و روز پنجم ماه چهارم سال سیام، چون من در میان اسیران نزد نهر خابور بودم، واقع شد که آسمان گشوده گردید و رویاهای خدارا دیدم. | ۱ 1 |
ئوتتۇزىنچى يىلى، تۆتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە، مەن كېۋار دەرياسىغا سۈرگۈن قىلىنغانلار ئارىسىدا تۇرغان مەزگىلدە، مانا ئاسمانلار ئېچىلىپ، مەن خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردۈم. |
در پنجم آن ماه که سال پنجم اسیری یهویاکین پادشاه بود، | ۲ 2 |
تۆتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى ــ يەھوئاكىننىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىنىڭ بەشىنچى يىلى ئىدى ــ |
کلام یهوه بر حزقیال بن بوزی کاهن نزد نهر خابور در زمین کلدانیان نازل شد و دست خداوند در آنجا بر او بود. | ۳ 3 |
كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا، كېۋار دەرياسى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزاكىيال كاھىنغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كەلدى ــ شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندى. |
پس نگریستم و اینک باد شدیدی از طرف شمال برمی آید و ابر عظیمی و آتش جهنده ودرخشندگیای گرداگردش و از میانش یعنی ازمیان آتش، مثل منظر برنج تابان بود. | ۴ 4 |
مەن كۆردۈم، مانا! شىمالدىن بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلدى؛ يوغان بىر بۇلۇت ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان بىر ئوت، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر يورۇقلۇق جۇلالىنىپ تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى شۇ ئوت ئىچىدىن، ئىسسىقتىن جۇلالانغان پارقىراق مىستەك بىر كۆرۈنۈش كۆرۈندى. |
و از میانش شبیه چهار حیوان پدید آمد و نمایش ایشان این بود که شبیه انسان بودند. | ۵ 5 |
يەنە ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، تۆت ھايات مەخلۇق كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى شۇنداق ئىدىكى: ــ ئۇلاردا ئىنساننىڭ قىياپىتى بار ئىدى؛ |
و هریک از آنها چهاررو داشت و هریک از آنها چهار بال داشت. | ۶ 6 |
ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى؛ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى بار ئىدى. |
وپایهای آنها پایهای مستقیم و کف پای آنها مانندکف پای گوساله بود و مثل منظر برنج صیقلی درخشان بود. | ۷ 7 |
ئۇلارنىڭ تۈپتۈز پۇتلىرى بار ئىدى؛ تاپانلىرى بولسا موزاينىڭ تۇياقلىرىغا ئوخشايتتى؛ ئۇلار پارقىرىتىلغان مىستەك پارلاپ تۇراتتى. |
و زیر بالهای آنها از چهار طرف آنها دستهای انسان بود و آن چهار رویها و بالهای خود را چنین داشتند. | ۸ 8 |
تۆت يېنىدا، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنساننىڭكىدەك بىردىن قولى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى؛ |
و بالهای آنها به یکدیگرپیوسته بود و چون میرفتند رو نمی تافتند، بلکه هریک به راه مستقیم میرفتند. | ۹ 9 |
ئۇلارنىڭ قاناتلىرى بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى؛ ئۇلار يۈرگەندە ھېچياققا بۇرۇلمايتتى؛ ئۇلار ھەممىسى ئۇدۇل ئالدىغا يۈرەتتى. |
و اما شباهت رویهای آنها (این بود که ) آنها روی انسان داشتندو آن چهار روی شیر بطرف راست داشتند و آن چهار روی گاو بطرف چپ داشتند و آن چهار روی عقاب داشتند. | ۱۰ 10 |
ئۇلارنىڭ يۈز كۆرۈنۈشلىرى ئىنساننىڭكىدەك ئىدى؛ ئۇ تۆتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە شىرنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ سول تەرىپىدە بۇقىنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يۈزىمۇ بار ئىدى. |
و رویها و بالهای آنها ازطرف بالا از یکدیگر جدا بود و دو بال هریک به همدیگر پیوسته و دو بال دیگر بدن آنها رامی پوشانید. | ۱۱ 11 |
ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەنە شۇنداق ئىدى. قاناتلىرى يۇقىرىدا كېرىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىككى قانىتى ئىككى تەرىپىدىكى مەخلۇقنىڭ قانىتىغا تۇتىشاتتى؛ يەنە ئىككى قانىتى ئۆز تېنىنى يېپىپ تۇراتتى. |
و هر یک از آنها به راه مستقیم میرفتند و به هر جایی که روح میرفت آنهامی رفتند و درحین رفتن رو نمی تافتند. | ۱۲ 12 |
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇدۇلغا قاراپ ماڭاتتى؛ ئۇلاردا بولغان روھ نەگە بارىمەن دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچقايسى تەرەپكە بۇرۇلمايتتى. |
و اما شباهت این حیوانات (این بود که )صورت آنها مانند شعله های اخگرهای آتش افروخته شده، مثل صورت مشعلها بود. و آن آتش در میان آن حیوانات گردش میکرد ودرخشان میبود و از میان آتش برق میجهید. | ۱۳ 13 |
ھايات مەخلۇقلارنىڭ قىياپىتى بولسا، كۆيۈپ يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتنىڭ چوغىدەك، مەشئەللەردەك ئىدى؛ مۇشۇ ئوت ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ مەخلۇقلار ئارىسىدا يۈرەتتى؛ ئوت ئىنتايىن يالقۇنلۇق ئىدى، ئوتتىن چاقماقلار چېقىپ تۇراتتى؛ |
و آن حیوانات مثل صورت برق میدویدند وبرمی گشتند. | ۱۴ 14 |
ھايات مەخلۇقلار چاقماقتەك پال-پۇل قىلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈپ تۇراتتى. |
و چون آن حیوانات را ملاحظه میکردم، اینک یک چرخ به پهلوی آن حیوانات برای هر روی (هرکدام از) آن چهار بر زمین بود. | ۱۵ 15 |
مەن ھايات مەخلۇقلارغا قارىدىم، مانا ھايات مەخلۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ يېنىدا يەردە تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇدۇللانغان بىردىن چاق تۇراتتى؛ |
و صورت چرخها و صنعت آنها مثل منظرزبرجد بود و آن چهار یک شباهت داشتند. وصورت و صنعت آنها مثل چرخ در میان چرخ بود. | ۱۶ 16 |
چاقلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بىرخىللا كۆرۈنۈشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بولسا، چاقنىڭ ئىچىدە چاق باردەك ئىدى. |
و چون آنها میرفتند، بر چهار جانب خودمی رفتند و در حین رفتن به هیچ طرف میل نمی کردند. | ۱۷ 17 |
مەخلۇقلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆت تەرىپىنىڭ ھەممىسىگە ئۇدۇل ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى. |
و فلکه های آنها بلند و مهیب بود وفلکه های آن چهار از هر طرف از چشمها پر بود. | ۱۸ 18 |
چاقلارنىڭ ئۇلتاڭلىرى بولسا، ئىنتايىن ئېگىز ھەم دەھشەتلىك ئىدى؛ ئۇلار تۆتىسىنىڭ ئۇلتاڭلىرىنىڭ پۈتۈن ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. |
و چون آن حیوانات میرفتند، چرخها درپهلوی آنها میرفت و چون آن حیوانات از زمین بلند میشدند، چرخها بلند میشد. | ۱۹ 19 |
ھايات مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلار ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ ھايات مەخلۇقلار يەردىن كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ كۆتۈرۈلەتتى. |
و هر جایی که روح میرفت آنها میرفتند، به هر جا که روح سیر میکرد و چرخها پیش روی آنها بلندمی شد، زیرا که روح حیوانات در چرخها بود. | ۲۰ 20 |
روھ نەگە ماڭ دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ روھى [روھقا] ئەگىشىپ ماڭاتتى. چاقلار ئۇلار بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلىرىدا ئىدى. |
و چون آنها میرفتند، اینها میرفت و چون آنها میایستادند، اینها میایستاد. و چون آنها اززمین بلند میشدند، چرخها پیش روی آنها اززمین بلند میشد، زیرا روح حیوانات در چرخهابود. | ۲۱ 21 |
مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ماڭاتتى؛ مەخلۇقلار توختىغاندا، چاقلارمۇ توختايتتى؛ ئۇلار يەردىن كۆتۈرۈلگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى. |
و شباهت فلکی که بالای سر حیوانات بودمثل منظر بلور مهیب بود و بالای سر آنها پهن شده بود. | ۲۲ 22 |
ھايات مەخلۇقلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدە بىر يوغان كۆز يەتكۈسىز گۈمبەزگە ئوخشايدىغان بىر نەرسە تۇراتتى؛ ئۇ خرۇستالدەك دەھشەتلىك پارقىراپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدە يېيىلىپ تۇراتتى. |
و بالهای آنها زیر فلک بسوی یکدیگر مستقیم بود و دو بال هریک از این طرف میپوشانید و دو بال هر یک از آن طرف بدنهای آنها را میپوشانید. | ۲۳ 23 |
بۇ گۈمبەزدەك نەرسىنىڭ ئاستىدا ئۇلارنىڭ قاناتلىرى كېرىلىپ، بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى؛ ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئۆز تېنىنىڭ ئىككى يېنىنى ياپىدىغان ئىككىدىن قانىتى بار ئىدى. |
و چون میرفتند، من صدای بالهای آنها را مانند صدای آبهای بسیار، مثل آواز حضرت اعلی و صدای هنگامه را مثل صدای فوج شنیدم. زیرا که چون میایستادندبالهای خویش را فرو میهشتند. | ۲۴ 24 |
ئۇلار ماڭغاندا، مەن قاناتلىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىم ــ ئۇ ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك، ھەممىگە قادىرنىڭ ئاۋازىدەك ــ قوشۇننىڭ يۈرۈش قىلىۋاتقان چاغدىكى سۈرەن-شاۋقۇنلىرىنىڭ ساداسىدەك ئىدى؛ ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى. |
و چون درحین ایستادن بالهای خود را فرو میهشتند، صدایی از فلکی که بالای سر آنها بود مسموع میشد. | ۲۵ 25 |
ۋە ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى. |
و بالای فلکی که بر سر آنها بودشباهت تختی مثل صورت یاقوت کبود بود وبرآن شباهت تخت، شباهتی مثل صورت انسان برفوق آن بود. | ۲۶ 26 |
ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدە، كۆك ياقۇت كەبى بىر تەختنىڭ سىيماسى تۇراتتى؛ بۇ تەخت سىيماسىنىڭ ئۈستىدە، تولىمۇ يۇقىرىدا، ئىنسان قىياپىتىدە كۆرۈنگەن بىر زات تۇراتتى. |
و از منظر کمر او بطرف بالا مثل منظر برنج تابان، مانند نمایش آتش در اندرون آن و گرداگردش دیدم. و از منظر کمر او به طرف پایین مثل نمایش آتشی که از هر طرف درخشان بود دیدم. | ۲۷ 27 |
ۋە مەن بۇ زاتنى بېلىنىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ تۇرقى مىستەك پارقىرغان، ئەتراپىنى ئوت ئوراپ تۇرغان قىياپەتتىكى بىر كۆرۈنۈشتە كۆردۈم؛ ۋە بېلىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ تۇرقى، ئوتنىڭ قىياپىتىدە ئىدى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا كۈچلۈك يورۇقلۇق تۇراتتى. |
مانند نمایش قوس قزح که در روزباران در ابر میباشد، همچنین آن درخشندگی گرداگرد آن بود. این منظر شباهت جلال یهوه بود و چون آن را دیدم، به روی خود درافتادم و آوازقائلی را شنیدم، | ۲۸ 28 |
بۇ ئەتراپىدا تۇرغان كۈچلۈك يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈنۈشى بولسا، يامغۇرلۇق كۈنىدىكى بۇلۇتتا پەيدا بولغان ھەسەن-ھۆسەننىڭ كۆرۈنۈشىدەك ئىدى. بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ قىياپىتىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىدى. بۇنى كۆرۈپلا مەن دۈم يىقىلدىم؛ ۋە مەن سۆزلەۋاتقان بىرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. |