
شۇڭا خۇدا ھەربىرىڭلارنى ئۆز رەزىللىكلىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ئەيسانى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى. |