در ابتدا، خدا آسمانها و زمین را آفرید. | ۱ 1 |
مۇقەددەمدە خۇدا ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتتى. |
وزمین تهی و بایر بود و تاریکی بر روی لجه. و روح خدا سطح آبها را فرو گرفت. | ۲ 2 |
ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى. |
و خدا گفت: «روشنایی بشود.» و روشنایی شد. | ۳ 3 |
خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېۋىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. |
و خدا روشنایی را دید که نیکوست و خداروشنایی را از تاریکی جدا ساخت. | ۴ 4 |
خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ خۇدا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىدى. |
و خداروشنایی را روز نامید و تاریکی را شب نامید. وشام بود و صبح بود، روزی اول. | ۵ 5 |
خۇدا يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى. |
و خدا گفت: «فلکی باشد در میان آبها و آبهارا از آبها جدا کند.» | ۶ 6 |
ئاندىن خۇدا: ــ سۇلارنىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق بولسۇن ۋە سۇلار [يۇقىرى-تۆۋەن] ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرسۇن، دېدى. |
و خدا فلک را بساخت وآبهای زیر فلک را از آبهای بالای فلک جدا کرد. و چنین شد. | ۷ 7 |
شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر بوشلۇق ھاسىل قىلىپ، سۇلارنى بوشلۇقنىڭ ئاستىغا ۋە بوشلۇقنىڭ ئۈستىگە ئايرىۋەتتى؛ ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. |
و خدا فلک را آسمان نامید. و شام بود و صبح بود، روزی دوم. | ۸ 8 |
خۇدا بۇ بوشلۇقنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى. |
و خدا گفت: «آبهای زیر آسمان در یکجاجمع شود و خشکی ظاهر گردد.» و چنین شد. | ۹ 9 |
ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن، قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
و خدا خشکی را زمین نامید و اجتماع آبها رادریا نامید. و خدا دید که نیکوست. | ۱۰ 10 |
خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىزلار» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
و خداگفت: «زمین نباتات برویاند، علفی که تخم بیاوردو درخت میوهای که موافق جنس خود میوه آوردکه تخمش در آن باشد، بر روی زمین.» و چنین شد. | ۱۱ 11 |
ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛ |
و زمین نباتات را رویانید، علفی که موافق جنس خود تخم آورد و درخت میوه داری که تخمش در آن، موافق جنس خود باشد. و خدادید که نیکوست. | ۱۲ 12 |
يەردىكى ئۆسۈملۈكلەرنى، يەنى ئۇرۇق چىقىدىغان ئوتياشلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مېۋە بېرىدىغان، يەنى مېۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولغان دەرەخلەرنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈندۈردى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
و شام بود و صبح بود، روزی سوم. | ۱۳ 13 |
شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى. |
و خدا گفت: «نیرها در فلک آسمان باشند تاروز را از شب جدا کنند و برای آیات و زمانها وروزها و سالها باشند. | ۱۴ 14 |
خۇدا يەنە: «كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئايرىپ بېرىش ئۈچۈن ئاسمانلاردا يورۇقلۇق جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈنلەر، پەسىللار ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشقا بەلگە بولسۇن؛ |
و نیرها در فلک آسمان باشند تا بر زمین روشنایی دهند.» و چنین شد. | ۱۵ 15 |
ئۇلار ئاسمانلاردا تۇرۇپ نۇر چىقارغۇچى بولۇپ، يەر يۈزىگە يورۇقلۇق بەرسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
و خدا دو نیر بزرگ ساخت، نیر اعظم را برای سلطنت روز و نیر اصغر را برای سلطنت شب، وستارگان را. | ۱۶ 16 |
خۇدا ئىككى چوڭ نۇر چىقارغۇچى جىسىمنى ياراتتى؛ چوڭ نۇر چىقارغۇچىنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، كىچىك نۇر چىقارغۇچنى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. |
و خدا آنها را در فلک آسمان گذاشت تا بر زمین روشنایی دهند، | ۱۷ 17 |
خۇدا بۇلارنى يەرگە يورۇقلۇق بېرىپ، كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرۇپ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىسۇن دەپ ئاسمانلارنىڭ گۈمبىزىگە ئورۇنلاشتۇردى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
و تاسلطنت نمایند بر روز و بر شب، و روشنایی را ازتاریکی جدا کنند. و خدا دید که نیکوست. | ۱۸ 18 |
وشام بود و صبح بود، روزی چهارم. | ۱۹ 19 |
شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى. |
و خدا گفت: «آبها به انبوه جانوران پر شودو پرندگان بالای زمین بر روی فلک آسمان پروازکنند.» | ۲۰ 20 |
خۇدا يەنە: «سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلار بولسۇن، ئۇچار-قاناتلار يەرنىڭ ئۈستىدە، ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچسۇن» دېدى. |
پس خدا نهنگان بزرگ آفرید و همه جانداران خزنده را، که آبها از آنها موافق اجناس آنها پر شد، و همه پرندگان بالدار را به اجناس آنها. و خدا دید که نیکوست. | ۲۱ 21 |
شۇنداق قىلىپ خۇدا سۇدىكى چوڭ-چوڭ مەخلۇقلارنى، شۇنداقلا سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
و خدا آنها رابرکت داده، گفت: «بارور و کثیر شوید و آبهای دریا را پر سازید، و پرندگان در زمین کثیر بشوند.» | ۲۲ 22 |
خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، دېڭىز سۇلىرىنى تولدۇرۇڭلار، ئۇچار-قاناتلارمۇ يەر يۈزىدە ئاۋۇسۇن» دېدى. |
و شام بود و صبح بود، روزی پنجم. | ۲۳ 23 |
شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى. |
و خدا گفت: «زمین، جانوران را موافق اجناس آنها بیرون آورد، بهایم و حشرات وحیوانات زمین به اجناس آنها.» و چنین شد. | ۲۴ 24 |
خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمۈلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
پس خدا حیوانات زمین را به اجناس آنهابساخت و بهایم را به اجناس آنها و همه حشرات زمین را به اجناس آنها. و خدا دید که نیکوست. | ۲۵ 25 |
شۇنداق قىلىپ خۇدا يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مال-چارۋىلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى بارلىق جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
و خدا گفت: «آدم را بصورت ما و موافق شبیه ما بسازیم تا بر ماهیان دریا و پرندگان آسمان وبهایم و بر تمامی زمین و همه حشراتی که بر زمین میخزند، حکومت نماید.» | ۲۶ 26 |
ئاندىن خۇدا: «ئۆز سۈرەت-ئوبرازىمىزدا، بىزگە ئوخشايدىغان قىلىپ ئىنساننى يارىتايلى. ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، بارلىق مال-چارۋىلارغا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن» دېدى. |
پس خدا آدم را بصورت خود آفرید. او رابصورت خدا آفرید. ایشان را نر و ماده آفرید. | ۲۷ 27 |
شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتتى؛ ئۇنى ئۆزىنىڭ سۈرىتىدە ياراتتى؛ ئۇلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتتى. |
و خدا ایشان را برکت داد و خدا بدیشان گفت: «بارور و کثیر شوید و زمین را پر سازید و در آن تسلط نمایید، و بر ماهیان دریا و پرندگان آسمان وهمه حیواناتی که بر زمین میخزند، حکومت کنید.» | ۲۸ 28 |
خۇدا ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ بويسۇندۇرۇڭلار؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدە يۈرىدىغان ھەربىر ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار» دېدى. |
و خدا گفت: «همانا همه علف های تخم داری که بر روی تمام زمین است و همه درختهایی که در آنها میوه درخت تخم دار است، به شما دادم تا برای شما خوراک باشد. | ۲۹ 29 |
ئاندىن خۇدا يەنە: «مانا، مەن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۇرۇقلۇق ئوتياشلار بىلەن ئۇرۇقلۇق مېۋە بېرىدىغان ھەربىر دەرەخلەرنى سىلەرگە ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بەردىم؛ |
و به همه حیوانات زمین و به همه پرندگان آسمان وبه همه حشرات زمین که در آنها حیاتاست، هر علف سبز را برای خوراک دادم.» و چنین شد. | ۳۰ 30 |
شۇنداقلا يەردىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ئۆمىلىگۈچىلەرگە، يەنى بارلىق جان-جانىۋارلارغا ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بارلىق گۈل-گىياھلارنى بەردىم» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
و خدا هرچه ساخته بود، دید و همانابسیار نیکو بود. و شام بود و صبح بود، روزششم. | ۳۱ 31 |
خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە سەپسېلىپ قارىدى، ۋە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى بولغانىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى. |