پس ابراهیم از آنجا بسوی ارض جنوبی کوچ کرد، و در میان قادش وشور، ساکن شد و در جرار منزل گرفت. | ۱ 1 |
ئىبراھىم ئۇ يەردىن چىقىپ، جەنۇب تەرەپتىكى نەگەۋگە كۆچۈپ كېلىپ، قادەش بىلەن شۇرنىڭ ئارىلىقىدا تۇرۇپ قالدى؛ بىر مەزگىلدىن كېيىن گەراردا ئولتۇراقلاشتى. |
وابراهیم در خصوص زن خود، ساره، گفت که «اوخواهر من است.» و ابی ملک، ملک جرار، فرستاده، ساره را گرفت. | ۲ 2 |
شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىمدۇر»، دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن گەرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ئادەم ئەۋەتىپ، ساراھنى [ئۆزىگە] خوتۇن بولۇشقا ئېلىۋالدى. |
و خدا در رویای شب، بر ابی ملک ظاهر شده، به وی گفت: «اینک تومردهای بسبب این زن که گرفتی، زیرا که زوجه دیگری میباشد.» | ۳ 3 |
لېكىن [بىر كۈنى] كېچىسى چۈشىدە خۇدا ئابىمەلەككە كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سەن ئۆزۈڭگە ئېلىۋالغان ئايال سەۋەبىدىن ئەمدى ئۆلگەن ئادەمدۇرسەن؛ چۈنكى ئۇ باشقا بىرسىنىڭ ئايالىدۇر ــ دېدى. |
و ابی ملک، هنوز به اونزدیکی نکرده بود. پس گفت: «ای خداوند، آیاامتی عادل را هلاک خواهی کرد؟ | ۴ 4 |
ئەمما ئابىمەلەك ئۇنىڭغا تېخى يېقىنچىلىق قىلمىغانىدى. ئۇ خۇداغا: ــ ئى رەب، ھەققانىي بىر خەلقنىمۇ ھالاك قىلامسەن؟ |
مگر او به من نگفت که “او خواهر من است “، و او نیز خود گفت که “او برادر من است؟” به ساده دلی و پاک دستی خود این را کردم.» | ۵ 5 |
ئۇ ئۆزىمۇ ماڭا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم» دەپ ئېيتمىدىمۇ؟ يەنە كېلىپ، بۇ ئايالمۇ «ئۇ مېنىڭ ئاكام»، دەپ ئېيتقانىدى. مەن بولسام ساپ كۆڭلۈم ۋە دۇرۇس نىيىتىم بىلەن بۇ ئىشنى قىلدىم، ــ دېدى. |
خدا وی را در رویا گفت: «من نیز میدانم که این را به ساده دلی خود کردی، و من نیز تو را نگاه داشتم که به من خطا نورزی، و از این سبب نگذاشتم که او را لمس نمایی. | ۶ 6 |
خۇدا چۈشىدە ئۇنىڭغا يەنە: ــ بۇ ئىشنى ساپ كۆڭۈل بىلەن قىلغىنىڭنى بىلىمەن؛ شۇ سەۋەبتىن مەن سېنى ئالدىمدا گۇناھ قىلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشىڭگە قويمىدىم. |
پس الان زوجه این مرد را رد کن، زیرا که او نبی است، وبرای تو دعا خواهد کرد تا زنده بمانی، و اگر او رارد نکنی، بدان که تو و هرکه از آن تو باشد، هرآینه خواهید مرد.» | ۷ 7 |
ئەمدى ئۇ كىشىنىڭ ئايالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر؛ چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر، ئۇ سېنىڭ ھەققىڭدە دۇئا قىلىدۇ ۋە سەن تىرىك قالىسەن. ئەگەر ئۇنى ياندۇرۇپ بەرمىسەڭ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سەن ۋە ھەممە ئادەملىرىڭ قوشۇلۇپ جەزمەن ئۆلىسىلەر، ــ دېدى. |
بامدادان، ابی ملک برخاسته، جمیع خادمان خود را طلبیده، همه این امور را به سمع ایشان رسانید، و ایشان بسیار ترسان شدند. | ۸ 8 |
ئابىمەلەك ئەتىگەن تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ھەممە خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا سالدى؛ بۇ ئادەملەر ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى. |
پس ابی ملک، ابراهیم را خوانده، بدو گفت: «به ما چه کردی؟ و به تو چه گناه کرده بودم، که بر من و بر مملکت من گناهی عظیم آوردی و کارهای ناکردنی به من کردی؟» | ۹ 9 |
ئاندىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، سەن مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا ئېغىر بىر گۇناھنى يۈكلەپ قويدۇڭ؟ ماڭا قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭ! ــ دېدى. |
و ابی ملک به ابراهیم گفت: «چه دیدی که این کار را کردی؟» | ۱۰ 10 |
ئابىمەلەك ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن زادى بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلدىڭ؟ ــ دېدى. |
ابراهیم گفت: «زیرا گمان بردم که خداترسی در این مکان نباشد، و مرا به جهت زوجهام خواهند کشت. | ۱۱ 11 |
ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ «بۇ يەردە شۈبھىسىزكى ھېچكىم خۇدادىن قورقمايدىكەن، ئۇلار مېنى ئايالىم تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ»، دەپ ئويلىغانىدىم. |
وفی الواقع نیز او خواهر من است، دختر پدرم، اما نه دختر مادرم، و زوجه من شد. | ۱۲ 12 |
ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئاتا بىر، ئانا بۆلەك سىڭلىم؛ كېيىن ئۇ مېنىڭ ئايالىم بولدى. |
و هنگامی که خدا مرا از خانه پدرم آواره کرد، او را گفتم: احسانی که به من باید کرد، این است که هر جابرویم، درباره من بگویی که او برادر من است.» | ۱۳ 13 |
لېكىن خۇدا مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن چىقىرىپ سەرگەردانلىققا يۈرگۈزگىنىدە، مەن ئايالىمغا: ــ بىز قەيەرگىلا بارساق، سەن ماڭا شۇنداق شاپائەت كۆرسەتكەيسەنكى، مېنىڭ توغرامدا: «بۇ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ»، دېگىن، ــ دەپ ئېيتقانىدىم ــ دېدى. |
پس ابی ملک، گوسفندان و گاوان و غلامان وکنیزان گرفته، به ابراهیم بخشید، و زوجهاش ساره را به وی رد کرد. | ۱۴ 14 |
ئاندىن ئابىمەلەك قوي-كالىلار، قۇللار ۋە دېدەكلەرنى ئېلىپ ئۇلارنى ئىبراھىمغا بەردى ۋە ئايالى ساراھنىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى. |
و ابی ملک گفت: «اینک زمین من پیش روی توست، هر جا که پسند نظرت افتد، ساکن شو.» | ۱۵ 15 |
ئابىمەلەك: ــ مانا مېنىڭ زېمىنىم بولسا ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ؛ كۆزۈڭگە قايسى يەر ياقسا شۇ يەردە تۇرغىن، ــ دېدى. |
و به ساره گفت: «اینک هزار مثقال نقره به برادرت دادم، همانا او برای تو پرده چشم است، نزد همه کسانی که با تو هستند، و نزد همه دیگران، پس انصاف تو داده شد.» | ۱۶ 16 |
ئۇ ساراھقا: «مانا، مەن ئاكاڭغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەردىم؛ مانا بۇلار ئۆز يېنىڭدىكىلەر، شۇنداقلا ھەممە ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇياتنى ياپقۇچى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ھەرقانداق داغ-ئەيىبتىن خالاس بولىسەن». |
و ابراهیم نزدخدا دعا کرد. و خدا ابی ملک، و زوجه او وکنیزانش را شفا بخشید، تا اولاد بهم رسانیدند، | ۱۷ 17 |
ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى، خۇدا ئابىمەلەك، ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ساقايتتى؛ ئاندىن ئۇلار [يەنە] بالا تۇغالايدىغان بولدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىمنىڭ ئايالى ساراھ تۈپەيلىدىن ئابىمەلەكنىڭ ئۆيىدىكى ھەممە خوتۇنلارنىڭ بالىياتقۇلىرىنى ئېتىپ قويغانىدى. |
زیرا خداوند، رحم های تمام اهل بیت ابی ملک را بخاطر ساره، زوجه ابراهیم بسته بود. | ۱۸ 18 |