در سومین سال سلطنت هوشع پسر ایلَه بر اسرائیل، حِزِقیا (پسر آحاز) پادشاه یهودا شد. | 1 |
ئېلاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا، يەھۇدانىڭ [سابىق] پادىشاھى ئاھازنىڭ ئوغلى ھەزەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. |
حِزِقیا در سن بیست و پنج سالگی بر تخت سلطنت نشست و بیست و نه سال در اورشلیم سلطنت نمود. (مادرش ابیا نام داشت و دختر زکریا بود.) | 2 |
ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا يىگىرمە توققۇز يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ئابى ئىدى؛ ئۇ زەكەرىيانىڭ قىزى ئىدى. |
او مانند جدش داوود مطابق میل خداوند رفتار میکرد. | 3 |
ھەزەكىيا بولسا ئاتىسى داۋۇتنىڭ بارلىق قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. |
او معبدهایی را که بر بالای تپهها بود نابود کرد و مجسمهها و بتهای شرمآور اشیره را در هم شکست. او همچنین مار مفرغین را که موسی ساخته بود خرد کرد، زیرا بنیاسرائیل تا آن موقع آن را میپرستیدند و برایش بخور میسوزاندند. (این مار مفرغین را نِحُشتان مینامیدند.) | 4 |
ئۇ «يۇقىرى جايلار»نى يوقىتىپ، «بۇت تۈۋرۈكلەر»نى چېقىپ «ئاشەراھ»لارنى كېسىپ تاشلاپ، مۇسا ياساتقان مىس يىلاننى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ (چۈنكى ئۇ چاغقىچە ئىسرائىللار ئۇنىڭغا خۇشبۇي ياقاتتى)، ئۇنىڭغا «نەھۇشتان!» دەپ ئىسىم قويدى. |
حِزِقیا به خداوند، خدای اسرائیل ایمانی راسخ داشت. هیچیک از پادشاهان قبل یا بعد از حِزِقیا مانند او نبودهاند، | 5 |
ھەزەكىيا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تاياندى. بۇ جەھەتتە نە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن نە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ھېچبىرى ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. |
زیرا وی در هر امری از خداوند پیروی مینمود و تمام احکامی را که توسط موسی داده شده بود، اطاعت میکرد. | 6 |
ئۇ پەرۋەردىگارغا چىڭ باغلىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن چىقماي، بەلكى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان ئەمرلەرنى تۇتاتتى. |
از این رو خداوند با او بود و در هر کاری وی را کامیاب میگردانید. پس حِزِقیا سر از فرمان پادشاه آشور پیچید و دیگر باج و خراج سالیانه به او نپرداخت. | 7 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ ئۇ قايسىلا ئىشقا چىقسا شۇنىڭدا راۋاجلىق بولاتتى. ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ ئۇنىڭغا بېقىندى بولۇشتىن ياندى. |
همچنین فلسطین را تا غزه و نواحی اطراف آن به تصرف خود درآورد و تمام شهرهای بزرگ و کوچک را ویران کرد. | 8 |
ئۇ فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى گازا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلىرىغىچە، كۆزەت مۇنارىدىن مۇستەھكەم قورغانغىچە بېسىپ مەغلۇپ قىلدى. |
در چهارمین سال سلطنت حِزِقیا (که با هفتمین سال سلطنت هوشع پسر ایلَه، پادشاه اسرائیل مصادف بود) شلمناسر، پادشاه آشور به اسرائیل حمله برد و شهر سامره را محاصره کرد. | 9 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ [سابىق] پادىشاھى ئېلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلىدا، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى شالمانئەزەر سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قامال قىلدى. |
سه سال بعد (یعنی در آخر ششمین سال سلطنت حِزِقیا و نهمین سال سلطنت هوشع) سامره به تصرف دشمن درآمد. | 10 |
ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇلار شەھەرنى ئالدى؛ ھەزەكىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى، يەنى ئىسرائىل پادىشاھى ھوشىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدا، سامارىيە ئىشغال قىلىندى. |
پادشاه آشور اسرائیلیها را به سرزمین آشور برد. او بعضی از اسرا را در شهر حلح، برخی دیگر را در شهر جوزان که کنار رود خابور است، و بقیه را در شهرهای سرزمین ماد سکونت داد. | 11 |
ئاندىن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنى ئاسۇرىيەگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى خالاھدا، گوزاندىكى خابور دەرياسىنىڭ بويلىرىدا ۋە مېدىئالارنىڭ شەھەرلىرىدە ماكانلاشتۇردى. |
این اسارت بدان سبب بود که بنیاسرائیل به دستورهای خداوند، خدایشان گوش ندادند و خواست او را بجا نیاوردند. در عوض عهد و پیمان او را شکسته، از تمام قوانینی که موسی خدمتگزار خداوند به آنها داده بود، سرپیچی نمودند. | 12 |
چۈنكى ئۇلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئەھدىسىگە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلدى؛ ئۇلار ياكى قۇلاق سالمىدى، ياكى ئەمەل قىلمىدى. |
در چهاردهمین سال سلطنت حِزِقیا، سنحاریب، پادشاه آشور تمام شهرهای حصاردار یهودا را محاصره نموده، آنها را تسخیر کرد. | 13 |
ھەزەكىيا پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون تۆتىنچى يىلى، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. |
حِزِقیای پادشاه برای سنحاریب که در لاکیش بود، چنین پیغام فرستاد: «من خطا کردهام، از سرزمین من عقبنشینی کن و به سرزمین خود بازگرد و من هر قدر که باج و خراج بخواهی خواهم پرداخت.» در جواب، پادشاه آشور ده هزار کیلو نقره و هزار کیلو طلا طلب نمود. | 14 |
ئۇ ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا لاقىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا: مەن گۇناھكار! مەندىن چېكىنگەيلا، ئۈستۈمگە ھەرنېمە چۈشۈرسىلە شۇنى [تۆلەيمەن]، ــ دېدى. ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھەزەكىياغا ئۈچ يۈز تالانت كۈمۈش بىلەن ئوتتۇز تالانت ئالتۇن توختىتىپ قويدى. |
برای تهیه این مبلغ، حِزِقیا تمام نقرهٔ خانهٔ خداوند و خزانههای قصر خود را برداشت و حتی روکش طلای درها و ستونهای خانهٔ خدا را کنده، همه را به پادشاه آشور داد. | 15 |
ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدىكى بارلىق كۈمۈشنى ئېلىپ بەردى. |
16 |
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىدىن ۋە ئۆزى ئەسلىدە قاپلاتقان ئىشىك كېشەكلىرىدىن ئالتۇننى ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا بەردى. |
با وجود این، پادشاه آشور سپاه بزرگی را به سرپرستی سه فرماندهٔ قوای خود از لاکیش به اورشلیم فرستاد. آنها بر سر راه «مزرعهٔ رخت شورها» کنار قنات برکهٔ بالا اردو زدند. | 17 |
شۇ چاغدا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تارتان، راب-سارىس ۋە راب-شاكەھلىرىنى چوڭ قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا چىقىپ كەلدى. چىققاندا، ئۇلار كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى. |
فرماندهان آشور خواستند که حِزِقیا بیاید و با آنها صحبت کند. ولی حِزِقیا اِلیاقیم (پسر حِلقیا) سرپرست امور دربار، شبنا کاتب و یوآخ (پسر آساف) وقایعنگار را به نمایندگی از طرف خود نزد آنها فرستاد. | 18 |
ئۇلار پادىشاھنى چاقىرغاندا، ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. |
یکی از فرماندهان قوای آشور، این پیغام را برای حِزِقیا فرستاد: «پادشاه بزرگ آشور میگوید: تو به چه کسی امید بستهای؟ | 19 |
ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر ھەزەكىياغا: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى ساڭا مۇنداق دېدى، دەڭلار: ــ سېنىڭ مۇشۇ ئىشەنگەن تايانچىڭ زادى نېمىدى؟ |
تو که از تدابیر جنگی و قدرت نظامی برخوردار نیستی، بگو چه کسی تکیهگاه توست که اینچنین بر ضد من قیام کردهای؟ | 20 |
سەن: «ئۇرۇش قىلىشقا تەدبىر-مەسلىھەتىمىز ھەم كۈچىمىز بار، دەيسەن ــ بۇ پەقەت بىر قۇرۇق گەپ، خالاس! ــ سەن زادى كىمگە تايىنىپ ماڭا قارشى ئۆكتە قوپىسەن؟ |
اگر به مصر تکیه میکنی، بدان که این عصای دست تو، نی ضعیفی است که طاقت وزن تو را ندارد و بهزودی میشکند و به دستت فرو میرود. هر که به پادشاه مصر امید ببندد عاقبتش همین است! | 21 |
مانا ئەمدى سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن. بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ! |
اگر شما بگویید به خداوند، خدای خود تکیه میکنیم، بدانید که او همان خدایی است که حِزِقیا تمام معبدهای او را که بر فراز تپهها بودند خراب کرده و دستور داده است که همهٔ مردم پیش مذبح اورشلیم عبادت کنند. | 22 |
ئەگەر سىلەر ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭلار، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، ئۇنىڭغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟ |
من از طرف سرورم، پادشاه آشور حاضرم با شما شرط ببندم. اگر بتوانید دو هزار اسب سوار پیدا کنید من دو هزار اسب به شما خواهم داد تا بر آنها سوار شوند! | 23 |
ئەمدى ھازىر خوجايىنىم ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كېلىڭلار: ــ «ئەگەر سىلەردە ئۇلارغا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭلار بولسا، مەن سىلەرگە ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» |
حتی اگر مصر هم به شما اسب سوار بدهد باز به اندازهٔ یک افسر سادهٔ سرورم قدرت نخواهید داشت. | 24 |
سىلەردە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجايىنىمنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! گەرچە سىلەر جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسىلەر! |
آیا خیال میکنید من بدون دستور خداوند به اینجا آمدهام؟ نه! خداوند به من فرموده است تا به سرزمین شما هجوم آورم و نابودش کنم!» | 25 |
مەن مۇشۇ يەرنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن» ــ دېدى!». |
آنگاه اِلیاقیم پسر حِلقیا، شبنا و یوآخ به او گفتند: «تمنا میکنیم به زبان ارامی صحبت کنید، زیرا ما آن را میفهمیم. به زبان عبری حرف نزنید چون مردمی که بر بالای حصارند به حرفهای شما گوش میدهند.» | 26 |
ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن! ــ دېدى. |
ولی فرماندهٔ آشور جواب داد: «مگر سرورم مرا فرستاده است که فقط با شما و پادشاهتان صحبت کنم؟ مگر مرا نزد این مردمی که روی حصار جمع شدهاند نفرستاده است؟ زیرا آنها هم به سرنوشت شما محکومند تا از نجاست خود بخورند و از ادرار خود بنوشند!» | 27 |
بىراق راب-شاكەھ: ــ خوجايىنىم مېنى مۇشۇ گەپنى خوجايىنىڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى. |
آنگاه فرماندهٔ آشور با صدای بلند به زبان عبری به مردمی که روی حصار شهر بودند گفت: «به پیغام پادشاه بزرگ آشور گوش دهید: | 28 |
ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى. |
”نگذارید حِزِقیای پادشاه شما را فریب دهد. او هرگز نمیتواند شما را از چنگ من برهاند. | 29 |
ــ «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى [پادىشاھنىڭ] قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. |
او شما را وادار میکند به خدا توکل کنید و میگوید: خداوند بدون شک ما را خواهد رهانید و این شهر به دست پادشاه آشور نخواهد افتاد!“ | 30 |
ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار! |
«اما شما به حِزِقیای پادشاه گوش ندهید. پادشاه آشور چنین میگوید:”با من صلح کنید، دروازهها را باز کنید و به طرف من بیرون آیید، تا هر کس از تاک و درخت انجیر خود بخورد و از آبِ چاه خویش بنوشد، | 31 |
ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بىلەن سۈلھىلىشىپ، مەن تەرەپكە ئۆتۈڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدىن ھەم ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە يەيسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز سۇ كۆلچىكىڭلاردىن سۇ ئىچىسىلەر؛ |
تا زمانی که بیایم و شما را به سرزمینی دیگر ببرم که مانند سرزمین شما پر از نان و شراب، غله و عسل، و درختان انگور و زیتون است. اگر چنین کنید زنده خواهید ماند. پس به حِزِقیا گوش ندهید، زیرا شما را فریب میدهد و میگوید که خداوند شما را خواهد رهانید. | 32 |
تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى، ئۈزۈمزارلىرى ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى بار، ھەسەل چىقىرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار! شۇنىڭ بىلەن سىلەر تىرىك قېلىپ، ئۆلمەيسىلەر! ھەزەكىيا سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دېسە ئۇنىڭغا قۇلاق سالماڭلار! |
آیا تاکنون خدایان دیگر هرگز توانستهاند بندگان خود را از چنگ پادشاه آشور نجات دهند؟ | 33 |
ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟ |
بر سر خدایان حمات، ارفاد، سفروایم، هینع و عوا چه آمد؟ آیا آنها توانستند سامره را نجات دهند؟ | 34 |
خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم، خېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟! |
کدام خدا هرگز توانسته است سرزمینی را از چنگ من نجات دهد؟ پس چه چیز سبب شده است فکر کنید که خداوند شما میتواند اورشلیم را نجات دهد؟“» | 35 |
مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟» ــ دېدى. |
ولی مردمی که روی حصار بودند سکوت کردند، زیرا پادشاه دستور داده بود که چیزی نگویند. | 36 |
ئەمما خەلق سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار». |
سپس اِلیاقیم پسر حِلقیا، شبنا و یوآخ لباسهای خود را پاره کرده، نزد حِزِقیای پادشاه رفتند و آنچه را که فرماندهٔ قوای آشور گفته بود، به عرض او رساندند. | 37 |
ئاندىن ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى يوئاھلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىشىپ، ھەزەكىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى. |