ای بنی بنیامین از اورشلیم فرار کنید و کرنارا در تقوع بنوازید و علامتی بر بیت هکاریم برافرازید زیرا که بلایی از طرف شمال وشکست عظیمی رو خواهد داد. | ۱ 1 |
جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېرۇسالېم شەھىرىدىن قېچىڭلار، ئى بىنيامىن جەمەتىدىكىلەر! تەكوئا يېزىسىدا كاناي چېلىڭلار! بەيت-ھاككەرەمدە ئىس سىگنالىنى كۆتۈرۈڭلار! چۈنكى بالايىئاپەت، يەنى دەھشەتلىك ھالاكەت شىمال تەرەپتىن پەيدا بولىدۇ. |
و من آن دخترجمیل و لطیف یعنی دختر صهیون را منقطع خواهم ساخت. | ۲ 2 |
زىئون قىزى، يەنى نازىنىن ساھىبجامالنى، مەن نابۇت قىلىمەن. |
و شبانان با گله های خویش نزدوی خواهند آمد و خیمه های خود را گرداگرد اوبرپا نموده، هر یک در جای خود خواهند چرانید. | ۳ 3 |
يېرۇسالېمغا قارشى چىقىۋاتقان پادا باققۇچىلارمۇ ئۆز پادىلىرىنى ئېپكېلىدۇ؛ ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشاۋغا ئېلىپ چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئىگىلىگەن جايدا پادا باقىدۇ. |
با او جنگ را مهیا سازید و برخاسته، در وقت ظهر برآییم. وای بر ما زیرا که روز رو به زوال نهاده است و سایه های عصر دراز میشود. | ۴ 4 |
[ئۇلار]: «ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلىنىڭلار! تۇرۇڭلار، چۈش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلايلى!»، «ئاپلا! كۈن پاتاي دەپ قاپتۇ، كەچتىكى سايىلەر ئۇزىراۋاتىدۇ!» ــ [دەيدۇ]، [ئاندىن]: |
برخیزید! و در شب برآییم تا قصرهایش رامنهدم سازیم. | ۵ 5 |
«شۇڭا، كېچىچە ھۇجۇم قىلىپ چىقايلى، ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئوردىلىرىنى يوقىتايلى!» ــ دەيدۇ. |
زیرا که یهوه صبایوت چنین می فرماید: «درختان را قطع نموده، مقابل اورشلیم سنگر برپا نمایید. زیرا این است شهری که سزاوار عقوبت است چونکه اندرونش تمام ظلم است. | ۶ 6 |
ــ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۇلار بىلەن يېرۇسالېم ئەتراپىدا دۆڭ-پوتەيلەرنى ياساڭلار؛ چۈنكى ئۇ جازالانمىسا بولمايدىغان شەھەردۇر؛ ئۇنىڭدا بارلىق ئىشلار زۇلۇم-زومىگەرلىكتۇر. |
مثل چشمهای که آب خود رامی جوشاند همچنان او شرارت خویش رامی جوشاند. ظلم و تاراج در اندرونش شنیده میشود و بیماریها و جراحات دایم در نظر من است. | ۷ 7 |
قۇدۇق ئۆز سۇلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارغاندەك، ئۇمۇ رەزىللىكلىرىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارماقتا؛ ئۇنىڭدىن زۇلمەت-زوراۋانلىق ۋە ھالاكەت سادالىرى ئاڭلانماقتا؛ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ھەمىشە ئاغرىق-كېسەللەر ھەم يارىلانغانلار پەيدا بولماقتا. |
ای اورشلیم، تادیب را بپذیر مبادا جان من از تو بیزار شود و تو را ویران و زمین غیرمسکون گردانم.» | ۸ 8 |
ئى يېرۇسالېم، تەلىم-تەربىيە قوبۇل قىل؛ بولمىسا جېنىم سەندىن ۋاز كېچىدۇ، ــ بولمىسا، مەن سېنى خارابىلىك، ئادەمزاتسىز بىر زېمىن قىلىۋېتىمەن. |
یهوه صبایوت چنین میگوید که «بقیه اسرائیل را مثل مو خوشه چینی خواهند کرد پس مثل کسیکه انگور میچینددست خود را بر شاخه هایش برگردان.» | ۹ 9 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇلار ئۈزۈم تېلىنى پاساڭدىغۇچىلاردەك ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پاساڭدايدۇ؛ شۇڭا سەن ئۈزۈم ئۈزگۈچىدەك ئۈزۈم تېلىدىكى شاخلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم قولۇڭنى ئۆتكۈزگىن! |
کیستند که به ایشان تکلم نموده، شهادت دهم تا بشنوند. هان گوش ایشان نامختون است که نتوانند شنید. اینک کلام خداوند برای ایشان عارگردیده است و در آن رغبت ندارند. | ۱۰ 10 |
[مەن]: ــ مەن ھازىر كىمگە سۆز قىلىپ ئاگاھلاندۇراي؟ ئۇلاردىن ئاڭلىغۇدەك زادى كىم بار؟ مانا، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى سۈننەت قىلىنمىغان، ئۇلار ھېچ ئاڭلىيالمايدۇ. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلارغا ئېغىر كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ھېچ خۇشياقمايدۇ، ــ [دېدىم]. |
و من ازحدت خشم خداوند پر شدهام و از خودداری خسته گردیدهام پس آن را در کوچهها بر اطفال وبر مجلس جوانان با هم بریز. زیرا که شوهر و زن هر دو گرفتار خواهند شد و شیخ با دیرینه روز. | ۱۱ 11 |
ــ قەلبىم پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى؛ ئۇنى ئىچىمگە سىغدۇرۇشتىن ھالسىراپ كەتتىم؛ ئۇنى كوچىدىكى بالىلار، يىگىتلەرنىڭ مەشرەپ سورۇنلىرىغا تۆككەيسەن. ئەر-ئاياللار، قېرىلار ھەم ياشانغانلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولمىسۇن! |
و خانهها و مزرعهها و زنان ایشان با هم از آن دیگران خواهند شد زیرا خداوند میگوید که «دست خود را به ضد ساکنان این زمین درازخواهم کرد. | ۱۲ 12 |
ــ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى، ئېتىزلىرى ئاياللىرى بىلەن بىللە ئۆزگىلەرگە تاپشۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى مەن قولۇمنى زېمىندىكىلەرگە سوزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
چونکه جمیع ایشان چه خرد وچه بزرگ، پر از طمع شدهاند و همگی ایشان چه نبی و چه کاهن، فریب را بعمل میآورند. | ۱۳ 13 |
ــ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ئوخشاشلا ئالدامچىلىق قىلىدۇ؛ |
وجراحت قوم مرا اندک شفایی دادند، چونکه میگویند سلامتی است، سلامتی است با آنکه سلامتی نیست.» | ۱۴ 14 |
ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر! |
آیا چون مرتکب رجاسات شدند خجل گردیدند؟ نی ابد خجل نشدند بلکه حیا را احساس ننمودند. بنابراین خداوندمی گوید که «در میان افتادگان خواهند افتاد وحینی که من به ایشان عقوبت رسانم خواهندلغزید.» | ۱۵ 15 |
ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
خداوند چنین میگوید: «بر طریق هابایستید و ملاحظه نمایید و درباره طریق های قدیم سوآل نمایید که طریق نیکو کدام است تا درآن سلوک نموده، برای جان خود راحت بیابید، لیکن ایشان جواب دادند که در آن سلوک نخواهیم کرد. | ۱۶ 16 |
شۇڭا پەرۋەردىگار [ئۆز خەلقىگە] مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر تۆت ئاچا يولدا تۇرۇۋاتىسىلەر؛ شۇڭا يولۇڭلارنى ئوبدان كۆرۈپ قويۇڭلار، قەدىمكى، ياخشىلىققا ئېلىپ بارغان يوللارنى سوراپ، ئۇلاردا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا جېنىڭلار ئوبدان ئارام تاپىدۇ. لېكىن ئۇلار: «بىز شۇلاردا ماڭمايمىز!» ــ دەيدۇ. |
و من پاسبانان بر شما گماشتم (که میگفتند): به آواز کرنا گوش دهید، اما ایشان گفتند گوش نخواهیم داد. | ۱۷ 17 |
مەن: سىلەرگە «كاناينىڭ ئاگاھ ساداسىغا قۇلاق سېلىڭلار!» دەيدىغان ئاگاھ بەرگۈچى كۆزەتچىلەرنى تىكلىدىم؛ لېكىن سىلەر: «قۇلاق سالمايمىز» دېدىڭلار. |
پسای امت هابشنوید وای جماعت آنچه را که در میان ایشان است بدانید! | ۱۸ 18 |
شۇڭا ئى ئەللەر، ئاڭلاڭلار؛ گۇۋاھچىلار بولۇپ ئۇلار ئارىسىدا بولىدىغان ئىشلارنى بىلىپ قويۇڭلار! |
ای زمین بشنو اینک من بلایی براین قوم میآورم که ثمره خیالات ایشان خواهدبود زیرا که به کلام من گوش ندادند و شریعت مرانیز ترک نمودند. | ۱۹ 19 |
ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! قارا، مەن بۇ خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت، يەنى ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان؛ مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇمنى بولسا، ئۇلار چەتكە قاققان. |
چه فایده دارد که بخور از سباو قصب الذریره از زمین بعید برای من آورده میشود. قربانی های سوختنی شما مقبول نیست و ذبایح شما پسندیده من نی.» | ۲۰ 20 |
ــ ئەمدى زادى نېمە مەقسەتتە شېبادىن چىققان خۇشبۇي، يىراق يۇرتتىن ئېلىپ كېلىنگەن ئېگىر ماڭا سۇنۇلىدۇ؟ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار قوبۇل قىلارلىق ئەمەس، سىلەرنىڭ «تەشەككۈر قۇرنانلىق»لىرىڭلار مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ. |
بنابراین خداوند چنین میگوید: «اینک من پیش روی این قوم سنگهای لغزش دهنده خواهم نهاد و پدران وپسران با هم از آنها لغزش خواهند خورد و ساکن زمین با همسایهاش هلاک خواهند شد.» | ۲۱ 21 |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ خەلق ئالدىغا پۇتلىكاشاڭلارنى سالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەم ئاتىلار ھەم ئوغۇللار بىللە پۇتلىشىدۇ؛ قوشنىلار ۋە دوستلار ئوخشاشلا نابۇت بولىدۇ. |
خداوند چنین میگوید: «اینک قومی اززمین شمال میآورم و امتی عظیم از اقصای زمین خواهند برخاست. | ۲۲ 22 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قارا، شىمالىي زېمىندىن بىر خەلق كېلىدۇ، يەر يۈزىنىڭ ئەڭ قەرىلىرىدىن ئۇلۇغ بىر ئەل قوزغىلىدۇ؛ |
و کمان و نیزه خواهندگرفت. ایشان مردان ستمکیش میباشند که ترحم ندارند. به آواز خود مثل دریا شورش خواهندنمود و بر اسبان سوار شده، مثل مردان جنگی به ضد توای دختر صهیون صف آرایی خواهندکرد.» | ۲۳ 23 |
ئۇلار ئوقيا ۋە قىلىچ بىلەن قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار زالىم، ھېچ رەھىم قىلمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئاۋازى دېڭىز دولقۇنىدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار ئاتلارغا مىنىدۇ، جەڭگىۋار ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ساڭا قارشى جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ، ئى زىئون قىزى! |
آوازه این را شنیدیم و دستهای ما سست گردید. تنگی و درد مثل زنی که میزاید ما را درگرفته است. | ۲۴ 24 |
«بىز ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىدۇق؛ قولىمىز بوشىشىپ كەتتى؛ غەشلىك، تولغاقتا قالغان ئايالدەك ئازاب بىزنى تۇتتى» ــ [دېدىم]. |
به صحرا بیرون مشوید و به راه مروید زیرا که شمشیر دشمنان و خوف از هرطرف است. | ۲۵ 25 |
«دالاغا چىقماڭلار، يوللار بىلەن ماڭماڭلار، چۈنكى دۈشمەننىڭ قىلىچى بار، تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ. |
ای دختر قوم من پلاس بپوش وخویشتن را در خاکستر بغلطان. ماتم پسر یگانه ونوحه گری تلخ برای خود بکن زیرا که تاراج کننده ناگهان بر ما میآید. | ۲۶ 26 |
ئى خەلقىمنىڭ قىزى، سەن ئۆزۈڭگە بۆز كىيىم كىيىۋال، كۈللەر ئىچىدە ئېغىناپ يات؛ ئۆزۈڭنىڭ بىر تال ئوغلۇڭدىن جۇدا بولغاندەك قاتتىق يىغلاپ ماتەم تۇت؛ چۈنكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى بىزگە قاراپ تۇيۇقسىز كېلىدۇ». |
تو را در میان قوم خودامتحان کننده و قلعه قرار دادم تا راههای ایشان رابفهمی و امتحان کنی. | ۲۷ 27 |
[پەرۋەردىگار ماڭا]: ــ مەن سېنى رودا سىنىغۇچى قىلىپ تىكلىدىم، خەلقىم بولسا خۇددى تەكشۈرۈلىدىغان رودىدەك بولىدۇ؛ سېنى ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزىتىپ سىناشقا تىكلىدىم، ــ [دېدى]. |
همه ایشان سخت متمرد شدهاند و برای نمامی کردن گردش میکنند. برنج و آهن میباشند و جمیع ایشان فساد کنندهاند. | ۲۸ 28 |
ــ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئاسىينىڭ ئاسىيسى، ئۇلار تۆھمەت چاپلاپ ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار مىس ۋە تۆمۈرنىڭ ئۆزىدۇر، ھەممىسى چىرىپ كەتكەندۇر؛ |
دم پر زور میدمد و سرب درآتش فانی میگردد و قالگر عبث قال میگذاردزیرا که شریران جدا نمی شوند. | ۲۹ 29 |
تۆمۈرچىنىڭ كۆرۈكىمۇ كۆيۈپ كەتتى، قوغۇشۇن بولسا ئوتتا يەم بولدى؛ رودىنى ئېرىتىپ تاۋلاش بىكار بولدى؛ خەلقىم يامانلاردىن خالىي بولمىدى. |
نقره ترک شده نامیده میشوند زیرا خداوند ایشان را ترک کرده است. | ۳۰ 30 |
ئۇلار «داشقال كۈمۈش» دەپ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدى. |