وای بر آنانی که در صهیون ایمن و درکوهستان سامره مطمئن هستند که نقبای امت های اولی که خاندان اسرائیل نزد آنها آمدندمی باشند. | ۱ 1 |
ئى زىئوندا خاتىرجەم ئولتۇرغانلار ھەم سامارىيە تېغىغا تايىنىپ ئامان-ئېسەن ياشىغانلار! ئى ئەللەرنىڭ كاتتىسىنىڭ ئەربابلىرى! ئىسرائىل جەمەتى سىلەرنى ئىزدەپ كېلىدۇ ــ ــ سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! |
به کلنه عبور کنید و ملاحظه نمایید واز آنجا به حمات بزرگ بروید و به جت فلسطینیان فرود آیید؛ آیا آنها از این ممالک نیکوتر است یا حدود ایشان از حدود شمابزرگتر؟ | ۲ 2 |
[سىلەر خەلققە]: ــ «كالنەھ شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈڭلار؛ شۇ يەردىن «بۈيۈك خامات» شەھىرىگە بېرىڭلار، ئاندىن فىلىستىيلەرنىڭ شەھىرى گاتقا چۈشۈپ بېقىڭلار؛ بۇلار سىلەرنىڭ ئىككى پادىشاھلىقىڭلاردىن ئەۋزەلمۇ؟ ئۇلارنىڭ چېگرىسى سىلەرنىڭكىدىن كەڭمۇ؟» ــ [دەپ ماختىنىپ سۆزلەيسىلەر]. |
شما که روز بلا را دور میکنید و مسند ظلم را نزدیک میآورید. | ۳ 3 |
ئى يامان كۈننى كېچىكتۈرمەكچى بولغانلار! سىلەر جەبىر-زۇلۇمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ئۆزۈڭلارغا يېقىن قىلماقچى بولىسىلەر، |
که بر تختهای عاج میخوابید و بر بسترها دراز میشوید و برهها را ازگله و گوسالهها را از میان حظیرهها میخورید. | ۴ 4 |
پىل چىشىدا نەقىشلەنگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە ياتىسىلەر، دىۋانلىرىڭلار ئۈستىدە كېرىلىپ ياتىسىلەر، پادا توپىدىن پاخلانلارنى، كالا قوتانلىرىدىن موزاينى تاللاپ يەيسىلەر، |
که با نغمه بربط میسرایید و آلات موسیقی رامثل داود برای خود اختراع میکنید. | ۵ 5 |
چىلتار ئاھاڭىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىسىلەر، داۋۇتتەك ئۆزۈڭلارغا سازلارنى ئىجاد قىلىسىلەر، |
و شراب رااز کاسهها مینوشید و خویشتن را به بهترین عطریات تدهین مینمایید اما به جهت مصیبت یوسف غمگین نمی شوید. | ۶ 6 |
شارابنى چىنىلەپ-چىنىلەپ ئىچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا سەرخىل مايلىق ئەتىرلەرنى سۈرىسىلەر، ــ بىراق كۆڭلۈڭلار يۈسۈپ جەمەتىنىڭ زىيان-زەخمىتى ئۈچۈن ھېچ ئازابلانمايدۇ! |
بنابراین ایشان الان بااسیران اول به اسیری خواهند رفت و صدای عیش کنندگان دور خواهد شد. | ۷ 7 |
شۇڭا ئۇلار تۇنجى ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئارىسىدا ئەسىرگە ئېلىنىدۇ؛ كېرىلىپ ياتقانلارنىڭ ئەيش-ئىشرىتى ئاخىرلىشىدۇ. |
خداوند یهوه به ذات خود قسم خورده ویهوه خدای لشکرها فرموده است که من ازحشمت یعقوب نفرت دارم و قصرهایش نزد من مکروه است. پس شهر را با هرچه در آن است تسلیم خواهم نمود. | ۸ 8 |
رەب پەرۋەردىگار ئۆز ھاياتى بىلەن قەسەم قىلغانكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ مەن ياقۇپنىڭ غۇرۇرىدىن بىزار بولدۇم، ئۇنىڭ ئوردا-ئىستىھكاملىرىدىن نەپرەتلىنىمەن؛ مەن بۇ شەھەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ھەممىنى دۈشمەنگە تەڭلا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن؛ |
و اگر ده نفر در یک شهرباقیمانده باشند ایشان خواهند مرد. | ۹ 9 |
ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، بىر ئۆيدە ئون ئادەم بولۇپ قالسا، بۇ ئونەيلەنمۇ ئۆلىدۇ. |
و چون خویشاوندان و دفن کنندگان کسی را بردارند تااستخوانها را از خانه بیرون برند آنگاه به کسیکه در اندرون خانه باشد خواهند گفت: آیا دیگری نزد تو هست؟ او جواب خواهد داد که نیست. پس خواهند گفت: ساکت باش زیرا نام یهوه نبایدذکر شود. | ۱۰ 10 |
ئەگەر مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى ئۇستىخانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى يەنە بىرسىدىن: ــ «قېشىڭدا يەنە بىرسى بارمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ «يوق» دەيدۇ، ئاندىن [تۇغقىنى] يەنە: «سۈكۈت! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىمىزغا بولمايدۇ!» ــ دەيدۇ. |
زیرا اینک خداوند امر میفرماید وخانه بزرگ به خرابیها و خانه کوچک به شکافهاتلف میشود. | ۱۱ 11 |
سەۋەبى، پەرۋەردىگار بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ۋە چوڭ ئۆينى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، كىچىك ئۆينىمۇ چاك-چېكىدىن يېرىپ چېقىۋېتىدۇ. |
آیا اسبان بر صخره میدوند یاآن را با گاوان شیار میکنند؟ زیرا که شما انصاف را به حنظل و ثمره عدالت را به افسنتین مبدل ساختهاید. | ۱۲ 12 |
ئاتلار تاش ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئادەملەر ئاشۇ يەرنى كالىلار بىلەن ئاغدۇرالامدۇ؟ بىراق سىلەر ئادالەتنى ئۆت سۇيۇقلىقىغا، ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسىنى ئەمەنگە ئايلاندۇرغانسىلەر ــ |
و به ناچیز شادی میکنید ومی گویید آیا با قوت خویش شاخها برای خودپیدا نکردیم؟ | ۱۳ 13 |
ــ يوق بىر نەرسىدىن شادلىنىپ كەتكەنسىلەر، «ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەتكە ئىگە بولغانمىز» ــ دېگەنسىلەر. |
زیرا یهوه خدای لشکرهامی گوید: اینکای خاندان اسرائیل من به ضدشما امتی برمی انگیزانم که شما را از مدخل حمات تا نهر عربه به تنگ خواهندآورد. | ۱۴ 14 |
چۈنكى مانا، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ مەن سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر ئەلنى تۇرغۇزىمەن؛ ئۇلار خامات شەھىرىنىڭ داۋىنىدىن ئاراباھ ئېقىمىغىچە سىلەرنى خارلايدۇ. |