و خداوند موسی را خطاب کرده، گفت: | ۱ 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ |
«به بنیاسرائیل بگو که برای من هدایا بیاورند؛ از هرکه به میل دل بیاورد، هدایای مرا بگیرید. | ۲ 2 |
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار ماڭا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كەلتۈرسۇن؛ كىمنىڭ كۆڭلى ھەدىيە سۇنۇشقا خۇش بولسا، ئۇنىڭدىن ماڭا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى تاپشۇرۇۋېلىڭلار. |
و این است هدایا که از ایشان میگیرید: طلا و نقره و برنج، | ۳ 3 |
سىلەر ئۇلاردىن تاپشۇرۇۋالىدىغان كۆتۈرمە ھەدىيە: ــ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، |
و لاجورد وارغوان و قرمز و کتان نازک و پشم بز، | ۴ 4 |
كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل رەڭلىك يىپ، كاناپ رەخت، تىۋىت، |
و پوست قوچ سرخ شده و پوست خز و چوب شطیم، | ۵ 5 |
قىزىل بويالغان قوچقارنىڭ تېرىلىرى، دېلفىننىڭ تېرىلىرى، ئاكاتسىيە ياغىچى، |
وروغن برای چراغها، و ادویه برای روغن مسح، وبرای بخور معطر، | ۶ 6 |
چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» ۋە خۇشبۇي ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، |
و سنگهای عقیق و سنگهای مرصعی برای ایفود و سینه بند. | ۷ 7 |
ئەفود بىلەن «قوشېن»غا ئورنىتىلىدىغان ئاق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار بولسۇن. |
و مقامی ومقدسی برای من بسازند تا در میان ایشان ساکن شوم. | ۸ 8 |
مېنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن [شۇلاردىن] ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇنى ياسىسۇن. |
موافق هرآنچه به تو نشان دهم از نمونه مسکن و نمونه جمیع اسبابش، همچنین بسازید. | ۹ 9 |
ئۇنى مەن ساڭا بارلىق كۆرسەتمەكچى بولغىنىمغا ئاساسەن، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ نۇسخىسى ۋە بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرىنىڭ نۇسخىسىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياساڭلار. |
«و تابوتی از چوب شطیم بسازند که طولش دو ذراع و نیم، و عرضش یک ذراع و نیم وبلندیش یک ذراع و نیم باشد. | ۱۰ 10 |
ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. |
و آن را به طلای خالص بپوشان. آن را از درون و بیرون بپوشان، وبر زبرش به هر طرف تاجی زرین بساز. | ۱۱ 11 |
سەن ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ئىچى ۋە سىرتىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار. |
وبرایش چهار حلقه زرین بریز، و آنها را بر چهارقایمهاش بگذار، دو حلقه بر یک طرفش و دوحلقه بر طرف دیگر. | ۱۲ 12 |
ئۇنىڭغا ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، تۆت چېتىقىغا بېكىتكىن. بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بولسۇن. |
و دو عصا از چوب شطیم بساز، و آنها را به طلا بپوشان. | ۱۳ 13 |
سەن ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ |
و آن عصاها رادر حلقه هایی که بر طرفین تابوت باشد بگذران، تاتابوت را به آنها بردارند. | ۱۴ 14 |
ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغىن. |
و عصاها درحلقه های تابوت بماند و از آنها برداشته نشود. | ۱۵ 15 |
بالداقلار ھەمىشە ساندۇقتىكى ھالقىدا تۇرسۇن؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلمىسۇن. |
و آن شهادتی را که به تو میدهم، در تابوت بگذار. | ۱۶ 16 |
مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇققا قويغىن. |
و تخت رحمت را از طلای خالص بساز. طولش دو ذراع و نیم، و عرضش یک ذراع ونیم. | ۱۷ 17 |
ساندۇقنىڭ [ياپقۇچى سۈپىتىدە] سەن ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىغىن. |
و دو کروبی از طلا بساز، آنها را ازچرخکاری از هر دو طرف تخت رحمت بساز. | ۱۸ 18 |
ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىغىن. ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتقىن. |
و یک کروبی در این سر و کروبی دیگر در آن سر بساز، کروبیان را از تخت رحمت بر هر دوطرفش بساز. | ۱۹ 19 |
بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن ياسىغىن. ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار. |
و کروبیان بالهای خود را بر زبرآن پهن کنند، و تخت رحمت را به بالهای خودبپوشانند. و رویهای ایشان به سوی یکدیگرباشد، و رویهای کروبیان به طرف تخت رحمت باشد. | ۲۰ 20 |
كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلەنسۇن، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى ياپسۇن؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلسۇن. |
و تخت رحمت را بر روی تابوت بگذارو شهادتی را که به تو میدهم در تابوت بنه. | ۲۱ 21 |
سەن كافارەت تەختىنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويغىن. |
ودر آنجا با تو ملاقات خواهم کرد و از بالای تخت رحمت از میان دو کروبی که بر تابوت شهادت میباشند، با تو سخن خواهم گفت، درباره همه اموری که بجهت بنیاسرائیل تو را امر خواهم فرمود. | ۲۲ 22 |
مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كافارەت تەختى ئۈستىدە، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ساڭا ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشكە تاپشۇرىدىغان بارلىق ئەمرلىرىم توغرىسىدا سۆز قىلىمەن. |
«و خوانی از چوب شطیم بساز که طولش دو ذراع، و عرضش یک ذراع، و بلندیش یک ذراع و نیم باشد. | ۲۳ 23 |
ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر شىرە ياسىغىن. |
و آن را به طلای خالص بپوشان، و تاجی از طلا به هر طرفش بساز. | ۲۴ 24 |
ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار. |
وحاشیهای به قدر چهار انگشت به اطرافش بساز، و برای حاشیهاش تاجی زرین از هر طرف بساز. | ۲۵ 25 |
سەن شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىغىن؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقار. |
و چهار حلقه زرین برایش بساز، و حلقهها را برچهار گوشه چهار قایمهاش بگذار. | ۲۶ 26 |
سەن ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتقىن. |
و حلقه هادر برابر حاشیه باشد، تا خانهها باشد بجهت عصاها برای برداشتن خوان. | ۲۷ 27 |
شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلسۇن. |
و عصاها را ازچوب شطیم بساز، و آنها را به طلا بپوشان تاخوان را بدانها بردارند. | ۲۸ 28 |
بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ شىرە ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرىلىدۇ. |
و صحنها و کاسهها وجامها و پیاله هایش را که به آنها هدایای ریختنی میریزند بساز، آنها را از طلای خالص بساز. | ۲۹ 29 |
شىرەگە يانداپ لېگەن، قاچا-تەخسە، پىيالە ۋە «شاراب ھەدىيەلىرى»نى چاچىدىغان قەدەھلەرنى ياسىغىن؛ ئۇلارنى ساپ ئالتۇندىن ياسىغىن. |
ونان تقدمه را بر خوان، همیشه به حضور من بگذار. | ۳۰ 30 |
مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇشقا سەن شىرەگە ھەمىشە «تەقدىم نان»نى قويغىن. |
«و چراغدانی از طلای خالص بساز، و ازچرخکاری چراغدان ساخته شود، قاعدهاش وپایهاش و پیاله هایش و سیبهایش و گلهایش ازهمان باشد. | ۳۱ 31 |
سەن ھەم ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىغىن. ئۇ چىراغدان سوقۇپ ياسالسۇن؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى پۈتۈن بىر ئالتۇندىن سوقۇلسۇن. |
و شش شاخه از طرفینش بیرون آید، یعنی سه شاخه چراغدان از یک طرف و سه شاخه چراغدان از طرف دیگر. | ۳۲ 32 |
چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلسۇن ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، چىراغداننىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلسۇن؛ |
سه پیاله بادامی با سیبی و گلی در یک شاخه و سه پیاله بادامی با سیبی و گلی در شاخه دیگر و هم چنین در شش شاخهای که از چراغدان بیرون میآید. | ۳۳ 33 |
بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن. |
و درچراغدان چهار پیاله بادامی با سیبها و گلهای آنهاباشد. | ۳۴ 34 |
چىراغداننىڭ [غولىدىن] بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلسۇن. |
و سیبی زیر دو شاخه آن و سیبی زیر دوشاخه آن و سیبی زیر دو شاخه آن بر شش شاخهای که از چراغدان بیرون میآید. | ۳۵ 35 |
بۇلاردىن باشقا [بىرىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئىككىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئۈچىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە بولسۇن؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستى ھەممىسى شۇنداق بولسۇن. |
وسیبها و شاخه هایش از همان باشد، یعنی از یک چرخکاری طلای خالص. | ۳۶ 36 |
ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالسۇن. |
و هفت چراغ برای آن بساز، و چراغهایش را بر بالای آن بگذار تاپیش روی آن را روشنایی دهند. | ۳۷ 37 |
سەن چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى ياسىغىن؛ چىراغلار ئۇدۇلغا يورۇق چۈشۈرەلىشى ئۈچۈن ئۈستى تەرەپكە ئورنىتىلسۇن. |
و گل گیرها وسینیهایش از طلای خالص باشد. | ۳۸ 38 |
ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. |
خودش باهمه اسبابش از یک وزنه طلای خالص ساخته شود. | ۳۹ 39 |
چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. |
و آگاه باش که آنها را موافق نمونه آنها که در کوه به تو نشان داده شد بسازی. | ۴۰ 40 |
ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە بۇلارنى ئېھتىيات بىلەن ياسىغىن. |