و مذبح برنجینی ساخت که طولش بیست ذراع، و عرضش بیست ذراع، و بلندیش ده ذراع بود. | ۱ 1 |
ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ئون گەز كېلىدىغان بىر مىس قۇربانگاھ ياساتتى. |
و دریاچه ریخته شده را ساخت که ازلب تا لبش ده ذراع بود، و از هر طرف مدور بود، وبلندیش پنج ذراع، و ریسمانی سی ذراعی آن راگرداگرد احاطه میداشت. | ۲ 2 |
ئۇ مىستىن «دېڭىز» ياساتتى؛ ئۇنىڭ شەكلى دۈگىلەك بولۇپ، ئۇ گىرۋىكىدىن بۇ گىرۋىكىگىچە ئون گەز كېلەتتى؛ ئېگىزلىكى بەش گەز، ئايلانمىسى ئوتتۇز گەز ئىدى. |
و زیر آن از هر طرف صورت گاوان بود که آن را گرداگرد احاطه میداشتند، یعنی برای هر ذراع ده از آنها دریاچه را از هرجانب احاطه میداشتند، و آن گاوان دردو صف بودند و در حین ریخته شدن آن ریخته شدند. | ۳ 3 |
«دېڭىز»نىڭ سىرتقى ئاستا قىسمى بۇقىنىڭ شەكلى بىلەن چۆرۈلدۈرۈپ بېزەلگەن بولۇپ، بۇقىلار ھەربىر گەزگە ئوندىن، ئىككى قاتار قىلىنىپ، مىس «دېڭىز» بىلەن تەڭ قۇيۇپ چىقىلغانىدى. |
و آن بر دوازده گاو قایم بود که روی سه از آنها به سوی شمال و روی سه به سوی مغرب وروی سه به سوی جنوب و روی سه به سوی مشرق بود، و دریاچه بر فوق آنها و همه موخرهای آنها به طرف اندرون بود. | ۴ 4 |
مىس «دېڭىز»نى ئون ئىككى مىس بۇقا كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قاراپ تۇراتتى. «دېڭىز» بۇقىنىڭ دۈمبىسىگە ياتقۇزۇلغان بولۇپ، بۇقىلارنىڭ قۇيرۇقى ئىچى تەرەپتە ئىدى. |
و حجم آن یک وجب بود و لبش مثل لب کاسه مانند گل سوسن ساخته شده بود که گنجایش سه هزار بت به پیمایش داشت. | ۵ 5 |
مىس دېڭىزنىڭ قېلىنلىقى بىر ئالقان بولۇپ، چۆرىسى چىنىنىڭ گىرۋىكىدەك نىلۇپەر شەكلىدە قىلىنغان، ئۇنىڭغا ئۈچ مىڭ بات سۇ پاتاتتى. |
و ده حوض ساخت و از آنهاپنج را به طرف راست و پنج را به طرف چپ گذاشت تا در آنها شست و شو نمایند، و آنچه راکه به قربانی های سوختنی تعلق داشت در آنهامی شستند، اما دریاچه برای شست و شوی کاهنان بود. | ۶ 6 |
ئۇ يەنە ئون «يۇيۇش دېسى» ياسىتىپ، بەشىنى مىس دېڭىزنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، بەشىنى سول تەرىپىگە قويغۇزدى؛ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئىشلىتىدىغان بۇيۇم-ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ داسلاردا يۇيۇلاتتى؛ «دېڭىز» بولسا كاھىنلارنىڭ يۇيۇنۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. |
و ده شمعدان طلا موافق قانون آنها ساخته، پنج را به طرف راست و پنج را به طرف چپ درهیکل گذاشت. | ۷ 7 |
ئۇ يەنە بەلگىلەنگەن شەكىلدە ئون ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە ئورناتتى؛ ئۇنىڭ بەشىنى ئوڭ تەرەپكە، بەشىنى سول تەرەپكە قويدۇردى. |
و ده میز ساخته، پنج را به طرف راست و پنج را به طرف چپ در هیکل گذاشت، وصد کاسه طلا ساخت. | ۸ 8 |
يەنە ئون شىرە ياسىتىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىگە قويغۇزدى؛ ئۇنىڭ بەشىنى ئوڭ تەرەپكە، بەشىنى سول تەرەپكە قويغۇزدى. ئۇ يەنە يۈز دانە ئالتۇن چىنە ياساتتى. |
و صحن کاهنان و صحن بزرگ و دروازه های صحن (بزرگ را) ساخت، ودرهای آنها را به برنج پوشانید. | ۹ 9 |
ئۇ يەنە «كاھىنلار ھويلىسى»، چوڭ ھويلا ۋە چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ياساتتى ۋە دەرۋازىلارنىڭ ھەممىسىنى مىس بىلەن قاپلاتتى. |
و دریاچه را بهجانب راست خانه به سوی مشرق از طرف جنوب گذاشت. | ۱۰ 10 |
ئۇ مىس «دېڭىز»نى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنى شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە قويغۇزدى. |
و حورام دیگها و خاکندازها و کاسهها راساخت پس حورام تمام کاری که برای سلیمان پادشاه به جهت خانه خدا میکرد به انجام رسانید. | ۱۱ 11 |
ھۇرام يەنە قازان، كۈرەك ۋە قاچا-قۇچىلارنى ئەتكۈزدى. ھۇرام شۇ تەرىقىدە سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش خىزمىتىنى پۈتتۈردى، |
دو ستون و پیاله های تاجهایی که بر سر دوستون بود و دو شبکه به جهت پوشانیدن دو پیاله تاجهایی که بر ستونها بود | ۱۲ 12 |
يەنى ئىككى تۈۋرۈك، ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باش ۋە بۇ ئىككى باشنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورنى ياسىتىپ پۈتتۈردى. |
و چهارصد انار برای دو شبکه و دو صف انار برای هر شبکه بود تا دوپیاله تاجهایی را که بالای ستونها بود بپوشاند. | ۱۳ 13 |
شۇ ئىككى تور ئۈستىگە قايچىلاشتۇرۇلغان تۆت يۈز ئانارنى ياساتتى؛ بىر توردا ئىككى قاتار ئانار بولۇپ، تۈۋرۈك ئۈستىدىكى ئاپقۇرسىمان ئىككى باشنى يېپىپ تۇراتتى. |
و پایهها را ساخت و حوضها را بر پایه هاساخت. | ۱۴ 14 |
ئۇ ئون داس تەگلىكى ۋە داس تەگلىكىگە قويۇلىدىغان ئون «يۇيۇش دېسى»نى، |
و یک دریاچه و دوازده گاو را زیردریاچه (ساخت ). | ۱۵ 15 |
«مىس دېڭىز» ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى مىس بۇقىنى ياساتقۇزدى. |
و دیگها و خاکندازها وچنگالها و تمامی اسباب آنها را پدرش حورام برای سلیمان پادشاه به جهت خانه خداوند ازبرنج صیقلی ساخت. | ۱۶ 16 |
قازان، كۈرەك، ۋىلكا-ئىلمەكلەر، ۋە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەسۋابلارنى ھۇرام-ئابى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى دەپ سۇلايمان پادىشاھقا پارقىرايدىغان مىستا ياسىتىپ بەردى. |
آنها را پادشاه درصحرای اردن در گل رست که در میان سکوت وصرده بود ریخت. | ۱۷ 17 |
پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زەرەداتاھ ئوتتۇرىسىدا، [شۇ يەردىكى] سېغىز لايدا قېلىپ ياساپ، قۇيدۇرۇپ چىقتى. |
و سلیمان تمام این آلات رااز حد زیاده ساخت، چونکه وزن برنج دریافت نمی شد. | ۱۸ 18 |
سۇلايمان ياساتقۇزغان بۇ ئەسۋابلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ ئىدى؛ كەتكەن مىسنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ بولمايتتى. |
و سلیمان تمامی آلات را که در خانه خدابود و مذبح طلا و میزها را که نان تقدمه بر آنها بودساخت. | ۱۹ 19 |
سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئۆيى ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋابلارنى ياساتتى ــ يەنى ئالتۇن خۇشبۇيگاھنى، «تەقدىم نان» قويۇلىدىغان شىرەلەرنى |
و شمعدانها و چراغهای آنها را ازطلای خالص تا برحسب معمول در مقابل محراب افروخته شود. | ۲۰ 20 |
ۋە ساپ ئالتۇندا قىلىنغان چىراغدانلار بىلەن چىراغلىرىنى ياساتقۇزدى؛ بۇ چىراغلار بەلگىلىمە بويىچە ئىچكى «كالامخانا» ئالدىدا ياندۇرۇش ئۈچۈن بولدى. |
و گلها و چراغها وانبرها را از طلا یعنی از زر خالص ساخت. | ۲۱ 21 |
ئۇ يەنە چىراغداننىڭ گۈللىرى، چىراغ ۋە پىلىك قايچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى (ئۇلار ساپ ئالدۇندىن ئىدى). |
و گلگیرها و کاسهها و قاشقها و مجمرها را از طلای خالص (ساخت )، و دروازه خانه و درهای اندرونی آن به جهت قدسالاقداس و درهای خانه هیکل از طلا بود. | ۲۲ 22 |
ئۇ يەنە پېچاقلار، تاۋاقلار، پىيالە-قاچا ۋە كۈلدانلارنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن قىلدۇردى. ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى، يەنى ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىچكى قاتلىما ئىشىكلەر ۋە ئۆينىڭ «مۇقەددەس جاي»ىنىڭ تاشقىرىقى ئىشىكلىرىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى. |