در هفتمین سال سلطنت ییهو، پادشاه اسرائیل، یوآش پادشاه یهودا شد و مدت چهل سال در اورشلیم سلطنت کرد. (مادرش ظبیه نام داشت و از اهالی بئرشبع بود.) | 1 |
يەھۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلىدا يەھوئاش پادىشاھ بولدى؛ ئۇ قىرىق يىل يېرۇسالېمدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەر-شېبالىق زىبىياھ ئىدى. |
یوآش در تمام سالهایی که یهویاداع معلم او بود، هر چه در نظر خداوند پسندیده بود انجام میداد. | 2 |
يەھوئاش يەھويادا كاھىن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تۇرغان بارلىق كۈنلەردە، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. |
با وجود این بتخانههای روی تپهها را خراب نکرد و قوم باز در آنجا قربانی میکردند و بخور میسوزانیدند. | 3 |
پەقەت «يۇقىرى جايلار»لا يوقىتىلمىدى؛ خەلق يەنىلا «يۇقىرى جايلار»غا چىقىپ قۇربانلىق قىلىپ خۇشبۇي ياقاتتى. |
روزی یوآش به کاهنان گفت: «خانهٔ خداوند احتیاج به تعمیر دارد. بنابراین هرگاه کسی هدیهای به حضور خداوند بیاورد، چه مقرری باشد چه داوطلبانه و چه نذری، آن را بگیرید و صرف تعمیرات لازم بکنید.» | 4 |
يەھوئاش كاھىنلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە خۇداغا ئاتالغان ھەممە پۇل، جۈملىدىن رويخەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەر كىشىنىڭ باج پۇلى، قەسەم ئىچكەنلەرنىڭ پۇلى ۋە ھەركىم ئىختىيارى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە بېغىشلاپ ئەكەلگەن ھەممە پۇلنى |
5 |
كاھىنلار خەزىنىچىلەردىن تاپشۇرۇۋېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ پۇلنى ئىشلىتىپ شۇلارنى ئوڭشىسۇن، دېدى. |
بیست و سومین سال سلطنت یوآش فرا رسید، اما کاهنان هنوز خانهٔ خدا را تعمیر نکرده بودند. | 6 |
لېكىن يەھوئاش پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلىغىچە، كاھىنلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭلىمىغانىدى. |
پس یوآش، یهویاداع و سایر کاهنان را به حضور طلبیده، از ایشان پرسید: «چرا برای تعمیر خانهٔ خدا اقدامی نمیکنید؟ از این پس دیگر لازم نیست شما از مردم هدیه بگیرید؛ و هر چه تا به حال جمع کردهاید، تحویل بدهید.» | 7 |
ئاندىن يەھوئاش پادىشاھ يەھويادا كاھىن ۋە باشقا كاھىنلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىمىدىڭلار؟ مۇندىن كېيىن خەزىنىچىلەردىن پۇل ئالماڭلار ۋە ئۆزۈڭلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭلاتماڭلار، دېدى. |
کاهنان موافقت نمودند که نه از مردم پول بگیرند و نه مسئول تعمیر خانهٔ خداوند باشند. | 8 |
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار ماقۇل بولۇشۇپ: بىز بۇنىڭدىن كېيىن خەلقتىن پۇل ئالمايمىز ھەم ئۆزىمىز ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنىمۇ ئوڭشىمايمىز، دېدى. |
یهویاداع کاهن، صندوقی درست کرد و سوراخی در سرپوش آن ایجاد نمود و آن را در سمت راست مذبح کنار مدخل خانهٔ خداوند گذاشت. هر کس هدیهای میآورد، کاهنان محافظ مدخل، آن را به درون جعبه میریختند. | 9 |
ئەمدى يەھويادا كاھىن بىر ساندۇقنى ئېلىپ چىقىپ، ياپقۇچىدىن بىر تۆشۈك تېشىپ ئۇنى قۇربانگاھنىڭ يېنىغا قويدى؛ كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ئوڭ تەرەپتە تۇراتتى. دەرۋازىغا قارايدىغان كاھىنلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلگەن بارلىق پۇلنى ئۇنىڭغا سالاتتى. |
هر وقت صندوق پر میشد، کاتب و کاهن اعظم آن را میشمردند و در کیسهها میریختند، | 10 |
ۋە شۇنداق بولاتتىكى، ئۇلار ساندۇقتا كۆپ پۇل چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، پادىشاھنىڭ كاتىپى بىلەن باش كاھىن ئىبادەتخانىغا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى پۇلنى خالتىغا چىگىپ، ساناپ قوياتتى. |
و به ناظران ساختمانی خانهٔ خداوند تحویل میدادند تا با آن پول اجرت نجارها، بناها، معمارها، سنگتراشها و خریداران چوب و سنگ را بپردازند و مصالح ساختمانی را که برای تعمیر خانهٔ خداوند لازم بود، خریداری نمایند. | 11 |
ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ئىش باشلىرىغا ئۆلچەپ-ھېسابلاپ بېرەتتى. ئۇلار بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشايدىغان ياغاچچى بىلەن تامچىلار، |
12 |
تاشچىلار بىلەن تاشتىراشلارغا بېرەتتى. ئۇلار مۇشۇ پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاشقا لازىم بولغان ياغاچ بىلەن ئويۇلغان تاشلارنى سېتىۋېلىشقا، شۇنىڭدەك ئىبادەتخانىنى ئوڭشاشقا ۋە ھەممە باشقا چىقىمغا ئىشلىتەتتى. |
این پول صرف خرید پیالهها، انبرها، کاسهها، شیپورهای نقره و یا دیگر لوازم نقرهای و طلایی برای خانهٔ خداوند نمیشد، بلکه فقط صرف تعمیرات خانهٔ خداوند میگردید. | 13 |
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلگەن پۇل ئىبادەتخانىغا ئاتىلىدىغان كۈمۈش قاچا-قۇچىلار، پىچاقلار، پىيالىلەر، كانايلار، يا ئالتۇندىن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان باشقا ھەرقانداق نەرسىلەرنى ياسىتىشقا ئىشلىتىلمەيتتى. |
14 |
ئۇلار بەلكى شۇ پۇلنى ئىش بېشىلىرىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشىتاتتى. |
از ناظران ساختمانی صورتحساب نمیخواستند، چون آنها مردانی امین و درستکار بودند. | 15 |
ئۇلار پۇلنى ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ ئىشلەمچىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن تاپشۇراتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ ھېساۋاتىنى قىلمايتتى؛ چۈنكى بۇلار ئىنساپ بىلەن ئىش قىلاتتى. |
پولهایی که مردم برای قربانی جرم و قربانی گناه میپرداختند، به خانۀ خداوند آورده نمیشد، بلکه آنها را به کاهنان میدادند، چون سهم ایشان بود. | 16 |
لېكىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى پۇلى بىلەن گۇناھ قۇربانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك پۇللار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنمەيتتى؛ ئۇ كاھىنلارغا تەۋە ئىدى. |
در آن روزها، حزائیل، پادشاه سوریه به شهر جت حمله کرد و آن را گرفت؛ سپس به طرف اورشلیم حرکت کرد تا آن را نیز تصرف نماید. | 17 |
ئۇ ۋاقىتتا سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل گات شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا يۈزلەندى. |
اما یوآش پادشاه، تمام اشیاء مقدّسی را که اجدادش (یهوشافاط، یهورام و اخزیا، پادشاهان یهودا) به خداوند وقف نموده بودند، با آنچه که خود وقف کرده بود و تمام طلای خزانهٔ خانهٔ خداوند و خزانهٔ سلطنتی را گرفته، برای حزائیل فرستاد، و حزائیل نیز از حمله به اورشلیم صرفنظر کرده، مراجعت نمود. | 18 |
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى يەھوئاش ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى بولغان يەھۇدا پادىشاھلىرى يەھوشافات، يورام ۋە ئاھازىيا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان ھەممە مۇقەددەس بۇيۇملارنى، ۋە ئۆزى تەقدىم قىلغانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ خەزىنىلىرىدىن ئىزدەپ تاپقان بارلىق ئالتۇنغا قوشۇپ، ھەممىسىنى سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ھازائەلگە ئەۋەتتى؛ ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمدىن چېكىندى. |
شرح بقیهٔ رویدادهای سلطنت یوآش و کارهای او در کتاب «تاریخ پادشاهان یهودا» نوشته شده است. | 19 |
يوئاشنىڭ باشقا ئەمەللىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
دو نفر از افراد یوآش به نامهای یوزاکار (پسر شمعت) و یهوزاباد (پسر شومیر) علیه او توطئه چیدند و در بیتملو که سر راه سلا است، او را کشتند. یوآش در کنار اجدادش در شهر داوود دفن شد و پسرش اَمَصیا به جایش بر تخت سلطنت نشست. | 20 |
ئەمدى [يەھوئاشنىڭ] خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا قەست قىلىپ سىللا داۋىنى تەرىپىدىكى مىللو قەلئەسىدە ئۇنى ئۆلتۈردى. |
21 |
ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن شىمېئاتنىڭ ئوغلى يوزاقار ۋە شومەرنىڭ ئوغلى يەھوزاباد ئۇنى زەخىملەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |