شائول سی ساله بود که پادشاه شد و چهل و دو سال بر اسرائیل سلطنت کرد. | 1 |
سائۇل [ئوتتۇز] ياشتا پادىشاھ بولۇپ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە ئىككى يىل سەلتەنەت قىلغاندىن كېيىن |
شائول سه هزار نفر از مردان اسرائیلی را برگزید و از ایشان دو هزار نفر را با خود برداشته، به مخماس و کوه بیتئیل برد و هزار نفر دیگر را نزد پسرش یوناتان در جِبعه واقع در ملک بنیامین گذاشت و بقیه را به خانههایشان فرستاد. | 2 |
ئۆزىگە ئىسرائىلدىن ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئىلغاپ ئالدى. ئىككى مىڭى مىكماشتا ۋە بەيت-ئەل تاغلىرىدا سائۇلنىڭ قېشىدا، بىر مىڭى بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھدا يوناتاننىڭ قېشىدا ئىدى. ئەمما ئۇ قالغان خەلقنىڭ ھەربىرىنى ئۆز ئۆيلىرىگە كەتكۈزىۋەتتى. |
یوناتان به قرارگاه فلسطینیها در جِبَع حمله کرد و افراد آنجا را از پای درآورد و این خبر فوری به گوش فلسطینیان رسید. شائول با نواختن کرنا به سراسر اسرائیل پیغام فرستاد که برای جنگ آماده شوند. | 3 |
يوناتان بولسا فىلىستىيلەرنىڭ گېبادىكى لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلدى، فىلىستىيلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. سائۇل بولسا: ــ پۈتكۈل زېمىندىكى ئىبرانىيلار ئاڭلاپ ئويغانسۇن دەپ، كاناي چالدۇردى. |
وقتی بنیاسرائیل شنیدند که شائول به قرارگاه فلسطینیها حمله کرده است و اینکه اسرائیلیها مورد نفرت فلسطینیها قرار گرفتهاند، در جِلجال نزد شائول گرد آمدند. | 4 |
پۈتكۈل ئىسرائىل سائۇلنىڭ فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ھەمدە ئىسرائىلنىڭ فىلىستىيلەرگە نەپرەتلىنىدىغانلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خەلق سائۇلنىڭ كەينىدىن گىلگالغا بېرىپ يىغىلدى. |
فلسطینیها لشکر عظیمی که شامل سه هزار ارابه، شش هزار سرباز سواره و عدهٔ بیشماری سرباز پیاده بود، فراهم نمودند. آنها در مخماس واقع در سمت شرقی بیتآون اردو زدند. | 5 |
فىلىستىيلەردىن ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئاتلىق لەشكەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە لەشكەر يىغىلدى. ئۇلار كېلىپ بەيت-ئاۋەننىڭ شەرق تەرىپىدىكى مىكماشتا بارگاھ تىكتى. |
اسرائیلیها، چون چشمشان به لشکر عظیم دشمن افتاد، روحیهٔ خود را باختند و سعی کردند در غارها و بیشهها، چاهها و حفرهها، و در میان صخرهها خود را پنهان کنند. | 6 |
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق خىيىم-خەتەردە قالغانلىقىنى كۆرۈپ غارلارغا، چاتقاللىقلارغا، قىيا تاشلىقلارغا، يۇقىرى جايلارغا ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنىۋېلىشتى؛ |
بعضی از ایشان نیز از رود اردن گذشته، به سرزمین جاد و جلعاد گریختند. ولی شائول در جلجال ماند و همراهانش از شدت ترس میلرزیدند. | 7 |
[بەزى] ئىبرانىيلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلېئادنىڭ زېمىنىغا قېچىپ باردى. لېكىن سائۇل گىلگالدا قالدى، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تىترىگەن ھالدا ئەگەشتى. |
سموئیل به شائول گفته بود که پس از هفت روز میآید، ولی از او خبری نبود و سربازان شائول به تدریج پراکنده میشدند. | 8 |
ئەمدى سائۇل سامۇئىل ئۇنىڭغا بېكىتكەن ۋاقىتقىچە يەتتە كۈن كۈتۈپ تۇردى؛ لېكىن سامۇئىل گىلگالغا كەلمىدى، خەلق ئۇنىڭدىن تارىلىپ كەتكىلى تۇردى. |
پس شائول تصمیم گرفت خود، مراسم تقدیم قربانیهای سوختنی و سلامتی را اجرا کند. | 9 |
سائۇل: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى بۇ يەرگە ــ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزدى. |
درست در پایان مراسم تقدیم قربانی سوختنی، سموئیل از راه رسید و شائول به استقبال وی شتافت. | 10 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تۈگىتىشى بىلەنلا، مانا سامۇئىل كەلدى. سائۇل ئۇنىڭغا سالام قىلغىلى ئالدىغا چىقتى. |
اما سموئیل به او گفت: «این چه کاری بود که کردی؟» شائول پاسخ داد: «چون دیدم سربازان من پراکنده میشوند و تو نیز به موقع نمیآیی و فلسطینیها هم در مخماس آمادهٔ جنگ هستند، | 11 |
لېكىن سامۇئىل: ــ نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟! ــ دەپ سورىدى. سائۇل: ــ خەلق مەندىن تارىلىپ كەتكەنلىكىنى، سىلىنىڭ بېكىتكەن ۋاقىتتا كەلمىگەنلىكلىرىنى، فىلىستىيلەرنىڭ مىكماشتا يىغىلغىنىنى كۆردۇم، |
به خود گفتم که فلسطینیها هر آن ممکن است در جِلجال به ما حمله کنند و من حتی فرصت پیدا نکردهام از خداوند کمک بخواهم. پس مجبور شدم خودم قربانی سوختنی را تقدیم کنم.» | 12 |
مەن ئىچىمدە: ئەمدى فىلىستىيلەر گىلگالغا چۈشۈپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقچى، مەن بولسام تېخى پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلمىدىم، دېدىم. شۇڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا ئۆزۈمنى مەجبۇرلىدىم، دېدى. |
سموئیل به شائول گفت: «کار احمقانهای کردی، زیرا از فرمان خداوند، خدایت سرپیچی نمودی. اگر اطاعت میکردی خداوند اجازه میداد تو و نسل تو همیشه بر اسرائیل سلطنت کنید، | 13 |
سامۇئىل سائۇلغا: ــ سەن ئەخمەقلىق قىلدىڭ؛ سەن خۇدايىڭ پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغان ئەمرنى تۇتمىدىڭ؛ شۇنداق قىلغان بولساڭ پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىڭنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلاتتى، دېدى. |
اما اینک سلطنت تو دیگر ادامه نخواهد یافت. خداوند مرد دلخواه خود را پیدا خواهد کرد تا او را رهبر قومش سازد، زیرا فرمان خداوند را نگاه نداشتی.» | 14 |
لېكىن ئەمدى سەلتەنىتىڭ مۇستەھكەم تۇرمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىدىكىدەك مۇۋاپىق بىر ئادەمنى ئىزدەپ تاپتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ باشلامچىسى قىلدى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغاننى تۇتمىدىڭ، دېدى. |
سموئیل از جلجال به جِبعه که در سرزمین بنیامین بود، رفت. شائول سربازانی را که نزد وی باقی مانده بودند شمرد. تعداد آنها ششصد نفر بود. | 15 |
ئاندىن سامۇئىل ئورنىدىن تۇرۇپ گىلگالدىن كېتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاھغا باردى. سائۇل بولسا ئۆز يېنىدىكى ئادەملەرنى سانىدى؛ ئۇلار ئالتە يۈزچە چىقتى. |
شائول و یوناتان با این ششصد نفر در جِبعۀ بنیامین اردو زدند. فلسطینیها هنوز در مخماس بودند. | 16 |
سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارنىڭ قېشىدا قالغان خەلق بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبادا قېلىپ قالدى، فىلىستىيلەر بولسا مىكماشتا بارگاھ تىككەنىدى. |
طولی نکشید که سه دسته از اردوگاه فلسطینیها بیرون آمدند، یک دسته به عُفره که در سرزمین شوعال واقع شده بود رفت، | 17 |
قاراقچىلار دائىم فىلىستىيلەرنىڭ بارگاھىدىن چىقىپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنەتتى. بىر بۆلەك شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھغا بارىدىغان يولغا ئاتلىناتتى، |
دستۀ دیگر به بیتحورون شتافت و سومی به طرف مرز بالای درۀ صبوئیم که مشرف به بیابان بود، حرکت کرد. | 18 |
بىر بۆلەك بەيت-ھورونغا بارىدىغان يول بىلەن ماڭاتتى، يەنە بىر بۆلەك چۆلنىڭ چېتىدىكى زەبوئىم جىلغىسىغا قارايدىغان زېمىندىكى يولغا ماڭاتتى. |
در آن روزها در اسرائیل آهنگری یافت نمیشد، چون فلسطینیها میترسیدند عبرانیها برای خود شمشیر و نیزه بسازند، پس اجازه نمیدادند پای هیچ آهنگری به اسرائیل برسد. | 19 |
ئەمما پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا ھېچبىر تۆمۈرچى تېپىلمايتتى؛ چۈنكى فىلىستىيلەر: ــ ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ ياكى نەيزە ياسىيالمىسۇن، دەپ ئويلايتتى. |
بنابراین هر وقت اسرائیلیها میخواستند گاوآهن، بیل، تبر، و داس خود را تیز کنند آنها را به فلسطین میبردند. | 20 |
بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار ھەممىسى ساپان چىشلىرى، كەتمەنلىرىنى، پالتىلىرىنى ۋە ئورغاقلىرىنى بىسلاش ئۈچۈن فىلىستىيلەرنىڭ قېشىغا باراتتى. |
(اجرت تیز کردن گاوآهن و بیل، هشت گرم نقره و اجرت تیز کردن تبر و چنگال سه دندانه و داس، چهار گرم نقره بود.) | 21 |
ئۇلار ساپان چىشلىرى ۋە كەتمەنلەر ئۈچۈن ئۈچتىن ئىككى شەكەل، جوتۇ، پالتا ۋە زىخلارنى بىسلاش ئۈچۈن ئۈچتىن بىر شەكەلنى تۆلەيتتى. |
به این ترتیب در آن موقع سربازان اسرائیلی شمشیر یا نیزه نداشتند، ولی شائول و یوناتان داشتند. | 22 |
شۇڭا ئۇرۇش بولغاندا سائۇل ۋە يوناتاننىڭ قېشىدىكى خەلقنىڭ ھېچبىرىدە قىلىچ يا نەيزە يوق ئىدى؛ پەقەت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاندىلا بار ئىدى. |
فلسطینیها یک دسته از سربازان خود را اعزام کردند تا از گذرگاه مخماس دفاع کنند. | 23 |
ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەرنىڭ بىر قاراۋۇللار ئەترىتى مىكماشتىكى داۋانغا چىققانىدى. |