یوآش هفت ساله بود که پادشاه شد و چهل سال در اورشلیم سلطنت کرد. (مادرش ظبیه، از اهالی بئرشبع بود.) | 1 |
يوئاش تەختكە چىققان چېغىدا يەتتە ياشتا ئىدى، ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبىياھ بولۇپ، بەئەر-شېبالىق ئىدى. |
مادامی که یهویاداع کاهن زنده بود یوآش مطابق میل خداوند رفتار میکرد. | 2 |
يەھويادا كاھىن ھايات كۈنلىرىدە يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلاتتى. |
یهویاداع دو زن برای یوآش گرفت و آنها برای او پسران و دختران به دنیا آوردند. | 3 |
يەھويادا ئۇنىڭغا ئىككى خوتۇن ئېلىپ بەردى، ئۇ بىرقانچە ئوغۇل-قىز پەرزەنت كۆردى. |
سپس یوآش تصمیم گرفت خانهٔ خداوند را تعمیر کند. | 4 |
شۇنىڭدىن كېيىن يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى قايتا ياسىتىش نىيىتىگە كەلدى، |
او کاهنان و لاویان را فرا خواند و این دستور را به ایشان داد: «به تمام شهرهای یهودا بروید و هدایای سالیانه را جمع کنید تا بتوانیم خانهٔ خدا را تعمیر کنیم. هر چه زودتر این کار را انجام دهید.» اما لاویان تأخیر نمودند. | 5 |
ئۇ كاھىنلارنى ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىنى ئوڭلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدا شەھەرلىرىگە بېرىپ، بارلىق ئىسرائىللاردىن يىللىق ئىئانە توپلاڭلار؛ بۇ ئىشنى تېزدىن بېجىرىڭلار! ــ دېدى. لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى بېجىرىشكە ئانچە ئالدىراپ كەتمىدى. |
بنابراین پادشاه، یهویاداع کاهن اعظم را خواست و به او گفت: «چرا از لاویان نخواستهای که بروند و مالیات خانهٔ خدا را که موسی، خدمتگزار خداوند مقرر کرده، از شهرهای یهودا و اورشلیم جمعآوری کنند؟» | 6 |
بۇنى ئۇققان پادىشاھ باش كاھىن يەھويادانى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزلىرى نېمىشقا لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىر ئۈچۈن بەلگىلىگەن باجنى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىن ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇمىدىلا؟ ــ دېدى |
(پیروان عتلیای فاسد، خسارات زیادی به خانهٔ خدا وارد کرده بودند و اشیاء مقدّس آن را غارت نموده، آنها را در بتخانهٔ بعل گذاشته بودند.) | 7 |
(چۈنكى ئەسلىدە رەزىل خوتۇن ئاتالىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى خۇدانىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ بائال بۇتلىرىغا ئاتاپ تەقدىم قىلىۋەتكەنىدى). |
پس پادشاه دستور داد که صندوقی بسازند و آن را بیرون دروازهٔ خانهٔ خداوند بگذارند. | 8 |
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر ساندۇق ياسىتىپ پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا قويغۇزدى؛ |
سپس در همهٔ شهرهای یهودا و اورشلیم اعلام نمود که مالیاتی را که موسی برای قوم اسرائیل مقرر کرده، برای خداوند بیاورند. | 9 |
ئاندىن: «خۇدانىڭ قۇلى مۇسا چۆلدە ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە بېكىتكەن باجنى يىغىپ ئەكىلىپ پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇڭلار» دېگەن بىر ئۇقتۇرۇش يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم تەۋەسىدە چىقىرىلدى. |
بنابراین، تمام قوم و رهبرانشان با خوشحالی مالیات خود را میآوردند و در آن صندوق میریختند تا اینکه پر میشد. | 10 |
بارلىق ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق خۇشال ھالدا باجنى ئەكىلىپ ساندۇق تولغۇچە ئۇنىڭغا تاشلىدى. |
سپس لاویان صندوق را به مسئول آن که از دربار بود تحویل میدادند. هر وقت پول زیادی جمع میشد کاتب و نمایندهٔ کاهن اعظم پولها را از صندوق خارج میکردند و صندوق را دوباره به خانهٔ خدا برمیگرداندند. این کار هر روز ادامه داشت و مردم مرتب در صندوق پول میریختند. | 11 |
لاۋىيلار پۇل ساندۇقىنى پادىشاھ بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلغان كىشىنىڭ ئالدىغا ئەكەلگەندە، ئۇلار باج پۇلىنىڭ كۆپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، ئاندىن پادىشاھنىڭ كاتىپى بىلەن باش كاھىننىڭ ئادىمى كېلىپ پۇل ساندۇقىنى ئۆڭتۈرۈپ قۇرۇقدىغاندىن كېيىن، يەنە ئەسلى ئورنىغا ئاپىرىپ قوياتتى. ھەركۈنى شۇنداق بولۇپ تۇردى؛ ناھايىتى كۆپ پۇل يىغىلدى. |
پادشاه و یهویاداع پولها را به ناظران کار ساختمانی میدادند و ایشان بناها، نجارها و فلزکارها را برای تعمیر خانهٔ خداوند به کار میگرفتند. | 12 |
پادىشاھ بىلەن يەھويادا پۇلنى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئىش بېجىرگۈچىلەرگە تاپشۇردى؛ ئۇلار [بۇنىڭ بىلەن] پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئوڭشاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارنى، تۆمۈرچىلەر بىلەن مىسكەرلەرنى ياللىدى. |
به این ترتیب، کارگران به تعمیر خانهٔ خدا پرداختند و آن را مستحکم ساخته، به صورت اول درآوردند. | 13 |
ئىشلەمچىلەر توختىماي ئىشلىدى، ئوڭشاش ئىشى ئۇلارنىڭ قولىدا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ئەسلىدىكى ئۆلچەم-لاھىيەسى بويىچە ياسىدى، شۇنداقلا ئۇنى تولىمۇ پۇختا قىلىپ ياساپ چىقتى. |
وقتی تعمیرات خانهٔ خدا تمام شد، باقیماندهٔ پول را نزد پادشاه و یهویاداع آوردند و آنها دستور دادند با آن پول، ظروف طلا و نقره و وسایل دیگر برای خانهٔ خداوند درست کنند. در طول عمر یهویاداع کاهن، قربانیهای سوختنی به طور مرتب در خانهٔ خداوند تقدیم میشد. | 14 |
ئۇلار ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان پۇلنى پادىشاھ بىلەن يەھويادانىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاپشۇردى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ھەرخىل ئەسۋاب-بۇيۇملارنى، جۈملىدىن ئىبادەت خىزمىتىدىكى ھەرخىل بۇيۇملار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قاچا-قۇچا، قازان-تەخسىلەر ۋە ھەرخىل ئالتۇن-كۈمۈش باشقا بۇيۇملارنى ياساتتى. يەھويادانىڭ بارلىق كۈنلىرىدە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى دائىم سۇنۇپ تۇردى. |
یهویاداع در کمال پیری، در سن ۱۳۰ سالگی درگذشت | 15 |
يەھويادا قېرىپ، ياشايدىغان يېشى توشۇپ ئۆلدى؛ ئۇ ئۆلگەن چاغدا بىر يۈز ئوتتۇز ياشتا ئىدى. |
و در شهر داوود در آرامگاه سلطنتی دفن شد، زیرا در اسرائیل برای خدا و خانهٔ او خدمات ارزندهای انجام داده بود. | 16 |
ئۇلار ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە پادىشاھلار قاتارىدا دەپنە قىلدى، چۈنكى ئۇ ئىسرائىلغا ھەم خۇداغا ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەنىدى. |
اما پس از مرگ یهویاداع، بزرگان یهودا نزد یوآش پادشاه آمده، با سخنان خود او را تحریک کردند تا دست از خانهٔ خداوند، خدای اجدادش بکشد و همراه ایشان بت شرمآور اشیره و بتهای دیگر را بپرستد. پادشاه سخنان آنها را پذیرفت و از این رو بار دیگر خشم خدا بر یهودا و اورشلیم افروخته شد. | 17 |
يەھويادا ئۆلگەندىن كېيىن يەھۇدادىكى يولباشچىلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇردى؛ پادىشاھ ئۇلار كۆرسەتكەن مەسلىھەتنى ماقۇل كۆردى. |
18 |
ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن ۋاز كېچىپ، ئاشەراھ ۋە بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھى سەۋەبلىك خۇدانىڭ غەزىپى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ بېشىغا كەلدى. |
خداوند انبیایی فرستاد تا آنها را به سوی خود بازگرداند، ولی مردم اعتنا نکردند. | 19 |
شۇنداق بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆزىگە ياندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ بۇ پەيغەمبەرلەر گەرچە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا قۇلاق سالمىدى. |
سپس روح خدا بر زکریا، پسر یهویاداع نازل شد. او در مقابل قوم ایستاده، گفت: «خداوند میفرماید: چرا از دستورهای من سرپیچی میکنید و خود را دچار مصیبت مینمایید. شما مرا ترک گفتهاید، من هم شما را ترک میگویم.» | 20 |
ئۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى زەكەرىياغا چۈشتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ ئۇلارغا: ــ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ سىلەر ھېچ راۋاجلىق كۆرمەيسىلەر، چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتىڭلار ۋە ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كەچتى»، ــ دېدى. |
بزرگان یهودا بر ضد زکریا توطئه چیدند و به دستور یوآش پادشاه، او را در حیاط خانهٔ خداوند سنگسار کرده، کشتند. | 21 |
خالايىق [زەكەرىيانى] ئۆلتۈرۈشكە قەستلىدى؛ ئاخىر ئۇلار ئۇنى پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگار ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. |
پس یوآش خوبیهای یهویاداع را فراموش کرد و پسرش را کشت. زکریا قبل از مرگش چنین گفت: «خداوند این را ببیند و از شما بازخواست کند.» | 22 |
پادىشاھ يوئاش زەكەرىيانىڭ ئاتىسى يەھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن شەپقىتىنى ياد ئەتمەك تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. زەكەرىيا جان ئۈزۈش ئالدىدا: ــ پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى نەزىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالسۇن! ــ دېدى. |
چند ماه پس از کشته شدن زکریا، نیروهای سوری، یهودا و اورشلیم را تسخیر کردند و همهٔ سران کشور را کشتند. آنها تمام غنایمی را که به چنگ آوردند برای پادشاه سوریه فرستادند. | 23 |
شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا سۇرىيەنىڭ قوشۇنى يوئاشقا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يەھۇداغا ۋە يېرۇسالېمغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، خەلق ئىچىدىكى يولباشچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئالغان پۈتۈن ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى دەمەشق پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. |
برای سپاه کوچک سوریه این یک پیروزی بزرگ محسوب میشد. خداوند به آنها اجازه داد سپاه نیرومند یهودا را شکست دهند، زیرا مردم یهودا خداوند، خدای اجدادشان را ترک گفته بودند. به این طریق خدا یوآش پادشاه را مجازات کرد. | 24 |
دەرۋەقە سۇرىيە قوشۇنىدىن پەقەت ئاز بىر قىسىم ئەسكەرلەر كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەھۇدالار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار چوڭ بىر قوشۇننى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئۇلار يوئاشقا جازا ئىجرا قىلدى. |
سوریها یوآش را به شدت مجروح کرده، از آنجا رفتند. در این ضمن دو نفر از افراد یوآش تصمیم گرفتند انتقام خون زکریا پسر یهویاداع را از او بگیرند. پس او را در بسترش کشتند و بعد در شهر داوود دفن کردند، اما نه در آرامگاه سلطنتی. | 25 |
سۇرىيلەر يوئاشنى تاشلاپ كەتكەن چاغدا (چۈنكى ئۇ قاتتىق ئاغرىپ قالغانىدى) ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارلىرى باش كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قېنى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش كېرەك دەپ ئۇنى قەستلىدى؛ ئۇلار ئۇنى كارىۋىتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇ شۇ يول بىلەن ئۆلدى؛ كىشىلەر ئۇنى داۋۇت شەھىرىدە دەپنە قىلغىنى بىلەن، بىراق پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلمىدى. |
توطئهکنندگان، زاباد پسر یک زن عمونی به نام شمعه و یهوزاباد پسر یک زن موآبی به نام شمریت بودند. | 26 |
ئۇنى قەستلىگەنلەر مۇنۇلار: ــ ئاممونىي ئايال شىمىياتنىڭ ئوغلى زاباد بىلەن موئابىي ئايال سىمرىتنىڭ ئوغلى يەھوزاباد ئىدى. |
شرح حال پسران یوآش و نبوّتهایی که دربارهٔ او شد و شرح تعمیر خانهٔ خدا در کتاب «تاریخ پادشاهان» نوشته شده است. بعد از مرگ یوآش، پسرش اَمَصیا به جای او پادشاه شد. | 27 |
يوئاشنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇنىڭغا قارىتىلغان قاتتىق ۋە نۇرغۇن ئاگاھ بېشارەتلەر، شۇنداقلا ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىباشتىن سېلىشقا دائىر ئىشلىرى «پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابنىڭ ئىزاھلىرىغا پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازىيا ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |