خداوند را دیدم که نزد مذبح ایستاده بود وگفت: «تاجهای ستونها را بزن تا آستانه ها بلرزد و آنها را بر سر همه مردم بینداز وباقی ماندگان ایشان را به شمشیر خواهم کشت وفراریای از ایشان نخواهد گریخت وباقیماندهای از ایشان نخواهد رست. | ۱ 1 |
مەن رەبنىڭ قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆردۇم؛ ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ــ تۈۋرۈكلەرنىڭ باشلىرىنى ئۇرۇڭلار، بوسۇغىلار سىلكىنگىچە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنى [ئىبادەتخانىدىكىلەرنىڭ] باشلىرىغا چۈشۈرۈپ، پارە-پارە قىلىڭلار! مەن شۇ [بۇتپەرەسلەر]دىن ئەڭ ئاخىردا قالغانلىرىنىمۇ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛ ئۇلاردىن قاچاي دېگەنلەر قاچالمايدۇ، ئۇلاردىن قۇتۇلاي دېگەنلەر قۇتۇلۇپ چىقالمايدۇ. |
اگر به هاویه فرو روند، دست من ایشان را از آنجاخواهد گرفت و اگر به آسمان صعود نمایند، ایشان را از آنجا فرود خواهم آورد. (Sheol h7585) | ۲ 2 |
ئۇلار تەھتىسارا ئىچىگە تېشىپ كىرسە، قولۇم ئاشۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار ئاسمانغا يامىشىپ چىقسا، مەن شۇ يەردىن ئۇلارنى تارتىپ چۈشۈرىمەن؛ (Sheol h7585) |
و اگر به قله کرمل پنهان شوند ایشان را تفتیش کرده، از آنجاخواهم گرفت و اگر از نظر من در قعر دریاخویشتن را مخفی نمایند، در آنجا مار را امرخواهم فرمود که ایشان را بگزد. | ۳ 3 |
ئۇلار كارمەل چوققىسىغا مۆكۈۋالسىمۇ، مەن ئۇلارنى ئىزدەپ شۇ يەردىن ئالىمەن؛ ئۇلار دېڭىز تېگىدە نەزىرىمدىن يوشۇرۇنۇۋالغان بولسىمۇ، مەن يىلاننى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى چاقىدۇ؛ |
و اگر پیش دشمنان خود به اسیری روند شمشیر را در آنجاامر خواهم فرمود تا ایشان را بکشد و نظر خود رابر ایشان برای بدی خواهم داشت و نه برای نیکویی. | ۴ 4 |
دۈشمەنلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەن بولسىمۇ، مەن شۇ يەردە قىلىچنى بۇيرۇيمەن، ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ؛ مەن ياخشىلىقنى ئەمەس، بەلكى يامانلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى ئۇلارغا تىكىمەن. |
خداوند یهوه صبایوت که زمین را لمس میکند و آن گداخته میگردد و همه ساکنانش ماتم میگیرند و تمامش مثل نهر برمی آید و مانندنیل مصر فرو مینشیند؛ | ۵ 5 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، زېمىنغا تەگكۈچى بولسا دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر؛ ئۇ تېگىشى بىلەنلا، زېمىن ئېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتىدۇ؛ زېمىن نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ ــ مىسىرنىڭ دەرياسىدەك [ئۆركەشلەپ]، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ. |
آن که غرفه های خود رادر آسمان بنا میکند و طاقهای خود را بر زمین بنیاد مینهد و آبهای دریا را ندا درداده، آنها را به روی زمین میریزد نام او یهوه میباشد. | ۶ 6 |
راۋاقلىرىنى ئەرشلەرگە سېلىپ، ئاسمان گۈمبىزىنى يەر يۈزىگە بېكىتكۈچى شۇدۇر؛ دېڭىزدىكى سۇلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە قۇيغۇچى ئۇدۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر. |
خداوندمی گوید: «ای بنیاسرائیل آیا شما برای من مثل پسران حبشیان نیستید؟ آیا اسرائیل را از زمین مصر و فلسطینیان را از کفتور و ارامیان را از قیربرنیاوردم؟» | ۷ 7 |
سىلەر ماڭا نىسبەتەن ئېفىئوپىيە بالىلىرىغا ئوخشاش ئەمەسمۇ، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؟ مەن ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ فىلىستىيلەرنى كرېت ئارىلىدىن، سۇرىيەلىكلەرنى كىر شەھىرىدىن چىقارغان ئەمەسمۇ؟ |
اینک چشمان خداوند یهوه بر مملکت گناهکار میباشد و من آن را از روی زمین هلاک خواهم ساخت لیکن خداوند میگوید که «خاندان یعقوب را بالکل هلاک نخواهم ساخت. | ۸ 8 |
قاراڭلار، رەب پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى «گۇناھكار پادىشاھلىق» ئۈستىگە چۈشتى ــ مەن يەر يۈزىدىن ئۇنى يوقىتىمەن؛ لېكىن مەن ياقۇپ جەمەتىنى تولۇق يوقىتىۋەتمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
زیرا اینک من امر فرموده، خاندان اسرائیل را درمیان همه امتها خواهم بیخت، چنانکه غله در غربال بیخته میشود و دانهای بر زمین نخواهدافتاد. | ۹ 9 |
چۈنكى قاراڭلار، مەن بۇيرۇق چۈشۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن خۇددى بىرسى داننى غەلۋىردە تاسقىغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىنى ئەللەر ئارىسىدا تاسقايمەن، بىراق ئۇلاردىن ئەڭ كىچىكىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. |
جمیع گناهکاران قوم من که میگویند بلابه ما نخواهد رسید و ما را درنخواهد گرفت، به شمشیر خواهند مرد. | ۱۰ 10 |
[ھالبۇكى]، خەلقىمنىڭ بارلىق گۇناھكارلىرى، يەنى: «كۈلپەت بىزگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ، بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ» دېگۈچىلەر قىلىچ تېگىدە ئۆلىدۇ. |
در آن روز خیمه داود راکه افتاده است برپا خواهم نمود و شکافهایش رامرمت خواهم کرد و خرابیهایش را برپا نموده، آن را مثل ایام سلف بنا خواهم کرد. | ۱۱ 11 |
شۇ كۈنى مەن داۋۇتنىڭ يىقىلغان كەپىسىنى يېڭىباشتىن تىكلەيمەن، ئۇنىڭ يېرىقلىرىنى ئېتىمەن؛ ئۇنى خارابىلىكتىن ئوڭشاپ، ئەينى زاماندىكى پېتىدەك قۇرىمەن. |
تا ایشان بقیه ادوم و همه امتها را که اسم من بر ایشان نهاده شده است، به تصرف آورند.» خداوند که این رابجا میآورد تکلم نموده است. | ۱۲ 12 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېدومنىڭ قالدىسىغا ھەمدە نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ بۇنى بېجىرگۈچى پەرۋەردىگار. |
اینک خداوند میگوید: «ایامی میآید که شیارکننده به دروکننده خواهد رسید وپایمال کننده انگور بهکارنده تخم. و کوهها عصیرانگور را خواهد چکانید و تمامی تلها به سیلان خواهد آمد. | ۱۳ 13 |
مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەر ھەيدىگۈچى ھوسۇل يىغقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ، ئۈزۈملەرنى چەيلىگۈچى ئۇرۇق چاچقۇچىغا يېتىشىۋالىدۇ؛ تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىپ، بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكلەر ئېرىپ كېتىدۇ. |
و اسیری قوم خود اسرائیل راخواهم برگردانید و شهرهای مخروب را بنانموده، در آنها ساکن خواهند شد و تاکستانهاغرس کرده، شراب آنها را خواهند نوشید و باغهاساخته، میوه آنها را خواهند خورد.» | ۱۴ 14 |
ۋە خەلقىم ئىسرائىلنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرىمەن؛ ئۇلار خاراب شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇلاردا ماكانلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى تىكىپ، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچىدۇ؛ ئۇلار باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ. |
و یهوه خدایت میگوید: «من ایشان را درزمین ایشان غرس خواهم نمود و بار دیگر اززمینی که به ایشان دادهام کنده نخواهند شد.» | ۱۵ 15 |
مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنى ئۈستىگە تىكىمەن، ئۇلار مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندىن ھەرگىز قايتىدىن يۇلۇۋېتىلمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ. |