وای بر شهر خون ریز که تمامش از دروغ وقتل مملو است و غارت از آن دورنمی شود! | ۱ 1 |
قانلىق شەھەرگە ۋاي! ئۇ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زوراۋانلىق بىلەن تولغان، ئۇ ئولجا ئېلىشتىن ھېچ قول ئۈزگەن ئەمەس! |
آواز تازیانهها و صدای غرغر چرخهاو جهیدن اسبان و جستن ارابهها. | ۲ 2 |
ئاھ، قامچىنىڭ قارسىلداشلىرى! چاقلىرىنىڭ داقاڭشىۋاتقان، ئاتلارنىڭ چاپچىۋاتقان، پىڭىلداپ كېتىۋاتقان جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سادالىرى! |
سواران هجوم میآورند و شمشیرها براق و نیزهها لامع میباشدو کثرت مجروحان و فراوانی مقتولان و لاشها راانتها نیست. بر لاشهای یکدیگر میافتند. | ۳ 3 |
قارا، ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قاڭقىشلىرى، قىلىچلارنىڭ ۋالىلداشلىرى، نەيزىلەرنىڭ پالىلداشلىرى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئۆلۈكلەر دۆۋە-دۆۋە! جەسەتلەرنىڭ سانى يوقتۇر؛ ئۇلار جەسەتلەرگە پۇتلىشىدۇ. |
ازکثرت زنای زانیه خوش منظر که صاحب سحرهااست و امتها را به زناهای خود و قبایل را بهجادوگریهای خویش میفروشد. | ۴ 4 |
ــ سېھىرلەرنىڭ پىرى ئۇ، ــ ئەللەرنى پاھىشىۋازلىقى، جەمەتلەرنى سېھىرلىرى بىلەن سېتىۋېتىدۇ؛ سەن شېرىنسۇخەن پاھىشىنىڭ نۇرغۇن پاھىشىلىكلىرى تۈپەيلىدىن، |
اینک یهوه صبایوت میگوید: «من به ضد تو هستم ودامنهایت را بر روی تو منکشف ساخته، عورت تو را بر امتها و رسوایی تو را بر مملکتها ظاهرخواهم ساخت. | ۵ 5 |
مانا، مەن ساڭا قارشىلىشىپ چىققانمەن، ــ ــ دەيدۇ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ يۈزۈڭگە يېپىپ، سېنى ئاشكارىلايمەن، ئەللەرگە ئۇيات يەرلىرىڭنى، پادىشاھلىقلارغا نومۇسۇڭنى كۆرسىتىمەن. |
و نجاسات بر تو ریخته تو راذلیل خواهم ساخت و تو را عبرت خواهم گردانید. | ۶ 6 |
ئۈستۈڭگە نىجاسەتنى تاشلايمەن، سېنى شەرمەندىچىلىكتە قالدۇرىمەن، سېنى رەسۋا قىلىمەن. |
و واقع خواهد شد که هرکه تو را بیند ازتو فرار کرده، خواهد گفت: نینوا ویران شده است! کیست که برای وی ماتم گیرد و از کجا برای توتعزیه کنندگان بطلبم؟» | ۷ 7 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن قېچىپ: ــ «نىنەۋە ۋەيران قىلىندى! ئۇنىڭ ئۈچۈن كىم ھازا تۇتىدۇ؟» ــ دەيدۇ؛ مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى نەدىن تېپىپ بېرىمەن؟ |
آیا تو از نوآمون بهتر هستی که در میان نهرهاساکن بوده، آبها او را احاطه میداشت که دریاحصار او و بحرها دیوار او میبود؟ | ۸ 8 |
سەن دەريالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ئەتراپىدا سۇلار بولغان، ئىستىھكامى دېڭىز بولغان، سېپىلى دېڭىز بولغان نو-ئامون شەھىرىدىن ئەۋزەلمۇسەن؟ |
حبش ومصر قوتش میبودند و آن انتها نداشت، فوط ولوبیم از معاونت کنندگان تو میبودند. | ۹ 9 |
ئېفىئوپىيەمۇ، مىسىرمۇ ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىدى، ئۇلارنىڭ كۈچى چەكسىز ئىدى؛ پۇت ھەم لىۋىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىدى؛ |
معهذاجلای وطن شده و به اسیری رفته است و اطفالش نیز بر سر هر کوچه کوبیده شدهاند و بر شرفایش قرعه انداختهاند و جمیع بزرگانش به زنجیرهابسته شدهاند. | ۱۰ 10 |
ئۇمۇ ئېلىپ كېتىلىپ، ئەسىرلىككە چۈشكەن؛ بارلىق كوچا بېشىدا بوۋاقلىرى چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى، ئۇنىڭ بارلىق ئەربابلىرى زەنجىردە باغلانغانىدى. |
پس تو نیز مست شده، خویشتن را پنهان خواهی کرد و ملجایی بهسبب دشمن خواهی جست. | ۱۱ 11 |
سەنمۇ مەست بولىسەن؛ سەن مۆكۈنۈۋالىسەن؛ سەن دۈشمەندىن ھىمايە ئىزدەپ يۈرىسەن؛ |
جمیع قلعه هایت به درختان انجیر با نوبرها مشابه خواهد بود که چون تکانیده شود به دهان خورنده میافتد. | ۱۲ 12 |
سېنىڭ بارلىق ئىستىھكاملىرىڭ خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرگەن ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئەنجۈرلىرىگە ئوخشايدۇ؛ بىرلا سىلكىسە، ئۇلار يېگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ. |
اینک اهل تو دراندرونت زنان میباشند. دروازه های زمینت برای دشمنانت بالکل گشاده شده، آتش پشت بندهایت را میسوزاند. | ۱۳ 13 |
مانا، خەلقىڭ شەھىرىڭدە قىز-ئاياللاردەك بولۇپ قالدى؛ زېمىنىڭنىڭ قوۋۇقلىرى دۈشمەنلىرىڭگە كەڭ ئىچىلىدۇ؛ ئوت تۆمۈر تاقاقلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ. |
برای محاصره ات آب بیاور. قلعه های خودرا مستحکم ساز. به گل داخل شو و ملاط را پا بزن و کوره آجر پزی را مرمت نما. | ۱۴ 14 |
ئەمدى مۇھاسىرىگە تەييارلىق قىلىپ سۇ تارتىپ قوي! قورغانلىرىڭنى مۇستەھكەملە! سېغىز توپىدىن لاي ئېتىپ، ھاك لاينى چەيلەپ قوي! خۇمداننى راسلاپ قوي! |
در آنجا آتش تو را خواهد سوزانید و شمشیر تو را منقطع ساخته، تو را مثل کرم خواهد خورد، خویشتن رامثل کرم کثیر کن و مثل ملخ بیشمار گردان. | ۱۵ 15 |
ئوت سېنى شۇ يەردە يەپ كېتىدۇ؛ قىلىچ سېنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ ئۇ سېنى چېكەتكە لىچىنكىسىدەك يەۋاتىدۇ؛ ئەمدى ئۆزۈڭنى چېكەتكە لىچىنكىلىرىدەك كۆپ قىل، چېكەتكىدەك ئۆزۈڭنى زور كۆپ قىل! |
تاجرانت را از ستارگان آسمان زیادتر کردی. مثل کرمها تاراج میکنند و میپرند. | ۱۶ 16 |
سەن سودىگەرلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ قىلدىڭ؛ مانا، چېكەتكە لىچىنكىسى قانات چىقىرىپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ! |
تاجداران تو مانند ملخهایند و سردارانت مانند انبوه جراداند که در روز سرد بر دیوارها فرود میآیند، اماچون آفتاب گرم شود میپرند و جای ایشان معلوم نیست که کجاست. | ۱۷ 17 |
سېنىڭ ئەربابلىرىڭ چېكەتكىلەردەك، سەردارلىرىڭ مىجىر-مىجىر چاقچىقىزلاردەك بولىدۇ؛ مانا ئۇلار سوغۇق كۈنىدە چىتلار ئىچىگە كىرىۋېلىپ ماكان قىلىدۇ؛ قۇياش چىققاندا، ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ، بارغان يېرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. |
ای پادشاه آشورشبانانت به خواب رفته و شرفایت خوابیدهاند وقوم تو بر کوهها پراکنده شده، کسی نیست که ایشان را جمع کند. | ۱۸ 18 |
چوپانلىرىڭ مۈگدەپ قالدى، ئى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى؛ سېنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىڭ جىم ياتىدۇ؛ خەلقىڭ تاغلار ئۈستىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى يىغمايدۇ؛ |
برای شکستگی تو التیامی نیست و جراحت تو علاج نمی پذیرد و هرکه آوازه تو را میشنود بر تو دستک میزند، زیراکیست که شرارت تو بر او علی الدوام واردنمی آمد؟ | ۱۹ 19 |
سېنىڭ ياراڭ داۋاسىز، سېنىڭ زەخمىڭ ئېغىردۇر؛ خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈڭدىن چاۋاك چالىدۇ؛ چۈنكى توختاۋسىز رەزىللىكىڭ كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەندۇ؟ |