این سرآغاز یک جنگ طولانی بین پیروان شائول و افراد داوود بود. داوود روزبهروز نیرومندتر و خاندان شائول روزبهروز ضعیفتر میشد. | 1 |
ھالبۇكى، سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرسىدىكى جەڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋاملاشتى؛ داۋۇتنىڭ جەمەتى بارغانسېرى كۈچەيدى، لېكىن سائۇلنىڭ جەمەتى بارغانسېرى ئاجىزلاشماقتا ئىدى. |
در مدتی که داوود در حبرون زندگی میکرد، صاحب پسرانی شد. پسر اول داوود، امنون از زنش اَخینوعَمِ یِزرِعیلی، | 2 |
ھېبروندا داۋۇت بىر قانچە ئوغۇللۇق بولدى، ئۇنىڭ تۇنجىسى ئامنون بولۇپ، يىزرەئەللىك ئاھىنوئامدىن تۇغۇلدى؛ |
پسر دوم او کیلاب از زنش اَبیجایِل (بیوهٔ نابال کرملی)، پسر سوم او ابشالوم پسر معکه (دختر تلمای پادشاه جشور)، | 3 |
ئىككىنچىسى كىلېئاب بولۇپ كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىلدىن تۇغۇلدى. ئۈچىنچىسى ئابشالوم ئىدى. ئۇ گەشورنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكاھدىن تۇغۇلغانىدى، |
پسر چهارم او ادونیا از حجیت، پسر پنجم او شفطیا از ابیطال | 4 |
تۆتىنچىسى ئادونىيا بولۇپ ھاگگىتتىن تۇغۇلغان ئىدى. بەشىنچىسى شەفاتىيا بولۇپ ئابىتالدىن تۇغۇلغان ئىدى. |
و پسر ششم او یِتَرعام از زنش عجله بودند. | 5 |
ئالتىنچىسى يىترىئام بولۇپ داۋۇتنىڭ ئايالى ئەگلاھدىن تۇغۇلدى. داۋۇتنىڭ بۇ ئالتە ئوغلىنىڭ ھەممىسى ھېبروندا تۇغۇلدى. |
در زمانی که جنگ بین خاندان شائول و خاندان داوود ادامه داشت، ابنیر خاندان شائول را تقویت مینمود. | 6 |
سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ داۋامىدا، ئابنەر سائۇلنىڭ جەمەتىدە ئۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتتى. |
یک روز ایشبوشت پسر شائول، ابنیر را متهم کرد که با یکی از کنیزان شائول به نام رصفه، دختر اَیه، همبستر شده است. | 7 |
ئەمدى سائۇلنىڭ بىر كىنىزىكى بار ئىدى؛ ئۇ ئاياھنىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى رىزپاھ ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنەرگە: نېمىشقا ئاتامنىڭ كېنىزىكى بىلەن بىللە بولدۇڭ؟ ــ دېدى. |
ابنیر خشمگین شد و فریاد زد: «آیا فکر میکنی من به شائول خیانت میکنم و از داوود حمایت مینمایم؟ پس از آن همه خوبیهایی که در حق تو و پدرت کردم و نگذاشتم به چنگ داوود بیفتی، حالا به خاطر این زن به من تهمت میزنی؟ آیا این است پاداش من؟ | 8 |
ئابنەر ئىشبوشەتنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى: ــ «مەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتاڭ سائۇلنىڭ جەمەتىگە، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە دوستلىرىغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا تاپشۇرمىغان تۇرسام، مېنى يەھۇداغا تەۋە بىر ئىتىنىڭ بېشىدەك كۆرۈپ، بۈگۈن بۇ خوتۇن ئۈچۈن مېنى گۇناھقا بۇيرۇماقچىمۇسەن؟ |
«پس حالا خوب گوش کن. خدا مرا لعنت کند اگر هر چه در قدرت دارم به کار نبرم تا سلطنت را خاندان شائول گرفته به داوود بدهم تا همانطور که خداوند وعده داده بود داوود در سراسر اسرائیل و یهودا پادشاه شود.» | 9 |
مەن پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك قىلمىسام خۇدا مەنكى ئابنەرنى قاتتىق ئۇرسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇرسۇن! |
10 |
ــ يەنى، پادىشاھلىقنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن يۆتكەپ، داۋۇتنىڭ تەختىنى داندىن بەئەر-شېباغىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە تىكلىمىسەم!». |
ایشبوشت در جواب ابنیر چیزی نگفت چون از او میترسید. | 11 |
ئىشبوشەت ئابنەردىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىز سۆز قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. |
آنگاه ابنیر قاصدانی را با این پیغام نزد داوود فرستاد: «چه کسی باید بر این سرزمین حکومت کند؟ اگر تو با من عهد دوستی ببندی من تمام مردم اسرائیل را به سوی تو برمیگردانم.» | 12 |
ئابنەر بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئەلچىلەرنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇرۇپ ئۇنىڭغا: زېمىن كىمنىڭكى؟ مەن بىلەن ئەھدە تۈزگىن، مېنىڭ قولۇم سېنىڭ تەرىپىڭدە بولۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىلنى ساڭا مايىل قىلىمەن ــ دېدى. |
داوود پاسخ داد: «بسیار خوب، ولی به شرطی با تو عهد میبندم که همسرم میکال دختر شائول را با خود نزد من بیاوری.» | 13 |
داۋۇت جاۋاب بېرىپ: ــ بولىدۇ، مەن سەن بىلەن ئەھدە قىلاي. پەقەت بىرلا ئىشنى تەلەپ قىلاي؛ مېنىڭ قېشىمغا كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىقالنى ئېلىپ كەلمىسەڭ، يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن، دېدى. |
سپس داوود این پیغام را برای ایشبوشت فرستاد: «همسرم میکال را به من پس بده، زیرا او را به قیمت کشتن صد فلسطینی خریدهام.» | 14 |
ئاندىن داۋۇت ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: مەن بىر يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكى بەدىلى بىلەن ئالغان ئايالىم مىقالنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىن ــ دېدى. |
پس ایشبوشت، میکال را از شوهرش فلطئیل پس گرفت. | 15 |
ئىشبوشەت ئادەم ئەۋەتىپ مىقالنى ئۇنىڭ ئېرىدىن، يەنى لائىشنىڭ ئوغلى پالتىيەلدىن ئېلىپ كەلدى. |
فلطئیل گریهکنان تا بحوریم به دنبال زنش رفت. در آنجا ابنیر به او گفت: «حالا دیگر برگرد.» فلطئیل هم برگشت. | 16 |
لېكىن ئۇنىڭ ئېرى باخۇرىمغىچە ئۇنىڭ كەينىدىن يىغلىغان پېتى ئەگىشىپ ماڭدى. ئاخىر بېرىپ ئابنەر ئۇنىڭغا: ــ يېنىپ كەتكىن، دېۋىدى، ئۇ قايتىپ كەتتى. |
در ضمن، ابنیر با بزرگان اسرائیل مشورت کرده، گفت: «مدتهاست که میخواهید داوود را پادشاه خود بسازید. | 17 |
ئەمدى ئابنەر ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا: سىلەر بۇرۇن داۋۇت ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولسۇن، دېگەن ئارزۇ-ئىستەكتە بولدۇڭلار. |
حالا وقتش است! زیرا خداوند فرموده است که بهوسیلۀ داوود قوم خود را از دست فلسطینیها و سایر دشمنانشان نجات خواهد داد.» | 18 |
ئەمدى ھازىر ھەرىكەت قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇت توغرىسىدا: ــ قۇل-بەندەم داۋۇتنىڭ قولى بىلەن ئىسرائىل خەلقىمنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدىن، شۇنداقلا بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن، ــ دېگەنىدى. |
ابنیر با قبیلهٔ بنیامین نیز صحبت کرد. آنگاه به حبرون رفت و توافقهایی را که با اسرائیل و قبیلهٔ بنیامین حاصل نموده بود، به داوود گزارش داد. | 19 |
ئابنەر يەنە بىنيامىنلارنىڭ قۇلىقىغىمۇ مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتتى. ئاندىن ئىسرائىل بىلەن بىنيامىننىڭ پۈتكۈل جەمەتىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا ئېيتىشقا ھېبرونغا باردى. |
بیست نفر همراه او بودند و داوود برای ایشان ضیافتی ترتیب داد. | 20 |
شۇنداق قىلىپ ئابنەر يىگىرمە ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە داۋۇت ئابنەر ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بىر زىياپەت تەييارلىدى. |
ابنیر به داوود قول داده، گفت: «وقتی برگردم، همهٔ مردم اسرائیل را جمع میکنم تا تو را چنانکه خواستهای، به پادشاهی خود انتخاب کنند.» پس داوود او را به سلامت روانه کرد. | 21 |
ئابنەر داۋۇتقا: مەن قوزغىلىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي، ئۇلار سېنىڭ بىلەن ئەھدە قىلىشسۇن، ئاندىن سەن ئۆز كۆڭلۈڭ خالىغاننىڭ بارلىقى ئۈستىدىن سەلتەنەت قىلالايدىغان بولىسەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئابنەرنى يولغا سېلىپ قويدى، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى. |
به محض رفتن ابنیر، یوآب و عدهای از سپاهیان داوود از غارت بازگشتند و غنیمت زیادی با خود آوردند. | 22 |
مانا، شۇ ئەسنادا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىلەن يوئاب بىر يەرگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئولجا ئېلىپ قايتىپ كەلدى. لېكىن ئابنەر شۇ چاغدا ھېبروندا داۋۇتنىڭ قېشىدا يوق ئىدى؛ چۈنكى داۋۇتنىڭ ئۇزىتىپ قويۇشى بىلەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتكەنىدى. |
وقتی یوآب رسید، به او گفتند که ابنیر، پسر نیر، نزد پادشاه آمده و به سلامت بازگشته است. | 23 |
يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتكۈل قوشۇن يېتىپ كەلگەندە، خەلق ئۇنىڭغا: نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر پادىشاھنىڭ قېشىغا كەلدى، پادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇشى بىلەن ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتتى ــ دېدى. |
پس یوآب با عجله به حضور پادشاه رفت و گفت: «چه کردهای؟ چرا گذاشتی ابنیر سالم برگردد؟ | 24 |
ئاندىن يوئاب پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ: بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ؟! مانا، ئابنەر قېشىڭغا كەپتۇ! نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدۇڭ؟ ئۇ ھازىر كېتىپتۇ! |
تو خوب میدانی که او برای جاسوسی آمده بود تا از هر چه میکنی باخبر شود.» | 25 |
سەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنى بىلىسەنغۇ! ئۇنىڭ كېلىشى جەزمەن سېنى ئالداش ئۈچۈن، سېنىڭ چىقىپ-كىرىدىغان يولۇڭنى، شۇنداقلا بارلىق ئىش-پائالىيىتىڭنى بىلىۋېلىش ئۈچۈندۇر، ــ دېدى. |
پس یوآب چند نفر را به دنبال ابنیر فرستاد تا او را برگردانند. آنها در کنار چشمهٔ سیره به ابنیر رسیدند و او با ایشان برگشت. اما داوود از این جریان خبر نداشت. | 26 |
يوئاب داۋۇتنىڭ قېشىدىن چىقىشى بىلەن ئۇ خەۋەرچىلەرنى ئابنەرنىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. ئۇلار ئۇنى سىراھ قۇدۇقىنىڭ يېنىدىن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن داۋۇت بۇ ئىشتىن بىخەۋەر ئىدى. |
وقتی ابنیر به دروازهٔ شهر حبرون رسید، یوآب به بهانهٔ اینکه میخواهد با او محرمانه صحبت کند، وی را به کناری برد و خنجر خود را کشیده، به انتقام خون برادرش عسائیل، او را کشت. | 27 |
ئابنەر ھېبرونغا يېنىپ كەلگەندە يوئاب ئۇنى شەھەر قوۋۇقىدا ئۇچرىتىپ، «ساڭا دەيدىغان مەخپىي سۆزۈم بار ئىدى» دەپ ئۇنى بىر چەتكە ئەكىلىپ ئۇ يەردە ئىنىسى ئاساھەلنىڭ قان قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن قورسىقىغا پىچاق سالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. |
داوود چون این را شنید، گفت: «من و قوم من در پیشگاه خداوند از خون ابنیر تا به ابد مبرا هستیم. | 28 |
كېيىن، داۋۇت بۇ ئىشنى ئاڭلاپ: مەن ۋە پادىشاھلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن مەڭگۈ بىگۇناھدۇرمىز؛ |
خون او به گردن یوآب و خانوادهاش باشد. عفونت و جذام همیشه دامنگیر نسل او باشد. فرزندانش عقیم شوند و از گرسنگی بمیرند یا با شمشیر کشته شوند.» | 29 |
[ئۇنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇش] گۇناھى يوئابنىڭ بېشىغا ۋە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا قاينام بولۇپ چۈشسۇن؛ يوئابنىڭ ئائىلىسىدىن ئاقما يارا كېسىلى، ياكى ماخاۋ كېسىلى، ياكى ھاسىغا تايانغۇچى، قىلىچتىن ئۆلگۈچى ياكى ئاش-تۈلۈكسىزلەر ئۆكسۈمىسۇن! ــ دېدى. |
پس بدین ترتیب یوآب و برادرش ابیشای، ابنیر را کشتند چون او برادرشان عسائیل را در جنگ جبعون کشته بود. | 30 |
شۇنداق قىلىپ، ئابنەر گىبېئوندىكى جەڭدە ئۇلارنىڭ ئىنىسى ئاساھەلنى ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن، يوئاب بىلەن ئىنىسى ئابىشاي ئۇنى ئۆلتۈردى. |
داوود به یوآب و همهٔ کسانی که با او بودند دستور داد که لباس خود را پاره کنند و پلاس بپوشند و برای ابنیر عزا بگیرند، و خودش همراه تشییعکنندگان جنازه به سر قبر رفت. | 31 |
داۋۇت يوئابقا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق خەلققە: كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار! بۆز كىيىم كىيىڭلار! ئابنەرنىڭ [مېيىتى] ئالدىدا ماتەم تۇتۇڭلار! دېدى. داۋۇت پادىشاھ [ئابنەرنىڭ] جىنازىسىنىڭ كەينىدىن ماڭدى. |
ابنیر را در حبرون دفن کردند و پادشاه و همراهانش بر سر قبر او با صدای بلند گریستند. | 32 |
ئۇلار ئابنەرنى ھېبروندا دەپنە قىلدى، پادىشاھ ئابنەرنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ يىغلىدى؛ خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ يىغلاشتى. |
پادشاه این مرثیه را برای ابنیر خواند: «چرا ابنیر باید با خفت و خواری بمیرد؟ ای ابنیر، دستهای تو بسته نشد، پاهایت را در بند نگذاشتند؛ تو را ناجوانمردانه کشتند.» و همهٔ حضار بار دیگر با صدای بلند برای ابنیر گریه کردند. | 33 |
پادىشاھ ئابنەر ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇپ: ــ «ئابنەرنىڭ ئەخمەقتەك ئۆلگىنى توغرىمۇ؟ |
34 |
قوللىرىڭ باغلاغلىق بولمىسىمۇ، پۇتلۇرۇڭ ئىشكەللىك بولمىسىمۇ، لېكىن سەن كىشىلەرنىڭ رەزىللەرنىڭ قولىدا يىقىلغىنىدەك، يىقىلىپ ئۆلگەنسەن!» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە يىغلاشتى. |
داوود در روز تشییعجنازه چیزی نخورده بود و همه از او خواهش میکردند که چیزی بخورد. اما داوود قسم خورده، گفت: «خدا مرا بکشد اگر تا غروب آفتاب لب به غذا بزنم.» این عمل داوود بر دل مردم نشست، در واقع تمام کارهای او را مردم میپسندیدند. | 35 |
ئاندىن بارلىق خەلق داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا كۈن پاتقۇچە تاماق يېيىشنى ئۆتۈندى. ئەمما داۋۇت قەسەم ئىچىپ: مەن كۈن پاتماستا يا نان يا باشقا ھەرقانداق نەرسىنى تېتىسام، خۇدا مېنى ئۇرسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جازالىسۇن، ــ دېدى. |
36 |
بارلىق خەلق بۇنى بايقاپ، بۇ ئىشتىن رازى بولدى؛ ئەمەلىيەتتە پادىشاھ قىلغان ھەربىر ئىش بارلىق خەلقنى رازى قىلاتتى. |
تمام قوم، یعنی هم اسرائیل و هم یهودا، دانستند که پادشاه در کشتن ابنیر دخالت نداشته است. | 37 |
شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ كۈنى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنىڭ پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتى. |
داوود به افرادش گفت: «آیا نمیدانید که امروز در اسرائیل یک مرد، یک سردار بزرگ، کشته شده است. | 38 |
پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: بىلەمسىلەر؟ بۈگۈن ئىسرائىلدا بىر سەردار، ئۇلۇغ بىر زات يىقىلدى! |
هر چند من به پادشاهی برگزیده شدهام، ولی نمیتوانم از عهدهٔ این دو پسر صرویه برآیم. خداوند، عاملان این شرارت را به سزای اعمالشان برساند.» | 39 |
گەرچە مەن مەسىھ قىلىنىپ پادىشاھ تىكلەنگەن بولساممۇ، مەن ئاجىز بىر بەندىمەن. بۇ ئادەملەر، يەنى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ۋەھشىيىلىكىنى مەن كۆتۈرەلمىگۈدەكمەن؛ پەرۋەردىگار رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرسۇن! ــ دېدى. |