«یقین برای نقره معدنی است، و به جهت طلا جایی است که آن را قال میگذارند. | ۱ 1 |
ــ «شۈبھىسىزكى، كۈمۈش تېپىلىدىغان كانلار بار، ئالتۇننىڭ تاۋلىنىدىغان ئۆز ئورنى باردۇر؛ |
آهن از خاک گرفته میشود و مس ازسنگ گداخته میگردد. | ۲ 2 |
تۆمۈر بولسا يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنىدۇ، مىس بولسا تاشتىن ئېرىتىلىپ ئېلىنىدۇ. |
مردم برای تاریکی حدمی گذارند و تا نهایت تمام تفحص مینمایند، تابه سنگهای ظلمت غلیظ و سایه موت. | ۳ 3 |
ئىنسانلار [يەر ئاستىدىكى] قاراڭغۇلۇققا چەك قويىدۇ؛ ئۇ يەر قەرىگىچە چارلاپ يۈرۈپ، قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئۆلۈمنىڭ سايىسىدە تۇرغان تاشلارنى ئىزدەيدۇ. |
کانی دور از ساکنان زمین میکنند، از راه گذریان فراموش میشوند و دور از مردمان آویخته شده، به هر طرف متحرک میگردند. | ۴ 4 |
ئۇ يەر يۈزىدىكىلەردىن يىراق جايدا تىك بولغان قۇدۇقنى كولايدۇ؛ مانا شۇنداق ئادەم ئاياغ باسمايدىغان، ئۇنتۇلغان يەرلەردە ئۇلار ئارغامچىنى تۇتۇپ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ يۈرىدۇ، كىشىلەردىن يىراقتا ئېسىلىپ تۇرىدۇ. |
از زمین نان بیرون میآید، و ژرفیهایش مثل آتش سرنگون میشود. | ۵ 5 |
ئاشلىق چىقىدىغان يەر، تەكتى كولانغاندا بولسايالقۇندەك كۆرۈنىدۇ؛ |
سنگهایش مکان یاقوت کبود است. وشمشهای طلا دارد. | ۶ 6 |
يەردىكى تاشلار ئارىسىدىن كۆك ياقۇتلار چىقىدۇ، ئۇنىڭدا ئالتۇن رۇدىسىمۇ باردۇر. |
آن راه را هیچ مرغ شکاری نمی داند، و چشم شاهین آن را ندیده است، | ۷ 7 |
ئۇ يولنى ھېچقانداق ئالغۇر قۇش بىلمەيدۇ، ھەتتا سارنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭغا يەتمىگەن. |
وجانوران درنده بر آن قدم نزدهاند، و شیر غران برآن گذر نکرده. | ۸ 8 |
ھاكاۋۇر يىرتقۇچلارمۇ ئۇ يەرنى ھېچ دەسسەپ باقمىغان، ئەشەددىي شىرمۇ ئۇ جايدىن ھېچقاچان ئۆتۈپ باقمىغان. |
دست خود را به سنگ خارا درازمی کنند، و کوهها را از بیخ برمی کنند. | ۹ 9 |
ئىنسان بالىسى قولىنى چاقماق تېشىنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزىدۇ، ئۇ تاغلارنى يىلتىزىدىن قومۇرىۋېتىدۇ. |
نهرها ازصخرهها میکنند و چشم ایشان هر چیز نفیس رامی بیند. | ۱۰ 10 |
تاشلار ئارىسىدىن ئۇ قاناللارنى چاپىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆزى ھەرخىل قىممەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ؛ |
نهرها را از تراوش میبندند وچیزهای پنهان شده را به روشنایی بیرون میآورند. | ۱۱ 11 |
يەر ئاستىدىكى ئېقىنلارنى تېشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇلارنى توسۇۋالىدۇ؛ يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئۇ ئاشكارىلايدۇ. |
اما حکمت از کجا پیدا میشود؟ وجای فطانت کجا است؟ | ۱۲ 12 |
بىراق دانالىق نەدىن تېپىلار؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ |
انسان قیمت آن رانمی داند و در زمین زندگان پیدا نمی شود. | ۱۳ 13 |
ئىنسان بالىلىرى ئۇنىڭ قىممەتلىكلىكىنى ھېچ بىلمەس، ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن تېپىلماس. |
لجه میگوید که در من نیست، و دریا میگوید که نزدمن نمی باشد. | ۱۴ 14 |
[يەر] تېگى: «مەندە ئەمەس» دەيدۇ، دېڭىز بولسا: «مەن بىلەنمۇ بىللە ئەمەستۇر» دەيدۇ. |
زر خالص به عوضش داده نمی شود و نقره برای قیمتش سنجیده نمی گردد. | ۱۵ 15 |
دانالىقنى ساپ ئالتۇن بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، كۈمۈشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر تارازىدا تارتقىلى بولماس. |
به زر خالص اوفیر آن را قیمت نتوان کرد، و نه به جزع گرانبها و یاقوت کبود. | ۱۶ 16 |
ھەتتا ئوفىردا چىقىدىغان ئالتۇن، ئاق ھېقىق ياكى كۆك ياقۇت بىلەنمۇ بىر تارازىدا تارتقىلى بولمايدۇ. |
با طلا و آبگینه آن را برابر نتوان کرد، و زیورهای طلای خالص بدل آن نمی شود. | ۱۷ 17 |
ئالتۇن ۋە خرۇستالنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئېسىل ئالتۇن قاچا-قۇچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئالماشتۇرۇلماس. |
مرجان و بلور مذکورنمی شود و قیمت حکمت از لعل گرانتر است. | ۱۸ 18 |
ئۇ ئۈنچە-مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛ دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر. |
زبرجد حبش با آن مساوی نمی شود و به زرخالص سنجیده نمی گردد. | ۱۹ 19 |
ئېفىئوپىيەدىكى سېرىق ياقۇت ئۇنىڭغا يەتمەس، سېرىق ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ. |
پس حکمت ازکجا میآید؟ و مکان فطانت کجا است؟ | ۲۰ 20 |
ئۇنداقتا، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ يورۇتۇلۇشنىڭ ماكانى نەدىدۇ؟ |
ازچشم تمامی زندگان پنهان است، و از مرغان هوامخفی میباشد. | ۲۱ 21 |
چۈنكى ئۇ بارلىق ھايات ئىگىلىرىنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇلغان، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇرىدۇ. |
ابدون و موت میگویند که آوازه آن را به گوش خود شنیدهایم. | ۲۲ 22 |
ھالاكەت ۋە ئۆلۈم پەقەتلا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىدىن خەۋەر ئالدۇق» دەيدۇ. |
خدا راه آن را درک میکند و او مکانش را میداند. | ۲۳ 23 |
ئۇنىڭ ماڭغان يولىنى چۈشىنىدىغان، تۇرىدىغان يېرىنى بىلىدىغان پەقەتلا بىر خۇدادۇر. |
زیراکه او تا کرانه های زمین مینگرد و آنچه را که زیرتمامی آسمان است میبیند. | ۲۴ 24 |
چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى يەرنىڭ قەرىگىچە يېتىدۇ، ئۇ ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. |
تا وزن از برای بادقرار دهد، و آبها را به میزان بپیماید. | ۲۵ 25 |
ئۇ شاماللارنىڭ كۈچىنى تارازىغا سالغاندا، [دۇنيانىڭ] سۇلىرىنى ئۆلچىگەندە، |
هنگامی که قانونی برای باران قرار داد، و راهی برای سهام رعد، | ۲۶ 26 |
يامغۇرلارغا قانۇنىيەت چۈشۈرگىنىدە، گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقىغا يولىنى بېكىتكىنىدە، |
آنگاه آن را دید و آن را بیان کرد. آن رامهیا ساخت و هم تفتیشش نمود. | ۲۷ 27 |
ئۇ چاغدا ئۇ دانالىققا قاراپ ئۇنى بايان قىلغان؛ ئۇنى نەمۇنە قىلىپ بەلگىلىگەن؛ شۇنداق، ئۇ ئۇنىڭ باش-ئايىغىغا قاراپ چىقىپ، |
و به انسان گفت: اینک ترس خداوند حکمت است، و ازبدی اجتناب نمودن، فطانت میباشد.» | ۲۸ 28 |
ئىنسانغا: «مانا، رەبدىن قورقۇش دانالىقتۇر؛ يامانلىقتىن يىراقلىشىش يورۇتۇلۇشتۇر» ــ دېگەن». |