< مزامیر 14 >

برای سالار مغنیان. مزمور داود احمق در دل خود می‌گوید که خدایی نیست. کارهای خود را فاسد و مکروه ساخته‌اند و نیکوکاری نیست. ۱ 1
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ. ئۇلار چىرىكلىشىپ، يىرگىنچلىك قەبىھلىكنى قىلىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر؛
خداوند ازآسمان بربنی آدم نظر انداخت تا ببیند که آیا فهیم و طالب خدایی هست؟ ۲ 2
پەرۋەردىگار ئەرشتە تۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىنى كۆزىتىپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟
همه روگردانیده، با هم فاسد شده‌اند. نیکوکاری نیست یکی هم نی. ۳ 3
ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى، ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى، مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر.
آیا همه گناهکاران بی‌معرفت هستند که قوم مرا می‌خورند چنانکه نان می‌خورند؟ و خداوندرا نمی خوانند؟ ۴ 4
ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان بۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلار ھېچنېمىنى بىلمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ.
آنگاه ترس بر ایشان مستولی شد، زیرا خدادر طبقه عادلان است. ۵ 5
مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛ چۈنكى خۇدا ھەققانىيلارنىڭ دەۋرىدىدۇر.
مشورت مسکین را خجل می‌سازید چونکه خداوند ملجای اوست. ۶ 6
«سىلەر ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئۈمىدىنى يوق قىلماقچى بولىسىلەر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!»
کاش که نجات اسرائیل از صهیون ظاهرمی شد! چون خداوند اسیری قوم خویش رابرگرداند، یعقوب وجد خواهد نمود و اسرائیل شادمان خواهد گردید. ۷ 7
ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى! پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئاسارەتتىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا، ياقۇپ شادلىنىدۇ، ئىسرائىل خۇشاللىنىدۇ!

< مزامیر 14 >