بهار سال بعد، داوود لشکر اسرائیل را به فرماندهی یوآب به جنگ عمونیها فرستاد. (پادشاهان، طبق معمول در فصل بهار به دشمنان حملهور میشدند.) آنها عمونیها را شکست داده، شهر ربه را محاصره کردند. اما داوود در اورشلیم ماند. | 1 |
شۇنداق بولدىكى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، پادىشاھلار جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا داۋۇت يوئابنى ئادەملىرى بىلەن ھەمدە ھەممە ئىسرائىلنى جەڭگە ماڭدۇردى؛ ئۇلار ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىپ، رابباھ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. لېكىن داۋۇت يېرۇسالېمدا قالدى. |
یک روز هنگام عصر داوود از خواب برخاست و برای هواخوری به پشت بام کاخ سلطنتی رفت. وقتی در آنجا قدم میزد چشمش به زنی زیبا افتاد که مشغول حمام کردن بود. | 2 |
بىر كۈنى كەچتە داۋۇت كارىۋاتتىن قوپۇپ، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئۆگىزىسىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى؛ ئۆگزىدىن ئۇ مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتقان بىر ئايالنى كۆردى. بۇ ئايال بەك چىرايلىق ئىدى. |
داوود یک نفر را فرستاد تا بپرسد آن زن کیست. معلوم شد اسمش بَتشِبَع، دختر الیعام و زن اوریای حیتی است. | 3 |
داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئايالنىڭ خەۋىرىنى سورىدى؛ بىرسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئېلىئامنىڭ قىزى، ھىتتىي ئۇرىيانىڭ ئايالى بات-شېبا ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. |
پس داوود چند نفر را فرستاد تا او را بیاورند. وقتی بَتشِبَع نزد او آمد، داوود با او همبستر شد. سپس بَتشِبَع خود را با آب طاهر ساخته، به خانه برگشت. | 4 |
داۋۇت كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنى قېشىغا ئەكەلتۈردى (ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئادەتتىن پاكلىنىۋاتقانىدى). ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەندە، داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى؛ ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى. |
وقتی بَتشِبَع فهمید که حامله است، پیغام فرستاد و این موضوع را به داوود خبر داد. | 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ھامىلىدار بولدى، ھەم داۋۇتقا: مېنىڭ بويۇمدا قاپتۇ، دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. |
پس داوود برای یوآب این پیغام را فرستاد: «اوریای حیتی را نزد من بفرست.» | 6 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يوئابقا خەۋەر يەتكۈزۈپ: ھىتتىي ئۇرىيانى مېنىڭ قېشىمغا ئەۋەتىڭلار، دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. |
وقتی اوریا آمد، داوود از او سلامتی یوآب و سربازان و اوضاع جنگ را پرسید. | 7 |
ئۇرىيا داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ يوئابنىڭ ھالىنى، خەلقنىڭ ھالىنى ۋە جەڭ ئەھۋالىنى سورىدى. |
سپس به او گفت: «حال به خانه برو و استراحت کن.» بعد از رفتن اوریا، داوود هدایایی نیز به خانهٔ او فرستاد. | 8 |
ئاندىن داۋۇت ئۇرىياغا: ئۆز ئۆيۈڭگە بېرىپ پۇتلىرىڭنى يۇغىن، دېدى. ئۇرىيا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن چىققاندا، پادىشاھ كەينىدىن ئۇنىڭغا بىر سوۋغا ئەۋەتتى. |
اما اوریا به خانهٔ خود نرفت و شب را کنار دروازهٔ کاخ، پیش محافظین پادشاه به سر برد. | 9 |
لېكىن ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارماي، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ دەرۋازىسىدا، غوجىسىنىڭ باشقا قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا ياتتى. |
وقتی داوود این را شنید، اوریا را احضار کرد و پرسید: «چه شده است؟ چرا پس از این همه دوری از خانه، دیشب به خانه نرفتی؟» | 10 |
ئۇلار داۋۇتقا: ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارمىدى، دەپ خەۋەر بەردى. داۋۇت ئۇرىيادىن: سەن يىراق سەپەردىن كەلدىڭ ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ئۆز ئۆيۈڭگە كەتمىدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. |
اوریا گفت: «صندوق عهد خداوند و سپاه اسرائیل و یهودا و فرماندهٔ من یوآب و افسرانش در صحرا اردو زدهاند، آیا رواست که من به خانه بروم و با زنم به عیش و نوش بپردازم و با او بخوابم؟ به جان شما قسم که این کار را نخواهم کرد.» | 11 |
ئۇرىيا داۋۇتقا: مانا، ئەھدە ساندۇقى، ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار بولسا كەپىلەردە تۇرۇپ، غوجام يوئاب بىلەن غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرى ئوچۇق دالادا چېدىر تىكىپ يېتىۋاتسا، مەن يەپ-ئىچىپ، ئايالىم بىلەن يېتىشقا ئۆيۈمگە بارايمۇ؟ سېنىڭ جېنىڭ بىلەن ۋە ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن ــ دېدى. |
داوود گفت: «بسیار خوب، پس امشب هم اینجا بمان و فردا به میدان جنگ برگرد.» پس اوریا آن روز و روز بعد هم در اورشلیم ماند. | 12 |
داۋۇت ئۇرىياغا: بۈگۈن بۇ يەردە قالغىن، ئەتە سېنى كەتكۈزۋېتىمەن، ــ دېدى. ئۇرىيا ئۇ كۈنى ۋە ئەتىسى يېرۇسالېمدا قالدى. |
داوود او را برای صرف شام نگه داشت و او را مست کرد. با این حال، اوریا آن شب نیز به خانهاش نرفت بلکه دوباره کنار دروازهٔ کاخ خوابید. | 13 |
داۋۇت ئۇنى چاقىرىپ ھەمداستىخان قىلىپ، يەپ-ئىچكۈزۈپ مەست قىلدى. لېكىن شۇ كېچىسى ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بارماي، چىقىپ غوجىسىنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز كارىۋىتىدا ئۇخلىدى. |
بالاخره، صبح روز بعد، داوود نامهای برای یوآب نوشت و آن را بهوسیلۀ اوریا برایش فرستاد. | 14 |
ئەتىسى داۋۇت يوئابقا خەت يېزىپ، ئۇرىيانىڭ ئالغاچ كېتىشىگە بەردى. |
در نامه به یوآب دستور داده بود که وقتی جنگ شدت میگیرد، اوریا را در خط مقدم جبهه قرار بدهد و او را تنها بگذارد تا کشته شود. | 15 |
خەتتە ئۇ: ئۇرىيانى سوقۇش ئەڭ كەسكىن بولىدىغان ئالدىنقى سەپتە تۇرغۇزغىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چېكىنىپ تۇرۇڭلار، دەپ يازغانىدى. |
پس وقتی یوآب در حال محاصرهٔ شهر دشمن بود، اوریا را به جایی فرستاد که میدانست سربازان قوی دشمن در آنجا میجنگند. | 16 |
شۇنىڭ بىلەن يوئاب شەھەرنى كۆزىتىپ، ئۇرىيانى پالۋانلار [كەسكىن سوقۇشقان] يەرگە ماڭدۇردى. |
مردان شهر با یوآب جنگیدند و در نتیجه اوریا و چند سرباز دیگر اسرائیلی کشته شدند. | 17 |
شەھەردىكى ئادەملەر چىقىپ، يوئاب بىلەن سوقۇشقاندا خەلقتىن، يەنى داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن بىرنەچچىسى يىقىلدى؛ ئۇرىيامۇ ئۆلدى. |
وقتی یوآب گزارش جنگ را برای داوود میفرستاد، | 18 |
يوئاب ئادەم ئەۋەتىپ جەڭنىڭ ھەممە ۋەقەلىرىدىن داۋۇتقا خەۋەر بەردى. |
به قاصد گفت: «وقتی این گزارش را به عرض پادشاه برسانی ممکن است او خشمگین شود و بپرسد: چرا سربازان تا این اندازه به شهر محاصره شده نزدیک شدند؟ مگر نمیدانستند از بالای دیوار به طرفشان تیراندازی خواهد شد؟ مگر فراموش کردهاند که ابیملک پسر جدعون در تاباص به دست زنی کشته شد که از بالای دیوار، یک سنگ آسیاب دستی روی سرش انداخت؟ آنگاه بگو: اوریا هم کشته شد.» | 19 |
ئۇ خەۋەرچىگە مۇنداق تاپىلىدى: پادىشاھقا جەڭنىڭ ھەممە ۋەقەلىرىنى دەپ بولغىنىڭدا، |
20 |
ئەگەر پادىشاھ غەزەپلىنىپ سېنىڭدىن: سوقۇشقاندا نېمىشقا شەھەر سېپىلىغا شۇنداق يېقىن باردىڭلار؟ ئۇلارنىڭ سېپىلىدىن يا ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ |
21 |
يەرۇببەشەتنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىم ئۆلتۈرگىنىنى بىلمەمسەن؟ بىر خوتۇن سېپىلدىن ئۇنىڭغا بىر پارچە يارغۇنچاق تېشىنى ئېتىپ، ئۇ تەبەز شەھىرىدە ئۆلمىدىمۇ؟ نېمىشقا سېپىلغا ئۇنداق يېقىن باردىڭلار؟ ــ دېسە، سەن: سىلىنىڭ قۇللىرى ھىتتىي ئۇرىيامۇ ئۆلدى، دەپ ئېيتقىن ــ دېدى. |
پس، آن قاصد به اورشلیم رفت و به داوود گزارش داده، گفت: «افراد دشمن از ما قویتر بودند و از شهر خارج شده، به ما حمله کردند ولی ما آنها را تا دروازهٔ شهر عقب راندیم. | 22 |
خەۋەرچى بېرىپ يوئاب ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ ئەۋەتكەن خەۋەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا دەپ بەردى. |
23 |
خەۋەرچى داۋۇتقا: دۈشمەنلەر بىزدىن كۈچلۈك كېلىپ، دالادا بىزگە ھۇجۇم قىلدى؛ لېكىن بىز ئۇلارغا زەربە بېرىپ چېكىندۈرۈپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغىچە قوغلىدۇق. |
تیراندازان از روی دیوار ما را هدف قرار دادند. چند نفر از سربازان ما کشته شدند که اوریای حیتی هم در بین ایشان بود.» | 24 |
ئاندىن يا ئاتقۇچىلار سېپىلدىن قۇل-خىزمەتكارلىرىڭغا يا ئېتىپ، پادىشاھنىڭ قۇل-خىزمەتكارلىرىدىن بىرنەچچىنى ئۆلتۈردى. قۇللىرى ئۇرىيامۇ ئۆلدى ــ دېدى. |
داوود گفت: «بسیار خوب، به یوآب بگو که ناراحت نباشد، چون شمشیر فرقی بین این و آن قائل نمیشود. این دفعه سختتر بجنگید و شهر را تسخیر کنید. در ضمن به او بگو از کارش راضیام.» | 25 |
داۋۇت خەۋەرچىگە: يوئابقا مۇنداق دېگىن: ــ بۇ ئىش نەزىرىڭدە ئېغىر بولمىسۇن، قىلىچ يا ئۇنى يا بۇنى يەيدۇ؛ شەھەرگە بولغان ھۇجۇمىڭلارنى قاتتىق قىلىپ، ئۇنى غۇلىتىڭلار، دەپ ئېيتىپ ئۇنى جۈرئەتلەندۈرگىن ــ دېدى. |
وقتی بَتشِبَع شنید شوهرش مرده است، عزادار شد. | 26 |
ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرى ئۇرىيانىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ، ئېرى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. |
بعد از تمام شدن ایام سوگواری، داوود بَتشِبَع را به کاخ سلطنتی آورد و او نیز یکی از زنان داوود شده، از او پسری به دنیا آورد. اما کاری که داوود کرده بود در نظر خداوند ناپسند آمد. | 27 |
ماتەم كۈنلىرى ئۆتكەندە داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ئوردىسىغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ داۋۇتنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغدى. لېكىن داۋۇتنىڭ قىلغان ئىشى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئىدى. |