در بیست و هفتمین سال سلطنت یربعام دوم پادشاه اسرائیل، عُزیا (پسر اَمَصیا) پادشاه یهودا شد. | 1 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلىدا ئامازىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى. |
او شانزده ساله بود که بر تخت سلطنت نشست و پنجاه و دو سال در اورشلیم سلطنت کرد. (مادرش یکلیا نام داشت و از اهالی اورشلیم بود.) | 2 |
ئون ئالتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ بولۇپ يېرۇسالېمدا ئەللىك ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەكولىيا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېملىق ئىدى. |
او مانند پدرش اَمَصیا آنچه در نظر خداوند پسندیده بود، انجام میداد. | 3 |
ئۇ ئاتىسى ئامازىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. |
ولی باز بتخانههای روی تپهها که مردم در آنجا قربانی میکردند و بخور میسوزانیدند، باقی ماند. | 4 |
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. |
خداوند او را به مرض جذام مبتلا کرد و تا روز وفاتش جذامی باقی ماند. او تنها، در یک خانه به سر میبرد و پسرش یوتام امور مملکت را اداره میکرد. | 5 |
ئەمما پەرۋەردىگار پادىشاھنى ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگىچە ئۇنى ماخاۋ كېسىلىگە مۇپتىلا قىلغاچ، ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇراتتى ۋە پادىشاھنىڭ ئوغلى يوتام ئوردىنى باشقۇرۇپ يۇرتنىڭ خەلقىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرەتتى. |
شرح بقیهٔ رویدادهای دوران سلطنت عزیا و کارهای او در کتاب «تاریخ پادشاهان یهودا» نوشته شده است. | 6 |
ئازارىيانىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
وقتی عزیا مرد او را در آرامگاه سلطنتی در شهر داوود دفن کردند و پسرش یوتام به جایش پادشاه شد. | 7 |
ئازارىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ كىشىلەر ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا دەپنە قىلدى. ئوغلى يوتام ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
در سی و هشتمین سال سلطنت عزیا پادشاه یهودا، زکریا (پسر یربعام دوم) پادشاه اسرائیل شد و شش ماه در سامره سلطنت نمود. | 8 |
يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا، يەروبوئامنىڭ ئوغلى زەكەرىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئالتە ئاي سەلتەنەت قىلدى. |
او نیز مانند اجدادش نسبت به خداوند گناه ورزید و از گناهان یربعام اول (پسر نباط) که اسرائیل را به گناه کشاند، دست برنداشت. | 9 |
ئۇ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى؛ ئۇ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. |
شلوم (پسر یابیش) بر ضد او توطئه کرد و او را در حضور مردم کشت و خود به سلطنت رسید. | 10 |
يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى خەلقنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
شرح بقیهٔ رویدادهای دوران سلطنت زکریا در کتاب «تاریخ پادشاهان اسرائیل» آمده است. | 11 |
زەكەرىيانىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
به این ترتیب، آنچه که خداوند دربارهٔ ییهو فرموده بود، به وقوع پیوست که خاندان او تا نسل چهارم بر تخت سلطنت اسرائیل خواهند نشست. | 12 |
[ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى] پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇغا: ــ سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دەرۋەقە شۇنداق بولدى. |
در سی و نهمین سال سلطنت عزیا پادشاه یهودا، شلوم (پسر یابیش) پادشاه اسرائیل شد و یک ماه در سامره سلطنت کرد. | 13 |
يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇم يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە تولۇق بىر ئاي سەلتەنەت قىلدى. |
منحیم (پسر جادی) از ترصه به سامره آمده، او را کشت و خود به جای وی بر تخت سلطنت نشست. | 14 |
گادىنىڭ ئوغلى مەناھەم تىرزاھدىن چىقىپ، سامارىيەگە كېلىپ، يابەشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى شۇ يەردە ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
شرح بقیهٔ رویدادهای سلطنت شلوم و توطئهٔ او در کتاب «تاریخ پادشاهان اسرائیل» نوشته شده است. | 15 |
شاللۇمنىڭ باشقا ئىشلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قەست قىلىشلىرى، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. |
منحیم شهر تفصح و حومهٔ آن را ویران نموده، اهالی آنجا را کشت و شکم زنان حامله را پاره کرد، چون مردم آنجا حاضر نبودند تسلیم او شوند. | 16 |
شۇ چاغدا مەناھەم تىپساھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئۇ يەنە تىرزاھدىن تارتىپ ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق زېمىنلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار تەن بېرىپ دەرۋازىنى ئاچمىغىنى ئۈچۈن شەھەرگە شۇنداق ھۇجۇم قىلدىكى، ھەتتا ئۇنىڭدىكى جىمى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى يىرتىپ ئۆلتۈردى. |
در سی و نهمین سال سلطنت عزیا پادشاه یهودا، منحیم (پسر جادی) پادشاه اسرائیل شد و ده سال در سامره سلطنت کرد. | 17 |
يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيا سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز توققۇزىنچى يىلىدا، گادىنىڭ ئوغلى مەناھەم ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يىل سەلتەنەت قىلدى. |
او نیز مانند یربعام (پسر نباط) نسبت به خداوند گناه ورزید و اسرائیل را به گناه کشاند. | 18 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. |
در زمان او تغلت فلاسر، پادشاه آشور به سرزمین اسرائیل هجوم آورد، ولی منحیم پادشاه سی و چهار تن نقره به او باج داد و به کمک وی سلطنت خود را بر اسرائیل تثبیت نمود. | 19 |
ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى پۇل ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مەناھەم: «پادىشاھلىقىمنىڭ مۇستەھكەملىكى ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلغايلا» دەپ ئۇنىڭغا مىڭ تالانت كۈمۈش بەردى. |
منحیم این پول را به شکل مالیات به زور از ثروتمندان وصول نمود. هر یک از آنها پنجاه مثقال نقره پرداختند. پس پادشاه آشور به سرزمین خود بازگشت. | 20 |
مەناھەم ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىغا بېرىدىغان شۇ پۇلنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە باي ئادەملىرىگە باج سېلىش بىلەن ئالدى؛ ئۇ ھەربىرىدىن ئەللىك شەكەل كۈمۈش ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى قايتىپ كەتتى ۋە بۇ زېمىندا تۇرۇپ قالمىدى. |
شرح بقیهٔ رویدادهای دوران سلطنت منحیم و کارهای او در کتاب تاریخ پادشاهان اسرائیل نوشته شده است. | 21 |
مەناھەمنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
بعد از مرگ او پسرش فقحیا پادشاه شد. | 22 |
مەناھەم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئوغلى پەكاھىيا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
در پنجاهمین سال سلطنت عزیا پادشاه یهودا، فقحیا (پسر منحیم) پادشاه اسرائیل شد و دو سال در سامره سلطنت نمود، | 23 |
يەھۇدا پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىكىنچى يىلىدا، مەناھەمنىڭ ئوغلى پەكاھىيا سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. |
او نیز مانند یربعام (پسر نباط) نسبت به خداوند گناه ورزید و اسرائیل را به گناه کشاند. | 24 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. |
فقح (پسر رملیا)، یکی از فرماندهان سپاه او، همراه پنجاه نفر دیگر از مردان جلعاد بر ضد او شورش کرد و او را در کاخ سلطنتی سامره کشت. (ارجوب و اریه نیز در این شورش کشته شدند.) سپس فقح به جای او پادشاه شد. | 25 |
ۋە ئۇنىڭ سەردارى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ ئۇنىڭغا قەست قىلىپ ئۇنى سامارىيەدە، پادىشاھ ئوردىسىدىكى قەلئەدە ئۆلتۈردى؛ شۇ ئىشتا ئارگوب بىلەن ئارىيە ۋە ئەللىك گىلېئادلىق كىشى پىكاھ تەرەپتە تۇردى؛ ئۇ پەكاھىيانى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
شرح بقیهٔ رویدادهای دوران سلطنت فقحیا و کارهای او در کتاب «تاریخ پادشاهان اسرائیل» نوشته شده است. | 26 |
پەكاھىيانىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. |
در پنجاه و دومین سال سلطنت عزیا پادشاه یهودا، فقح (پسر رملیا) پادشاه اسرائیل شد و بیست سال در سامره سلطنت کرد. | 27 |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئازارىيانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئەللىك ئىككىنچى يىلىدا، رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ سامارىيەدە ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، يىگىرمە يىل سەلتەنەت قىلدى. |
او نیز مانند یربعام (پسر نباط) نسبت به خداوند گناه ورزید و اسرائیل را به گناه کشاند. | 28 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى. |
در دورهٔ سلطنت فقح بود که تغلت فلاسر، پادشاه آشور به اسرائیل حمله کرد و شهرهای عیون، آبل بیتمعکه، یانوح، قادش، حاصور، جلعاد، جلیل و تمام سرزمین نفتالی را به تصرف خود درآورد و مردم را اسیر نموده، به آشور برد. | 29 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پىكاھنىڭ كۈنلىرىدە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى تىگلات-پىلەسەر كېلىپ ئىيون، ئابەل-بەيت-مائاكاھ، يانوئاھ، كەدەش، ھازور، گىلېئاد، گالىلىيە، جۈملىدىن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەردىكى خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ، ئاسۇرىيەگە ئېلىپ باردى. |
آنگاه هوشع (پسر ایله) بر ضد فقح شورش کرد و او را کشت و خود بر تخت سلطنت نشست. هوشع در سال بیستم سلطنت یوتام (پسر عزیا) پادشاه یهودا، سلطنت خود را آغاز نمود. | 30 |
ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھغا قەست قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى. ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا، ئۇ پىكاھنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
شرح بقیهٔ رویدادهای دوران سلطنت فقح و کارهای او در کتاب «تاریخ پادشاهان اسرائیل» نوشته شده است. | 31 |
پىكاھنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مانا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. |
در دومین سال سلطنت فقح پادشاه اسرائیل، یوتام (پسر عزیا) پادشاه یهودا شد. | 32 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتام يەھۇداغا پادىشاھ بولدى. |
یوتام در سن بیست و پنج سالگی بر تخت سلطنت نشست و شانزده سال در اورشلیم سلطنت نمود. (مادرش یروشا نام داشت و دختر صادوق بود). | 33 |
ئۇ پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەرۇشا ئىدى؛ ئۇ زادوكنىڭ قىزى ئىدى. |
او مانند پدرش عزیا آنچه در نظر خداوند پسندیده بود، انجام میداد، | 34 |
يوتام ئاتىسى ئۇززىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. |
ولی بتخانههای روی تپهها را که مردم در آنجا قربانی میکردند و بخور میسوزانیدند، خراب نکرد. یوتام دروازهٔ بالایی خانهٔ خداوند را بازسازی کرد. | 35 |
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ «يۇقىرىقى دەرۋازا»سىنى ياسىغۇچى شۇ ئىدى. |
شرح بقیهٔ رویدادهای دوران سلطنت یوتام و کارهای او در کتاب «تاریخ پادشاهان یهودا» نوشته شده است. | 36 |
يوتامنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
(در آن روزها خداوند، رصین پادشاه سوریه و فقح پادشاه اسرائیل را بر ضد یهودا برانگیخت.) | 37 |
شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن بىلەن رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھنى يەھۇداغا ھۇجۇم قىلىشقا قوزغىدى. |
یوتام مرد و او را در کنار اجدادش در شهر داوود دفن کردند و پسرش آحاز به جای او پادشاه شد. | 38 |
يوتام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاتىسى داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاھاز ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |