جماعت خداوند شخصی که کوبیده بیضه و آلت بریده باشد داخل جماعت خداوند نشود. | ۱ 1 |
كىمكى سوقۇلۇش ياكى كېسىلىش تۈپەيلىدىن ئاختا قىلىۋېتىلگەن بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. |
حرام زادهای داخل جماعت خداوند نشود، حتی تا پشت دهم احدی از او داخل جماعت خداوند نشود. | ۲ 2 |
كىمكى ھارامدىن تۇغۇلغان بولسا پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرەلمەس؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە مۇنداقلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن. |
عمونی و موآبی داخل جماعت خداوند نشوند. حتی تا پشت دهم، احدی ازایشان هرگز داخل جماعت خداوند نشود. | ۳ 3 |
ھېچبىر ئاممونىي ۋە يا ھېچبىر موئابىي پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرمىسۇن؛ ئونىنچى ئەۋلادىغىچە ئۇلاردىن ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ھەرگىز كىرمىسۇن. |
زیراوقتی که شما از مصر بیرون آمدید، شما را در راه به نان و آب استقبال نکردند، و از این جهت که بلعام بن بعور را از فتور ارام نهرین اجیر کردند تا تو را لعنت کند. | ۴ 4 |
سەۋەب شۇكى، سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلار ئالدىڭلارغا يېمەكلىك، سۇ ئېلىپ چىقمىدى ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشقا سىلەرنى قارغىسۇن دەپ، ئارام-ناھارائىمدىكى پېتورلۇق بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى ياللىدى. |
لیکن یهوه خدایت نخواست بلعام را بشنود، پس یهوه خدایت لعنت را به جهت تو، به برکت تبدیل نمود، چونکه یهوه خدایت تو را دوست میداشت. | ۵ 5 |
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا بالائامنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن قارغىشنى بەرىكەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مۇھەببەت باغلىغان. |
ابد در تمامی عمرت جویای خیریت و سعادت ایشان مباش. | ۶ 6 |
سىلەر ھەممە كۈنلىرىڭلاردا [ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار]نىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە بەختىنى ھەرگىز ئىستىمەڭلار. |
ادومی را دشمن مدار چونکه برادر توست، ومصری را دشمن مدار چونکه در زمین وی غریب بودی. | ۷ 7 |
لېكىن ئېدومىيلار قېرىندىشىڭلار بولغاچ، ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قارىماڭلار. مىسىرلىقلارغىمۇ نەپرەت بىلەن قارىماڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىدىڭلار. |
اولادی که از ایشان زاییده شوند درپشت سوم داخل جماعت خداوند شوند. | ۸ 8 |
بۇلارنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ. |
چون در اردو به مقابله دشمنانت بیرون روی خویشتن را از هر چیز بد نگاه دار. | ۹ 9 |
دۈشمەنلىرىڭگە قارشى جەڭگە چىقىپ چېدىر تىكسەڭ، ھەرخىل ناپاكلىقتىن ئېھتىيات قىلغىن. |
اگر در میان شما کسی باشد که از احتلام شب نجس شود، از اردو بیرون رود و داخل اردونشود. | ۱۰ 10 |
ئەگەر ئاراڭلاردا كېچىسى بىرسى چۈشىدە شەيتان ئاتلاپ ناپاك بولغان بولسا، ئۇ چېدىرگاھدىن چىقىپ كەتسۇن؛ چېدىرگاھقا ئۇدۇللا كىرمىسۇن؛ |
چون شب نزدیک شود با آب غسل کند، و چون آفتاب غروب کند، داخل اردو شود. | ۱۱ 11 |
كەچقۇرۇن كىرگەندە ئۇ سۇغا چۈشۈپ، كۈن پاتقاندا چېدىرگاھغا يېنىپ كىرسۇن. |
و تو را مکانی بیرون از اردو باشد تا به آنجابیرون روی. | ۱۲ 12 |
[ھاجىتىڭلار] ئۈچۈن چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بىر جايىڭلار بولسۇن؛ تەرەتكە شۇ يەرگە بېرىڭلار. |
و در میان اسباب تو میخی باشد، و چون بیرون مینشینی با آن بکن و برگشته، فضله خود را از آن بپوشان. | ۱۳ 13 |
سايمانلىرىڭ ئىچىدە بىر گۈرجەك بولسۇن؛ سەن سىرتتا تەرەتكە ئولتۇرساڭ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆرەك كولاپ تەرىتىڭنى كۆمۈۋەت. |
زیرا که یهوه خدایت درمیان اردوی تو میخرامد تا تو را رهایی داده، دشمنانت را به تو تسلیم نماید، پس اردوی تومقدس باشد، مبادا چیز پلید را در میان تو دیده، ازتو روگرداند. | ۱۴ 14 |
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى قۇتقۇزۇشقا، دۈشمەنلىرىڭنى ئالدىڭلارغا تاپشۇرۇشقا چېدىرگاھىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىدۇ؛ شۇڭا سېنىڭ چېدىرگاھىڭ پاك بولسۇن. بولمىسا ئۇ سېنىڭكىدە بىرەر پاسكىنىلىق كۆرسە سەندىن ئايرىلىپ كېتىشى مۇمكىن. |
غلامی را که از آقای خود نزد تو بگریزد به آقایش مسپار. | ۱۵ 15 |
ئۆز خوجىسىدىن قېچىپ يېنىڭغا كەلگەن قۇلنى ئۆز خوجىسىغا تۇتۇپ بەرمىگىن. |
با تو در میان تو در مکانی که برگزینند در یکی از شهرهای تو که به نظرش پسند آید، ساکن شود. و بر او جفامنما. | ۱۶ 16 |
ئۇ ئاراڭلاردا سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، قايسى شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئىچىدە قايسى يەرنى تاللىسا، شۇ يەردە تۇرسۇن. سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار. |
از دختران اسرائیل فاحشهای نباشد و ازپسران اسرائیل لواطی نباشد. | ۱۷ 17 |
ئىسرائىلنىڭ قىزلىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە بولمىسۇن، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پاھىشە ھەزىلەك بولمىسۇن. |
اجرت فاحشه وقیمت سگ را برای هیچ نذری به خانه یهوه خدایت میاور، زیرا که این هر دو نزد یهوه خدایت مکروه است. | ۱۸ 18 |
بىر قەسەمنى بەجا كەلتۈرمەك ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىگە پاھىشىنىڭ پۇلىنى ياكى ھەزىلەكنىڭ پۇلىنى كەلتۈرمىگىن؛ چۈنكى بۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىكتۇر. |
برادر خود را به سود قرض مده نه به سودنقره و نه به سود آذوقه و نه به سود هر چیزی که به سود داده میشود. | ۱۹ 19 |
سىلەر ئۆز قېرىندىشىڭلاردىن ئۆسۈم ئالماڭلار؛ پۇلنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن، ئاشلىقنىڭ ئۆسۈمى بولسۇن ياكى ھەرقانداق ئۆسۈم ئالغۇدەك باشقا نەرسىنىڭ ئۆسۈمىنى ئالساڭلار بولمايدۇ. |
غریب را میتوانی به سودقرض بدهی، اما برادر خود را به سود قرض مده تایهوه خدایت در زمینی که برای تصرفش داخل آن میشوی تو را به هرچه دستت را بر آن درازمی کنی، برکت دهد. | ۲۰ 20 |
ئەمما چەتئەللىكتىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن قېرىندىشىڭلاردىن ھېچ ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەر ئۇنى ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندا، قوللىرىڭلارنىڭ بارلىق ئەمگىكىدە سىلەرگە بەرىكەت بېرىدۇ. |
چون نذری برای یهوه خدایت میکنی دروفای آن تاخیر منما، زیرا که یهوه خدایت البته آن را از تو مطالبه خواهد نمود، و برای تو گناه خواهد بود. | ۲۱ 21 |
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ھايال قىلما. بولمىسا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇنى سەندىن تەلەپ قىلغىنىدا گۇناھكار بولىسەن. |
اما اگر از نذر کردن ابا نمایی، تو راگناه نخواهد بود. | ۲۲ 22 |
لېكىن ئەگەر سەن بىر نەرسىنى ئاتاشقا قەسەم قىلمىساڭ، ئۇ ساڭا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. |
آنچه را که از دهانت بیرون آید، هوشیار باش که بجا آوری، موافق آنچه برای یهوه خدایت از اراده خود نذر کردهای و به زبان خود گفتهای. | ۲۳ 23 |
ئاغزىڭدىن چىققانغا ئەمەل قىلغىن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قەسەم قىلىپ ئاتىغىنىڭنى، يەنى ئاغزىڭنىڭ سۆزى بويىچە ئىختىيارىي ھەدىيەڭنى سۇنۇشۇڭ كېرەك. |
چون به تاکستان همسایه خود درآیی، ازانگور، هرچه میخواهی به سیری بخور، اما درظرف خود هیچ مگذار. | ۲۴ 24 |
سەن قوشناڭنىڭ تاللىقىغا كىرسەڭ خالىغىنىڭچە يەپ تويۇن، ئەمما قاچا-قۇچاڭغا ئېلىپ ماڭمىغىن. |
چون به کشتزار همسایه خود داخل شوی، خوشهها را بهدست خود بچین، اما داس بر کشت همسایه خود مگذار. | ۲۵ 25 |
قوشناڭنىڭ پىشقان زىرائەتلىكىگە كىرسەڭ، قولۇڭ بىلەن زىرائەتنىڭ بېشىنى ئۈزۈپ ئالساڭ بولىدۇ؛ ئەمما قوشناڭنىڭ زىرائەتلىرىگە ئورغاق سالغۇچى بولما. |