یعقوب، اولادی نزایید، راحیل برخواهر خود حسد برد. و به یعقوب گفت: «پسران به من بده والا میمیرم.» | ۱ 1 |
ئەمما راھىلە ئۆزىنىڭ ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگىنىنى كۆرگەندە، ئاچىسىغا ھەسەت قىلىپ ياقۇپقا: ــ ماڭا بالا بەرگىن؛ بولمىسا ئۆلىمەن، ــ دېدى. |
آنگاه غضب یعقوب برراحیل افروخته شد و گفت: «مگر من بهجای خدا هستم که بار رحم را از تو باز داشته است؟» | ۲ 2 |
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ راھىلەگە غەزىپى كېلىپ: ــ مەن بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىنى سەندىن ئايىغان خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟! ــ دېدى. |
گفت: «اینک کنیز من، بلهه! بدو درآ تا بر زانویم بزاید، و من نیز از او اولاد بیابم.» | ۳ 3 |
ــ مانا، دېدىكىم بىلھاھ بۇ يەردە تۇرىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ قېشىغا كىرگىن، ئۇ مېنىڭ قۇچىقىمغا تۇغسۇن؛ مەن ئۇ ئارقىلىق بالىلىق بولاي، ــ دېدى راھىلە. |
پس کنیز خود، بلهه را به یعقوب به زنی داد. و او به وی درآمد. | ۴ 4 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېدىكى بىلھاھنى ئۇنىڭغا خوتۇن قىلىپ بەردى؛ ياقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كىردى. |
وبلهه آبستن شده، پسری برای یعقوب زایید. | ۵ 5 |
بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. |
وراحیل گفت: «خدا مرا داوری کرده است، و آوازمرا نیز شنیده، و پسری به من عطا فرموده است.» پس او را دان نام نهاد. | ۶ 6 |
راھىلە: ــ «خۇدا مەن ئۈچۈن ئادالەت يۈرگۈزۈپ پەريادىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى»، دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى دان قويدى. |
و بلهه، کنیز راحیل، بازحامله شده، پسر دومین برای یعقوب زایید. | ۷ 7 |
راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. |
وراحیل گفت: «به کشتیهای خدا با خواهر خودکشتی گرفتم و غالب آمدم.» و او را نفتالی نام نهاد. | ۸ 8 |
راھىلە: ــ «مەن ئاچام بىلەن بەسلىشىپ قاتتىق تۇتۇشۇپ، يەڭدىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى نافتالى قويدى. |
و اما لیه چون دید که از زاییدن بازمانده بود، کنیز خود زلفه را برداشته، او را به یعقوب به زنی داد. | ۹ 9 |
لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتتىن توختاپ قالغانىنى كۆرۈپ، دېدىكى زىلپاھنى ياقۇپقا خوتۇن قىلىپ بەردى. |
و زلفه، کنیز لیه، برای یعقوب پسری زایید. | ۱۰ 10 |
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. |
و لیه گفت: «به سعادت!» پس او را جادنامید. | ۱۱ 11 |
لېياھ: ــ «نېمىدېگەن تەلەيلىك-ھە!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى گاد قويدى. |
و زلفه، کنیز لیه، پسر دومین برای یعقوب زایید. | ۱۲ 12 |
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپاھ ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. |
و لیه گفت: «به خوشحالی من! زیرا که دختران، مرا خوشحال خواهند خواند.» واو را اشیر نام نهاد. | ۱۳ 13 |
لېياھ: «مەن بەختلىكتۇرمەن! چۈنكى خوتۇن-قىزلار مېنى بەختلىك دېيىشىدۇ!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشىر قويدى. |
و در ایام درو گندم، روبین رفت و مهرگیاهها در صحرا یافت و آنها را نزدمادر خود لیه، آورد. پس راحیل به لیه گفت: «ازمهرگیاههای پسر خود به من بده.» | ۱۴ 14 |
بۇغداي ئورمىسى كۈنلىرىدە رۇبەن چىقىپ ئېتىزلىققا باردى ۋە ئېتىزدىن بىرقانچە مۇھەببەتگۈلىنى تېرىپ، بۇلارنى ئانىسى لېياھنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. ئەمدى راھىلە لېياھقا: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈلىدىن بىرنەچچىنى ماڭا بەرگىن! ــ دېدى. |
وی را گفت: «آیا کم است که شوهر مرا گرفتی و مهر گیاه پسرمرا نیز میخواهی بگیری؟» راحیل گفت: «امشب به عوض مهر گیاه پسرت، با تو بخوابد.» | ۱۵ 15 |
[لېياھ] ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈلىنىمۇ تارتىۋالماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. راھىلە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق بولسا ئۇ ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى ئۈچۈن بۈگۈن كېچە سەن بىلەن ياتسۇن، ــ دېدى. |
ووقت عصر، چون یعقوب از صحرا میآمد، لیه به استقبال وی بیرون شده، گفت: «به من درآ، زیرا که تو را به مهرگیاه پسر خود اجیر کردم.» پس آنشب با وی همخواب شد. | ۱۶ 16 |
ياقۇپ كەچقۇرۇن ئېتىزدىن قايتىپ كەلگىنىدە، لېياھ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: ــ مېنىڭ قېشىمغا كىرىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى مەن ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى بىلەن سېنى ئىجارىگە ئالدىم، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇ بۇ كېچە ئۇنىڭ بىلەن ياتتى. |
و خدا، لیه را مستجاب فرمود که آبستن شده، پسر پنجمین برای یعقوب زایید. | ۱۷ 17 |
خۇدا لېياھنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى؛ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. |
و لیه گفت: «خدا اجرت به من داده است، زیرا کنیز خود را به شوهر خود دادم.» و او را یساکار نام نهاد. | ۱۸ 18 |
شۇنىڭ بىلەن لېياھ: «دېدىكىمنى ئېرىمگە بەرگىنىمگە خۇدا ئەمدى ماڭا «ئىجارە ھەققىم»نى ئاتا قىلدى» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار قويدى. |
و بار دیگر لیه حامله شده، پسر ششمین برای یعقوب زایید. | ۱۹ 19 |
لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغلىنى تۇغۇپ بەردى. |
و لیه گفت: «خدا عطای نیکو به من داده است. اکنون شوهرم با من زیست خواهد کرد، زیرا که شش پسر برای او زاییدم.» پس او را زبولون نامید. | ۲۰ 20 |
لېياھ: ــ «خۇدا ماڭا ياخشى تويلۇق ئاتا قىلدى؛ ئەمدى ئېرىم مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولدى؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن قويدى. |
و بعد از آن دختری زایید، و او را دینه نام نهاد. | ۲۱ 21 |
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قىز تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى دىناھ قويدى. |
پس خداراحیل را بیاد آورد، و دعای او را اجابت فرموده، خدا رحم او را گشود. | ۲۲ 22 |
ئەمما خۇدا راھىلەنى ياد قىلىپ، دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئۇنى تۇغىدىغان قىلدى. |
و آبستن شده، پسری بزاد و گفت: «خدا ننگ مرا برداشته است.» | ۲۳ 23 |
ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: ــ «خۇدا مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى»، دېدى. |
و اورا یوسف نامیده، گفت: «خداوند پسری دیگربرای من مزید خواهد کرد.» | ۲۴ 24 |
ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر بالا بەرسە» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ قويدى. |
و واقع شد که چون راحیل، یوسف رازایید، یعقوب به لابان گفت: «مرا مرخص کن، تا به مکان و وطن خویش بروم. | ۲۵ 25 |
راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن ياقۇپ لابانغا: ــ مېنى ئۆز يۇرتۇمغا، ئۆز ۋەتىنىمگە كەتكىلى قويغىن. |
زنان و فرزندان مراکه برای ایشان، تو را خدمت کردهام به من واگذار، تا بروم زیرا خدمتی که به تو کردم، تو میدانی.» | ۲۶ 26 |
مېنىڭ ساڭا ئىشلەپ ئېرىشكەن ئىش ھەققىم بولغان ئاياللىرىم بىلەن بالىلىرىمنى ماڭا بەرگىن؛ مەن كېتەي؛ چۈنكى مېنىڭ ساڭا ئىشلىگەن جاپالىق خىزمىتىم ئۆزۈڭگە ئايان، ــ دېدى. |
لابان وی را گفت: «کاش که منظور نظر توباشم، زیرا تفالا یافتهام که بخاطر تو، خداوند مرابرکت داده است.» | ۲۷ 27 |
لابان ئۇنىڭغا جاۋابەن: نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنۈپ قالاي، [يېنىمدىن كەتمە]. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ماڭا بەرىكەت بەرگىنىنى تونۇپ يەتتىم، دېۋىدى، [ياقۇپ] يەنە: ــ |
و گفت: «اجرت خود را برمن معین کن تا آن را به تو دهم.» | ۲۸ 28 |
ماڭا ئالىدىغان ھەققىڭنى توختاتقىن؛ مەن ساڭا شۇنى بېرەي، دېدى. |
وی را گفت: «خدمتی که به تو کردهام، خود میدانی، ومواشی ات چگونه نزد من بود. | ۲۹ 29 |
[ياقۇپ] ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ساڭا قانداق خىزمەت قىلىپ كەلگىنىم، مېنىڭ قولۇمدا ماللىرىڭنىڭ قانداق بولغىنى ئۆزۈڭگە ئايان. |
زیرا قبل ازآمدن من، مال تو قلیل بود، و به نهایت زیاد شد، وبعد از آمدن من، خداوند تو را برکت داده است. واکنون من نیز تدارک خانه خود را کی ببینم؟» | ۳۰ 30 |
چۈنكى مەن كەلمەستە مېلىڭ ئاز ئىدى؛ ئەمدى ناھايىتى زور بىر توپ بولدى. مېنىڭ قەدىمىم قەيەرگە يەتسە، پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن قاچان ئۆز ئائىلەم ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەيمەن؟ ــ دېدى. |
گفت: «پس تو را چه بدهم؟» یعقوب گفت: «چیزی به من مده، اگر این کار را برای من بکنی، بار دیگر شبانی و پاسبانی گله تو را خواهم نمود. | ۳۱ 31 |
شۇنىڭ بىلەن لابان: ــ مەن ساڭا نېمە بېرەي، دېۋىدى، ياقۇپ: ــ سەن ماڭا ھېچنېمە بەرمىگىن؛ پەقەت مېنىڭ شۇ ئىشىمغا قوشۇلساڭلا، مەن يەنە پاداڭنى بېقىپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئالىمەن. |
امروز در تمامی گله تو گردش میکنم، و هرمیش پیسه و ابلق و هر میش سیاه را از میان گوسفندان، و ابلقها و پیسهها را از بزها، جدامی سازم، و آن، اجرت من خواهد بود. | ۳۲ 32 |
مەن بۈگۈن پۈتكۈل پاداڭنى ئارىلاپ، ئالا-چىپار قويلارنى، قارا-قوڭۇر پاخلانلارنى، شۇنداقلا ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىنمۇ ئالا-چىپارلىرىنى ئايرىپ چىقىمەن. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن. |
و درآینده عدالت من، بر من شهادت خواهد داد، وقتی که بیایی تا اجرت مرا پیش خود ببینی، آنچه ازبزها، پیسه و ابلق، و آنچه از گوسفندان، سیاه نباشد، نزد من به دزدی شمرده شود.» | ۳۳ 33 |
كېيىن، مېنىڭ ھەققىمنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ۋاقتىڭدا، ھەققانىي بولغىنىم كۆز ئالدىڭدا ئىسپاتلىنىدۇ؛ ئۆچكىلەر ئارىسىدا ئالا-چىپار بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى، پاخلانلار ئارىسىدا قارا-قوڭۇر بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېلىنگەن ھېسابلانسۇن، ــ دېدى. |
لابان گفت: «اینک موافق سخن تو باشد.» | ۳۴ 34 |
ئۇ ۋاقىتتا لابان: ــ ماقۇل، دېگىنىڭدەك بولسۇن، ــ دېدى. |
و در همان روز، بزهای نرینه مخطط و ابلق، و همه ماده بزهای پیسه و ابلق، یعنی هرچه سفیدی در آن بود، و همه گوسفندان سیاه را جدا کرده، بهدست پسران خود سپرد. | ۳۵ 35 |
شۇ كۈنى [لابان] تاغىل ۋە ئالا-چىپار تېكىلەرنى، ئالا-چىپار چىشى ئۆچكىلەرنى، شۇنداقلا ئاز-پاز ئاق چىكىمى بولغان بارلىق ئۆچكىلەرنى، بارلىق قارا-قوڭۇر قوزىلارنى ئايرىپ، ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، |
و در میان خود و یعقوب، سه روز راه، مسافت گذارد. و یعقوب باقی گله لابان را شبانی کرد. | ۳۶ 36 |
ئۆزى بىلەن ياقۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك ئارىلىقنى قويدى. ياقۇپ بولسا لاباننىڭ پادىلىرىنىڭ قالغىنىنى باقتى. |
و یعقوب چوبهای تر و تازه از درخت کبوده و بادام و چنار برای خود گرفت، و خطهای سفید در آنها کشید، و سفیدی را که در چوبها بود، ظاهر کرد. | ۳۷ 37 |
لېكىن ياقۇپ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن يۇمران چىۋىقلارنى ئېلىپ، قوۋزىقىنى يوللۇق قىلىپ شىلىپ، ئاق سىزىقلارنى چىقاردى. |
و وقتی که گلهها، برای آب خوردن میآمدند، آن چوبهایی را که خراشیده بود، درحوضها و آبخورها پیش گلهها مینهاد، تا چون برای نوشیدن بیایند، حمل بگیرند. | ۳۸ 38 |
ئاندىن مال كۈيلىگەن ۋاقىتلىرىدا سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، ئۇ مۇشۇ شىلغان چىۋىقلارنى پادىلار سۇ ئىچىدىغان يەرلەردىكى ئۇلاقلارغا مالنىڭ ئالدىغا تىكلەپ قوياتتى. مال بۇ [تاغىل] چىۋىقلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشكەندىن كېيىن ئۇلار تاغىل ۋە ئالا-چىپار قوزىلارنى تۇغدى. |
پس گله هاپیش چوبها بارآور میشدند، و بزهای مخطط وپیسه و ابلق میزاییدند. | ۳۹ 39 |
و یعقوب، بزها را جداکرد، و روی گلهها را بسوی هر مخطط و سیاه درگله لابان واداشت، و گله های خود را جدا کرد و باگله لابان نگذاشت. | ۴۰ 40 |
ئاندىن ياقۇپ بۇ قوزىلارنى لاباننىڭ پادىسىدىن ئايرىپ چىقاردى؛ ئاندىن ئۇ لاباننىڭ پادىسىنىڭ يۈزلىرىنى تاغىل ۋە قوڭۇر قويلىرىغا قارىتىپ جۈپلەشتۈردى؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆز مېلىنى لاباننىڭ مېلىغا قوشماي بۆلەك قويۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ئايرىم بادىلارنى قىلدى. |
و هرگاه حیوان های تنومندحمل میگرفتند، یعقوب چوبها را پیش آنها درآبخورها مینهاد، تا در میان چوبها حمل گیرند. | ۴۱ 41 |
ساغلام كۈچلۈك مال جۈپلەشكىنىدە، ياقۇپ چىۋىقلارنى پادىنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇلاقلاردا قوياتتى؛ ماللار شۇ چىۋىقلارنىڭ يېنىدا جۈپلىشەتتى. |
و هر گاه حیوانات ضعیف بودند، آنها رانمی گذاشت، پس ضعیفها از آن لابان، وتنومندها از آن یعقوب شدند. | ۴۲ 42 |
لېكىن جۈپلىشىۋاتقان مال ئاجىز بولسا، ئۇ چىۋىقلارنى قويمايتتى. بۇ تەرىقىدە ئاجىزلىرى لابانغا، كۈچلۈكلىرى ياقۇپقا تەۋە بولدى. |
و آن مرد بسیارترقی نمود، و گله های بسیار و کنیزان و غلامان وشتران و حماران بهم رسانید. | ۴۳ 43 |
شۇنداق قىلىپ، بۇ كىشى ناھايىتى باي بولۇپ، ماللىرى، دېدەكلىرى، قۇللىرى، تۆگىلىرى ۋە ئېشەكلىرى خېلى كۆپ بولدى. |