و مریم و هارون درباره زن حبشی که موسی گرفته بود، بر او شکایت آوردند، زیرا زن حبشی گرفته بود. | ۱ 1 |
مەرىيەم بىلەن ھارۇن مۇسانىڭ ھەبەشلىك قىزنى خوتۇنلۇققا ئالغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى سۆز قىلدى ‹چۈنكى ئۇ ھەبەشلىك بىر قىزنى ئالغانىدى›. |
و گفتند: «آیا خداوندبا موسی به تنهایی تکلم نموده است، مگر به ما نیزتکلم ننموده؟» و خداوند این را شنید. | ۲ 2 |
ئۇلار: — پەرۋەردىگار پەقەت مۇسا بىلەنلا سۆزلىشىپ، بىز بىلەن سۆزلەشمەپتىمۇ؟ — دېيىشتى. بۇ گەپنى پەرۋەردىگار ئاڭلىدى. |
و موسی مرد بسیار حلیم بود، بیشتر از جمیع مردمانی که در روی زمینند. | ۳ 3 |
مۇسا دېگەن بۇ ئادەم ئىنتايىن كەمتەر-مۆمىن ئادەم بولۇپ، بۇ تەرەپتە يەر يۈزىدىكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى. |
در ساعت خداوند به موسی و هارون و مریم گفت: «شما هر سه نزد خیمه اجتماع بیرون آیید.» و هر سه بیرون آمدند. | ۴ 4 |
پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەرىيەمگە تۇيۇقسىز: — سىلەر ئۈچۈڭلار جامائەت چېدىرىغا كېلىڭلار، — دېدى. ئۈچىلىسى چىقىپ كەلدى. |
و خداوند در ستون ابرنازل شده، به در خیمه ایستاد، و هارون و مریم راخوانده، ایشان هر دو بیرون آمدند. | ۵ 5 |
ئاندىن پەرۋەردىگار [ئەرشتىن] بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە چۈشۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا توختاپ، ھارۇن بىلەن مەريەمنى قىچقىرىۋىدى، ئۇلار ئالدىغا كەلدى. |
و او گفت: «الان سخنان مرا بشنوید: اگر در میان شما نبیای باشد، من که یهوه هستم، خود را در رویا بر اوظاهر میکنم و در خواب به او سخن میگویم. | ۶ 6 |
ئۇ ئۇلارغا: — ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن. |
اما بنده من موسی چنین نیست. او در تمامی خانه من امین است. | ۷ 7 |
لېكىن قۇلۇم مۇساغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس؛ ئۇ بارلىق ئائىلەم ئىچىدە تولىمۇ سادىقتۇر؛ |
با وی روبرو و آشکارا و نه در رمزها سخن میگویم، و شبیه خداوند رامعاینه میبیند، پس چرا نترسیدید که بر بنده من موسی شکایت آوردید؟» | ۸ 8 |
مەن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماق ئېيتىپ ئولتۇرماي، يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ بىۋاسىتە سۆزلىشىمەن؛ ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. ئەمدى سىلەر نېمىشقا قۇلۇم مۇسا توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىشتىن قورقمىدىڭلار؟ — دېدى. |
و غضب خداوند برایشان افروخته شده، برفت. | ۹ 9 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپى ئۇلارغا قوزغالدى ۋە ئۇ كېتىپ قالدى. |
و چون ابر از روی خیمه برخاست، اینک مریم مثل برف مبروص بود، و هارون بر مریم نگاه کرد و اینک مبروص بود. | ۱۰ 10 |
شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرى ئۈستىدىن كەتتى، ۋە مانا، مەريەم خۇددى ئاپئاق قاردەك پېسە-ماخاۋ بولۇپ كەتتى؛ ھارۇن بۇرۇلۇپ مەريەمگە قارىۋىدى، مانا، ئۇ پېسە-ماخاۋ بولۇپ قالغانىدى. |
و هارون به موسی گفت: «وایای آقایم بار این گناه را بر ما مگذار زیرا که حماقت کرده، گناه ورزیدهایم. | ۱۱ 11 |
ھارۇن مۇساغا: — ۋاي خوجام! نادانلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇ گۇناھنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئارتمىغايسەن. |
و او مثل میتهای نباشد که چون از رحم مادرش بیرون آید، نصف بدنش پوسیده باشد.» | ۱۲ 12 |
ئۇ خۇددى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىلا بەدىنى يېرىم چىرىك، ئۆلۈك تۇغۇلغان بالىدەك بولۇپ قالمىغاي! — دېدى. |
پس موسی نزد خداوند استغاثه کرده، گفت: «ای خدا او را شفا بده!» | ۱۳ 13 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا: — ئى تەڭرى، ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىۋەتكەن بولساڭ، — دەپ نىدا قىلدى. |
خداوند به موسی گفت: «اگر پدرش به روی وی فقط آب دهان میانداخت، آیا هفت روز خجل نمی شد؟ پس هفت روز بیرون لشکرگاه محبوس بشود، وبعد از آن داخل شود.» | ۱۴ 14 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئەگەر ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلسۇن، ئاندىن ئۇ قايتىپ كەلسۇن، — دېدى. |
پس مریم هفت روزبیرون لشکرگاه محبوس ماند، و تا داخل شدن مریم، قوم کوچ نکردند. | ۱۵ 15 |
شۇنىڭ بىلەن مەريەم بارگاھ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلدى، تاكى مەريەم قايتىپ كەلگۈچە خەلق يولغا چىقماي تۇرۇپ تۇردى. |
و بعد از آن، قوم از حضیروت کوچ کرده، در صحرای فاران اردو زدند. | ۱۶ 16 |
ئاندىن كېيىن خەلق ھازىروتتىن يولغا چىقىپ، پاران چۆلىدە بارگاھ قۇردى. |