روزی یک نبی به نام ایلیا که از اهالی تشبی جلعاد بود، به اَخاب پادشاه گفت: «به خداوند، خدای زندهٔ اسرائیل، یعنی به همان خدایی که خدمتش میکنم قسم که تا چند سال شبنم و باران بر زمین نخواهد آمد مگر اینکه من درخواست کنم.» | 1 |
ئەمدى گىلېئادتا تۇرۇۋاتقانلاردىن بولغان تىشبىلىق ئىلىياس ئاھابقا: ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ سۆزۈمسىز بۇ يىللاردا نە شەبنەم نە يامغۇر چۈشمەيدۇ، دېدى. |
پس خداوند به ایلیا فرمود: | 2 |
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ: ــ |
«برخیز و به طرف مشرق برو و کنار نهر کریت، در شرق رود اردن خود را پنهان کن. | 3 |
بۇ يەردىن كېتىپ، مەشرىق تەرەپكە بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىنىڭ بويىدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن؛ |
در آنجا از آب نهر بنوش و خوراکی را که کلاغها به فرمان من برای تو میآورند، بخور.» | 4 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچىسەن؛ مانا، ساڭا ئۇ يەردە ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرىشكە قاغا-قۇزغۇنلارنى بۇيرۇدۇم، دېيىلدى. |
ایلیای نبی به دستور خداوند عمل کرد و در کنار نهر کریت ساکن شد. | 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. |
هر صبح و شام کلاغها برایش نان و گوشت میآوردند و او از آب نهر مینوشید. | 6 |
قاغا-قۇزغۇنلار ئەتىگەندە نان بىلەن گۆش، ھەر كەچتە يەنە نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇ ئۆزى ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچەتتى. |
اما چندی بعد به علّت نبودن باران نهر خشکید. | 7 |
لېكىن زېمىندا يامغۇر ياغمىغىنى ئۈچۈن بىرمەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۇ قۇرۇپ كەتتى. |
آنگاه خداوند به ایلیا فرمود: | 8 |
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ: ــ |
«برخیز و به شهر صرفه که نزدیک شهر صیدون است برو و در آنجا ساکن شو. من در آنجا به بیوهزنی دستور دادهام خوراک تو را فراهم سازد.» | 9 |
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ زىدوندىكى زارەفاتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ مانا، مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل خوتۇننى سېنى بېقىشقا بۇيرۇدۇم، دېيىلدى. |
پس ایلیا از آنجا به صرفه رفت. وقتی به دروازهٔ شهر رسید، بیوهزنی را دید که مشغول جمع کردن هیزم است. ایلیا از او کمی آب خواست. | 10 |
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ زارەفاتقا بېرىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە، مانا ئۇ يەردە بىر تۇل خوتۇن ئوتۇن تېرىپ تۇراتتى. ئۇ تۇل خوتۇننى چاقىرىپ: ــ ئۆتۈنىمەن، قاچىدا ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ ئېلىپ كەلگەيسەن، دېدى. |
وقتی آن زن به راه افتاد تا آب بیاورد، ایلیا او را صدا زد و گفت: «خواهش میکنم یک لقمه نان هم بیاور.» | 11 |
ئۇ سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئۇ يەنە: ــ ئۆتۈنىمەن، ماڭا قولۇڭدا بىر چىشلەم نانمۇ ئالغاچ كەلگەيسەن، دېدى. |
اما بیوهزن گفت: «به خداوند، خدای زندهات قسم که در خانهام حتی یک تکه نان هم پیدا نمیشود! فقط یک مشت آرد در ظرف و مقدار کمی روغن در ته کوزه مانده است. الان هم کمی هیزم جمع میکردم تا ببرم نان بپزم و با پسرم بخورم. این آخرین غذای ما خواهد بود و بعد از آن از گرسنگی خواهیم مرد.» | 12 |
ئەمما ئۇ: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھاياتى بىلەن، ساڭا قەسەم قىلىمەنكى، مەندە ھېچ نان يوق، پەقەت ئىدىشتا بىر چاڭگال ئۇن، كوزىدا ئازغىنە ماي بار، مانا ئىككى تال ئوتۇن تېرىۋاتىمەن؛ ئاندىن بېرىپ ئۆزۈم بىلەن ئوغلۇمغا نان ئېتىپ، ئۇنى يەپ ئۆلىمىز، دېدى. |
ایلیا به او گفت: «نترس! برو و آن را بپز. اما اول، از آن آرد نان کوچکی برای من بپز و پیش من بیاور، بعد با بقیهٔ آن برای خودت و پسرت نان بپز. | 13 |
ئىلىياس ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن؛ بېرىپ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن؛ لېكىن ئاۋۋال بىر كىچىك توقاچ ئېتىپ، ماڭا ئېلىپ كەلگىن؛ ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغلۇڭغا نان ئەتكىن. |
زیرا خداوند، خدای اسرائیل میفرماید: تا وقتی که باران بر زمین نبارانم، آرد و روغن تو تمام نخواهد شد.» | 14 |
چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىدىغان كۈنگىچىلىك ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمەيدۇ ۋە كوزىدىكى ماي كېمەيمەيدۇ»، دېدى. |
بیوهزن رفت و مطابق گفتهٔ ایلیا عمل کرد. از آن به بعد، آنها هر چقدر از آن آرد و روغن مصرف میکردند تمام نمیشد، همانطور که خداوند توسط ایلیا فرموده بود. | 15 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، ئىلىياسنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى ۋە ئۇ، ئىلىياس ۋە ئايالنىڭ ئۆيىدىكىلەر خېلى كۈنلەرگىچە يېدى. |
16 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئىلىياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى ۋە كوزىدىكى مايمۇ كېمەيمىدى. |
مدتی گذشت. یک روز پسر آن بیوهزن بیمار شد. حال او بدتر و بدتر شد و عاقبت مرد. | 17 |
شۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان بۇ ئايالنىڭ ئوغلى كېسەل بولدى. ئۇنىڭ كېسىلى شۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتتىكى، ئۇنىڭدا نەپەس قالمىدى. |
زن به ایلیا گفت: «ای مرد خدا، این چه بلایی است که بر سر من آوردی؟ آیا به اینجا آمدهای تا به سبب گناهانم پسرم را بکشی؟» | 18 |
ئايال ئىلىياسقا: ــ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقەم بار ئىدى؟ سەن گۇناھىمنى يادقا كەلتۈرۈپ، ئوغلۇمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشقا كەلدىڭمۇ؟ ــ دېدى. |
ایلیا به او گفت: «پسرت را به من بده.» آنگاه ایلیا جنازه را برداشت و به بالاخانه، جایی که خودش زندگی میکرد برد و او را روی بستر خود خواباند. | 19 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇڭنى قولۇمغا بەرگىن، دەپ ئۇنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئېلىپ ئۆزى ئولتۇرغان بالىخانىغا ئېلىپ چىقىپ ئۆز ئورنىغا قويۇپ، |
سپس با صدای بلند چنین دعا کرد: «ای خداوند، خدای من، چرا این بلا را بر سر این بیوهزن آوردی؟ چرا پسر او را که مرا در خانهاش پناه داده است، کشتی؟» | 20 |
پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ ئى خۇدايىم پەرۋەردىگار، مەن مېھمان بولغان بۇ تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ بېشىغىمۇ بالا چۈشۈردۇڭمۇ؟ ــ دەپ نىدا قىلدى. |
سپس ایلیا سه بار روی جنازهٔ پسر دراز کشید و دعا کرد: «ای خداوند، خدای من، از تو تمنا میکنم که این پسر را زنده کنی!» | 21 |
ئۇ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قېتىم ئۆزىنى چاپلاپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، بۇ بالىنىڭ جېنى ئۆزىگە يەنە يېنىپ كىرسۇن! ــ دەپ نىدا قىلدى. |
خداوند دعای ایلیا را شنید و پسر را زنده کرد. | 22 |
پەرۋەردىگار ئىلىياسنىڭ پەريادىنى ئاڭلىدى؛ بالىنىڭ جېنى ئۇنىڭغا يېنىپ كىرىشى بىلەن ئۇ تىرىلدى. |
آنگاه ایلیا پسر را از بالاخانه پایین آورد و به مادرش داد و گفت: «نگاه کن، پسرت زنده است!» | 23 |
ئىلىياس بالىنى بالىخانىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، ئۆيگە كىرىپ، ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئىلىياس: ــ مانا ئوغلۇڭ تىرىكتۇر، دېدى. |
آن زن به ایلیا گفت: «الان فهمیدم که تو براستی مرد خدا هستی و هر چه میگویی از جانب خداوند است!» | 24 |
ئايال ئىلىياسقا: ــ مەن شۇ ئىش ئارقىلىق ئەمدى سېنىڭ خۇدانىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىڭنى، ئاغزىڭدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم، دېدى. |