در سالی که ترتان به اشدود آمد هنگامی که سرجون پادشاه آشور او رافرستاد، پس با اشدود جنگ کرده، آن را گرفت. | ۱ 1 |
ئاسۇرىيەنىڭ [سەردارى بولغان] «تارتان» ئاشدود شەھىرىگە كېلىپ مۇھاسىرە قىلغان يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى سارگون ئۇنى ئەۋەتكەن (ئۇ ئاشدودقا قارشى جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى): ــ |
در آن وقت خداوند به واسطه اشعیا ابن آموص تکلم نموده، گفت: «برو و پلاس را از کمر خودبگشا و نعلین را از پای خود بیرون کن.» و او چنین کرده، عریان و پا برهنه راه میرفت. | ۲ 2 |
ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ئارقىلىق سۆز قىلغانىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ «چاترىقىڭدىن بۆز ئىچ تامبىلىڭنى سېلىۋەت، پۇتۇڭدىكى كەشىڭنى سېلىۋەت» ــ دېگەنىدى؛ ئۇ شۇنداق قىلدى؛ يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ مېڭىپ يۈردى. |
و خداوند گفت: «چنانکه بنده من اشعیا سه سال عریان و پا برهنه راه رفته است تا آیتی وعلامتی درباره مصر و کوش باشد، | ۳ 3 |
ۋە پەرۋەردىگار ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قۇلۇم يەشايا مىسىر ۋە ئېفىئوپىيە توغرۇلۇق خەۋەر بېرىدىغان بېشارەت ھەم كارامەت سۈپىتىدە بولۇش ئۈچۈن يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ ئۈچ يىل مېڭىپ يۈرگەندەك، |
بهمان طورپادشاه آشور اسیران مصر و جلاء وطنان کوش رااز جوانان وپیران عریان و پابرهنه و مکشوف سرین خواهد برد تا رسوایی مصر باشد. | ۴ 4 |
ئوخشاشلا مىسىرلىق ئەسىرلەر ۋە ئېفىئوپىيەلىك سۈرگۈنلەر ياش بولسۇن، قېرى بولسۇن، يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ، كاسىسى ئوچۇق ھالدا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن مىسىرنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرۇپ، يالاپ ئېپكېتىلىدۇ. |
و ایشان بهسبب کوش که ملجای ایشان است و مصر که فخر ایشان باشد مضطرب و خجل خواهند شد. | ۵ 5 |
ئۇلار بولسا قورقۇشۇپ، ئۆز تايانچىسى بولغان ئېفىئوپىيەدىن ۋە پەخرى بولغان مىسىردىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ. |
و ساکنان این ساحل در آن روز خواهند گفت: اینک ملجای ما که برای اعانت به آن فرار کردیم تااز دست پادشاه آشور نجات یابیم چنین شده است، پس ما چگونه نجات خواهیم یافت؟» | ۶ 6 |
شۇنىڭ بىلەن بۇ دېڭىز بويىدىكىلەر: ــ «مانا بۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ۋەسۋەسىدىن قورقۇپ باشپاناھلىق ئىزدەپ بارغان تايانچىمىزغۇ، بىزلەر ئەمدى قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز؟» ــ دېيىشىدۇ»». |