بعد از آن، داوود از خداوند سؤال کرد: «آیا به یکی از شهرهای یهودا برگردم؟» خداوند در پاسخ او فرمود: «بله.» داوود پرسید: «به کدام شهر بروم؟» خداوند جواب داد: «به حِبرون برو.» | 1 |
ئاندىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە چىقايمۇ؟ دېدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ چىققىن، دېدى. داۋۇت، نەگە چىقاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ھېبرونغا چىققىن ــ دېدى. |
پس داوود با دو زن خود اخینوعم یزرعیلی و ابیجایل، بیوهٔ نابال کرملی | 2 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالى بىلەن، يەنى يىزرەئەللىك ئاھىنوئام ۋە ئەسلى كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىل بىلەن ئۇ يەرگە چىقتى. |
و با همهٔ افرادش و خانوادههای آنان به حبرون کوچ کرد. | 3 |
داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئادەملەرنىڭ ھەربىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۆيىدىكىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ چىقتى؛ ئۇلار ھېبروننىڭ شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشتى. |
آنگاه رهبران یهودا نزد داوود آمده، او را در آنجا برای پادشاهی تدهین کردند تا بر سرزمین یهودا حکمرانی کند. داوود چون شنید که مردان یابیش جلعاد شائول را دفن کردهاند، | 4 |
يەھۇدانىڭ ئادەملىرىمۇ ئۇ يەرگە كېلىپ داۋۇتنى يەھۇدا جەمەتىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلدى. داۋۇتقا سائۇلنى دەپنە قىلغانلار يابەش-گىلېئادتىكىلەر، دەپ خەۋەر بېرىلدى؛ |
برای ایشان چنین پیغام فرستاد: «خداوند شما را برکت دهد زیرا نسبت به پادشاه خود شائول وفاداری خود را ثابت کرده، او را دفن نمودید. | 5 |
داۋۇت يابەش-گىلېئادتىكىلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ «غوجاڭلار بولغان سائۇلغا شۇنداق ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنى دەپنە قىلغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي. |
خداوند برای این کارتان به شما پاداش بدهد. من نیز به نوبهٔ خود این خوبی شما را جبران خواهم کرد. | 6 |
پەرۋەردىگار سىلەرگىمۇ مېھرىبانلىق ۋە ئۆز ۋاپالىقىنى كۆرسەتكەي؛ سىلەر بۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن مەنمۇ بۇ ياخشىلىقىڭلارنى سىلەرگە قايتۇرىمەن. |
حالا که شائول مرده است، قبیلهٔ یهودا مرا به عنوان پادشاه جدید خود قبول کردهاند. پس نترسید و شجاع باشید!» | 7 |
ئەمدى ھازىر غەيرەتلىك بولۇڭلار؛ چۈنكى غوجاڭلار سائۇل ئۆلدى، يەھۇدا جەمەتى مېنى مەسىھ قىلىپ، ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى» ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. |
اما ابنیر، پسر نیر، فرماندهٔ سپاه شائول به اتفاق ایشبوشت پسر شائول از رود اردن گذشته، به محنایم فرار کرده بودند. | 8 |
ئەمما سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئۇغلى ئىشبوشەتنى ماھانائىمغا ئېلىپ بېرىپ، |
در آنجا ابنیر ایشبوشت را بر جلعاد، اشیر، یزرعیل، افرایم، بنیامین و بقیهٔ اسرائیل پادشاه ساخت. | 9 |
ئۇنى گىلېئادقا، گەشۇرىيلارغا، يىزرەئەلگە، ئەفرائىمغا، بىنيامىنغا ۋە شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى. |
ایشبوشت چهل ساله بود که پادشاه اسرائیل شد و دو سال سلطنت کرد. اما قبیلهٔ یهودا داوود را رهبر خود ساختند و داوود در حبرون هفت سال و شش ماه در سرزمین یهودا سلطنت کرد. | 10 |
سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت پادىشاھ بولغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ھالبۇكى، يەھۇدا جەمەتى داۋۇتقا ئەگىشەتتى. |
11 |
داۋۇتنىڭ ھېبروندا يەھۇدا جەمەتى ئۈستىدە سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يەتتە يىل ئالتە ئاي بولدى. |
روزی سپاهیان ایشبوشت به فرماندهی ابنیر، پسر نیر، از محنایم به جبعون آمدند. | 12 |
[بىر كۈنى] نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ماھانائىمدىن چىقىپ گىبېئونغا باردى. |
سپاهیان داوود نیز به فرماندهی یوآب (پسر صرویه) به مقابلهٔ آنها برآمدند. نیروها در کنار برکهٔ جبعون در مقابل هم قرار گرفتند. | 13 |
شۇ چاغدا زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى چىقىپ ئۇلار بىلەن گىبېئوندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئۇچراشتى. ئۇلاردىن بىر تەرەپ كۆلنىڭ ئۇ يېقىدا، يەنە بىر تەرەپ كۆلنىڭ بۇ يېقىدا ئولتۇردى. |
ابنیر به یوآب گفت: «چطور است چند نفر را از دو طرف به میدان بفرستیم تا با هم بجنگند؟» یوآب موافقت نمود. | 14 |
ئابنەر يوئابقا: يىگىتلەر قوپۇپ ئالدىمىزدا ئېلىشىپ ئوينىسۇن ــ دېدى. يوئاب: قوپسۇن ــ دېدى. |
پس از هر طرف دوازده نفر انتخاب شدند. | 15 |
ئۇلار بېكىتىلگەن سان بويىچە بىنيامىن بىلەن سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت تەرەپتىن ئون ئىككى كىشى ۋە داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن ئون ئىككى كىشى چىقىپ ئوتتۇرىغا ئۆتتى. |
هر یک از آنها با یک دست سر حریف خود را گرفته، با دست دیگر شمشیر را به پهلویش میزد، تا اینکه همه مردند. از آن به بعد آن مکان که در جبعون است به «میدان شمشیرها» معروف شد. | 16 |
ئۇلار بىر-بىرىنىڭ بېشىنى قاماللاپ تۇتۇپ ھەربىرى رەقىبىنىڭ بىقىنىغا قىلىچى بىلەن سانجىشتى، ھەممىسى يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەر «قىلىچ بىسلىرىنىڭ ئېتىزى» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ گىبېئوندىدۇر. |
به دنبال این کشتار، جنگ سختی بین دو طرف درگرفت و یوآب و نیروهای داوود، ابنیر و مردان اسرائیل را شکست دادند. | 17 |
ئۇ كۈندىكى بولغان سوقۇشۇش ئىنتايىن ئەشەددىي بولدى؛ ئابنەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. |
ابیشای و عسائیل، برادران یوآب نیز در این جنگ شرکت داشتند. عسائیل مثل آهو میدوید. | 18 |
شۇ يەردە زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى يوئاب، ئابىشاي ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچەيلەن بار ئىدى. ئاساھەل خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققان ئىدى. |
او به تعقیب ابنیر پرداخت و لحظهای از او چشم برنمیداشت. | 19 |
ئاساھەل ئابنەرنىڭ كەيىدىن قوغلاپ يۈگۈردى؛ ئابنەرگە ئەگىشىپ ئوڭغا ياكى سولغا بۇرۇلماي تاپ بېسىپ قوغلىدى. |
ابنیر وقتی سرش را برگرداند و به عقب نگاه کرد، دید عسائیل او را تعقیب میکند. او را صدا زده، گفت: «آیا تو عسائیل هستی؟» عسائیل جواب داد: «بله، خودمم.» | 20 |
ئابنەر كەينىگە قاراپ: سەن ئاساھەلمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ شۇنداق، مەن شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. |
ابنیر به او گفت: «برو با کسی دیگر بجنگ! سراغ یکی از جوانان برو و خلع سلاحش کن!» اما عسائیل همچنان به تعقیب ابنیر ادامه داد. | 21 |
ئابنەر ئۇنىڭغا: يا ئوڭغا يا سولغا بۇرۇلۇپ يىگىتلەرنىڭ بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ يارىغىنى ئۆزۈڭگە تارتىۋالغىن، دېدى. لېكىن ئاساھەل ئۇنى قوغلاشتىن بۇرۇلۇشقا ئۇنىمىدى. |
ابنیر بار دیگر فریاد زد: «از تعقیب من دست بردار. اگر تو را بکشم دیگر نمیتوانم به صورت برادرت یوآب نگاه کنم.» | 22 |
ئابنەر ئاساھەلگە يەنە: مېنى ئەمدى قوغلىماي بۇرۇلۇپ كەتكىن؛ مەن سېنى نېمە دەپ ئۇرۇپ يىقىتقۇدەكمەن؟ ئۇنداق قىلسام ئاكاڭ يوئابنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈلەيمەن؟ ــ دېدى. |
ولی عسائیل دست بردار نبود. پس ابنیر با سر نیزهاش چنان به شکم او زد که سر نیزه از پشتش درآمد. عسائیل جابهجا نقش بر زمین شد و جان سپرد. هر کس به مکانی که نعش او افتاده بود میرسید، میایستاد. | 23 |
لېكىن ئاساھەل يەنىلا قوغلاشتىن توختىمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئابنەر نەيزىسىنىڭ تۇتقۇچىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. نەيزە دۈمبىسىنى تىشىپ چىقتى؛ ئۇ شۇ يەردە يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنداق بولدىكى، ئاساھەل يىقىلىپ ئۆلگەن يەرگە ھازىر كېلىدىغان ھەربىر كىشىلەر ئۇ يەردە توختاپ قالىدۇ. |
ولی یوآب و ابیشای به تعقیب ابنیر پرداختند. وقتی به تپهٔ امه نزدیک جیح که سر راه بیابان جبعون است رسیدند، آفتاب غروب کرده بود. | 24 |
شۇنىڭ بىلەن يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنەرنى قوغلاشتى. كۈن پاتقاندا ئۇلار گىبېئوننىڭ چۆلىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا، گىئاھ يېزىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئامماھ ئېدىرلىقىغا يېتىپ كەلدى؛ |
سپاهیان ابنیر که از قبیلهٔ بنیامین بودند، بر فراز تپهٔ امه گرد آمدند. | 25 |
بىنيامىنلار بولسا ئابنەرنىڭ كەينىدە قوشۇندەك سەپ بولۇپ، بىر دۆڭ تۆپىسىگە چىقىپ تۇردى. |
ابنیر، یوآب را صدا زده، گفت: «تا کی میخواهی این کشت و کشتار ادامه یابد؟ این کار عاقبت خوشی ندارد. چرا دستور نمیدهی افرادت از تعقیب برادران خود دست بکشند؟» | 26 |
ئابنەر يوئابنى چاقىرىپ: قىلىچ دائىم ئادەملەرنى يەپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت ئۆچ-ئاداۋەتتىن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن قاچانغىچە خەلقلەرگە: «قېرىنداشلىرىڭلارنى قوغلاشتىن توختاڭلار» دەپ بۇيرۇماي تۇرىۋېرىسەن؟ |
یوآب در جواب او گفت: «به خدای زنده قسم، اگر این حرف را نمیزدی تا فردا صبح شما را تعقیب میکردیم.» | 27 |
يوئاب: خۇدانىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن مۇشۇ سۆزنى قىلمىغان بولساڭ، كۆپچىلىكنىڭ ھېچبىرى قېرىنداشلىرىنى قوغلاشتىن ئەتىگەنگىچىمۇ يانمايتتى ــ دېدى. |
آنگاه یوآب شیپورش را زد و مردانش از تعقیب سربازان اسرائیلی دست کشیدند. | 28 |
بۇنىڭ بىلەن يوئاب كاناي چالدى؛ ھەممە [يەھۇدالار] شۇئان توختىدى ۋە قايتا ئىسرائىلنى قوغلىمىدى، ئۇلار بىلەن قايتا جەڭ قىلىشمىدى. |
همان شب ابنیر و افرادش برگشته، از رود اردن عبور کردند. آنها تمام صبح روز بعد نیز در راه بودند تا سرانجام به محنایم رسیدند. | 29 |
ئابنەر بىلەن ئادەملىرى بولسا كېچىچە مېڭىپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بىترون دېگەن پۈتكۈل يۇرتنى كېزىپ ئۆتۈپ، ماھانايىمغا يېتىپ كەلدى. |
یوآب و همراهانش نیز به خانه برگشتند. تلفات افراد داوود غیر از عسائیل فقط نوزده نفر بود. | 30 |
يوئاب ئابنەرنى قوغلاشتىن يېنىپ بارلىق ئادەملەرنى جەم قىلدى. ئاساھەلدىن باشقا داۋۇتنىڭ غۇلاملىرىدىن ئون توققۇز ئادەم يوق چىقتى؛ |
ولی از افراد ابنیر (که همه از قبیلهٔ بنیامین بودند) سیصد و شصت نفر کشته شده بودند. | 31 |
لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىنلاردىن ۋە ئابنەرنىڭ ئادەملىرىدىن ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنىدى. |
یوآب و افرادش، جنازهٔ عسائیل را به بیتلحم برده، او را در کنار قبر پدرش به خاک سپردند. بعد، تمام شب به راه خود ادامه داده، سپیدهٔ صبح به حبرون رسیدند. | 32 |
ئۇلار ئاساھەلنى ئېلىپ بەيت-لەھەمدە ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىدە دەپنە قىلدى؛ ئاندىن يوئاب بىلەن ئادەملىرى كېچىچە مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھېبرونغا يېتىپ كەلدى. |