برای سالار مغنیان. مزمور و سرود داود خدا برخیزد و دشمنانش پراکنده شوند! و آنانی که از او نفرت دارند ازحضورش بگریزند! | ۱ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا ئورنىدىن تۇردى، دۈشمەنلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ! ئۇنىڭغا ئۆچمەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچىدۇ! |
چنانکه دود پراکنده میشود، ایشان را پراکنده ساز، و چنانکه موم پیش آتش گداخته میشود، همچنان شریران به حضور خدا هلاک گردند. | ۲ 2 |
ئىس-تۈتەك ئۇچۇرۇلغاندەك، ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ يوقىتىسەن، موم ئوتتا ئېرىتىلگەندەك، رەزىللەر خۇدانىڭ ئالدىدا ھالاك بولىدۇ. |
اما صالحان شادی کنند و در حضور خدا به وجد آیند و به شادمانی خرسند شوند. | ۳ 3 |
بىراق ھەققانىيلار خۇشاللىنىدۇ، ئۇلار خۇدا ئالدىدا روھلىنىپ، تەنتەنە قىلىپ شادلىنىدۇ. |
برای خدا سرود بخوانید و به نام او ترنم نمایید و راهی درست کنید برای او که در صحراها سوار است. نام او یهوه است! به حضورش به وجد آیید! | ۴ 4 |
خۇداغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىڭلار؛ چۆل-باياۋانلارغا مىنگۈچىگە بىر يولنى كۆتۈرۈپ ياساڭلار؛ ئۇنىڭ نامى «ياھ»دۇر؛ ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىنىڭلار. |
پدر یتیمان و داور بیوهزنان، خداست در مسکن قدس خود! | ۵ 5 |
يېتىملارغا ئاتا بولغۇچى، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر. |
خدا بیکسان را ساکن خانه میگرداند واسیران را به رستگاری بیرون میآورد، لیکن فتنه انگیزان در زمین تفتیده ساکن خواهند شد. | ۶ 6 |
خۇدا غېرىبلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ؛ ئۇ مەھبۇسلارنى ئاۋاتلىققا چىقىرىدۇ؛ لېكىن ئاسىيلارنى قاغجىراق يەردە قالدۇرىدۇ. |
ای خدا هنگامی که پیش روی قوم خود بیرون رفتی، هنگامی که در صحرا خرامیدی، سلاه. | ۷ 7 |
ئى خۇدا، ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىڭدا، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغىنىڭدا، ــ (سېلاھ) ــ |
زمین متزلزل شد و آسمان به حضور خدا بارید. این سینا نیز از حضور خدا، خدای اسرائیل. | ۸ 8 |
خۇدانىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەر-جاھان تەۋرىنىپ، ئاسمانلارمۇ يېغىن ياغدۇردى؛ ئاۋۇ سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى. |
ای خدا باران نعمتها بارانیدی و میراثت را چون خسته بود مستحکم گردانیدی. | ۹ 9 |
سەن، ئى خۇدا، ئۆز مىراسىڭ [بولغان زېمىن-خەلق] ئۈستىگە خاسىيەتلىك بىر يامغۇر ياغدۇردۇڭ؛ ئۇلار ھالسىزلانغاندا ئۇلارنى كۈچلەندۈردۈڭ. |
جماعت تو درآن ساکن شدند. ای خدا، به جود خویش برای مساکین تدارک دیدهای. | ۱۰ 10 |
سېنىڭ باققان پاداڭ ئۇ يەرگە ماكانلاشتى؛ مېھرىبانلىقىڭ بىلەن مۆمىنلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىڭ، ئى خۇدا! |
خداوند سخن را میدهد. مبشرات انبوه عظیمی میشوند. | ۱۱ 11 |
رەب ئەمر قىلدى؛ ئۇنى جاكارلىغۇچى قىز-ئاياللار نېمىدېگەن زور بىر قوشۇندۇر! |
ملوک لشکرها فرار کرده، منهزم میشوند. و زنی که در خانه مانده است، غارت را تقسیم میکند. | ۱۲ 12 |
«پادىشاھلار ھەم قوشۇنلىرى بەدەر قېچىشتى، بەدەر قېچىشتى!» ــ [دېيىشتى]؛ ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار بولسا ئولجىلارنى بۆلىشىۋالىدۇ؛ |
اگرچه در آغلهاخوابیده بودید، لیکن مثل بالهای فاخته شده ایدکه به نقره پوشیده است و پرهایش به طلای سرخ. | ۱۳ 13 |
سىلەر قوي باققاندا پادىلار ئارىسىدا ياتقان بولساڭلارمۇ، زېمىنىڭلار ئەمدى قاناتلىرىغا كۈمۈش سەپكەن، پەيلىرى پارقىراق ئالتۇن بىلەن بېزەلگەن پاختەكتەك بولىدۇ؛ |
چون قادر مطلق پادشاهان را در آن پراکنده ساخت، مثل برف بر صلمون درخشان گردید. | ۱۴ 14 |
ھەممىگە قادىر خۇدا پادىشاھلارنى زېمىندا تىرىپىرەن قىلىۋەتكەندە، يەر زالمون تېغىدىكى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. |
کوه خدا، کوه باشان است، کوهی با قله های افراشته کوه باشان است. | ۱۵ 15 |
باشان تېغى قۇدرەتلىك بىر تاغ، باشان تېغى ئېگىز چوققىلىرى كۆپ بىر تاغدۇر؛ |
ای کوههای باقله های افراشته، چرا نگرانید؟ بر این کوهی که خدا برای مسکن خود برگزیده است هر آینه خداوند در آن تا به ابد ساکن خواهد بود. | ۱۶ 16 |
ئەي ئېگىز چوققىلىق تاغلار، نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۆز ماكانى قىلىشنى خالىغان تاغقا ھەسەت بىلەن قارايسىلەر؟ دەرۋەقە، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا مەڭگۈ تۇرىدۇ! |
ارابه های خدا کرورها و هزارهاست. خداونددر میان آنهاست و سینا در قدس است. | ۱۷ 17 |
خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تۈمەن-تۈمەن، مىليون-مىليوندۇر؛ رەب ئۇلار ئارىسىدا تۇرىدۇ؛ سىناي تېغىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرىدۇ. |
براعلی علیین صعود کرده، و اسیران را به اسیری بردهای. از آدمیان بخششها گرفتهای. بلکه ازفتنه انگیزان نیز تا یهوه خدا در ایشان مسکن گیرد. | ۱۸ 18 |
سەن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدۇڭ، ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلغۇچىلارنى ئۆزۈڭ ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتىڭ؛ ياھ خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇشى ئۈچۈن، ھەتتا ئاسىيلىق قىلغانلار [ئارىسىدا تۇرۇشى] ئۈچۈنمۇ، سەن ئىنسان ئارىسىدا تۇرۇپ ئىلتىپاتلارنى قوبۇل قىلدىڭ. |
متبارک باد خداوندی که هر روزه متحمل بارهای ما میشود و خدایی که نجات ماست، سلاه. | ۱۹ 19 |
رەب مەدھىيىلەنسۇن؛ چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى يۈكلىرىمىزنى كۆتۈرمەكتە؛ يەنى نىجاتلىقىمىز بولغان تەڭرى! سېلاھ. |
خدا برای ما، خدای نجات است ومفرهای موت از آن خداوند یهوه است. | ۲۰ 20 |
بىزنىڭ تەڭرىمىز بىردىنبىر نىجاتكار تەڭرىدۇر؛ رەبگە، يەنى پەرۋەردىگارغىلا، ئۆلۈمگە باغلىق ئىشلار تەۋەدۇر. |
هرآینه خدا سردشمنان خود را خرد خواهد کوبیدو کله مویدار کسی را که در گناه خود سالک باشد. | ۲۱ 21 |
بەرھەق، خۇدا ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى يارىدۇ، ئۆز گۇناھلىرىدا داۋاملىق كېتىۋېرىدىغانلارنىڭ چاچلىق كاللىسىنى ئۇ چاقىدۇ. |
خداوند گفت: «از باشان باز خواهم آورد. از ژرفیهای دریا باز خواهم آورد. | ۲۲ 22 |
رەب مۇنداق دېدى: «[ئۆز خەلقىمنى] باشان دىيارىدىنمۇ، دېڭىزلارنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىنمۇ قايتۇرۇپ كېلىمەن؛ |
تا پای خودرا در خون فروبری و زبان سگان تو از دشمنانت بهره خود را بیابد.» | ۲۳ 23 |
شۇنداق قىلىپ [سەن خەلقىم]نىڭ پۇتى قانغا، يەنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ، ئىتلىرىڭنىڭ تىلى بۇنىڭدىنمۇ نېسىۋىسىنى [يالايدۇ]». |
ای خدا طریق های تو رادیدهاند یعنی طریق های خدا و پادشاه مرا درقدس. | ۲۴ 24 |
ئۇلار سېنىڭ ماڭغانلىرىڭنى كۆردى، ئى خۇدا؛ يەنى مېنىڭ ئىلاھىم، مېنىڭ پادىشاھىمنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ ماڭغانلىرىنى كۆردى؛ |
درپیش رو، مغنیان میخرامند و درعقب، سازندگان. و در وسط دوشیزگان دف زن. | ۲۵ 25 |
ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە چالغۇچىلار ماڭدى، ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار بار ئىدى: |
خدا را در جماعتها متبارک خوانید وخداوند را از چشمه اسرائیل. | ۲۶ 26 |
«جامائەتلەردە خۇدا رەبگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار، ــ ئى ئىسرائىل بۇلاقلىرىدىن چىققانلار!» ــ دېيىشتى. |
آنجاست بنیامین صغیر، حاکم ایشان و روسای یهودامحفل ایشان. روسای زبولون و روسای نفتالی. | ۲۷ 27 |
ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ باشلامچىسى بولغان كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ماڭىدۇ؛ يەھۇدا ئەمىرلىرى، زور بىر توپ ئادەملەر، زەبۇلۇننىڭ ئەمىرلىرى، نافتالىنىڭ ئەمىرلىرىمۇ بار. |
خدایت برای تو قوت را امر فرموده است. ای خدا آنچه را که برای ما کردهای، استوار گردان. | ۲۸ 28 |
سېنىڭ خۇدايىڭ كۈچۈڭنى بۇيرۇپ بېكىتكەن؛ ئۆزۈڭ بىز ئۈچۈن قىلغىنىڭنى مۇستەھكەملىگەيسەن، ئى خۇدا! |
بهسبب هیکل تو که در اورشلیم است، پادشاهان هدایا نزد تو خواهندآورد. | ۲۹ 29 |
يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ۋەجىدىن، پادىشاھلار ساڭا ئاتاپ ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ |
و وحش نی زار را توبیخ فرما و رمه گاوان را با گوساله های قوم که با شمشهای نقره نزد تو گردن مینهند. وقوم هایی که جنگ را دوست میدارند پراکنده ساخته است. | ۳۰ 30 |
ئاھ، ھېلىقى قومۇشلۇقتىكى [يىرتقۇچ] جانىۋارنى، كۈچلۈكلەرنىڭ توپىنى، تائىپىلەردىكى تورپاقلارنىمۇ ئەيىبلىگەيسەن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئەكىلىپ ساڭا تىز پۈكۈشىدۇ؛ ئۇرۇشخۇمار خەلقلەرنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەيسەن! |
سروران از مصر خواهند آمد وحبشه دستهای خود را نزد خدا بزودی درازخواهد کرد. | ۳۱ 31 |
مۆتىۋەر ئەلچىلەر مىسىردىن كېلىدۇ، ئېفىئوپىيە بولسا خۇداغا قاراپ قوللىرىنى تېزدىن كۆتۈرىدۇ. |
ای ممالک جهان برای خدا سرود بخوانید. برای خداوند سرود بخوانید، سلاه. | ۳۲ 32 |
ئى يەر يۈزىدىكى ئەل-يۇرتلار، خۇدانى ناخشا بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ رەبنى مەدھىيىلەپ كۈيلەرنى ئېيتىڭلار! (سېلاھ) |
برای او که بر فلک الافلاک قدیمی سوار است. اینک آواز خود را میدهد آوازی که پرقوت است. | ۳۳ 33 |
ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە، قەدىمدىن بار بولغان ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە مىنگۈچى توغرۇلۇق كۈي ئېيتىڭلار! مانا، ئۇ ئاۋازىنى ئاڭلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى كۈچلۈكتۇر! |
خدارا به قوت توصیف نمایید. جلال وی بر اسرائیل است و قوت او در افلاک. | ۳۴ 34 |
خۇدانى كۈچلۈك دەپ بىلىپ جاكارلاڭلار، ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئىسرائىل ئۈستىدە، ئۇنىڭ كۈچى بۇلۇتلاردا تۇرىدۇ؛ |
ای خدا از قدسهای خود مهیب هستی. خدای اسرائیل قوم خود راقوت و عظمت میدهد. متبارک باد خدا. | ۳۵ 35 |
ئى خۇدا، مۇقەددەس جايلىرىڭدىن سۈرلۈك كۆرۈنىسەن! ئىسرائىلنىڭ بىردىنبىر تەڭرىسى! خەلققە كۈچ-قۇدرەت بەرگۈچى بولسا، ئۇدۇر! خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! |