< اول سموئیل 30 >

بعد از سه روز، داوود و افرادش به صقلغ رسیدند. قبل از آن، عَمالیقی‌ها به جنوب یهودا هجوم آورده، شهر صقلغ را به آتش کشیده بودند 1
شۇنداق بولدىكى، داۋۇت ۋە ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىكلاگقا يېتىپ كەلدى؛ مانا، ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپكە ۋە زىكلاگقا ھۇجۇم قىلىپ، زىكلاگنى ۋەيران قىلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەنىدى.
و زنان و تمام کسانی را که در آنجا بودند، از کوچک و بزرگ به اسارت برده و هیچ‌کس را نکشته بودند، بلکه همه را برداشته، به راه خود رفته بودند. 2
ئۇلار شەھەردىكى قىز-ئاياللارنى، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئۆلتۈرمەي، ھەممىسىنى ئېلىپ، يولىغا چىققانىدى.
داوود و افرادش وقتی به شهر رسیدند و دیدند چه بر سر زنها و بچه‌هایشان آمده است، 3
داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن شەھەرگە كەلگەندە، مانا، شەھەر ئاللىقاچان كۆيۈپ تۈگىگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىزلىرى ئەسىرگە ئېلىنغانىدى.
با صدای بلند آنقدر گریه کردند که دیگر رمقی برایشان باقی نماند. 4
ئەمدى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خەلق قاتتىق يىغا-زار كۆتۈرۈشتى، تاكى ماغدۇرى قالمىغۇچە يىغلاشتى.
هر دو زن داوود، اخینوعم و اَبیجایِل هم جزو اسیران بودند. 5
داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى، يىزرەئەللىك ئاھىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگائىلمۇ ئەسىرگە ئېلىنغانىدى.
داوود بسیار مضطرب بود، زیرا افرادش به خاطر از دست دادن بچه‌هایشان از شدت ناراحتی می‌خواستند او را سنگسار کنند. اما داوود خویشتن را از خداوند، خدایش تقویت کرد. 6
داۋۇت قاتتىق ئازابلاندى؛ چۈنكى بارلىق خالايىق، ھەربىرى ئۆز ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ غەزەپلىنىپ ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەيلى، دېيىشىۋاتاتتى. ئەمما داۋۇت ئۆزىنى خۇداسى پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەتلەندۈردى.
داوود به اَبیاتار کاهن گفت: «ایفود را پیش من بیاور!» اَبیاتار آن را آورد. 7
داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى كاھىن ئابىياتارغا: ــ ئەفودنى يېنىمغا ئېلىپ كەلگىن، دېدى.
داوود از خداوند پرسید: «آیا دشمن را تعقیب کنم؟ آیا به آنها خواهم رسید؟» خداوند به او فرمود: «بله، آنها را تعقیب کن، چون به آنها خواهی رسید و آنچه را که برده‌اند پس خواهی گرفت!» 8
داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: ــ بۇ قوشۇننى قوغلايمۇ؟ ئۇلارغا يېتىشەلەرمەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ قوغلا؛ سەن جەزمەن ئۇلارغا يېتىشىۋالىسەن ھەم ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كېلەلەيسەن، دېدى.
پس داوود و آن ششصد نفر به تعقیب عَمالیقی‌ها پرداختند. وقتی به نهر بسور رسیدند، دویست نفر از افراد داوود از فرط خستگی نتوانستند از آن عبور کنند، اما چهارصد نفر دیگر به تعقیب دشمن ادامه دادند. 9
داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئالتە يۈز ئادەم بېرىپ بېسور ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، كەينىدە سۆرۈلۈپ قالغانلار شۇ يەردە قالدى.
10
داۋۇت ئۆزى تۆت يۈز ئادەم بىلەن داۋاملىق قوغلاپ ماڭدى؛ ئىككى يۈز ئادەم ھالسىراپ كەتكەچكە، بېسور ۋادىسىدىن ئۆتەلمەي كەينىدە قالغانىدى.
در بین راه به یک جوان مصری برخوردند و او را نزد داوود آوردند. او سه شبانه روز چیزی نخورده و نیاشامیده بود. آنها مقداری نان انجیری، دو نان کشمشی و آب به او دادند و جان او تازه شد. 11
ئۇلار دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. ئۇلار ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا نان بېرىپ يېگۈزدى، سۇ ئىچكۈزدى؛
12
ئۇنىڭغا بىر پارچە ئەنجۈر پوشكىلى بىلەن ئىككى كىشمىش پوشكىلىنىمۇ بەردى. ئۇ بۇلارنى يەپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن جان كىردى؛ چۈنكى ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز نان يېمىگەن، سۇمۇ ئىچمىگەنىدى.
داوود از او پرسید: «تو کیستی و از کجا می‌آیی؟» گفت: «من مصری و نوکر یک شخص عَمالیقی هستم. اربابم سه روز پیش مرا در اینجا رها نمود و رفت، چون مریض بودم. 13
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىمگە تەۋە؟ سەن قەيەرلىكسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ مەن مىسىرلىق يىگىت بولۇپ، بىر ئامالەكنىڭ قۇلىمەن. لېكىن مەن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغاچقا، غوجام مېنى تاشلىۋەتتى.
ما به جنوب سرزمین کریتی‌ها واقع در جنوب یهودا و سرزمین قبیلهٔ کالیب هجوم بردیم و شهر صقلغ را سوزاندیم.» 14
بىز ئەسلى كەرەتىيلەرنىڭ يۇرتىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ۋە يەھۇدا زېمىنىغا ۋە كالەبنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇق؛ شۇنداقلا زىكلاگنى كۆيدۇرۈۋەتكەنىدۇق، دېدى.
داوود از او پرسید: «آیا می‌توانی ما را به آن گروه برسانی؟» آن جوان پاسخ داد: «اگر به نام خدا قسم بخورید که مرا نکشید و یا مرا به اربابم پس ندهید حاضرم شما را راهنمایی کنم تا به آنها برسید.» 15
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ــ بىزنى ئۇ [دۈشمەن] قوشۇنى تەرەپكە باشلاپ بارالامسەن، دېدى. ئۇ: ــ خۇدانىڭ نامى بىلەن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، سېنى غوجاڭنىڭ قولىغىمۇ تۇتۇپ بەرمەيمەن دەپ قەسەم قىلسىلا، سىلىنى ئۇ قوشۇننىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دېدى.
پس او داوود و همراهانش را به اردوگاه دشمن راهنمایی کرد. عَمالیقی‌ها در مزارع پخش شده، می‌خوردند و می‌نوشیدند و می‌رقصیدند، چون از فلسطینی‌ها و مردم یهودا غنایم فراوانی به چنگ آورده بودند. 16
ئۇنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغاندا، مانا ئۇلار پۈتكۈل يەرگە يېيىلىپ، يەپ-ئىچىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىن ھەم يەھۇدا زېمىنىدىن ئالغان چوڭ ئولجىلىرىدىن خۇش بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتاتتى.
همان شب داوود و همراهانش بر آنها هجوم برده، تا غروب روز بعد، ایشان را از دم شمشیر گذراندند، به طوری که فقط چهارصد نفر از آنها باقی ماندند که بر شتران خود سوار شده، گریختند. 17
ئەمما داۋۇت شۇ كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئىككىنچى كۈنى كەچكىچە ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. تۆگىگە مىنىپ بەدەر قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچبىر ئادەم قېچىپ قۇتۇلمىدى؛
داوود تمام غنایم را از عمالیقی‌ها پس گرفت. آنها زنان و اطفال و همهٔ متعلقات خود را بدون کم و کسر پس گرفتند و داوود دو زن خود را نجات داد. 18
ۋە داۋۇت ئامالەكلەر بۇلۇۋالغان ھەممە نەرسىنى ياندۇرۇپ ئالدى؛ ئۆزىنىڭ ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى.
19
ئامالەكلەر ئېلىپ كەتكەن ئوغۇل-قىز، مال-مۈلۈكلەر ۋە باشقا ھەممە نەرسىنى داۋۇت ئۇلاردىن قايتۇرۇۋالدى. ھېچنېمە، چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن چۈشۈپ قالمىغانىدى.
افراد داوود تمام گله‌ها و رمه‌ها را گرفته، پیشاپیش خود می‌راندند و می‌گفتند: «همهٔ اینها غنایم داوود است.» 20
[داۋۇتنىڭ ئادەملىدى] قايتۇرۇۋالغان ماللىرىنىڭ ئالدىغا [ئولجا ئالغان] باشقا قوي ۋە كالا پادىلارنى سېلىپ ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى. [ئۇنىڭ ئادەملىرى] كېتىۋېتىپ: ــ بۇلار داۋۇتنىڭ ئولجىسى، دېيىشتى؛ داۋۇت ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە ئالدى.
سپس داوود نزد آن دویست نفر خسته‌ای که کنار نهر بسور مانده بودند، رفت. آنها به استقبال داوود و همراهانش آمدند و داوود با آنها احوالپرسی کرد. 21
داۋۇت ھالسىزلىنىپ ئۆزى بىلەن بىللە بارالمىغان بېسور ۋادىسىنىڭ بويىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىككى يۈز ئادەمنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى؛ ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئالدىغا چىقتى، داۋۇت خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا سالام قىلدى.
اما بعضی از افراد شروری که در میان مردان داوود بودند گفتند: «آنها همراه ما نیامدند، بنابراین از این غنیمت هم سهمی ندارند. زنان و بچه‌هایشان را به آنها واگذارید و بگذارید بروند.» 22
لېكىن داۋۇت بىلەن بارغانلارنىڭ ئارىسىدىكى رەزىل ئادەملەر ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى قوپۇپ: ــ بۇلار بىز بىلەن بارمىغاندىن كېيىن بىز ياندۇرۇپ ئالغان ئولجىدىن ئۇلارغا ھېچ نېمە بەرمەيلى. ئۇلار پەقەت ھەربىرى ئۆز خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ كەتسۇن، دېدى.
اما داوود گفت: «نه، برادران من! با آنچه خداوند به ما داده است چنین عمل نکنید. خداوند ما را سلامت نگاه داشته و کمک کرده است تا دشمن را شکست دهیم. 23
ئەمما داۋۇت: ــ ياق، ئى بۇرادەرلىرىم؛ پەرۋەردىگار بىزگە تەقسىم قىلغاننى [ئۇلارغىمۇ تەقسىم] قىلمىساق بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنى قوغداپ بىزنىڭكىگە تاجاۋۇز قىلغانلارنى قولىمىزغا تاپشۇردى.
من با آنچه شما می‌گویید موافق نیستم. همهٔ ما به طور یکسان از این غنیمت سهم خواهیم برد. کسانی که به میدان جنگ می‌روند و آنانی که در اردوگاه نزد اسباب و اثاثیه می‌مانند سهم هر دو مساوی است.» 24
بۇ ئىشتا كىم سىلەرگە ماقۇل دەيدۇ؟ چۈنكى سوقۇشقا چۈشكەننىڭ ئۈلۈشى قانداق بولسا يۈك-تاقلارغا قارىغۇچىلارنىڭمۇ ئۈلۈشى شۇنداق بولىدۇ؛ ھەممە ئادەم تەڭ بۆلۈشسۇن ــ دېدى.
از آن زمان به بعد این حکم داوود در اسرائیل به صورت یک قانون درآمد که تا به امروز هم به قوت خود باقی است. 25
شۇ كۈندىن تارتىپ بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن ھۆكۈم-بەلگىلىمە قىلىپ بېكىتىلدى. بۈگۈنگىچە ھەم شۇنداق.
وقتی که داوود به صقلغ رسید، قسمتی از غنایم جنگی را برای بزرگان یهودا که دوستانش بودند، فرستاد و گفت: «این هدیه‌ای است که از دشمنان خداوند به دست آورده‌ایم.» 26
داۋۇت زىكلاگقا يېتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرى بولغان يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجا سىلەرگە بىر سوۋغات بولسۇن، دېدى.
داوود برای این شهرها نیز که خود و همراهانش قبلاً در آنجا بودند هدایا فرستاد: بیت‌ئیل، راموت در جنوب یهودا، یتیر، عروعیر، سفموت، اشتموع، راکال، شهرهای یرحم‌ئیلیان، شهرهای قینیان، حرمه، بورعاشان، عتاق و حبرون. 27
ئۇ ئولجىدىن ھەم بەيت-ئەلدىكىلەرگە، جەنۇبىي راموتتىكىلەرگە، ياتتىردىكىلەرگە،
28
ئاروئەردىكىلەرگە، سىفموتتىكىلەرگە، ئەشتەموئادىكىلەرگە،
29
راقالدىكىلەرگە، يەراھمەئەللىكلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكىلەرگە ۋە كېنىيلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكىلەرگە،
30
خورماھتىكىلەرگە، قوراشاندىكىلەرگە، ئاتاقتىكىلەرگە،
31
ھېبروندىكىلەرگە ۋە داۋۇت ۋە ئادەملىرى بىللە يۈرگەن ھەممە يەردىكىلەرگە سوۋغات ئەۋەتتى.

< اول سموئیل 30 >