در آن روزها اَبیّام پسر یربعام پادشاه بیمار شد. | 1 |
ئۇ ۋاقىتتا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ئابىياھ كېسەل بولۇپ قالدى. |
یربعام به همسرش گفت: «قیافهات را تغییر بده تا کسی تو را نشناسد و پیش اخیای نبی که در شیلوه است برو. او همان کسی است که به من گفت که بر این قوم پادشاه میشوم. | 2 |
يەروبوئام ئايالىغا: ــ ئورنۇڭدىن قوپۇپ، ھېچكىم سېنىڭ يەروبوئامنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىڭنى تونۇمىغۇدەك قىلىپ ئۆز قىياپىتىڭنى ئۆزگەرتىپ، شىلوھقا بارغىن. مانا ماڭا: «بۇ خەلقنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن» دەپ ئېيتقان ئاخىياھ پەيغەمبەر ئۇ يەردە ئولتۇرىدۇ. |
ده نان، یک کوزه عسل و مقداری هم کلوچه برایش ببر و از او بپرس که آیا فرزند ما خوب میشود یا نه؟» | 3 |
قولۇڭغا ئون نان، بىرنەچچە پوشكال، بىر قۇتا ھەسەلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بارغىن. ئۇ يىگىتىمىزنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ساڭا دەپ بېرىدۇ، دېدى. |
پس همسر یربعام به راه افتاد و به خانهٔ اخیای نبی که در شیلوه بود رسید. اخیای نبی پیر شده بود و چشمانش نمیدید. | 4 |
يەروبوئامنىڭ ئايالى شۇنداق قىلىپ، شىلوھقا بېرىپ ئاخىياھنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىياھنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقتىن كور بولۇپ كۆرەلمەيتتى. |
اما خداوند به او گفته بود که بهزودی ملکه در قیافهٔ مبدل به دیدار او میآید تا دربارهٔ وضع پسر بیمارش از وی سؤال کند، خداوند همچنین به اخیای نبی گفته بود که به ملکه چه بگوید. | 5 |
لېكىن پەرۋەردىگار ئاخىياھقا: ــ مانا، يەروبوئامنىڭ ئايالى ئۆز ئوغلى توغرىسىدا سەندىن سورىغىلى كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ كېسەلدۇر. ئۇنىڭغا مۇنداق-مۇنداق دېگىن؛ چۈنكى ئۇ كەلگەندە باشقا قىياپەتكە كىرىۋالغان بولىدۇ، دەپ ئېيتقانىدى. |
پس وقتی اخیا صدای پای او را دم در شنید گفت: «ای همسر یربعام داخل شو! چرا قیافهات را تغییر دادهای؟ من خبر ناخوشایندی برایت دارم!» | 6 |
ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندە ئاخىياھ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: ــ «ھەي، يەروبوئامنىڭ ئايالى، كىرگىن؛ نېمىشقا باشقا قىياپەتكە كىرىۋالدىڭ؟ ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى بېرىش ماڭا بۇيرۇلدى. |
سپس اخیا این پیغام را از جانب خداوند، خدای قوم اسرائیل به او داد تا به شوهرش یربعام برساند: «من تو را از میان مردم انتخاب کردم تا به پادشاهی برسی. | 7 |
بېرىپ يەروبوئامغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سېنى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئۆز خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ |
سلطنت را از خاندان داوود گرفتم و به تو دادم؛ اما تو مثل بندهٔ من داوود از دستورهایم اطاعت نکردی. او از صمیم قلب مرا پیروی میکرد و آنچه را که من میپسندیدم انجام میداد. | 8 |
پادىشاھلىقنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يىرتىۋېتىپ، ساڭا بەردىم؛ لېكىن سەن مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ، نەزىرىمدە پەقەت دۇرۇس بولغاننىلا قىلىشتا پۈتۈن قەلبىدىن ماڭا ئەگەشكەن قۇلۇم داۋۇتقا ئوخشاش بولمىدىڭ، |
تو از تمام پادشاهانِ پیش از خودت بیشتر بدی کردی؛ بتها ساختی و بتپرست شدی و با ساختن این گوسالهها از من رو گردانیدی و مرا خشمگین نمودی. | 9 |
بەلكى ئۆزۈڭدىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئارتۇق رەزىللىك قىلىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ، مېنى ئارقاڭغا تاشلاپ، بېرىپ ئۆزۈڭگە غەيرىي ئىلاھلارنى، قۇيما مەبۇدلارنى ياساتتىڭ. |
پس من هم بر خاندان تو بلا میفرستم و تمام پسران و مردان خاندانت را، چه اسیر و چه آزاد، نابود میکنم. همانطور که کثافت حیوانات را میسوزانند، من هم خاندان تو را خواهم سوزاند تا اثری از آن بر جا نماند. | 10 |
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە بالا چۈشۈرۈپ، يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلدىكى خاندانىدىن ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسىمۇ ھەممىسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئادەملەر پوق-تېزەكلەرنى سۈپۈرگەندەك يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قالغىنىنى يوق بولغۇچە سۈپۈرىمەن. |
به طوری که از خاندان تو هر که در شهر بمیرد، سگها او را میخورند و هر که در صحرا بمیرد، لاشخورها جسدش را میخورند. من که خداوند هستم این را میگویم.» | 11 |
يەروبوئامدىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغاندۇر. |
سپس اخیا به همسر یربعام گفت: «اکنون برخیز و به خانهات برو. وقتی پایت به شهر برسد پسرت خواهد مرد. | 12 |
ئەمدى سەن بولساڭ، قوپۇپ ئۆز ئۆيۈڭگە بارغىن؛ ئايىغىڭ شەھەرگە كىرگەن ھامان، بالا ئۆلىدۇ. |
تمام اسرائیل برای او عزاداری کرده، او را دفن خواهند کرد. ولی از تمام اعضای خانوادهٔ یربعام این تنها کسی است که در قبر دفن میشود؛ زیرا تنها فرد خوبی که خداوند، خدای اسرائیل در تمام خانوادهٔ یربعام میبیند همین بچه است. | 13 |
پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قەبرىگە قويۇلىدىغان يالغۇز شۇلا بولىدۇ؛ چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىنىڭ ئارىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەقەت شۇنىڭدا پەزىلەت تېپىلدى. |
خداوند پادشاه دیگری برای اسرائیل انتخاب میکند که خاندان یربعام را به کلی از بین میبرد. این از همین امروز شروع میشود! | 14 |
ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆزىگە يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. دەرھەقىقەت، ئۇ پات ئارىدا بولىدۇ! |
خداوند اسرائیل را چنان تکان خواهد داد که مثل علفی که در مسیر آب رودخانه است بلرزد. خداوند اسرائیل را از این سرزمین خوب که به اجدادشان بخشیده، ریشهکن میکند و آنها را در آن طرف رود فرات آواره میسازد، زیرا آنها با بتپرستیشان خداوند را به خشم آوردند. | 15 |
پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇرۇپ، خۇددى سۇدا لىڭشىپ قالغان قۇمۇشتەك قىلىپ قويىدۇ، ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان بۇ ياخشى زېمىندىن قومۇرۇپ، ئۇلارنى [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تارقىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە «ئاشەراھ بۇتلار»نى ياساپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزىغىدى. |
خداوند همچنین به سبب گناه یربعام که اسرائیل را به گناه کشاند ایشان را ترک خواهد گفت.» | 16 |
يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، خۇدا ئىسرائىلنى تاشلاپ بېرىدۇ!»». |
پس زن یربعام به ترصه بازگشت. به محض اینکه پای او به آستانهٔ کاخ سلطنتی رسید، پسرش مرد. | 17 |
شۇنىڭ بىلەن يەروبوئامنىڭ ئايالى قوپۇپ، يولغا چىقىپ تىرزاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىغا بالا ئۆلدى. |
همانطور که خداوند بهوسیلۀ اخیای نبی فرموده بود، پسر را دفن کردند و در سراسر اسرائیل برایش ماتم گرفتند. | 18 |
ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى ئاخىياھ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزىدەك، پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. |
شرح وقایع جنگها و سایر رویدادهای دوران فرمانروایی یربعام در کتاب «تاریخ پادشاهان اسرائیل» نوشته شده است. | 19 |
ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى، يەنى جەڭلىرى ۋە قانداق سەلتەنەت قىلغانلىرى توغرىسىدا مانا، «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. |
یربعام بیست و دو سال سلطنت کرد و بعد از مرگ او، پسرش ناداب زمام امور را در دست گرفت. | 20 |
يەروبوئامنىڭ سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يىگىرمە ئىككى يىل بولۇپ، ئۇ ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئوغلى ناداب ئۇنىڭ ئورنىدا ھۆكۈم سۈردى. |
رحبعام، پسر سلیمان، چهل و یک ساله بود که پادشاه یهودا شد. مادرش اهل عمون و نامش نعمه بود. او در اورشلیم، شهری که خداوند از میان سایر شهرهای اسرائیل برگزیده بود تا اسمش را بر آن بگذارد به مدت هفده سال سلطنت کرد. | 21 |
ۋە سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بولسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. رەھوبوئام پادىشاھ بولغاندا قىرىق بىر ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز نامىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرى ئارىسىدىن تاللىغان يېرۇسالېم شەھىرىدە ئون يەتتە يىل ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئاممونىي ئىدى. |
در دورهٔ سلطنت او، مردم یهودا نسبت به خداوند گناه ورزیدند و با گناهان خود حتی بیش از اجدادشان خداوند را خشمگین کردند. | 22 |
يەھۇدالار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلدى؛ ئۇلار ئۆز ئاتا-بوۋىلىرى سادىر قىلغانلىرىدىن زىيادە گۇناھلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ھەسەتلىك غەزىپىنى قوزغىغانىدى. |
زیرا آنها نیز روی هر تپه و زیر هر درخت سبز، بتخانهها و ستونها و اشیرهها بر پا کردند. | 23 |
چۈنكى ئۇلار «يۇقىرى جايلار»نى، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ۋە ھەم ھەربىر ئېگىز دۆڭلار ئۈستىدە، ھەربىر كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «ئاشەراھ» بۇتلارنى ياسىدى. |
در این سرزمین حتی فاحشههای مرد و زن بودند که در بتکدهها به فاحشگی میپرداختند. مردم یهودا درست مثل همان قومهای خدانشناس که خداوند آنها را از سرزمین کنعان بیرون رانده بود، اعمال کراهتآور انجام میدادند. | 24 |
ۋە زېمىندا كەسپىي بەچچىۋازلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ھارام ئىشلىرىنى قىلاتتى. |
در سال پنجم سلطنت رحبعام، شیشق (پادشاه مصر) به اورشلیم حمله برد و آن را تصرف نمود. | 25 |
رەھوبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. |
او خزانههای خانهٔ خداوند و کاخ سلطنتی را غارت کرد و تمام سپرهای طلا را که سلیمان ساخته بود، با خود به یغما برد. | 26 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى گۆھەر-بايلىقلارنى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى گۆھەر-بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى؛ ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپارلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى. |
پس از آن رحُبعام پادشاه به جای سپرهای طلا، سپرهای مفرغین ساخت و آنها را به دست نگهبانانی که جلوی مدخل کاخ شاهی کشیک میدادند، سپرد. | 27 |
ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار-قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. |
هر وقت پادشاه به خانهٔ خداوند میرفت، نگهبانان او سپرها را به دست میگرفتند و پس از پایان مراسم، آنها را دوباره به اتاق نگهبانی برمیگرداندند. | 28 |
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ سىپار-قالقانلارنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكىرىپ قويۇشاتتى. |
رویدادهای دیگر دوران سلطنت رحبعام در کتاب تاریخ پادشاهان یهودا نوشته شده است. | 29 |
ئەمما رەھوبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغىنىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟ |
در تمام دوران سلطنت رحبعام بین او و یربعام جنگ بود. | 30 |
رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بارلىق كۈنلىرىدە بىر-بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇرغانىدى. |
وقتی رحبعام مرد، او را در آرامگاه سلطنتی، در شهر داوود دفن کردند. (مادر رحبعام نعمهٔ عمونی بود.) پس از رحبعام پسرش اَبیّام به جای او بر تخت پادشاهی نشست. | 31 |
رەھوبوئام ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، بىر ئاممونىي ئىدى. رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيام ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. |