و خداوند موسی را گفت: «نزد فرعون برو، و به وی بگو خداوند چنین میگوید: قوم مرا رها کن تا مرا عبادت نمایند، | ۱ 1 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ماڭا ئىبادەت قىلىشقا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. |
و اگر تو از رهاکردن ایشان ابا میکنی، همانا من تمامی حدود تورا به وزغها مبتلا سازم. | ۲ 2 |
لېكىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن دۆلىتىڭنىڭ ھەممە يېرىنى پاقىلار بىلەن باستۇرۇپ ئۇرىمەن. |
و نهر، وزغها را به کثرت پیدا نماید، به حدی که برآمده، به خانه ات وخوابگاهت و بسترت و خانه های بندگانت و برقومت و به تنورهایت و تغارهای خمیرت، درخواهند آمد، | ۳ 3 |
دەريادا توپ-توپ پاقىلار پەيدا بولۇپ، [دەريادىن] چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ئورۇن-كۆرپەڭگە، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغا، تونۇر ۋە تەڭنىلىرىڭگە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ. |
و بر تو و قوم تو و همه بندگان تو وزغها برخواهند آمد.» | ۴ 4 |
پاقىلار ئۆزۈڭنىڭ ئۈستىبېشىغا، خەلقىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا يامىشىپ چىقىۋالىدۇ» ــ دېگىن، ــ دېدى. |
و خداوند به موسی گفت: «به هارون بگو: دست خود را با عصای خویش بر نهرها و جویها و دریاچهها دراز کن، ووزغها را بر زمین مصر برآور.» | ۵ 5 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: پاقىلارنىڭ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىشى ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ھاساڭنى ئېقىنلار، ئۆستەڭلەر ۋە كۆللەرنىڭ ئۈستىگە شىلتىغىن، دېگىن ــ دېدى. |
پس چون هارون دست خود را بر آبهای مصر دراز کرد، وزغها برآمده، زمین مصر راپوشانیدند. | ۶ 6 |
شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ شۇنداق قىلىۋىدى، پاقىلار چىقىپ مىسىر زېمىنىنى قاپلىدى. |
و جادوگران به افسونهای خودچنین کردند، و وزغها بر زمین مصر برآوردند. | ۷ 7 |
لېكىن جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلىپ، مىسىر زېمىنى ئۈستىگە پاقىلارنى پەيدا قىلدى. |
آنگاه فرعون موسی و هارون را خوانده، گفت: «نزد خداوند دعا کنید، تا وزغها را از من و قوم من دور کند، و قوم را رها خواهم کرد تا برای خداوندقربانی گذرانند.» | ۸ 8 |
پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ پاقىلارنى مەندىن ۋە خەلقىمدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈڭلار. شۇنداق بولسا، مەن خەلقىڭنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلسۇن دەپ قويۇپ بېرىمەن، دېدى. |
موسی به فرعون گفت: «وقتی را برای من معین فرما که برای تو و بندگانت وقومت دعا کنم تا وزغها از تو و خانه ات نابودشوند و فقط در نهر بمانند.» | ۹ 9 |
مۇسا پىرەۋنگە: ــ بوپتۇ، مەن ئىززىتىڭنى قىلاي، پەقەت دەريادىكى پاقىلارلا قېلىپ، باشقىلىرى ئۆزۈڭدىن ۋە ئۆيلىرىڭدىن ئايرىلسۇن دەپ، سەن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭ ئۈچۈن مېنىڭ دۇئا قىلىدىغان ۋاقتىمنى بېكىتكىن، دېدى. |
گفت: «فردا»، موسی گفت: «موافق سخن تو خواهد شد تا بدانی که مثل یهوه خدای ما دیگری نیست، | ۱۰ 10 |
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئەتە بولسۇن، دېدى. مۇسا ئۇنىڭغا: ــ خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا ئوخشاش ھېچبىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن. |
و وزغهااز تو و خانه ات و بندگانت و قومت دور خواهندشد و فقط در نهر باقی خواهند ماند.» | ۱۱ 11 |
پاقىلار سەندىن، ئۆيلىرىڭدىن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ؛ پەقەت دەريادىلا قالىدۇ، دېدى. |
و موسی و هارون از نزد فرعون بیرون آمدند و موسی درباره وزغهایی که بر فرعون فرستاده بود، نزدخداوند استغاثه نمود. | ۱۲ 12 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. ئاندىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىلگەن پاقىلار توغرىسىدا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى. |
و خداوند موافق سخن موسی عمل نمود و وزغها از خانهها و از دهات واز صحراها مردند، | ۱۳ 13 |
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ تىلىگىنىدەك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆيلەردىكى، ھويلىلاردىكى ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلار ئۆلدى. |
و آنها را توده توده جمع کردند و زمین متعفن شد. | ۱۴ 14 |
خەلق ئۇلارنى يىغىپ دۆۋە-دۆۋە قىلدى، [پۈتكۈل] يۇرت-زېمىن سېسىقچىلىققا تولدى. |
اما فرعون چون دیدکه آسایش پدید آمد، دل خود را سخت کرد وبدیشان گوش نگرفت، چنانکه خداوند گفته بود. | ۱۵ 15 |
لېكىن پىرەۋن ئاپەتتىن خالاس بولغىنىنى كۆرگەندە، كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. |
و خداوند به موسی گفت: «به هارون بگو که عصای خود را دراز کن و غبار زمین را بزن تا درتمامی زمین مصر پشهها بشود.» | ۱۶ 16 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئۇزىتىپ، يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاشىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، دېگىن، ــ دېدى. |
پس چنین کردند و هارون دست خود را با عصای خویش دراز کرد و غبار زمین را زد و پشهها بر انسان وبهایم پدید آمد زیرا که تمامی غبار زمین در کل ارض مصر پشهها گردید، | ۱۷ 17 |
ئۇلار شۇنداق قىلدى؛ ھارۇن قولىنى ئۇزىتىپ ھاسىسى بىلەن يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرۇۋىدى، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى پاشا باستى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى توپا-چاڭلار پاشىغا ئايلاندى. |
و جادوگران به افسونهای خود چنین کردند تا پشهها بیرون آورند اما نتوانستند و پشهها بر انسان و بهایم پدیدشد. | ۱۸ 18 |
جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن شۇنداق قىلىپ پاشا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، پەيدا قىلالمىدى. پاشىلار بولسا ھەم ئادەملەرنىڭ ھەم ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى قاپلاپ كەتتى. |
و جادوگران به فرعون گفتند: «این انگشت خداست.» اما فرعون را دل سخت شد که بدیشان گوش نگرفت، چنانکه خداوند گفته بود. | ۱۹ 19 |
ئاندىن جادۇگەرلەر پىرەۋنگە: ــ بۇ ئىش خۇدانىڭ بارمىقىنىڭ قىلغىنى! ــ دېيىشتى. لېكىن پىرەۋن كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. |
و خداوند به موسی گفت: «بامدادان برخاسته پیش روی فرعون بایست. اینک بسوی آب بیرون میآید. و او را بگو: خداوند چنین میگوید: قوم مرا رها کن تا مرا عبادت نمایند، | ۲۰ 20 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە سەھەر قوپۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرغىن ــ (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر! |
زیرا اگر قوم مرا رها نکنی، همانا من بر تو وبندگانت و قومت و خانه هایت انواع مگسهافرستم و خانه های مصریان و زمینی نیز که برآننداز انواع مگسها پر خواهد شد. | ۲۱ 21 |
چۈنكى ئەگەر قوۋمىمنى قويۇپ بەرمىسەڭ، مانا مەن سېنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىڭ، خەلقىڭ ئۈستىگە، ئۆيلىرىڭگە كۆكۈيۈنلەرنى ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ھەتتا ئۇلار تۇرۇۋاتقان تۇپراقمۇ كۆكۈيۈنلەر بىلەن تولىدۇ. |
و در آن روززمین جوشن را که قوم من در آن مقیمند، جداسازم که در آنجا مگسی نباشد تا بدانی که من درمیان این زمین یهوه هستم. | ۲۲ 22 |
لېكىن شۇ كۈنىدە ئۆز قوۋمىم تۇرۇۋاتقان گوشەن يۇرتىنى باشقىچە قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ يەردە كۆكۈيۈنلەر تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىندا بولغانلىقىمنى بىلىسەن. |
و فرقی در میان قوم خود و قوم تو گذارم. فردا این علامت خواهدشد.» | ۲۳ 23 |
شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز قوۋمىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن؛ بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت ئەتە يۈز بېرىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، دېدى. |
و خداوند چنین کرد و انواع مگسهای بسیار به خانه فرعون و به خانه های بندگانش و به تمامی زمین مصر آمدند و زمین از مگسها ویران شد. | ۲۴ 24 |
پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. پىرەۋننىڭ ئۆيلىرىگە، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كۆكۈيۈنلەر توپ-توپ بولۇپ كىردى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەممە يېرى كۆكۈيۈنلەر تەرىپىدىن خاراب بولۇشقا باشلىدى. |
و فرعون موسی و هارون را خوانده گفت: «بروید و برای خدای خود قربانی در این زمین بگذرانید.» | ۲۵ 25 |
پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: بېرىپ مۇشۇ زېمىندا خۇدايىڭلارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈڭلار، ــ دېدى. |
موسی گفت: «چنین کردن نشایدزیرا آنچه مکروه مصریان است برای یهوه خدای خود ذبح میکنیم. اینک چون مکروه مصریان را پیش روی ایشان ذبح نماییم، آیاما را سنگسار نمی کنند؟ | ۲۶ 26 |
لېكىن مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنداق قىلىش بىزگە تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا سۇنماقچى بولغان قۇربانلىق مال مىسىرلىقلارغا نىسبەتەن يىرگىنچلىكتۇر. ئەمدى ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا يامان كۆرۈنگەن نەرسىنى قۇربانلىق قىلساق ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىۋەتمەمدۇ؟ |
سفر سه روزه به صحرا برویم و برای یهوه خدای خود قربانی بگذرانیم چنانکه به ما امر خواهد فرمود.» | ۲۷ 27 |
بىز ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلدە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغىنىدەك ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇشىمىز كېرەك، دېدى. |
فرعون گفت: «من شما را رهایی خواهم داد تا برای یهوه، خدای خود، در صحرا قربانی گذرانید لیکن بسیار دور مروید و برای من دعاکنید.» | ۲۸ 28 |
پىرەۋن: ــ سىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چۆلدە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بارغىلى قويىمەن؛ پەقەت بەك يىراق كېتىپ قالماڭلار، مېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، دېدى. |
موسی گفت: «همانا من از حضورت بیرون میروم و نزد خداوند دعا میکنم و مگسهااز فرعون و بندگانش و قومش فردا دور خواهندشد اما زنهار فرعون بار دیگر حیله نکند که قوم رارهایی ندهد تا برای خداوند قربانی گذرانند.» | ۲۹ 29 |
مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدىن چىقىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىمەن ۋە كۆكۈيۈنلەر سەن پىرەۋندىن، ئەمەلدارلىرىڭدىن ۋە خەلقىڭدىن ئەتە چىقىپ كېتىدۇ؛ لېكىن پىرەۋن يەنە ھىيلە ئىشلىتىپ، خەلقنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشتىن توسقۇچى بولمىسۇن، دېدى. |
پس موسی از حضور فرعون بیرون شده نزدخداوند دعا کرد، | ۳۰ 30 |
مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا شۇنداق ئىلتىجا قىلدى. |
و خداوند موافق سخن موسی عمل کرد و مگسها را از فرعون و بندگانش و قومش دور کرد که یکی باقی نماند. | ۳۱ 31 |
پەرۋەردىگار مۇسا تىلىگىنىدەك قىلدى؛ ئۇ كۆكۈيۈنلەرنى پىرەۋن، ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقىدىن چىقىرىۋەتتى؛ ھەتتا بىر تال كۆكۈيۈنمۇ قالمىدى. |
اما در این مرتبه نیز فرعون دل خود را سخت ساخته، قوم رارهایی نداد. | ۳۲ 32 |
لېكىن پىرەۋن بۇ قېتىممۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى. |