ای جزیرهها به حضور من خاموش شوید! و قبیلهها قوت تازه بهم رسانند! نزدیک بیایند آنگاه تکلم نمایند. با هم به محاکمه نزدیک بیاییم. | ۱ 1 |
ــ «ئى ئاراللار، سۈكۈت قىلىپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىڭلار؛ خەلقلەرمۇ كۈچىنى يېڭىلىسۇن! ئۇلار يېقىن كەلسۇن، سۆز قىلسۇن؛ توغرا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا يېقىنلىشايلى!» |
کیست که کسی را از مشرق برانگیخت که عدالت او را نزد پایهای وی میخواند؟ امتها را به وی تسلیم میکند و او رابر پادشاهان مسلط میگرداند. و ایشان را مثل غبار به شمشیر وی و مثل کاه که پراکنده میگرددبه کمان وی تسلیم خواهد نمود. | ۲ 2 |
«كىم شەرقتىكى بىرسىنى ئويغىتىپ، ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىگە چاقىردى؟ ئۇ ئەللەرنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، ئۇنى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىدۇ؛ ئۇلارنى ئۇنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئوقياسى ئالدىدا شامال ئۇچۇرغان پاخال-توپاندەك قىلىدۇ. |
ایشان راتعاقب نموده، به راهی که با پایهای خود نرفته بودبسلامتی خواهد گذشت. | ۳ 3 |
ئۇ ئۇلارنى قوغلىۋېتىپ، پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي دېگۈدەك ماڭىدۇ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە ئۆتىۋېرىدۇ؛ |
کیست که این را عمل نموده و بجا آورده، و طبقات را از ابتدا دعوت نموده است؟ من که یهوه و اول و با آخرین میباشم من هستم. | ۴ 4 |
ئەلمىساقتىن تارتىپ دەۋرلەرنى «بارلىققا كەل» دەپ چاقىرىپ، بۇلارنى بېكىتىپ ئادا قىلغان كىم؟ مەن پەرۋەردىگار ئاۋۋال بولغۇچىدۇرمەن، ئاخىرى بولغانلار بىلەنمۇ بىللە بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن. |
جزیرهها دیدند و ترسیدند واقصای زمین بلرزیدند و تقرب جسته، آمدند. | ۵ 5 |
ئاراللار شۇ ئىشلارنى كۆرۈپ قورقىشىدۇ؛ جاھاننىڭ چەت-چېتىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ، ئالدىغا كېلىدۇ؛ |
هر کس همسایه خود را اعانت کرد و به برادرخود گفت: قویدل باش. | ۶ 6 |
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىغا ياردەم قىلىپ، ئۆز قېرىندىشىغا: «يۈرەكلىك بول!» ــ دەيدۇ. |
نجار زرگر را و آنکه باچکش صیقل میکند سندان زننده را تقویت مینماید و در باره لحیم میگوید: که خوب است و آن را به میخها محکم میسازد تا متحرک نشود. | ۷ 7 |
شۇنىڭ بىلەن نەققاشچى زەرگەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، مېتالنى ياپىلاقلاپ بولقا ئويناتقۇچى سەندەلنى بازغان بىلەن سوققۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «كەپشەرلىگىنى ياخشى!» دەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى لىڭشىپ قالمىسۇن دەپ بۇتنىڭ پۇتىنى مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. |
اما توای اسرائیل بنده من وای یعقوب که تورا برگزیدهام وای ذریت دوست من ابراهیم! | ۸ 8 |
بىراق سەن، ئى قۇلۇم ئىسرائىل، ئى ئۆزۈم تاللىغان ياقۇپ، ئىبراھىم مېنىڭ دوستۇمنىڭ ئەۋلادى: ــ |
که تو را از اقصای زمین گرفته، تو را از کرانه هایش خواندهام و به تو گفتهام تو بنده من هستی، تو رابرگزیدم و ترک ننمودم. | ۹ 9 |
مەن جاھاننىڭ قەرىدىن ئېلىپ كەلگەن، يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىدىن چاقىرىغىنىم سەن ئىكەنسەن؛ مەن ساڭا «سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، مەن سېنى تاللىغان، سېنى ھەرگىز چەتكە قاقمايمەن» ــ دېگەنىدىم. |
مترس زیرا که من با توهستم و مشوش مشو زیرا من خدای تو هستم. تورا تقویت خواهم نمود و البته تو را معاونت خواهم داد و تو را بهدست راست عدالت خوددستگیری خواهم کرد. | ۱۰ 10 |
ــ قورقما؛ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ ئۇيان-بۇيان قاراپ ھودۇقماڭلار؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن؛ مەن سېنى كۈچەيتىمەن، بەرھەق، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن! بەرھەق، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەققانىيلىقىمنى بىلدۈرگۈچى ئوڭ قولۇم بىلەن سېنى يۆلەيمەن. |
اینک همه آنانی که برتو خشم دارند خجل و رسوا خواهند شد و آنانی که با تو معارضه نمایند ناچیز شده، هلاک خواهند گردید. | ۱۱ 11 |
مانا، ساڭا قاراپ غالجىرلىشىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولىدۇ؛ ساڭا شىكايەت قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك بولىدۇ، ھالاك بولىدۇ. |
آنانی را که با تو مجادله نمایندجستجو کرده، نخواهی یافت و آنانی که با توجنگ کنند نیست و نابود خواهند شد. | ۱۲ 12 |
سەن ئۇلارنى ئىزدىسەڭ، ھېچ تاپالمايسەن؛ سەن بىلەن دەۋالاشقۇچىلار ــ ساڭا قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار يوق دېيەرلىك، ھېچ بولۇپ باقمىغاندەك تۇرىدۇ. |
زیرا من که یهوه خدای تو هستم دست راست تو را گرفته، به تو میگویم: مترس زیرا من تو را نصرت خواهم داد. | ۱۳ 13 |
چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئوڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ساڭا: ــ «قورقما، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» دەيمەن. |
ای کرم یعقوب و شرذمه اسرائیل مترس زیرا خداوند و قدوس اسرائیل که ولی تومی باشد میگوید: من تو را نصرت خواهم داد. | ۱۴ 14 |
قورقما، سەن قۇرت بولغان ياقۇپ، ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى! مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، يەنى سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى. |
اینک تو را گردون تیز نو دندانه دار خواهم ساخت و کوهها را پایمال کرده، خرد خواهی نمود و تلها را مثل کاه خواهی ساخت. | ۱۵ 15 |
مانا، مەن سېنى كۆپ ھەم ئۆتكۈر چىشلىق يېڭى بىر دان ئايرىغۇچى تىرنا قىلىمەن؛ سەن تاغلارنى يانجىپ، ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن، دۆڭلەرنىمۇ كۆكۈم-تالقانغا ئايلاندۇرۇۋېتىسەن. |
آنها راخواهی افشاند و باد آنها را برداشته، گردباد آنها راپراکنده خواهد ساخت. لیکن تو از خداوندشادمان خواهی شد و به قدوس اسرائیل فخرخواهی نمود. | ۱۶ 16 |
سەن ئۇلارنى سورۇيسەن، شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، قۇيۇن ئۇلارنى تارقىتىۋېتىدۇ؛ ۋە سەن پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىسەن، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيسەن. |
فقیران و مسکینان آب را میجویند ونمی یابند و زبان ایشان از تشنگی خشک میشود. من که یهوه هستم ایشان را اجابت خواهم نمود. خدای اسرائیل هستم ایشان را ترک نخواهم کرد. | ۱۷ 17 |
بوزەكلەر ۋە يوقسۇللار سۇ ئىزدەيدۇ، لېكىن سۇ يوق؛ ئۇلارنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن قاغجىراپ كېتىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاڭلايمەن؛ مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلاردىن ۋاز كەچمەيمەن. |
بر تلهای خشک نهرها و در میان وادیهاچشمهها جاری خواهم نمود. و بیابان را به برکه آب و زمین خشک را به چشمه های آب مبدل خواهم ساخت. | ۱۸ 18 |
مەن قاقاس ئېگىزلىكلەردە دەريالارنى، جىلغىلار ئىچىدە بۇلاقلارنى ئاچىمەن؛ دالانى كۆلچەككە ئايلاندۇرىمەن، تاتىراڭ يەردىن سۇلارنى ئۇرغۇتۇپ سۇ بىلەن قاپلاپ بېرىمەن. |
در بیابان سرو آزاد و شطیم و آس و درخت زیتون را خواهم گذاشت و درصحرا صنوبر و کاج و چنار را با هم غرس خواهم نمود. | ۱۹ 19 |
دالادا كېدىر، ئاكاتسىيە، خاداس ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن؛ چۆل-باياۋاندا ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنى بىرگە تىكىمەن؛ |
تا ببینند و بدانند و تفکر نموده، با هم تامل نمایند که دست خداوند این را کرده وقدوس اسرائیل این را ایجاد نموده است. | ۲۰ 20 |
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، بىلىپ، ئويلىنىپ: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ قولى مۇشۇلارنى قىلغان، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئۇنى ياراتقان!» دەپ تەڭ چۈشىنىشىدۇ. |
خداوند میگوید: دعوی خود را پیش آوریدو پادشاه یعقوب میگوید: براهین قوی خویش راعرضه دارید. | ۲۱ 21 |
ــ مۇھاكىمىلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ كۈچلۈك سەۋەبلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار، دەيدۇ ياقۇپنىڭ پادىشاھى. |
آنچه را که واقع خواهد شدنزدیک آورده، برای ما اعلام نمایند. چیزهای پیشین را و کیفیت آنها را بیان کنید تا تفکر نموده، آخر آنها را بدانیم یا چیزهای آینده را به مابشنوانید. | ۲۲ 22 |
ــ [بۇتلىرىڭلار] ئېلىپ كىرىلسۇن، بىزگە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسۇن؛ ئىلگىرىكى ئىشلارنى، ئۇلارنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىگىچە كۆز ئالدىمىزدا كۆرسەتسۇن، شۇنداقلا بۇلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەرنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىپ بەرسۇن؛ ــ ياكى بولمىسا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ بىلەيلى؛ |
و چیزها را که بعد از این واقع خواهدشد بیان کنید تا بدانیم که شما خدایانید. باری نیکویی یا بدی را بجا آورید تا ملتفت شده، با هم ملاحظه نماییم. | ۲۳ 23 |
سىلەرنىڭ ئىلاھلىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، كېيىنكى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىزگە بايان قىلىڭلار؛ قانداقلا بولمىسۇن، بىزنى ھاڭ-تاڭ قىلىپ ئۇنى تەڭ كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن، بىرەر ياخشى ئىش ياكى يامان بىر ئىشنى قىلىڭلار! |
اینک شما ناچیز هستید وعمل شما هیچ است و هرکه شما را اختیار کندرجس است. | ۲۴ 24 |
مانا، سىلەر يوقنىڭ ئارىلىقىدا، ئىشلىگىنىڭلارمۇ يوق ئىشتۇر؛ سىلەرنى تاللىغۇچى بىر لەنىتىدۇر. |
کسی را از شمال برانگیختم و او خواهدآمد و کسی را از مشرق آفتاب که اسم مرا خواهدخواند و او بر سروران مثل برگل خواهد آمد ومانند کوزهگری که گل را پایمال میکند. | ۲۵ 25 |
بىرسىنى شىمال تەرەپتىن قوزغىدىم، ئۇ كېلىدۇ؛ ئۇ كۈنچىقىشتىن مېنىڭ نامىمنى جاكارلاپ كېلىدۇ؛ ئۇ بىرسى ھاك لاينى دەسسىگەندەك، ساپالچى لاي چەيلىگەندەك ئەمەلدارلارنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ |
کیست که از ابتدا خبر داد تا بدانیم و از قبل تابگوییم که او راست است. البته خبر دهندهای نیست و اعلام کنندهای نی و کسی هم نیست که سخنان شما را بشنود. | ۲۶ 26 |
بىزگە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، كىم مۇقەددەمدىن بۇيان بۇنى ئېيتقان؟ ياكى بىزنى «ئۇ ھەقىقەتتۇر» دېگۈزۈپ بۇ ئىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئالدىنئالا ئېيتقان؟ ياق، ھېچكىم ئېيتمايدۇ؛ بەرھەق، ھېچكىم بايان قىلمايدۇ؛ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىيالىغۇچى بەرھەق يوقتۇر! |
اول به صهیون گفتم که اینک هان این چیزها (خواهد رسید) و به اورشلیم بشارت دهندهای بخشیدم. | ۲۷ 27 |
مەن دەسلەپتە زىئونغا: ــ «مۇشۇ ئىشلارغا كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار! كۆز تىكىپ تۇرۇڭلار!» دېدىم، يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىنى ئەۋەتىپ بەردىم. |
و نگریستم و کسی یافت نشد و در میان ایشان نیز مشورت دهندهای نبود که چون از ایشان سوال نمایم جواب تواندداد. | ۲۸ 28 |
مەن قارىسام، شۇلار ئارىسىدا ھېچكىم يوق ــ مەسلىھەت بەرگۈدەك ھېچكىم يوق، شۇلاردىن سورىسام، جاۋاب بەرگۈدەك ھېچكىممۇ يوق. |
اینک جمیع ایشان باطلند و اعمال ایشان هیچ است و بتهای ریخته شده ایشان باد و بطالت است. | ۲۹ 29 |
قاراڭلار، ئۇلار ھەممىسى قۇرۇق؛ ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى يوق ئىشتۇر، قۇيما مەبۇدلىرى قۇرۇق شامالدەك مەنىسىزدۇر. |