در هجدهمین سال سلطنت یربعام، پادشاه اسرائیل، اَبیّام پادشاه یهودا شد و سه سال در اورشلیم سلطنت کرد. مادر او معکه دختر ابشالوم بود. | 1 |
نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلىدا ئابىيام يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ |
2 |
يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى. |
اَبیّام نیز مانند پدرش مرد فاسدی بود و مثل داوود پادشاه نبود که نسبت به خداوند وفادار باشد. | 3 |
ئابىيامنىڭ قەلبى بوۋىسى داۋۇتنىڭ كۆڭلىدەك خۇداسى پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغان ئەمەس ئىدى، بەلكى ئاتىسى رەھوبوئامنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىدا ماڭاتتى. |
اما با وجود این، خداوند به خاطر نظر لطفی که به جد او داوود داشت، به اَبیّام پسری بخشید تا سلطنت خاندان داوود در اورشلیم برقرار بماند؛ | 4 |
شۇنداقتىمۇ داۋۇتنىڭ سەۋەبىدىن خۇداسى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۇنىڭغا [يورۇق] بىر چىراغنى قالدۇرۇش ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئەۋلادىنى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ تىكلەپ تۇرغۇزدى ۋە يېرۇسالېمنى قوغدىدى. |
چون داوود در تمام عمر خود مطابق میل خداوند رفتار مینمود. او از دستورهای خداوند سرپیچی نکرد، بهجز در مورد اوریای حیتی. | 5 |
چۈنكى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھىتتىي ئۇرىياغا قىلغانلىرىدىن باشقا ئۆمرىنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئەمر قىلغانلىرىدىن چىقمىدى. |
در طول سه سال سلطنت اَبیّام، بین رحُبعام و یربعام همیشه جنگ بود. | 6 |
ئەمدى [ئابىيامنىڭ] پۈتۈن ئۆمرىدە رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. |
رویدادهای دیگر سلطنت اَبیّام در کتاب تاریخ پادشاهان یهودا نوشته شده است. میان اَبیّام و یربعام دائم جنگ بود. | 7 |
ئابىيامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ ئابىيام بىلەن يەروبوئام بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇراتتى. |
وقتی اَبیّام مرد، او را در اورشلیم دفن کردند و پسرش آسا به جای او پادشاه شد. | 8 |
ئابىيام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇلار ئۇنى «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلدى. ئاندىن ئوغلى ئاسا ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
در بیستمین سال سلطنت یربعام پادشاه اسرائیل، آسا پادشاه یهودا شد. | 9 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يەروبوئام سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمىنچى يىلىدا ئاسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ |
او چهل و یک سال در اورشلیم سلطنت کرد. مادر بزرگ او معکه دختر ابشالوم بود. | 10 |
يېرۇسالېمدا قىرىق بىر يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاقاھ بولۇپ، ئابىشالومنىڭ قىزى ئىدى. |
آسا هم مثل جد خود داوود، مطابق میل خداوند رفتار میکرد. | 11 |
ئاسا ئاتىسى داۋۇت قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى. |
افرادی را که لواط میکردند از سرزمین خود اخراج کرد و تمام بتهایی را که پدرش بر پا کرده بود، در هم کوبید. | 12 |
ئۇ كەسپىي بەچچىۋازلارنى زېمىندىن ھەيدەپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان ھەممە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى يوقىتىۋەتتى. |
حتی مادر بزرگ خود معکه را به سبب اینکه بت میپرستید، از مقام ملکهای برکنار کرد و بت او را شکست و در درهٔ قدرون سوزانید. | 13 |
ئۇ يەنە چوڭ ئانىسى مائاقاھنى يىرگىنچلىك بىر «ئاشەراھ» تۈۋرۈكنى ياسىغىنى ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتتى. ئاسا بۇ يىرگىنچلىك بۇتنى كېسىپ كىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. |
هر چند بتکدههای بالای تپهها به کلی از بین نرفت، اما آسا در تمام زندگی خویش نسبت به خداوند وفادار ماند. | 14 |
«يۇقىرى جايلار» يوقىتىلمىسىمۇ، ئاسانىڭ قەلبى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگارغا پۈتۈنلەي بېغىشلانغانىدى. |
آسا اشیاء طلا و نقرهای را که خود و پدرش وقف خانهٔ خداوند نموده بودند، در خانهٔ خداوند گذاشت. | 15 |
ھەم ئاتىسى ھەم ئۇ ئۆزى [پەرۋەردىگارغا] ئاتاپ ياسىغان نەرسىلەرنى، جۈملىدىن كۈمۈش بىلەن ئالتۇننى ۋە تۈرلۈك قاچا-قۇچىلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈردى. |
آسا، پادشاه یهودا و بعشا، پادشاه اسرائیل همیشه با یکدیگر در حال جنگ بودند. | 16 |
ئەمدى ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. |
بعشا، پادشاه اسرائیل به یهودا لشکر کشید و شهر رامه را بنا کرد تا نگذارد کسی نزد آسا، پادشاه یهودا رفت و آمد کند. | 17 |
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا يەھۇداغا قارشى ھۇجۇم قىلدى؛ ھېچكىم يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسا بىلەن باردى-كەلدى قىلمىسۇن دەپ، راماھ شەھىرىنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. |
آسا چون وضع را چنین دید، هر چه طلا و نقره در خزانههای خانۀ خداوند و کاخ سلطنتی بود گرفته، با این پیام برای بنهدد پسر طَبریمّون پسر حِزیون، پادشاه سوریه به دمشق فرستاد: | 18 |
ئۇ ۋاقىتتا ئاسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەردە قالغان بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىلەردە قالغان ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ئاندىن ئاسا پادىشاھ ئۇلارنى دەمەشقتە تۇرۇشلۇق سۇرىيە پادىشاھى ھېزىئوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى بەن-ھادادقا ئەۋەتتى ۋە شۇلار بىلەن بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ: ــ |
«بیا مثل پدرانمان با هم متحد شویم. این طلا و نقره را که برایت میفرستم از من بپذیر. پیوند دوستی خود را با بعشا، پادشاه اسرائیل قطع کن تا او از قلمرو من خارج شود.» | 19 |
«مېنىڭ ئاتام بىلەن سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغاندەك مەن بىلەن سىلىنىڭ ئارىلىرىدا بىر ئەھدە بولسۇن. مانا، سىلىگە كۈمۈش بىلەن ئالتۇندىن ھەدىيە ئەۋەتتىم؛ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بىلەن بولغان ئەھدىلىرىدىن قوللىرىنى ئۈزسىلە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى قامال قىلىشتىن قول ئۈزسۇن» ــ دېدى. |
بنهدد موافقت کرد و با سپاهیان خود به اسرائیل حمله برد و شهرهای عیون، دان، آبل بیتمعکه، ناحیهٔ دریاچهٔ جلیل و سراسر نفتالی را تسخیر کرد. | 20 |
بەن-ھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئۆز قوشۇنىنىڭ سەردارلىرىنى ئىسرائىلنىڭ شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئىجون، دان، بەيت-مائاقاھدىكى ئابەل، پۈتكۈل كىننەرەت يۇرتى بىلەن نافتالىنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى بېقىندۇردى. |
وقتی بعشا این را شنید، از ادامهٔ بنای رامه دست کشید و به ترصه بازگشت. | 21 |
بائاشا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، راماھ ئىستىھكامىنى ياساشتىن قولىنى يىغىپ، تىرزاھقا بېرىپ تۇردى. |
آنگاه آسا به سراسر یهودا پیغام فرستاد که همهٔ مردان بدون استثنا بیایند و سنگها و چوبهایی را که بعشا برای بنای رامه به کار میبرد برداشته، ببرند. آسا با این مصالح، شهر جبع واقع در زمین بنیامین و شهر مصفه را بنا نهاد. | 22 |
ئاسا پادىشاھ بولسا پۈتكۈل يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى ھېچبىرىنى قويماي چاقىرىپ يىغدى؛ ئۇلار بائاشا راماھ شەھىرىنى ياساشقا ئىشلەتكەن تاشلار بىلەن ياغاچلارنى راماھتىن توشۇپ ئېلىپ كەتتى. ئاسا پادىشاھ مۇشۇلارنى ئىشلىتىپ بىنيامىن زېمىنىدىكى گېبانى ۋە مىزپاھنى مەھكەم قىلىپ ياسىدى. |
بقیهٔ رویدادهای سلطنت آسا، یعنی فتوحات و کارهای او و نام شهرهایی را که ساخته، همه در کتاب «تاریخ پادشاهان یهودا» نوشته شده است. آسا در سالهای پیری به پا درد سختی مبتلا شد. | 23 |
ئەمدى ئاسانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ زور قۇدرىتى، ئۇنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا ياسىغان شەھەرلەر توغرىسىدا «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ لېكىن قېرىغاندا، ئۇنىڭ پۇتىدا بىر كېسەل پەيدا بولدى. |
وقتی آسا فوت کرد، او را در آرامگاه سلطنتی، در شهر پدرش داوود دفن کردند. بعد از او پسرش یهوشافاط به مقام پادشاهی یهودا رسید. | 24 |
ئاسا ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە داۋۇتنىڭ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى يەھوشافات ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
در سال دوم سلطنت آسا پادشاه یهودا، ناداب، پسر یربعام، پادشاه اسرائیل شد و دو سال سلطنت کرد. | 25 |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئىككىنچى يىلىدا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ناداب ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ ئىسرائىلغا ئىككى يىل پادىشاھ بولدى. |
او نیز مثل پدرش نسبت به خداوند گناه ورزید و اسرائیل را به گناه کشاند. | 26 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئاتىسىنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرىدا ماڭدى. |
بعشا پسر اخیا از قبیلهٔ یساکار بر ضد ناداب برخاست و هنگامی که ناداب با سپاه خود شهر جبتون را که یکی از شهرهای فلسطین بود محاصره میکرد بعشا ناداب را کشت. | 27 |
لېكىن ئىسساكار جەمەتىدىن بولغان ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا ئۇنىڭغا قەست قىلىپ، ئۇنى فىلىستىيلەرنىڭ تەۋەسىدىكى گىببېتوندا ئۆلتۈردى. شۇ چاغدا ناداب پۈتۈن ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە گىببېتونغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. |
بعشا در سومین سال سلطنت آسا پادشاه یهودا، به جای ناداب بر تخت سلطنت اسرائیل نشست. | 28 |
يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بائاشا نادابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |
او وقتی به قدرت رسید تمام فرزندان یربعام را کشت، به طوری که حتی یک نفر هم از خاندان او زنده نماند. این درست همان چیزی بود که خداوند بهوسیلۀ خدمتگزارش اخیای شیلونی خبر داده بود؛ | 29 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ پادىشاھ بولغاندا يەروبوئامنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى شىلوھلۇق ئاخىياھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن نەپىسى بارلارنى بىرىنىمۇ قويماي پۈتۈنلەي يوقاتتى. |
زیرا یربعام نسبت به خداوند گناه ورزید و تمام اسرائیل را به گناه کشاند و خداوند، خدای قوم اسرائیل را خشمگین نمود. | 30 |
بۇ ئىش يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولدى؛ ئۇ شۇلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قاتتىق قوزغىغانىدى. |
جزئیات سلطنت ناداب در کتاب «تاریخ پادشاهان اسرائیل» نوشته شده است. | 31 |
نادابنىڭ باشقا ئىشلىرى بىلەن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
بین آسا، پادشاه یهودا و بعشا، پادشاه اسرائیل همیشه جنگ بود. | 32 |
ئاسا ۋە ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بائاشا بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇردى. |
در سومین سال سلطنت آسا پادشاه یهودا، بعشا بر اسرائیل پادشاه شد و بیست و چهار سال در ترصه سلطنت کرد. | 33 |
يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا ئاخىياھنىڭ ئوغلى بائاشا پۈتۈن ئىسرائىل ئۈستىگە تىرزاھتا ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى؛ ئۇ يىگىرمە تۆت يىل سەلتەنەت قىلدى. |
او نیز مثل یربعام نسبت به خداوند گناه ورزید و اسرائیل را به گناه کشاند. | 34 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ ئۇ يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پاتقۇزغان گۇناھىدا ماڭدى. |