مردی بود به نام القانه از قبیلهٔ افرایم که در رامه تایم صوفیم واقع در کوهستان افرایم زندگی میکرد. او پسر یروحام، پسر الیهو، پسر توحو، پسر صوف بود. او افرایمی بود. | 1 |
ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راماتائىم-زوفىمدا ئەلكاناھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئەفرائىملىق بولۇپ، يەروھامنىڭ ئوغلى، يەروھام ئېلىخۇنىڭ ئوغلى، ئېلىخۇ توخۇنىڭ ئوغلى، توخۇ زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى. |
القانه دو زن داشت به نامهای حنا و فَنِنه. فننه صاحب فرزندان بود، اما حنا فرزندی نداشت. | 2 |
ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار ئىدى. بىرسىنىڭ ئىسمى ھانناھ، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى پەنىنناھ ئىدى. پەنىنناھنىڭ بالىلىرى بار ئىدى، لېكىن ھانناھنىڭ بالىسى يوق ئىدى. |
القانه هر سال با خانوادهٔ خود به شیلوه میرفت تا خداوند لشکرهای آسمان را عبادت نموده، به او قربانی تقدیم کند. در آن زمان حُفنی و فینحاس، پسران عیلی، در آنجا کاهنان خداوند بودند. | 3 |
بۇ ئادەم ھەر يىلى ئۆز شەھىرىدىن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ قۇربانلىق سۇنغىلى شىلوھغا باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ خوفنىي ۋە فىنىھاس دېگەن ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى بولۇپ ئىشلەيتتى. |
القانه در روزی که قربانی تقدیم میکرد، به زنش فننه و به همۀ پسران و دخترانش سهمیهایی از گوشت قربانی میداد. | 4 |
ھەر قېتىم ئەلكاناھ قۇربانلىق قىلغان كۈنىدە ئۇ [قۇربانلىقتىن] ئايالى پەنىنناھ ۋە ئۇنىڭ ھەربىر ئوغۇل-قىزلىرىغا ئۆز ئۈلۈشىنى بېرەتتى. |
اما به حنا دو چندان سهم میداد، زیرا او را دوست میداشت، هر چند که خداوند رحم او را بسته بود. | 5 |
ئەمما ھانناھغا بولسا ئۇ ئىككى ھەسسىلىك ئۈلۈش بېرەتتى؛ چۈنكى ئۇ ھانناھنى تولىمۇ سۆيەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلغانىدى. |
فَنِنه پیوسته به حنا طعنه میزد و او را سخت میرنجاند، برای اینکه خداوند رحم حنا را بسته بود. | 6 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى تۇغماس قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ كۈندەش رەقىبى [پەنىنناھ ھانناھنى] ئازابلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قېرىشاتتى. |
این وضع سال به سال تکرار میشد. هربار که به خیمۀ عبادت میرفتند، فننه حنا را میرنجاند، به حدی که حنا میگریست و چیزی نمیخورد. | 7 |
ۋە ھەر يىلى، ھانناھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چىققاندا، [پەنىنناھ] ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. پەنىنناھ شۇنداق قىلغاچقا، ئۇ يىغلاپ ھېچ نېمە يېمەيتتى. |
شوهرش القانه از او میپرسید: «حنا، چرا گریه میکنی؟ چرا چیزی نمیخوری؟ چرا اینقدر غمگین هستی؟ آیا من برای تو از ده پسر بهتر نیستم؟» | 8 |
ئاخىرى ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ھانناھ، نېمىشقا يىغلايسەن؟ نېمىشقا بىرنەرسە يېمەيسەن؟ نېمىشقا كۆڭلۈڭ ئازار يەيدۇ؟ مەن ئۆزۈم ساڭا ئون ئوغۇلدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. |
یک بار، پس از صرف خوراک قربانی در شیلوه، حنا برخاست و رفت تا دعا کند. عیلیِ کاهن کنار درگاه خیمۀ عبادت در جای همیشگی خود نشسته بود. | 9 |
ئۇلار شىلوھدا يەپ-ئىچكەندىن كېيىن (ئەلى دېگەن كاھىن شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى) ھانناھ داستىخاندىن تۇردى؛ |
حنا به تلخی جان به درگاه خداوند دعا کرده، زارزار گریست، | 10 |
ئۇ قاتتىق ئازاب ئىچىدە پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ زار-زار يىغلايتتى. |
و نذر کرده، گفت: «ای خداوند لشکرهای آسمان متعال، اگر بر مصیبت کنیزت نظری افکنی و دعایم را اجابت فرموده، پسری به من عطا کنی، او را به تو تقدیم میکنم تا در تمام عمر خود وقف تو باشد و موی سرش هرگز تراشیده نشود.» | 11 |
ئۇ قەسەم ئىچىپ: ــ ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر دېدىكىڭنىڭ دەردىگە يېتىپ، مېنى ياد ئېتىپ دېدىكىڭنى ئۇنتۇماي، بەلكى دېدىكىڭگە بىر ئوغۇل بالا ئاتا قىلساڭ، ئۇنى پۈتۈن ئۆمرىنىڭ كۈنلىرىدە سەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلايمەن؛ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇستىرا ھېچقاچان سېلىنمايدۇ، دېدى. |
وقتی حنا به دعای خود در پیشگاه خداوند طول داد، عیلی متوجه دهان او شد | 12 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئاسىنى داۋام قىلىۋاتقاندا، ئەلى ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇردى؛ |
و دید که لبهایش تکان میخورد ولی صدایش شنیده نمیشود، و عیلی گمان برد که مست است. | 13 |
چۈنكى ھانناھ دۇئانى ئىچىدە قىلغاچقا لەۋلىرى مىدىرلاۋاتقىنى بىلەن ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. شۇڭا ئەلى ئۇنى مەست بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلىدى. |
پس به وی گفت: «چرا مست به اینجا آمدهای؟ شرابت را از خود دور کن!» | 14 |
ئەلى ئۇنىڭغا: ــ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابىڭنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىل، دېدى. |
حنا در جواب گفت: «نه ای سرورم، من شراب نخوردهام و مست نیستم بلکه زنی دل شکستهام و غم خود را با خداوند در میان میگذاشتم. | 15 |
لېكىن ھانناھ جاۋابەن: ــ ئۇنداق ئەمەس، ئى غوجام! كۆڭلى سۇنۇق بىر مەزلۇممەن. مەن شارابمۇ، ھاراقمۇ ئىچمىدىم، بەلكى جېنىم دەردىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۆكتۈم؛ |
گمان نکن که من زنی فرومایه هستم، زیرا تمام مدت با غم و اندوه دعا میکردم.» | 16 |
دېدەكلىرىنى يامان خوتۇن دەپ بىلمىگەيلا. چۈنكى مېنىڭ زور دەردىم ۋە ئازابلىرىمدىن بۇ كۈنگىچە شۇنداق نىدا قىلىۋاتىمەن، دېدى. |
عیلی گفت: «خدای اسرائیل، آنچه را از او خواستی به تو بدهد! حال، به سلامتی برو!» | 17 |
ئەلى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ تىنچ-ئامان قايتقىن؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۆزىدىن تىلىگەن ئىلتىجايىڭنى ئىجابەت قىلغاي، دېدى. |
حنا از عیلی تشکر نمود و با خوشحالی برگشت و غذا خورد و دیگر غمگین نبود. | 18 |
ھانناھ: ــ دېدەكلىرى كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقاي، دېدى. ئۇ شۇلارنى دەپ چىقىپ، غىزا يېدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چىرايىدا ئىلگىرىكىدەك غەمكىنلىك كۆرۈنمىدى. |
روز بعد، صبح زود تمام اعضای خانوادهٔ القانه برخاسته، برای پرستش خداوند به خیمهٔ عبادت رفتند و سپس به خانهٔ خود در رامه بازگشتند. وقتی القانه با حنا همبستر شد، خداوند خواستهٔ او را به یاد آورد. | 19 |
ئۇلار ئەتىسى تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەجدە قىلىپ بولۇپ، راماھدىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلدى. ئەلكاناھ ئايالى ھانناھغا يېقىنچىلىق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى ئەسلىگەنىدى. |
پس از چندی حنا حامله شده، پسری زایید و او را سموئیل نامید و گفت: «من او را از خداوند درخواست نمودم.» | 20 |
ھانناھ ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقتى-سائىتى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «مەن ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالدىم» دەپ، ئىسمىنى سامۇئىل قويدى. |
سال بعد طبق معمول، القانه با خانوادهٔ خود به عبادتگاه رفت تا قربانی سالیانه را به خداوند تقدیم کند و نذر خود را ادا نماید. | 21 |
ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۆيىدىكى ھەممىسى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىغان ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ۋە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شىلوھغا چىقتى. |
اما حنا همراه آنها نرفت. او به شوهرش گفت: «وقتی بچه از شیر گرفته شد، آنگاه به عبادتگاه خداوند خواهم رفت و او را با خود خواهم برد تا همیشه در آنجا بماند.» | 22 |
لېكىن ھانناھ بىللە بارماي ئېرىگە: ــ بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن مەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئېلىپ بارىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، دېدى. |
القانه موافقت کرد و گفت: «آنچه مایل هستی بکن. در خانه بمان تا بچه از شیر گرفته شود. هر چه خواست خداوند است، بشود.» پس حنا در خانه ماند تا بچه از شیر گرفته شد. | 23 |
ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئۆزۈڭگە نېمە ياخشى كۆرۈنسە، شۇنى قىلغىن. ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىغۇچە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار ئۆز سۆز-كالامىغا ئەمەل قىلغاي، دېدى. ئايالى ئۆيدە قېلىپ بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغۇچە ئېمىتتى. |
پس وقتی بچه را از شیر گرفت، او را برداشته، همراه با یک گاو نر سه ساله برای قربانی و ده کیلوگرم آرد و یک مشک شراب به خیمهٔ عبادت در شیلوه برد. | 24 |
بالىسى ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۇنى ئېلىپ، شۇنداقلا ئۈچ بۇقا، بىر ئەفاھ ئۇن ۋە بىر تۇلۇم شارابنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ شىلوھدىكى ئۆيىگە ئاپاردى. بالا بولسا تېخى كىچىك ئىدى. |
بعد از قربانی کردن گاو، پسر را پیش عیلی کاهن بردند. | 25 |
ئۇلار بىر بۇقىنى سويۇپ بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. |
حنا از عیلی پرسید: «ای سرورم، آیا مرا به خاطر داری؟ من همان زنی هستم که در اینجا ایستاده، به حضور خداوند دعا کردم | 26 |
شۇنىڭ بىلەن ھانناھ [ئۇنىڭغا]: ــ ئى غوجام، ئۆزلىرىدە ھايات راست بولغىنىدەك، بۇ يەردە سىلىنىڭ قاشلىرىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا نىدا قىلغان مەزلۇم مەن بولىمەن، دېدى. |
و از خداوند درخواست نمودم که به من فرزندی بدهد. او دعایم را مستجاب نمود و این پسر را به من بخشید. | 27 |
مەن مۇشۇ ئوغۇل بالا ئۈچۈن دۇئا قىلدىم ۋە مانا، پەرۋەردىگار مېنىڭ تىلىگەن ئىلتىجايىمنى ئىجابەت قىلدى. |
حال، او را به خداوند تقدیم میکنم که تا زنده است خداوند را خدمت نماید.» و خداوند را در آنجا پرستش کردند. | 28 |
ئەمدى ھازىر مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بولىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. |