یوتام در سن بیست و پنج سالگی بر تخت سلطنت نشست و شانزده سال در اورشلیم سلطنت نمود. (مادرش یروشا نام داشت و دختر صادوق بود.) | 1 |
يوتام تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يەرۇشا بولۇپ، زادوكنىڭ قىزى ئىدى. |
او مانند پدرش عزیا آنچه در نظر خداوند پسندیده بود انجام میداد اما مانند او با سوزاندن بخور در خانهٔ خداوند مرتکب گناه نشد. با این حال مردم هنوز به فساد ادامه میدادند. | 2 |
ئۇ ئاتىسى ئۇززىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى (لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەسخانىسىغا كىرمىدى). لېكىن خەلق يەنىلا بۇزۇق ئىشلارنى قىلىۋەردى. |
یوتام دروازهٔ بالایی خانهٔ خداوند را بازسازی کرد و آن قسمت از حصار اورشلیم را که عوفل نام داشت تعمیر اساسی نمود. | 3 |
پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ يۇقىرىقى دەرۋازىسىنى ياساتقۇچى يوتام ئىدى؛ ئۇ يەنە ئوفەلدىكى سېپىلدىمۇ نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى قىلدى. |
در کوهستان یهودا شهرها ساخت و در جنگلها، قلعهها و برجها درست کرد. | 4 |
ئۇ يەھۇدانىڭ تاغلىق رايونىدا شەھەرلەرنى بىنا قىلدى، ئورمانلىقلاردىمۇ قەلئە-قورغانلار ۋە كۆزەت مۇنارلىرىنى ياساتتى. |
او با عمونیها وارد جنگ شد و آنها را شکست داد و تا سه سال، سالیانه ۳٬۴۰۰ کیلوگرم نقره، ۱٬۰۰۰ تن گندم و ۱٬۰۰۰ تن جو از آنها باج گرفت. | 5 |
ئۇ ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛ شۇ يىلى ئاممونىيلار ئۇنىڭغا ئۈچ تالانت كۈمۈش، مىڭ توننا بۇغداي، مىڭ توننا ئارپا ئولپان بەردى؛ ئاممونىيلار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىلىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئولپان ئېلىپ كەلدى. |
یوتام، پادشاه قدرتمندی شد، زیرا از خداوند، خدای خود با وفاداری پیروی میکرد. | 6 |
يوتام خۇداسى پەرۋەردىگار ئالدىدا يوللىرىنى توغرا قىلغىنى ئۈچۈن قۇدرەت تاپتى. |
شرح بقیهٔ رویدادهای دوران سلطنت یوتام، فتوحات و اعمالش در کتاب «تاریخ پادشاهان اسرائیل و یهودا» نوشته شده است. | 7 |
يوتامنىڭ قالغان ئىشلىرى، جۈملىدىن قىلغان جەڭلىرى ۋە تۇتقان يوللىرىنىڭ ھەممىسى مانا «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا پۈتۈلگەندۇر. |
یوتام در سن بیست و پنج سالگی به سلطنت رسید و شانزده سال در اورشلیم پادشاهی کرد. | 8 |
ئۇ تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى. |
وقتی مرد، او را در شهر داوود به خاک سپردند و پسرش آحاز به جای او پادشاه شد. | 9 |
يوتام ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى؛ ئوغلى ئاھاز ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |