تعاقب کنندهای نیست، اما عادلان مثل شیر شجاعند. | ۱ 1 |
يامانلار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ قاچار؛ بىراق ھەققانىيلار شىر يۈرەك باتۇر كېلەر. |
از معصیت اهل زمین حاکمانش بسیارمی شوند، اما مرد فهیم و دانا استقامتش برقرارخواهد ماند. | ۲ 2 |
يۇرتتا گۇناھلار كۆپەيسە، ئۇنىڭ ئەمىرلىرى كۆپ ئالمىشار، لېكىن ئۇنى سورىغۇچى يورۇتۇلغان ۋە بىلىملىك بولسا، يۇرت ئامان-مۇقىم ئۇزۇن تۇرار. |
مرد رئیس که بر مسکینان ظلم میکند مثل باران است که سیلان کرده، خوراک باقی نگذارد. | ۳ 3 |
مىسكىنلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر كەمبەغەل، خۇددى [زىرائەتلەرنى] ياتقۇزۇپ دېنىنى قويمايدىغان قارا يامغۇرغا ئوخشايدۇ. |
هرکه شریعت را ترک میکند شریران رامی ستاید، اما هرکه شریعت را نگاه دارد از ایشان نفرت دارد. | ۴ 4 |
تەۋرات قانۇنىدىن ۋاز كەچكەنلەر يامانلارنى ياخشى دەپ ماختار؛ بىراق قانۇننى تۇتقۇچىلار ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلار. |
مردمان شریر انصاف را درک نمی نمایند، اماطالبان خداوند همهچیز را میفهمند. | ۵ 5 |
رەزىللەر ئادالەتنى چۈشەنمەس؛ بىراق پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر ھەممە ئىشنى چۈشىنەر. |
فقیری که در کاملیت خود سلوک نماید بهتراست از کج رونده دو راه اگرچه دولتمند باشد. | ۶ 6 |
پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان مىسكىن كىشى، ساختا، ئىككى يۈزلىمە باي ئادەمدىن ياخشىدۇر. |
هرکه شریعت را نگاه دارد پسری حکیم است، اما مصاحب مسرفان، پدر خویش را رسوامی سازد. | ۷ 7 |
تەۋرات-قانۇنىغا ئىتائەت قىلغان يىگىت ئەقىللىق ئوغۇلدۇر؛ بىراق نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغۇچى ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. |
هرکه مال خود را به ربا و سود بیفزاید، آن رابرای کسیکه بر فقیران ترحم نماید، جمع مینماید. | ۸ 8 |
جازانىخورلۇق قىلىپ يۇقىرى ئۆسۈم ئارقىلىق بايلىقلار تاپقان كىشى، ئاخىرىدا بۇلارنى مىسكىنلەرگە خەيرىخاھلىق قىلغۇچىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلىغاندۇر. |
هرکه گوش خود را از شنیدن شریعت برگرداند، دعای او هم مکروه میشود. | ۹ 9 |
كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يوپۇرسا، ھەتتا دۇئالىرىمۇ لەنىتى بولۇپ قالار. |
هرکه راستان را به راه بد گمراه کند به حفره خود خواهد افتاد، اما صالحان نصیب نیکوخواهند یافت. | ۱۰ 10 |
كىمكى دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرسا، ئۆزى كولىغان ئورىسىغا ئۆزى چۈشەر؛ بىراق پاك-دىيانەتلىك ئادەم ياخشىلىققا مىراسخور بولار. |
مرد دولتمند در نظر خود حکیم است، امافقیر خردمند او را تفتیش خواهد نمود. | ۱۱ 11 |
باي دەرۋەقە ئۆزىنى دانا سانار؛ بىراق يورۇتۇلغان مىسكىن ئۇنى ھامان كۆرۈپ يېتەر. |
چون عادلان شادمان شوند فخر عظیم است، اما چون شریران برافراشته شوند مردمان خود را مخفی میسازند. | ۱۲ 12 |
ھەققانىيلار غالىبىيەتلىك بولسا، جاھاننى تەنتەنە قاپلار؛ بىراق يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار. |
هرکه گناه خود را بپوشاند برخوردارنخواهد شد، اما هرکه آن را اعتراف کند و ترک نماید رحمت خواهد یافت. | ۱۳ 13 |
ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان كىشى روناق تاپماس؛ بىراق ئۇلارنى تونۇپ ئىقرار قىلىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن كىشى رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر. |
خوشابحال کسیکه دائم میترسد، اما هرکه دل خود را سخت سازد به بلا گرفتار خواهدشد. | ۱۴ 14 |
[پەرۋەردىگاردىن] ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر! بىراق كۆڭلىنى تاش قىلغان بالايىئاپەتكە قالار. |
حاکم شریر بر قوم مسکین، مثل شیر غرنده و خرس گردنده است. | ۱۵ 15 |
ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ياكى [ئوۋنى ئىزدەپ] كېزىۋاتقان ئېيىق قانداق بولسا، يوقسۇل پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھاكىممۇ شۇنداقتۇر. |
حاکم ناقص العقل بسیار ظلم میکند، اماهرکه از رشوه نفرت کند عمر خود را درازخواهد ساخت. | ۱۶ 16 |
يورۇتۇلمىغان ئەمىر ھامان زور بىر زالىم بولۇپ چىقار، بىراق ھارام بايلىقلارغا نەپرەتلەنسە، تەختىدە ئۇزۇن ئولتۇرار. |
کسیکه متحمل بار خون شخصی شود، به هاویه میشتابد. زنهار کسی او را باز ندارد. | ۱۷ 17 |
قان تۆككەن كىشى قەرز بىلەن ھاڭغا قاراپ يۈگۈرەر؛ ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن! |
هرکه به استقامت سلوک نماید رستگارخواهد شد، اما هرکه در دو راه کج رو باشد دریکی از آنها خواهد افتاد. | ۱۸ 18 |
سەمىمىي، دىيانەتلىك يولدا ماڭغان قۇتۇلار؛ ئىككى يولدا ماڭغان ساختا كىشى ئۇلارنىڭ بىرىدە ھامان يىقىلىپ چۈشەر. |
هرکه زمین خود را زرع نماید از نان سیرخواهد شد، اما هرکه پیروی باطلان کند از فقرسیر خواهد شد. | ۱۹ 19 |
ئۆز يېرىگە تىرىشىپ ئىشلىگەن دېھقاننىڭ نېنى يېتىپ ئاشار؛ بىراق بىكار يۈرۈپ خام خىياللارنى قوغلىغان كىشىنىڭ يوقسۇللۇقى مول بولار! |
مرد امین برکت بسیار خواهد یافت، اماآنکه درپی دولت میشتابد بیسزا نخواهد ماند. | ۲۰ 20 |
راستچىل كىشىنىڭ بەختى كۆپىيەر؛ بىراق باي بولۇشقا ئالدىرىغان كىشى جازادىن قېچىپ قۇتۇلالماس. |
طرفداری نیکو نیست، و به جهت لقمهای نان، آدمی خطاکار میشود. | ۲۱ 21 |
بىرىگە يان بېسىش قەتئىي بولماس؛ چۈنكى بەزىلەر ھەتتا بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزەر. |
مرد تنگ نظر درپی دولت میشتابد ونمی داند که نیازمندی او را درخواهد یافت. | ۲۲ 22 |
نەپسى تويماس كىشى بايلىقلارنى كۆزلەپ ئالدىرايدۇ، ئۇ نامراتلىقنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشىدىغىنىدىن بىخەۋەردۇر. |
کسیکه آدمی را تنبیه نماید، آخر شکرخواهد یافت، بیشتر از آنکه به زبان خودچاپلوسی میکند. | ۲۳ 23 |
باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئوچۇق ئەيىبلىگەن كىشى، ھامان خۇشامەت قىلغۇچىغا قارىغاندا كۆپرەك ئىلتىپات تاپار. |
کسیکه پدر و مادر خود را غارت نماید وگوید گناه نیست، مصاحب هلاک کنندگان خواهدشد. | ۲۴ 24 |
ئاتا-ئانىسىنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئوغرىلاپ، «بۇ ھېچقانداق گۇناھ ئەمەس» دېگەن كىشى، ھالاك قىلغۇچىنىڭ شېرىكىدۇر. |
مرد حریص نزاع را برمی انگیزاند، اما هرکه بر خداوند توکل نماید قوی خواهد شد. | ۲۵ 25 |
نەپسى تويمىغۇر كىشى جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشى ئەتلىنەر. |
آنکه بر دل خود توکل نماید احمق میباشد، اما کسیکه به حکمت سلوک نمایدنجات خواهد یافت. | ۲۶ 26 |
ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئىشەنگەن كىشى ئەخمەقتۇر؛ بىراق دانالىق بىلەن ماڭغان نىجات تاپار. |
هرکه به فقرا بذل نماید محتاج نخواهدشد، اما آنکه چشمان خود را بپوشاند لعنت بسیارخواهد یافت. | ۲۷ 27 |
نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلىدىغان كىشى موھتاجلىق تارتماس؛ لېكىن ھاجەتمەننى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالغان كىشى كۆپلىگەن قارغىشقا ئۇچرار. |
وقتی که شریران برافراشته شوند مردم خویشتن را پنهان میکنند، اما چون ایشان هلاک شوند عادلان افزوده خواهند شد. | ۲۸ 28 |
يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار؛ لېكىن ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار راۋاج تاپار. |