پس تمامی سرداران لشکر و یوحانان بن قاریح و یزنیا ابن هوشعیا و تمامی خلق از خرد و بزرگ پیش آمدند، | ۱ 1 |
بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى، جۈملىدىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ھوشايانىڭ ئوغلى يەزانىيا ۋە ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە بارلىق خەلق |
و به ارمیا نبی گفتند: «تمنا اینکه التماس ما نزد تو پذیرفته شودو به جهت ما و به جهت تمامی این بقیه نزد یهوه خدای خود مسالت نمایی زیرا که ما قلیلی ازکثیر باقیماندهایم چنانکه چشمانت ما را میبیند. | ۲ 2 |
يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: «تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلغايسەن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا خەلقنىڭ قالدىسى بولغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەنكى (كۆزۈڭ كۆرگىنىدەك بۇرۇن كۆپ بولغان بىزلەر ھازىر ئىنتايىن ئاز قالدۇق)، |
تا یهوه خدایت ما را به راهی که باید برویم و بهکاری که باید بکنیم اعلام نماید.» | ۳ 3 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بىزگە ماڭىدىغان يول، قىلىدىغان ئىشنى كۆرسەتكەي» ــ دەپ ئىلتىجا قىلدى. |
پس ارمیای نبی به ایشان گفت: «شنیدم. اینک من برحسب آنچه به من گفتهاید، نزد یهوه خدای شما مسالت خواهم نمود و هرچه خداوند در جواب شما بگوید به شما اطلاع خواهم داد و چیزی از شما باز نخواهم داشت.» | ۴ 4 |
يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: «ماقۇل! مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۆزلىرىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە قانداق جاۋاب بەرسە، مەن ئۇنى سىلەرگە ھېچنېمىسىنى قالدۇرماي تولۇقى بىلەن بايان قىلىمەن» ــ دېدى. |
ایشان به ارمیا گفتند: «خداوند در میان ماشاهد راست و امین باشد که برحسب تمامی کلامی که یهوه خدایت به واسطه تو نزد ما بفرستدعمل خواهیم نمود. | ۵ 5 |
ئۇلار يەرەمىياغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئەۋەتىپ بىزگە يەتكۈزىدىغان سۆزنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەقىقىي، گېپىدە تۇرۇدىغان گۇۋاھچى بولۇپ ئەيىبلىسۇن!» ــ دېدى. |
خواه نیکو باشد و خواه بد، کلام یهوه خدای خود را که تو را نزد اومی فرستیم اطاعت خواهیم نمود تا آنکه قول یهوه خدای خود را اطاعت نموده، برای ماسعادتمندی بشود.» | ۶ 6 |
«بىز سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا ئەۋەتىمىز؛ جاۋاب ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن، ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلىمىز؛ بىز خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلغاندا، بىزگە ياخشى بولىدۇ». |
و بعد از ده روز واقع شد که کلام خداوند برارمیا نازل شد. | ۷ 7 |
شۇنداق بولدىكى، ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كەلدى. |
پس یوحانان بن قاریح و همه سرداران لشکر که همراهش بودند و تمامی قوم رااز کوچک و بزرگ خطاب کرده، | ۸ 8 |
ئۇ كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە بارلىق خەلقنى چاقىرىپ |
به ایشان گفت: «یهوه خدای اسرائیل که شما مرا نزد وی فرستادید تا دعای شما را به حضور او برسانم چنین میفرماید: | ۹ 9 |
ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر مېنى تەلىپىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنسىلەر. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ |
اگر فی الحقیقه در این زمین بمانید آنگاه شما را بنا نموده، منهدم نخواهم ساخت و غرس کرده، نخواهم کند، زیرا از بلایی که به شما رسانیدم پشیمان شدم. | ۱۰ 10 |
«سىلەر يەنىلا مۇشۇ زېمىندا تۇرىۋەرسەڭلارلا، مەن سىلەرنى قۇرۇپ چىقىمەن؛ سىلەرنى غۇلاتمايمەن؛ مەن سىلەرنى تىكىپ ئۆستۈرىمەن، سىلەرنى يۇلمايمەن؛ چۈنكى مەن بېشىڭلارغا چۈشۈرگەن بالايىئاپەتكە ئۆكۈنىمەن. |
از پادشاه بابل که از او بیم دارید ترسان مباشید. بلی خداوندمی گوید از او ترسان مباشید زیرا که من با شماهستم تا شما را نجاتبخشم و شما را از دست او رهایی دهم. | ۱۱ 11 |
سىلەر قورقىدىغان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار؛ ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. |
و من بر شما رحمت خواهم فرمود تا او بر شما لطف نماید و شما را به زمین خودتان پس بفرستد. | ۱۲ 12 |
مەن سىلەرگە شۇنداق رەھىمدىللىقنى كۆرسىتىمەنكى، ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىشقا يول قويىدۇ. |
اما اگر گویید که در این زمین نخواهیم ماند و اگر سخن یهوه خدای خودرا گوش نگیرید، | ۱۳ 13 |
بىراق سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي «بۇ زېمىندا قەتئىي تۇرمايمىز» ــ دېسەڭلار |
و بگویید نی بلکه به زمین مصر خواهیم رفت زیرا که در آنجا جنگ نخواهیم دید و آواز کرنا نخواهیم شنید و برای نان گرسنه نخواهیم شد و در آنجا ساکن خواهیم شد، | ۱۴ 14 |
ۋە: «ياق، بىز مىسىر زېمىنىغا بارايلى؛ شۇ يەردە نە ئۇرۇشنى كۆرمەيمىز، نە كاناي-ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىمايمىز، نە نانغا زار بولمايمىز؛ شۇ يەردە ياشايمىز» ــ دېسەڭلار، |
پس حال بنابراینای بقیه یهودا کلام خداوند را بشنوید: یهوه صبایوت خدای اسرائیل چنین میگوید: اگر به رفتن به مصر جازم میباشید و اگر در آنجا رفته، ساکن شوید، | ۱۵ 15 |
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ بۇ قالدىسى بولغان سىلەر: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مىسىرغا كىرىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولساڭلار، |
آنگاه شمشیری که از آن میترسید البته آنجادر مصر به شما خواهد رسید و قحطی که از آن هراسان هستید آنجا در مصر شما را خواهددریافت و در آنجا خواهید مرد. | ۱۶ 16 |
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر قورقىدىغان قىلىچ مىسىردا سىلەرگە يېتىشىۋالىدۇ، سىلەر قورقىدىغان قەھەتچىلىك مىسىردا سىلەرگە ئەگىشىپ قوغلاپ بارىدۇ؛ شۇ يەردە سىلەر ئۆلىسىلەر. |
و جمیع کسانی که برای رفتن به مصر و سکونت در آنجاجازم شدهاند، از شمشیر و قحط و وبا خواهندمرد و احدی از ایشان از آن بلایی که من بر ایشان میرسانم باقی نخواهد ماند و خلاصی نخواهدیافت. | ۱۷ 17 |
شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرغا كىرىپ شۇ يەردە تۇرايلى دەپ قەتئىي نىيەت قىلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تىرىك قالمايدۇ ۋە ياكى مەن بېشىغا چۈشۈرىدىغان بالايىئاپەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. |
زیرا که یهوه صبایوت خدای اسرائیل چنین میگوید: چنانکه خشم و غضب من برساکنان اورشلیم ریخته شد، همچنان غضب من به مجرد ورود شما به مصر بر شما ریخته خواهدشد و شما مورد نفرین و دهشت و لعنت و عارخواهید شد و این مکان را دیگر نخواهید دید.» | ۱۸ 18 |
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ غەزىپىم ۋە قەھرىم يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلگەندەك، سىلەر مىسىرغا كىرگىنىڭلاردا، قەھرىم بېشىڭلارغا چۈشۈرۈلىدۇ؛ سىلەر لەنەتكە قالىدىغان ۋە دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، لەنەت سۆزى ھەم رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى بولىسىلەر ۋە سىلەر بۇ زېمىننى قايتىدىن ھېچ كۆرمەيسىلەر. |
ای بقیه یهودا خداوند به شما میگوید به مصرمروید، یقین بدانید که من امروز شما را تهدیدنمودم. | ۱۹ 19 |
پەرۋەردىگار سىلەر، يەنى يەھۇدانىڭ قالدىسى توغرۇلۇق: «مىسىرغا بارماڭلار!» ــ دېگەن. ــ ئەمدى شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن بۈگۈنكى كۈنىدە سىلەرنى ئاگاھلاندۇردۇم!». |
زیرا خویشتن را فریب دادید چونکه مرا نزد یهوه خدای خود فرستاده، گفتید که برای ما نزد یهوه خدای ما مسالت نما و ما را موافق هرآنچه یهوه خدای ما بگوید، مخبر ساز و آن را بعمل خواهیم آورد. | ۲۰ 20 |
ــ سىلەرنىڭ مېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتكىنىڭلار «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە نېمە دېسە، بىزگە يەتكۈزۈپ بەرسەڭ بىز شۇنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز» دېگۈزگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالداپ جېنىڭلارغا زامىن بولۇشتىن ئىبارەت بولدى، خالاس. |
پس امروز شما را مخبرساختم اما شما نه به قول یهوه خدای خود و نه بهیچچیزی که به واسطه من نزد شما فرستادگوش گرفتید. | ۲۱ 21 |
مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە ئۇنىڭ دېگىنىنى ئېيتىپ بەردىم؛ لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا ۋە ياكى ئۇنىڭ مېنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتكەن ھېچقايسى ئىشتا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. |
پس الان یقین بدانید که شما درمکانی که میخواهید بروید و در آن ساکن شویداز شمشیر و قحط و وبا خواهید مرد.» | ۲۲ 22 |
ئەمدى ھازىر شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئولتۇراقلىشايلى دەپ بارىدىغان جايدا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىسىلەر». |